查看完整版本: [-- ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

سەئىدىيە 2014-02-14 18:20

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش

                         قانداق قىلغاندا ئىسسىقتىن ساقلىنىپ ، تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ ؟


     1 . يازدا سۇ ئۈزۈش ، ئەتىگەن ، كەچتە ئاستا يۈگۈرۈشتىن سىرت قاتتىق ھەركەت قىلماسلىق لازىم .
     2 .ۋاقتى - ۋاقتىدا قايناق سۇ ئىچىش ، سوغۇق ئىچملىك ۋە مىۋە شەربەتلىرنى ئاز ئچىش لازىم .
     3 . ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىسسىقتا بەدەن قىزىپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ .
     4 . بېلىق ، گۆش ، تۇخۇم قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى يېيىش لازىم .
     5 . چۈشتە بەك كۆپ ئۇخلىماسلىق لازىم .
     6 . بىۋاستە سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچىرشىشتىن ساقلىنىش لازىم .
     7 . ئۆيدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تىېمپېراتۇرسى سىرتنىڭ تېمپېراتۇرسىدىن بەك پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى لازىم .
     8 . ياز پەسلىدە زىننەت بويۇملىرنى تاقىماسلىق لازىم ، بولمىسا تىرە ئاسان ياللۇغلىنىپ قالىدۇ .
     9 . سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش بويۇملىرنى ئېلېۋىلىش لازىم . ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن 10 دىن ،
            چۈشتىن كىيىن تۆتكىچە بولغان ئارلىقتا سىرتتا يۈرمەسلىك لازىم .
  10  . تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش ، تۈنەشتىن ساقلىنىش ، شامالدۇرغۇچ  ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئالدىدا ئۇخلىماسلىق لازىم .
  11 . تېمپېراتۇرا ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا سىرتقا چىققاندا ئىسسىقتىن ساقلىنىش دورىلارنى ئېلىۋېلىش لازىم .



مەنبە : شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىنىڭ 7-، 8- ئايلىق يىغىندا سانىدىن ئېلىندى .

مەن بىر يېڭى ئەزا ، تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم ، گەرچە قىش پەسلى بولسىمۇ يازدا دىققەت قىلدىغان تىمىنى يوللىغانلىقىم ئۈچۈن تەۋپىقداشلارنىڭ مەسخىرە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

قاراخان 2014-02-15 14:18
تەۋپىق مۇنبىرىگە تۇنجى تېمىڭىزنى يوللىغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى بىزدىن ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەئىدىيە 2014-02-15 22:51
تۇنجى بولۇپ تىمامغا ئىنكاس يوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-02-16 03:55
سەئىدىيەنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، بۇ بىز تۇرمۇشتا چوقۇم بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلار ئىكەن !!!


查看完整版本: [-- ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled