查看完整版本: [-- سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە‹‹ تەسىر ››تەتقىىاتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە‹‹ تەسىر ››تەتقىىاتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-02-14 13:14

سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە‹‹ تەسىر ››تەتقىىاتى

سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە‹‹ تەسىر›› تەتقىىاتى INcg S MM  
     سېلىشتۇرما ئەدەبىيات دۆلەت بىلەن تىل چىگرىسىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەدەبىيات تەتقىقاتى بولۇپ،ئۇنىڭدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئوتتۇرسىدىكى تەسىر ۋە پارالىل مۇناسىۋەتلەر تەتقىق قىلىنىدۇ؛ھېچقانداق بىۋاستە ئالاقىسى ،تەسىرى بولمىغان دۆلەت،مىللەت ئەدەبىياتى تارىخىي يۇسۇندا سېلىشتۇرۇلۇپ،ئۇلارنىڭ باش تېما ئىدىيىسى،ئەسەر ژانىرى،يازغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇپلىرى،بەدىئىي ماھارىتى،پېرسۇناژلار ئوبرازى ،تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئەدەبىيات بىلەن باشقا سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ،ئاڭ فورمۇلىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.   3Dg,GaRk  
    سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى ـــــــ ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت،مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزگىچە ئىجات قىلىنىشى،ئالاھىدىلىكىنى چۈشۈنىش،مىللىي مەدەنىيەت بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىنى بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايدىغان دەرىجىدە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ]Gpxhg  
  سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ئۆز تەرەققىيات داۋامىدا مۇنداق ئۈچ ئۇسۇلنى ،يەنى1.تەسىر تەتقىقاتى؛2.ئىلىملەر ئارا تەتقىقات؛3.پارالىل تەتقىقات  قاتارلىق تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى قوللۇنىپ كەلگەن.بىز بۇ يەردە زۆرۈر 5-كىتاپتىكى مەزمۇن تەلىپىگە ئاساسەن ،  تەسىر تەتقىقاتى ۋە پارالىل تەتقىقاتى ئۈستىدە قىسقىچە تولۇقلىما چۈشەنچە بېرىمىز U3 */v4/  
1.    تەسىر تەتقىقاتى 7bqBk,`9  
تەسىر تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى  ـــــ  ئوخشىمىغان مىللەت،ئوخشىمىغان دۆلەت يازغۇچىلىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنى شەرھىيلەشتىن ئىبارەت.يەنىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ،ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق مىللەت،دۆلەت ئەدەبىياتلىرنىڭ تەسىر مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىش،ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم يازغۇچى چەتنىڭ تەسىرىنى قانداق قوبۇل قىلغان ،چەتنىڭ تەسىرى بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىدە قانداق رول ئوينىغان دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.بۇ ھەقتە ئامېرىكا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات پروفىسسورى ۋىستەيىن مۇنداق دەيدۇ:‹‹ تەسىر ،ئەمەلىيەتتە سېلىشتۇما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى تۈپ ئۇقۇم دەپ تونۇلىشى شەرت،چۈنكى ئۇ ئىككى ئېنىق ئوخشۇتۇپ سېلىشتۇرۇلغۇچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.بۇ ئىككى سېلىشتۇرۇلغۇچىنىڭ بىرسى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەسەر،يەنە بىرسى بولسا،تەسىرگە ئۇچۇرىغۇچى ئەسەردۇر.›› ئامېرىكا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ئالىمى يوسىف T.شاۋ ‹‹تەسىر›› تەتقىقاتى ئۈستىدە توختۇلىپ : ‹‹مۇبادا بىرەر يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئەسىرى مەلۇم بىر خىل سىرىتتىن كەلگەم ئۈنۈمنى نامايەن قىلسا ھەم ئۈنۈمنى ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى ۋە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىدىن چۈشەندۈرۈشكە ئامال بولمىسا ،ئۇ ھالدا بىز بۇ يازغۇچىنى چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغان يازغۇچى دەپ ئېيتساق بولىدۇ.›› ئۇ ‹‹تەسىر›› نى يەنە مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: ‹‹تەسىر بىلەن تەقلىد قىلىش ئوخشىمايدۇ.تەسىرگە ئۇچۇرىغان يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئاساسەن ئۆزىنىڭ بولىدۇ،تەسىر كونكىرت تەپسىلات،تەسەۋۋۇر،ئارىيەت ئېلىش ،ھەتتا مەنبە قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ.ئەلۋەتتە.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بەلكى ئەدەبىي ئەسەر ئىچىگە سىڭىپ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ھەم بەدىئىي ئەسەر ئارقىلىق قايتا گەۋدۈلەندۈرۈلگەن نەرسىگە ئايلىنىدۇ... بىر يازغۇچى ئۇچىرىغان ئەدەبىي تەسىر ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ،ئەسەرنىڭ ئورگانىك قىسنىغا ئايلىنىدۇ.شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىلھامى ۋە بەدىئىي ئىپادىسىنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەردە بۇنداق تەسىرات ،بۇنداق ئىلھام ۋە بەدىئىي ئىپادە بولمايدىكەن ،ئۇ بۇنداق شەكىل بىلەن ئوتتۇرغا چىقالمايدۇ.يۇسۇف  T.شاۋ يەنە:‹‹تەسىر مەلۇم يالغۇز ،كونكىرىت ئىپادىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس،ئۇنى كۆپ ھادىسلەر ئىچىدىن تەكشۈرۈش كېرەك›› دەيدۇ. &?VQ,+[ <  
   دېمەك يوقۇرقى بايانلاردىن‹‹ تەسىر ››دېگەن نەرسىنىڭ بىر خىل بەدىئىي ئەسەر تارقاتقان سىڭىشما ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.ئەمما شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كېرەككى،تەسىرگە ئۇچۇرىغۇچى ئىجات قىلغان ئەسەر ماھىيەت جەھەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولىدۇ.بۇ ئەسەر تەقلىد قىلىش ئەمەس،مۇستەقىل ئىجادىيەت ھېساپلىنىدۇ. ;ToKJ6hN|*  
   ئەدەبىيات تارىخىدا باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ  ئۇنى ئۆز مىللىتى،ئۆز دۆلىتى ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە سىڭدۈرگەنلىك ھەققىدىكى مىساللار ئاز ئەمەس.جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ،ئۇلۇغ ئەدىپ لۇشۈن مانا شۇنداق قىلغۇچى تۆھپىكارلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. لۇشۈن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روسىيەلىك چىخوپ،گوگۇل،كىرولىنكوۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ،ئېلىمىزگە تونۇشتۇردى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ جەرياندا ئىدىيە ۋە ئەدەبىي ماھارەت جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدى.رۇسىيە ئەدەبىياتىنى جۇڭگۇغا تونۇشتۇرۇپ ،‹‹4-ماي›› يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا لۇشۈن بىر بايراقدار ھېساپلاندى.لۇشۈن بۇ يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى جەريانىدا ئېلىمىز تارىخىدىكى كۇڭزىچىلار ئەنئەنىسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يېڭى مەدەنىيەت سېستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا رۇسىيە ئەدەبىياتى كۆرۈكلۈك رول ئوينىدى.رۇسىيە ئەدەبىياتى ،ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ پاچاقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي ،يېڭى مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ تىكلىنىشىگىمۇ تۈرتكە بولدى.لۇشۈننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ۋە ئۇ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان روسىيە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە رومانتىزم بىلەن سىموۋلىزم ئېقىمىغا تەۋەلىرى نىسبەتەن كۆپرەك سالناقنى ئىگىلىدى.   P6!jRC"52'  
  لۇشۈننىڭ ئۈچ مەشھۇر ھېكايىسى ‹‹سەۋدايى خاتىرىسى››،‹‹ AQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى›› ="x\`+U  
‹‹ھەسرەت››نى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىلارنى ئېنىق كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.لۇشۈننىڭ ‹‹سەۋدايى خاتىرسى››  رۇسىيە يازغۇچىسى گوگۇلنىڭ 1935-يىلى ئېلان قىلغان ‹‹سەۋدايى خاتىرسى››ناملىق ھېكايىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مەيدانغا چىققان دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گوگۇلنىڭ ‹‹سەۋدايىسى››بىلەن لۇشبننىڭ ‹‹سەۋدايىسى›› بىر خىل دۇنيا قاراشنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر گە ئوخشاش ئىجتىمائىي تەنقىد مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ بۇنداق ئەكس ئەتتۈرىشى بىلەن تەنقىد مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسى ۋە مەقسىدى ئوخشىمايدۇ.ھىكايە ۋەقەلىكىنىڭ شەكلى  بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن پەرقى شۇ يەردىكى لۇشۈننىڭ ھېكايىسى ئادەتتىكى نورمال شەكىل ئارقىلىق خاتىرىنىڭ ئاپتورى بىر كېسەل كىشى ئىكەنلىكىنى ،خاتىرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ساقىيىپ قالغانلىقىنى كىتاپخانلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. j2Tr $gx<  
لۇشۈن ھېكايىسىدىكى ساراڭلار دۇنياسىغا قارىغاندا بىر ساراڭنىڭ دۇنيا قارىشى بىر ساق كىشىنىڭ تونۇشىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەگەك،تېخىمۇ رۇشەن،تېخىمۇ چۇڭقۇر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ld3-C55  
بۇ ئىككى پارچە ھېكايىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى:لۇشۇن ھېكايىدە خاتىرنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق يېزىپ قالدۇرمىغان.گۇگۇلنىڭ ھېكايىسىدە مەسىلىنى ئەڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر ئابزاس بولۇپ،ئۇنىڭدا ھېكايە قەھىرمانى پۇپۇرشېنچىنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن قالايمىقانلاشقانلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر پارچە ۋاقىت خاتىرىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.دەل مۇشۇ جايدا ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ناھايىتى كۆپ ئازاپ چەككەن پۇپۇرشېنچىن ئانىسىغا :‹‹سۆيۈملۈك ئانا،بىچارە ئوغلۇڭنى قۇتقۇزىۋالغىن!ئۇنىڭ دەرت-ئەلەم چېكىۋاتقان بېشىغا بىر تامچە يېشىڭنى ئاققۇزمامسەن.ئۇلار ئۇنى قانداق ئازاپلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باققىنە! بۇ دۇنيادىكى تاشلاندۇق ئوغلۇڭنى باغرىڭغا ئال!بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ سەۋرى-تاقەت قىلىپ تۇرغۇدەك يېرى قالمىدى.ھەممە ئادەم ئۇنى قوغلىماقتا.ئانا!كېسەلچان ،ئاجىز بالاڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن!››دەپ يالۋىرىدۇ. "5;;)\o ~  
لۇشۈن ھېكايىسىدە مۇشۇ خىلدىكى شەخسنىڭ تەقدىرىگە قارىتا دىققەت –ئېتىبارىنى ئۇچۇراتقىلى بولمايدۇ.ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر پارچە خاتىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.لېكىن خاتىرىنىڭ ئاپتورى ئۆزىنى ئەمەس،بالىلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ:‹‹ئادەم گۆشى يىمەيدىغان بالىلارمۇ بارمىدۇ؟بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار ...››دەيدۇ. ئېنىقكى لۇشۈن گۇگۇلنىڭ ‹‹سەۋدايى خاتىرسىدىن رىغبەتلەنگەن .ئۇ گۇگۇلنىڭ بەزى يېزىش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلغان.مەسىلەن:سەۋدايىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ھەقىقەتنى سۆزلىگەن.لېكىن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى تەنقىت قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،بۇ ئىككىسىنىڭ مەقسىدى زادى ئوخشىمايدۇ. ,$;yY)x7U  
لۇشۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ كۆپۈنچىسى مۇجىمەل،تۇتۇق،ئاڭقىرىش تەس بولغان شەخسلەر بولۇپ.ئۇلار ئىنتايىن مۇھىم دۇنياقاراشنى ئىپادىلەيدۇ.بۇ ئېلىمىز ئەدەبىياتىدىكى بىر يېڭى ئامىل بولۇپ،ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاساسلىقى رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ.گۇگۇل،گاڭسارۇپ،دوستىيېۋىسكى،گايسىن،ئازېرىبايۇۋ،تولۇستوي قاتارلىق يازغۇچىلار ياراتقان سەۋدايى،پۇپۇرشېنچىن ئالدامچى چىچىكوپ،بىكارتەلەپ ئوبلومۇپ،‹‹قىزىل گۈل››دىكى سەۋدايى ،ترور ئۇشۇر سۇخۇيلۇپ،سارڭ ئىۋان قاتارلىقلار رۇسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆچمەس ئەدەبىي ئوبرازلار ھېساپلىنىدۇ. خۇددى لۇشۈننىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارغا ئوخشاش كۆپۈنچىسى ئىزىلگەن ،خورلانغان،تۆۋەن قاتلامغا تەۋە پېرسۇناژلاردۇر. Y3r%B9~  
1974-يىلى ئامېرىكىدىكى خارۋات ئاسىيا تەتقىقات ژورنىلىدا بايىرىك خارنامىنىڭ‹‹لۇشۈن ھېكايىلىرىدىكى ماھارەت››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا لۇشۈننىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىنىڭ رۇسىيە قاتارلىق چەتئەل يازغۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بايىرىك خارنامنىڭ قارىشىچە لۇشۇن ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىدىيە ،ماھارەت جەھەتتە رۇسىيەلىك ئاندىرېيېۋ،گايسىن،لېرموتوۋ،گۇگۇل،كرولىنكۇ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىگە خېلى چۇڭقۇر ئۇچۇراشتىن سىرىت ،پولشالىق شىنكۇۋىچ،چىخوسلوۋاگىيەلىك خىرخىلۋىچ،ياپونىيەلىك ناسىمۇۋىنىسكى قاتارلىقلارنىڭمۇ خېلى كۆپ تەسىرىگە ئۇچىرىغان .پاتىرىك خارنام لۇشۈننىڭ ھېكايىلىرىنى يوقۇرقى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن :‹‹لۇشۈن ئەدەبىياتنىڭ ئۈنۈمى ئۈستىدە پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئويلىنىدىغان يازغۇچى،ئۇ مۇشۇنى چىقىش قىلىپ ماھارەتكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن››دەيدۇ.بۇنىڭدىن بىز لۇشۈننىڭ رۇسىيە قاتارلىق چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچىرىغانلىقىنى رۇشەن كۆرىۋالىمىز.     بىرەر يازغۇچىنىڭ باشقا دۆلەت ياكى باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىشى ياكى تەسىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىجاتچانلىقىنى يوققا چىقارغانلىق ياكى ئۇلۇقلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولمايدۇ.ئەكسىچە سېلىشتۇرما ئەدەبىياتتىكى تەسىر تەتقىقاتى بۇ يازغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى ئۆزىگە قانداق ئوزۇق قىلغانلىقىنى ،ئۆزگىچە يول تۇتۇپ،يېڭىلىق ۋە خاسلىق يارىتىپ ،ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىجاتچانلىقىغا ئىگە بەدىئىي بۇيۇمغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئەممائۇنى شۇ پېتىچە كۆچۈرۈپ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. + `  s@  
نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن تېنىۋالمايدۇ،باشقىلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى نۇمۇس بىلمەيدۇ.شۇنداقلا باشقىلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانسا ئاچچىقلاپ كەتمەيدۇ.لۇشۈن ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.لۇشۈن ‹‹ ھېكايىچىلىكنى قانداق باشلىدىم››دېگەن ماقالىسىدا :‹‹مېنىڭ ئاساسلانغانلىرىمنىڭ ھەممىسى  بىرەر يۈز پارچە چەتئەل ئەسەرلىرى ۋە بەزى تىببىي جەھەتتىكى ئىلىملەر،ئۇنىڭدىن باشقا ئازراقمۇ تەييارلىقىم يوق ئىدى››دەيدۇ.ئۇ يەنە ‹‹سەۋدايى خاتىرسى››دا گۇگۇل ۋە باشقىلارنىڭ سايىسى بارلىقىنى ،‹‹ دورا››نىڭ يېشىمىدىمۇ ‹‹ئاندرېۋچە تۇتۇقلۇق››نىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. qY~`8 x  
    مەنبە: ئۆزيازمام.   پايدىلىنىش ماتىرياللىرى:  شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئىلمىي ژورنىلى 1991-يىللىق 3-سانى،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1993-يىل 2-سانلىرىدىن zXv3:uRp.  
پايدىلىنىلدى. (WK&^,zQn  
                                               Vl_:c75"  

ئەكبەرنىياز 2014-02-14 14:44
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ! بۇ پايدىلىنىش قىممىتى زور بىر ماقالە بوپتۇ ، سىلىشتۇرما ئەدەبىيات بىزنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىمىزنى كۈچلەندۈرۈشتە بىر ئەينەك بولۇپ ، بىز باشقىلارنى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن ئۆزىمىزگە توغرا دېئاگنۇز قويالايمىز !!!

kok-sultan 2014-02-14 15:29
بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ مەرھۇم ئۇستازىم ئابدۇرۇل مۇئەللىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ چىقتىم. ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ....

ozqan 2014-02-16 13:35
رەھمەت ئەجرىڭىزگە .. R  zf  
سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنى ئۇيغۇرلارغا تونۇتقان كىشى ،  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ دوتسىنىتى مەرھۇم ئابدۇرسۇل ئۆمەر مۇئەللىم بۇ مەزمۇنلارنى بەكمۇ ياخشى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . T:/,2.l  
ياسىنجان ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن ...

ھەزرەت 2014-02-18 17:42
yahxi  tima ikan.nazirtiwi liki yukiri ,, dawamlik yollap turung

ھسداەىقكل 2014-02-18 20:11
ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ..     Xe#K{gA  
رەھمەت ئەجرىڭىزگە!

ئەشمە 2014-03-11 18:54
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە‹‹ تەسىر ››تەتقىىاتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled