查看完整版本: [-- 14-فېۋرال --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> 14-فېۋرال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2014-02-14 11:42

14-فېۋرال

14-فېۋرال ?=Z0N&}[  
     مېنىڭچە، ئەتە يەنى 14-فېۋرال ئىنتېرنېت مۇنبەرلىرىنى، مۇڭداشقۇ، مۇڭداشقۇ توپلىرى ۋە ئۈندىدالارنى ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نىڭ داغدۇغىسى قاپلاپ كېتىدۇ. w\ .z-6G  
Q# $dp  
     مېنىڭ تۆۋەندە يۈرگۈزمەكچى بولغان مۇھاكىمەم،بەلكىم كۆپۈنچە ھاللاردا ئەدەبىياتنىڭلا گېپى بولىدىغان بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ خاراكېترىگە تازا ماس كېلىپ كەتمەس. لېكىن مۇنبەرنىڭ «ئەبجەش يازمىلار»،«مەدەنىيەت ۋە سەنئەت» سەھىپلىرىمۇ بار.شۇنداق بولغان ئىكەن، ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «مەدەنىيەت»دېگەن سۆز مېنىڭ ئەتىكى كۈن،يەنى «ئاشىق-مەشۇقلار باير ىمى»ھەققىدىكى بۇ مۇھاكىمىنى ئېلىپ بېرىشىمغا يول قويسا كېرەك. %1]Lc=[j  
k{$Mlt?&-  
    ھەممىمىزگە ئايان،دۇنيادا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوخشىمىغان رايون ئالاھىد ىلىكى،كېلىپ چىقىش تارىخى، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى خاسلىقى بىلەن ئۆز تارىخىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە كۈنلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھەر خىل بايراملارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.دۇنيادىكى بايراملار تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، تارىخىي بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك (بىزدە «دىن» دېسە تۇيۇقى سىقىرايدىغانلار كۆپ، ئەمما مەن دىننى بىر خىل مەدەنىيەت، دەپ قارايمەن).كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھە تتىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى بۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ«بايرام»دىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بايرام كۈنلىرىدە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تەبرىكلەش، قۇتلۇقلاش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەرنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئاساسي مەقسەت قىلىپ كەلگەن.شۇڭلاشقا ھازىر بىز تەبرىكلەۋاتقان بايراملارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام دىنى بىلەن،بەزىلىرى خىرستىيان دىنى بىلەن، بەزىلىرى كاتولىك دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (مەسىلەن:روزى ھېيىت،قۇربان ھېيىت ئسلام دىنى بىلەن؛روژېىستىۋا بايرىمى،پاسخا بايرىمى قاتارلىقلار خرىستىيان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك). يەنە ئايرىملىرى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى،ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.(مەسىلەن:نوزۇز بايرىمى، ھوسۇل بايرىمى،مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى، چوكانتال بايرىمى قاتارلىقلار). @)wNINvD  
?r6uEZ  
    بۇنداق بايراملار مېنىڭچە ئەسلى مەنىسى بويىچە بولغاندا، مىللىي ئەنئەنىلەر نىڭ تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىشى،مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىشى، ئەۋلات بىلەن ئەجدات ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش سۈرئىتى تېز، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى قويۇق بولغانلىقى ئۈچۈن،بۇرۇندىن مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان بايراملار تەدرىجىي باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرام چۈشە نچىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ،ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ بايرىمىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى قويۇقلاشماقتا.مەسىلەن: دۆلىتىمىزنىڭ باھار بايرىمى (چاغان) ئەسلىدە خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئاساسلىق بايرىمى بولسىمۇ، كېيىنچە مانجۇ، موڭغۇل، ياۋزۇ، جۇاڭزۇ، بەيزۇ،گاۋشىيەنزۇ،خانى،داغۇر،تۇڭزۇ،لىزۇ،تۇجازۇ،بويىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ چاغان ئۆتكۈزىدىغان بولغان، لېكىن چاغان ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىدە ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مانا بۇ دۆلىتىمىز دىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە كۆرسە تكەن تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. 3UX})mW  
{YgB?kt5  
    شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭگودا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت قوبۇل قىلىشتا تېز سۈرئەتلىكلىكى، ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى، بەزىدە مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىۋەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مىللەت بايراملىرىنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچراشقا باشلىدى. نەتىجىدە،ئۆزىنىڭ بەزى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى بىلمەيدىغان ئەۋلادلار بارغانسىرى كۆپىيىپ،ئاتا-بوۋىلىرى ئەزەلدىن خاتىرىلەپ باقمىغان بايراملارنى يۈگرەپ يۈرۈپ خاتىرلەيدىغان باسقۇچقا يەتتى. غەرب مەدە نىيىتىنىڭ باشقا مەدەنىيەت ئېقىملىرىغا قارىغاندا سىڭىشىشچانلىقىنىڭ يۇقىر ىلىقى، ھەر خىل چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدەك خاراكتېرى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەرگەچكە، نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھېچنىمىنى ئاڭقىرماي تۇرۇپلا ئۆزىنى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت ۋە نورۇز بايراملىرىدا ئۆيىدە تېنچ ئولتۇرۇپ، ئاتا- ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارايلى،دەپ يالۋۇرسىمۇ سىرتقا چىققىلى ئۇنىمايدىغان بەزى ياشلىرىمىز، روژېستىۋا بايرىمى،ھەتتا ئەتىكىدەك «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»دېگەندەك بايراملار كەلسە،بۇ بايراملارنى تەبر ىكلەش ئۈچۈن سىرتقا كەلكۈن سۈيىدەك يامراپ چىقىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئانا مەدەنىيىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى،نېمىلەرگە يول قويۇپ، نېمىلەرگە چەك قويىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزى تەبرىكلەۋاتقان بايرامنىڭ قانداق خاراكتېردىكى بايرام ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق بۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەشۋىق قىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ گەپلەر كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. جۈملىدىن ئەتە يىتىپ كېلىدىغان ئاتالمىش«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»بۈگۈندىن باشلاپلا نۇرغۇن يىگىت- قىزلىر ىمىز ئۆزىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى، تەقەزالىقلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. eqE%ofW  
XmoS$ /#"  
     بۈگۈن تور بەتلەرنى ئارلاپ يۈرۈپ لوپنۇرى ئىسىملىك بىر بۇرادىرىمىزنىڭ، بۈگۈنكى «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىگە مۇنداق بىر ئەمىلى مىسالنى قىستۇرغانلىقىنى كۆردۈم:« بۈگۈن رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ بىۋاستە ئاڭلىتىدىغان«تەلەپ-تەقدىم»پروگراممىلىرى تېلېفۇننىڭ جىقلىقىدىن قايسىنى ئېلىشنى، قايسى مېھماننىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى. رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان تىلەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىدىكى ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ بايرىمى ئۈچۈن بولىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ تېلېفوندا دېگەن مۇنۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىردى: #nh;KlI 0  
:3Z"Qk$uR  
رىياسەتچى:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېلېفونىڭىز ئۇلاندى،قايسى ناخشىنى تەلەپ قىلىسىز؟ _,4f z(  
;2;Kq)j_=  
    يىگىت:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم ئىجراسىدىكى «يا شلىق»دېگەن ناخشىنى تەلەپ قىلىمەن. LJMw-#61sj  
=kvYE,,g_  
    رىياسەتچى:بۇ ناخشىنى كىمگە نېمە ئۈچۈن تەلەپ قىلىسىز؟ `?VB)  
vxo iPqo  
    يىگىت:مەن بۇنى بارلىق ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئەتىدىكى بايرىمىنى تەبر ىكلەپ تەلەپ قىلاي دېگەن. E0}jEl/{  
V4!RUqK  
    رىياسەتچى:رەخمەت سىزگە، مەن بارلىق ئاشىق مەشۇقلارغا ۋاكالىتەن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن. SL/ FMYdd  
4 |N&Y  
    يىگىت:ھە راست، مەن بۇ ناخشىنى بارلىق ۋىسالغا يىتەلمىگەن ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەپ تەلەپ قىلىمەن. %97IXrE  
!G#3jh:kiY  
    رىياسەتچى: مەن بارلىق ۋىسالىغا يىتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارغا ۋاكالىتەن سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن. c|Nv^V*2  
\,E;b{PQo6  
    يىگىت بىر خىل قوپال ئاھاڭدا)سىز ماڭا رەخمەت ئېيتماڭ، ئاشىق- مەشۇقلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن باش ئەگىمدىكى تاھىر-زۆھرەگە رەخمەت ئېيتىڭ. #:3E.=  
56AaviE C  
     يىگىت مۇشۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالغان رىياسەتچى بىر دەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى-دە،ئۇمۇ ئۆزىنى بۇ ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن«ياشلىق»دېگەن ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويىۋەتتى.   ]5'  
'j!7 O+7y  
    كاللامدا شۇنداق چىگىش، زىدىيەتلىك خىياللار ئۆز-ئار توقۇنۇشماقتا.رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سالىمى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام»بولغىنى بىلەن  ئۇلارنىڭ تەبرىكلە ۋاتقىنى دۆلەت، دىن، مەدەنىيەت جەھەتلەردە پۈتۈنلەي يات بولغان بىر بايرام ئىدى. ئاخىردا ئوتتۇرسىغا تاھىر-زۆھرەنى قىستۇرۋىلىشلىرىچۇ؟ مانا بۇ ئېتقاد جەھەتتىكى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نادانلىقنىڭ مەھسۇلى بولماي نېمە؟». a)[XJLCQ  
M>0=A  
     ئۇ شۇنداق سۇئال قويغان ئىدى. بۇ سۇئال مېنىمۇ ئويلاندۇردى. مەن دەرھال تورغا ئۇلىنىدىغان رادىئو ۋە تور بەتلەردىن بۈگۈنكى بۇ ئاتالمىش «ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى»غا مۇنسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەرنى ئىزدەپ كۆردۈم. ئالدى بىلەن بۇ قانداق بايرامدۇ؟ قانداق كېلىپ-چىققان بولغىيتى؟ دېگەنگە دىققەت قىلدىم. بىر جايدا مۇنداق بايان بار ئىكەن:«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار كۆپ خىل.بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر بۇ بايرام St. Valentine ئىسىملىك كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ يۇرتى رىم،خىرىستىيان دىنىدىن. ئۇرۇش مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان ئاشىق-مەشۇق خىرسىتىيان مۇرتلىرىغا نىكاھ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 260- يىلى 2- ئاينىڭ 14-كۈنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن» خرىستىئانلار شۇ كىشى ۋە شۇ ئىشنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ بايرامنى پەيدا قىلغان ئوخشايدۇ. W 
lbgnO s,  
      يەنە رادىئو توربەتلىرىگە قاراپ باقسام، دۇنيادا بۇ بايرامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق قىزىق ئىشلار بار ئىكەن: bUp%87<*X  
or ~o '  
    ئاۋسىتىرالىيەدە بۇ بايرام بەك چوڭ-داغدۇغا بىلەن تەبىرىكلىنىدىكەن. چۈنكى 1840-يىللىرى ئەنگىلىيەلىكلەر بۇ ئارال دۆلەتنى «باقاپ» بۇ يەرگە كېلىپ كانلارنى قېزىپ زور بايلىققا ئېرىشكەن ئىكەن. ئەمما نېمىشقىدۇر، شۇ كانلاردا ئىشلەيدىغان بىرمۇنچە ئەرلەر دەل مۇشۇ 14-فىئورال كۈنى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيەدىن كۆپلىگەن ئاياللار بۇ يەرگە كېلىپ ئەرلەرنىڭ ئۆلمەي قالغانلىرىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ، كېيىن ئەرلەر ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىۋالغان بۇ ئاياللارغا مىنەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. كېيىنچە بۇ كۈن «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»بىلەنم بىرلىشىپ،ئاۋستىرالىيەدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىزغىن تەبرىكلىنىدىغان بايرام بوپ قاپتۇ. ئەتە بۇ دۆلەتتىكى ئەرلەر ئاياللىرىغا، يىگىتلەر سۆيگەنلىرىگە ئەڭ تۆۋىنى 250 دوللار، يۇقۇرىسى نەچچە مىليون دوللارلىق گۈل ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوغا قىشىلىشىدىكەن. IJ o`O  
} ` Q'!_`  
     ئامېركىدا؛ «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» تېخىمۇ قىزغىن تەبىرىكلىنىدىكەن. بۇ كۈنى سودا ئەڭ جانلىنىپ بىر كۈنلۈك سودا ئوبروتى 18 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. لېكىن يەنە بىر قىزىق يېرى؛ دەل بۇ كۈنى ئامېرىكىدا (سوغا بېرىش ۋە بېرەلمەسلىك سەۋبىدىن) ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجىرىشىپ كېتىش نىسپىتى %60 قا يېتىدىكەن. شۇڭا دۆلەت بۇ يىل بۇ بايرامنى تەشەببۇس قىلماپتۇ. @"kA&=0;|J  
(Y'rEc#H&z  
     فىرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيەدە، بۇ بايرام ئەڭ قىزغىن ۋە رەسمى تەبىر ىكلىنىدىغان، ئەڭ چوڭ قانۇنلۇق بايرام ئىكەن. لېكىن ئالدىنقى يىللىرى فىراسنىيەدە دەل مۇشۇ كۈنى ياشلار كوچىغا چىقىپ ئۇرۇش،چېقىش، ئوت قويۇش قاتارلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ،تېنچ-ئامانلىققا تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل بۇ بايرامنىڭ قانۇنلۇ قلىقى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپتۇ. }`IN5NdYp  
x7l)i!/$  
    ئەنگىلىيەدە بولسا،دۇنيا بويىچە ئەڭ قىزغىن ھالدا بۇ بايرام ئۆتكۈزىلىۋېر ىدىكەن.ھەتتا ئەنگىلىيەدە «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»غا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۆرپئادەتلەر بار بولۇپ. بۇكۈنى قىزلار تاڭ سەھەردىن باشلاپ ئۆيىنىڭ دەرىزىسى ئالدىغا كېلىپ دەرىزىنى ئېچىپ قويۇپ سىرتقا قاراپ ئولتۇرىدىكەن. قايسى بىر ئۆيلەنمىگەن يىگىت قىزغا ئەڭ بۇرۇن كۆرۈنسە قىز ئىككەنمەيلە شۇ يىگىت بىلەن توي قىلىدىكەن. ئۆيلەنگەن ئەرلەر سىرتقا چىقامايدىغان ئوخشايدۇ. 7-w +/fv  
\H<'W"  
تۈركىيەدە بۇ بايرام نورمال ئۆتكۈزىلىۋېرىدىكەن. ئەمما تاجىكىستاندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەردە پەقەت، ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەپتۇ. aAu upPu  
s3_i5,y  
      بۇ خەۋەرلەر ئىچىدە مېنى تەسىرلەندۈرگىنى. ھىندىستان بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئەتە يەنى 14-فىئورال كۈنى «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى تەبرىكلەيدىغان پائالىيەتلەر چەكلىنىپلا قالماي، ھەتتا مۇشۇ بايرام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا، مەيخانا، تىياتىرخانىلار بىردەك تاقىلىدىكەن.رېستۇرانلاردا مۇشۇ بايرامنى دەپ ئۈستەل زاكاس قىلىش چەكلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئورنىغا زۇھرىدىن مۇھەممەت بابۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 531 يىللىقىنى مەملىكەت بويىچە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.( زۇھرىدىن مۇھەممەت بابۇر-ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان دۆلەت ئەربابى، شائىر، مەشھۇر خاتىرە «بابۇرنامە» نى يېزىپ قالدۇرغان كىشى بولۇپ، ئانا جەمەت ئۇرۇقى تەرەپتىن چىڭگىزخانغا، دادا جەمەت ئۇرۇقى تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈر كوراگانغا تۇتىشىدىغان، شەيبانخان باشچىلىقىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن نەچچە يىللاپ جەڭ قىلغان ئۇيغۇردۇر). "KW\:uc /  
nrwb6w j  
     دۇنيادا بۇ بايرامغا مۇناسىۋەتلىك مانا مۇشۇنداق ئىشلار بولىدىكەن. ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك؛ 14-فىئورال كۈنى گۈل ئەڭ كۆپ سوغا قىلىنىدىكەن. «ئاشىق-مەشۇقالار بايرىمى»غا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئادەت بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى، ھەتتا ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ يامراشقان باشلىغانلىقى ھەممىزگە ئايان. yXppu[=  
xlgN}M  
      راسىت،«گۈل»ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا كۆڭۈل سىرلىرىنى يەتكۈز ىشىگە ياردەم بىرىدىغان كۆۋرۈك.ئۇ ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا بۇلبۇلغا باغلىنىپ، مۇھەببەتنىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە بىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىمىزغا سىڭگەن. ئۇنىڭ كىلاسسىك يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تەسۋىرلىرىدىن بىز بۇ نوقتىنى تولۇق تونۇپ يىتەلەيمىز.بۇرۇنقى ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە،بۇرۇن يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندا،گۈل سوۋغا قىلىدىكەن.لېكىن گۈلنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى رولى ئاللىقاچان بۇ تار دائىر ىدىكى چۈشەنچىدىن ھالقىپ كەتكەن.ئۇ ئاتا-بالا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست- بۇرادەر،ئەر-ئايال،ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت، كۈيۈ نۈش، تىلەك ۋە دوستلۇقلىرىنى يەتكۈزۈشتىكى ۋاستىگە ئايلانغان. گۈلنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئوبرازى مۇھەببەت بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، سوۋغا قىلىش پەيتى، مەزگىلى، مەقسىتى،تەبرىكلەش ئوبېيكتى جەھەتتىن بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەتە كوچىدا رەڭمۇ-رەڭ گۈل كۆتۈرگەن ئۇيغۇر يىگىت- قىزلىرىنىڭ شەھەر كوچىلىرىنى باشقىچە ئاۋات تۈسكە كىرگۈزدىغانلىقى ئېنىق. V`S6cmwdc\  
I#Iu :,OT  
     مېنىڭچە، سىز ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇرۇندىن ياخشى ئوبرازدا نامايان بولىۋاتقان گۈلنى ئۆزىڭىزگە ناتونۇش بايرام بىلەن چەكلەپ قويماڭ. ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىڭىزنىڭ قىممىتىنى تونۇڭ، باشقىلارنىڭ بايرىمىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى سىڭگەن بايراملىرىڭىزغا ئالاھىدە كۆز بىلەن قاراڭ. پەقەت خاراكتىرڭىزنى ساقلاپ، ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ قويمىسىڭىزلا قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈن سىز ئۈچۈن بايرام. ھايات مۇساپىڭىزدە سۆيگىنىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە كۈنلىرىڭىزنى باشقىلار نىڭ كۆزىگە سەت، ئىدىيىسىگە غەيرى بولغان شەكىللەر بىلەن قاماپ قويماڭ. ئۇلارغا كۆيۈنىشىڭىز مۇشۇ بىر كۈندىلا ئالاھىدە بولۇپ قالمىسۇن.ئۇلارغا ھەققىي تۈردە كۆيۈنەي دېسىڭىز،بۇ بىر كۈن ۋاقىت بەك،بەك قىسقا. zg)Z2?K|;u  
yF l@ z  
     ئەتە خرىستىيانلارنىڭ«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى».بۇ جۈملىنىڭ ئېنىقلىغۇ چىسىغا ئوبدان دىققەت قىلىڭ. ئەتە چوقۇم كوچىغا چىقىڭلار،لېكىن بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز تىرىكچىلىكىڭلار ئۈچۈن چىقىڭلار. مەنمۇ ئەتە كوچىغا چىقىپ ئايلىنىمەن. مەن كوچىغا ئۇيغۇرۇمنىڭ نورمال تۇرمۇش رېتىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقىمەن.تۆنۈگۈن كەچتە كېرىيەدە يۈزبەرگە يەر تەۋرەشكە كىشىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقىمەن. ھەرگىزمۇ قولىدا ۋاقىتلىق مۇھەببەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۋالغانلارنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقمايمەن. {/XzIOO;b  
!j%vUe;t  
  ھۆرمەت بىلەن- بەگيار y*vs}G'W  
SEIGs_^'\  
2014-يىل 13-فىئورال c:>&Bg&,6T  
yJppPIW^  
&Jk0SUk MP  
يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن

gulhan 2014-02-14 11:45
ياقتۇرۇپ يوللاپ  قويدۇم،  ياشلارنى  تەربىيلەش  بىز  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش  تارتىپ  بولماس مەسئولىيىتى. w O H{L  
ھەممىڭلارغا  سالامەتلىك  يار  بولغاي

مىېھرىما 2014-02-14 11:48
توغرا قىپسىز . بەك ياخشى يازمىكەن .بولسا ھەممەيلەن بىر كۆرۈپ قويسا بولغىدەك. سىزگە رەھمەت .

ياسىنجان510 2014-02-14 12:46
گۈلخان يوللىغان بۇ يازمىڭىزنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم ،مېنىڭچە بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز تېمىڭىز ھەرگىزمۇ مۇنبەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تېما بولماستى ،بەلكى باشقا تېمىلارغا ھەتتا بەزىبىر ئانچە ئەھمىيىتى يوق تېمىلارغا قارىغاندا،تەربىيىۋى قىممىتى ناھايىتىي يوقۇرى تېما ئىكەن.يازمىنى باشتىن ئاخىر ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ ،نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەياشلىرىمىزدا شەكىللىنىۋاتقان ئەنئەنىنى بىلمەسلىك، ئۆز يىلتىزنى بىلمەسلىك، ئۆز تارىخىنى بىلمەسلىك ،ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەسلىك مەسىلىلىرى كىشىنى بەكمۇ چۇڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئۇيغۇر 2014-02-14 13:46
ھەي ، مۇشۇنداق تىمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار. مۇنبەرنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالسۇن.

ئەكبەرنىياز 2014-02-14 14:04
مېنىڭچە بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولغان تېما ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە يامراپ كېتىۋاتقان ئىللەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئېسىمدە قېلىشىچە ، بۇ خەلقئارالىق خىرىستىيان بايرىمىنىڭ ئويغۇر جەمىيىتىگە كەڭ كۆلەمدە سېڭىپ كىرىشىگە دەسلەپتە ھېندىستان ھىكايە فىلىمى «قىزىل يوپۇرماق » ئىشىك ئېچىپ بەرگەنغۇ دەيمەن . بۇ فىلىمنىڭ قانداق مەقسەتتە ئويغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى بىزگە مەلۇم بولمىسىمۇ ئەمما ، مۇشۇ فىلىم ئويغۇر جەمىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن بۇ كۈن كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدە بۈيۈك ئورۇنغا چىقىپ ، ۋاپادارلىقنى بىلدۈرۈشنىڭ ، ئۆز سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئايلاندى . مانا قاراڭ ، بۇ خىل ئاڭ بارا-بارا ئومۇملىشىپ ، يۇقارقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك قورقۇنۇچلۇق بىر ھادىسىگە ئايلاندى . ھازىر رېستۇران، مېھمانخانا ، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى ھەقىچان !؟ بۇ چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە . ئەگەر بۇ خىل ئادەت ئومۇملىشىپ كەتسە ، بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ «ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش»كە ئۈلگۈرەلمەي قالغانلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىپ ، نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىشلىرى كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن . گۈلخان ھەدەمنىڭ يوللانمىسىغا كۆپ رەھمەت !!!

تۆتتاش 2014-02-14 14:14
ئەپسۇس، بۈگۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى يۈزەكىلا بىلىۋىلىپ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىدىغانلاردىن بىرەرسى مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى كۆرسىچۇ ھە ! قارغۇلارچە چوقۇنۇش، قارغۇلارچە ئەگىشىۋىلىش، دوراشنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا بولسىمۇ دىقەت قىلىپ قويسىچۇ ! بەگيارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن سۇنغان بۇ گۈلدەستىسى ۋاقتىدا چېلىنغان ئاگاھ قوڭقۇرىقى بوپتۇ، رەھمەت. p4F%FS:`  
;J@U){R  
تېما يوللىغۇچىغا  رەھمەت ئېيتىمەن.

سەئىدىيە 2014-02-14 18:36
بۇ بايرامنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى كۆپ ساندىكى ياشلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغۇ دەيمەن   PuP"( M  
( مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە )  . ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ . rwDLBpk  
LBG`DYR@  
يەنە كېلىپ دەل ۋاقتىدا . تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .

سەئىدىيە 2014-02-14 18:51
ھە - راسىت ، بۇ تىمىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ زۇھرىدىن مۇھەممەت بابۇ ر ››    __ 2W` 
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن ساۋۇت داۋۇت يازغان ‹‹ سەئىدخان ››  ناملىق تارىخى روماندا تىلغا ئېلنىدۇ . قىزىققۇچىلار بۇ تارىخى روماننى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ .   rexy*Xv`2p  
0  
بۇ رومان ھەقىقەتەن ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ . ( تەۋسىيە )

قاراخان 2014-02-14 18:52
بۇ بايرام توغرىسىدا جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، بۈگۈن مەنمۇ كوچىنى خېلى ئايلىنىپ چىقتىم، بۇرۇن مۇشۇ كۈندە خىلى كۆپ قىز-يىگىتلەرنى گۈل كۆتۈرۈشۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەتتىم، لېكىن بۈگۈن بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىم، قارىغاندا خەلقىمىزدىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشىمۇ خېلى ياخشىلانغان بولسا كېرەك، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

ozqan 2014-02-16 13:11
گۈلخان : رەھمەت بۇ يوللانمىڭىزغا ، بۇ بايرام ھەققىدە ياخشى شەرھىي بەرگەن ماتىريالكەن بۇ ... !V.'~xj  
i`Es7 }  
+"a . ,-f!  

ozqan 2014-02-16 13:12
ئۇيغۇر:ھەي ، مۇشۇنداق تىمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار. مۇنبەرنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالسۇن.  (2014-02-14 13:46) 
kL,{H~iq;  
بۇ تېمىغۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېسىلكەن ، بىراق يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ تېمىسىنى بىز ئېلىپ كېلىپ نادىرلىۋالساق بولماس....


查看完整版本: [-- 14-فېۋرال --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled