查看完整版本: [-- شەخسلىك پېئىللار ۋە شەخسسىز پېئىللار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> شەخسلىك پېئىللار ۋە شەخسسىز پېئىللار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-02-13 21:36

شەخسلىك پېئىللار ۋە شەخسسىز پېئىللار

شەخسلىك پېئىللار ۋە شەخسسىز پېئىللار
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار مەنىسى ۋە رولىغا قاراپ : 1.شەخسلىك پېئىللار ؛2.شەخسسىز
پېئىللار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1.شەخسلىك  پېئىللار
      شەخسلىك پېئىل دېگىنىمىز : ھەرىكەتنىڭ مەلۇم شەخسكە (ئادەمگە)تەۋە ئىكەنلىكىنى
بىلدۈرىدىغان پېئىللار شەخسلىك پېئىللار دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: مەن ئوقۇۋاتىمەن.               بىز ئوقۇۋاتىمىز.
         سەن ئوقۇۋاتىسەن .             سىلەر ئوقۇۋاتىسىلەر.
        ئۇ ئوقۇۋاتىدۇ .                  ئۇلار ئوقۇۋاتىدۇ .
بۇ مىساللاردا ‹‹ئوقۇ››پېئىلىنىڭ ئاخىرىغا زامان قوشۇمچىسى ۋە بىرىنچى شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ
ئۇلىنىشى بىلەن ‹‹ئوقۇش›› ھەركىتىنىڭ كىم  تەرىپىدىن ئورۇندىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.
  شەخسلىك پېئىللار ئۈچ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ ئۈچ زاماندا كېلىدۇ.
مەسىلەن :                     بىرلىك                  كۆپلۈك
بىرىنچى شەخس:          مەن ئالدىم                بىز ئالدۇق
                         مەن ئالىمەن               بىز ئالىمىز
                        مەن ئېلىۋاتىمەن            بىز ئېلىۋاتىمىز
ئىككىنچى شەخس:       سەن ئالدىڭ               سىلەر ئالدىڭلار
                      سەن ئېلىۋاتىسەن            سىلەر ئېلىۋاتىلسىلەر
                      سەن ئالىسەن               سىلەر ئالىسىلەر
ئۈچىنچى شەخس:      ئۇ ئالدى                  ئۇلار ئالدى
                      ئۇ ئېلىۋاتىدۇ               ئۇلار ئېلىۋاتىدۇ
                      ئۇ ئالىدۇ                   ئۇلار ئالىدۇ

                     2. شەخسسىز    پېئىللار      
          شەخسسىز  پېئىل دېگىنىمىز ــــــ  ئىش-ھەركەتنىڭ مەلۇم شەخسكە تەۋە  
          ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغان ، جۈملىدى ئىسىم، سۈپەت ۋە رەۋىشلەرنىڭ رولىدىمۇ
          كېلىدىغان پېئىللار شەخسسىز پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ.
             پېئىلنىڭ شەخسسىز شەكىللىرى پېئىللىق خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە بولغان ئىسىم،سۈپەت، رەۋىشلەرنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىگىمۇ ئىگە بولغان مورفولوگىيىلىك شەكىللەر ھېساپلىنىدۇ.
پېئىلنىڭ شەخسسىز شەكىللىرى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
سۈپەتداش
سۈپەتداش دېگىنىمىز ــــــــ  پېئىل ھەم سۈپەتلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ،جۈملىدە پېئىل ھەم سۈپەت رولىدا كېلىدىغان شەخسسىز پېئىل سۈپەتداش دەپ ئاتىلىدۇ.
گەرچە سۈپەتداشلار پېئىللارنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ ئۇنىڭ سۈپەتداش دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ،
بۇ خىل پېئىللار جۈملىدە ھەم پېئىللىق،ھەم سۈپەتلىك رولدا قوللىنىلىدىغان پېئىل تۈرىدۇر.
مەسىلەن: مەن ‹‹باھادىرنامە ››دېگەن روماننى( ئوقۇغان.)
         بىز بۇ ئۆينى ئۆتكەن يىلى( ياساتقان.)     ئاينۇر بۇ يەرنى( كۆرمىگەن.)
         ئۇ ئەتىگەن مەكتەپكە( كەتكەن.)          مەن قەشقەرگە (بارغان.)
سۈپەتداشلار تۆۋەندىكەدەك ئۇسۇلدا ياسىلىدۇ.
1.پېئىل يىلتىزىغا‹‹- غان،قان،گەن،كەن››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: ئال     -ئالغان ؛ئوقۇ-ئوقۇغان؛ كۆر- كۆرگەن ؛ كۈت- كۈتكەن؛تىك-تىككەن؛تۇت-تۇتقان؛بار    بارغان؛ بەر-بەرگەن.
2.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹ -ۋاتقان، -ىۋاتقان، -ۇۋاتقان،-ۈۋاتقان››قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى
بىلەن ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: ئوقۇ    -ئوقۇۋاتقان؛ يا-يېزىۋاتقان؛ تۇت-تۇتۇۋرتقان ؛كۆر-كۆرىۋاتقان.
3.پېئىل  يىلتىزىغا ‹‹-ر،-ار ،-ەر،-ىدىغان،-يدىغان ،بولۇشسىز شەكلى ‹‹-ماس،-مەس››
قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: قارا-قارار؛ ياز-يازار ؛كۆر    كۆرەر ؛ بار - بارىدىغان ؛دە-دەيدىغان.
بولۇشسىز شەكلى-بار-بارماس؛ كۆر     كۆرمەس.
سۈپەتداشلار گەرچە سۈپەتۆك ئوخشاش ئىسىملارغا باغلىنىپ ئېنىقلىغۇچى بولسىمۇ ،لېكىن
سۈپەتتىن پەرقلىنىدۇ.شۈپەتلەر شەيئىلەرنىڭ بەلگىسىنى ،سۈپىتىنى كۆرسەتسە،سۈپەتداشلار
ھەركەتنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن ئىسىمنىڭ شۇ خىل ھەركەتنى
ئورۇندىغان،ياكى ئورۇندىمىغان، ئورۇنداۋاتقان ياكى ئورۇندىمايۋاتقان،ئورۇندايدىغان ياكى
ئورۇندىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: ئوقۇغان بالا -  ئوقۇمىغان بالا؛ ئوقۇۋاتقان بالا -ئوقۇمايۋاتقان بالا.
سۈپەتداشلارنڭ سۈپەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى
1.ئىسىمغا باغلىنىپ ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:( ياشانغان)  كىشى؛       ( يېغىۋاتقان) يامغۇر.  
        ( مېڭىۋاتقان) ماشىنا        ( كۆيۈۋاتقان) ئوت.
         ( ئىلگىرلەۋاتقان) دەۋر؛       ( تەرەققىي قىلىۋاتقان) خەئىيەت.
2.سۈپەت دەرىجىلىرى بىلەن تۈرلىنىدۇ.
مەسىلەن ئوقۇغان ئادەم؛        ( ئوقۇغانراق )ئادەم؛(كۆپ ئوقۇغان )ئادەم؛
         ( بەك كۆپ ئوقۇغان) ئادەم.
3.سۈپەتلەر ئىسىملاشقاندەك سۈپەتداشلارمۇ ئىسىملىشىپ كېلىدۇ.(سۈپەتلەر ئىسىملاشقاندا شەيئىلەرنىڭ سۈپىتىنى ۋەخۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرمەستىن ،بەلكى ھەركەتنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.)
مەسىلەن:( ئىشلىگەن) چىشلەيدۇ . (ئىگە)
         مەن (كۆرگەنلىرىمنى) تولۇق ئېيتتىم.(تولدۇرغۇچى)
        ( ئىشلىگەننىڭ) يۈزى يورۇق بولىدۇ.(ئېنىقلىغۇچى)
        كۆرگەن( ئاڭلىغاندىن) ئەلا.(تولدۇرغۇچى)
سۈپەتداشلارنىڭ پېئىللىق خۇسۇسىيەتلىرى
1.سۈپەتداشلار پېئىللاردىن ياسىلىدۇ؛ئۈچ زاماندا كېلىدۇ.
مەسىلەن: (ئوقۇغان) كىتاپ؛( ئوقۇۋاتقان) كىتاپ؛ (ئوقۇيدىغان) كىتاپ؛
(ئوقۇمىغان) كىتاپ.
2.پېئىللارغا ئوخشاش بولۇشلۇق-بولۇشسىز شەكىلگە ئىگە.
مەسىلەن:(ئىشلىگەن) مەشىق ،( ئىشلىمىگەن) مەشىق؛ ( ئوقۇغان ) دەرس، (ئوقۇمىغان ) دەرس؛ ( ئوقۇيدىغان) دەرس؛(ئوقۇمايدىغان) دەرس.
3.پېئىللارغا ئوخشاش پېئىل دەرىجىلىرىگە ئىگە.
مەسىلەن: (كۆرگەن) كىنو؛ (ئېنىق دەرىجە) ؛(كۆرۈنگەن) تاغ (ئۆزلۈك دەرىجە)
        ( كۆرۈلگەن )چارە (مەجھۇل دەرىجە)؛ (كۆرۈشكەن) دوستلا
ر(ئۆملۈك دەرىجە)؛ (كۆرسەتكەن) ئەقىل(مەجبۇرىي دەرىجە)
4.پېئىللارغا ئوخشاش ئۆتۈملۈك ياكى ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچىلارنى ياكى ھالەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:( گېزىتتىن) كۆرگەن؛  ( دادامدىن) ئاڭلىغان.  
         (تاماقنى ) تېگەن؛   (كىتاپنى )ئوقۇغان .(تولدۇرغۇچى)
         مەكتەپتىن كەلگەن؛(ھالات)   كىتاپخانىدىن ئالغان.(ھالەت)
         شەھەردە كۆرگەن(ھالەت)؛   ئۆيدە ئولتۇرغان(ھالەت)؛يېزىغا بارغان.(ھالەت)  
5.سۈپەت ھەركەت ھالەتلىرىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن: (تىشىپ) ئۆگەنگەن؛   ( ئالدىراپ) سۆزلىگەن  ؛
          ( كۆپ قېتىم) بارغان ؛ ( ياخشى) ئوقۇغان؛ (تېز )كەلگەن.
          ( ئالدىراپ) ئىشلىگەن؛ (بىلىملىك)  بولغان .
6.باشقا پېئىللار بىلەن بىرىكىپ قوشما پېئىللارنى ھاسىل قىلىدۇ.
مەسىلەن: مەن بۇ كىتاپنى( ئوقۇپ بولغان.) پەرھات كۆپ( ئوقۇمىغا ئىدى.)
         مۇئەللىم ھازىرلا( چىقىپ كەتكەن.) ئۇ ئەسلى( كەلمىگەن ئىكەن.)
                                 رەۋىشداش
          رەۋىشداش دېگىنىمىز ـــــ ھەم پېئىللىق ،ھەم رەۋىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە
          بولغان پېئىل تۈرى رەۋىشداش دەپ ئاتىلىدۇ.
          مەسىلەن:( ئويناپ) سۆزلىسەڭمۇ ،(ئويلاپ) سۆزلە . ئۇ خەت ( يېزىپ) ئولتۇارتتى.  
                 كىتاپخانىغا كىتاپ( ئالغىلى )باردىم. سىز تاپشۇرغان نەرسىنى( ئالغاچ) كەلدىم.  
رەۋىشداشلار تۆۋەندىكىدەك يول بىلەن ياسىلىدۇ.
1.پېئىل يىلتىزلىرىغا ‹‹-پ،-ىپ،-ۇپ،-ۈپ››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ..
.مەسىلەن: ئۇ بۇ مەسىلىگە( ئويلاپ) جاۋاپ بەردى. ئۇ كانسىپىكنى يېزىپ بولدى.
           مەن سىنىپتا( ئولتۇرۇپ) كىتاپ كۆردىم.  مەن بۇ كىتاپنى( كۆرۈپ) بولدۇم.
2.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹ -غۇچە،-قۇچە،-گۈچە،-كۈچە›› قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ( بارغۇچە )مەن كېلىپ بولدۇم.  سەن( قايتقۇچە ) بىز بارىمىز.
سەن (كەلگۈچە) مەنمۇ كېلىمەن.     ئۇلار (كەتكۈچە)  ئىشلار پۈتىدۇ.
3.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-غىلى،-قىلى،-گىلى،-كىلى››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
              مەسىلەن: ئۇ ۆيىمىزدە( تۇرغىلى) كەلدى.    ئۇ سەھنىگە (چىققىلى )ماڭدى،
                        ئۇ ئاپىسىنى( كۆرگىلى) كەتتى.    ئۇ( كەتكىلى) رۇخسەت سورىدى.
4.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-غاچ ،-قاچ،-گەچ، -كەچ ››قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: بىز( ماڭغاچ) پاراڭلاشتۇق.     بىز  ( پاراڭلاشقاچ) ماڭدۇق.
بىز كىتاپنى( كۆرگەچ)  سۆھبەتلەشتۇق.   بىز چاي( ئىچكەچ) كىتاپ كۆردۇق.
5.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-غانسېرى،-قانسېرى،- گەنسېرى،-كەنسېرى››قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى
بىلەن ياسىلىدۇ. مەسىلەن: بۇ ئىش مېنى (ئويلىغانسېرى)  ئويلاندۇردى.
ئۇ مېنى( تارتقانسېرى) مەنمۇ تارتتىم.   ئۇ( كۈلگەنسېرى) مېنىڭمۇ كۈگۈم كېلەتتى.
بۇ سۇنى (ئىچكەنسېرى) ئىچكىم كېلەتتى.
           6 .پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-ئا، -ئە، -ي››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
             مەسىلەن: ياز-يازا؛كۆر-كۆە ؛يازا-يازا؛ كۆرە    كۆرە؛ سۆزلە-ي -سۆزلەي-يازاي؛كۆرەي.
             رەۋىشداشلارنىڭ رەۋىشلىك خۇسۇسىيەتلىرى
             1.رەۋىشكە ئوخشاش شەخسلىك پېئىللارغا باغلىنىپ ھالەت بولۇپ كېلىدۇ.
               مەسىلەن:ئۇ ئالدىراپ سۆزلىدى.   قار لەپىلدەپ ياغماقتا.
ھالەت رەۋىشداشلىرىغا ئوخشاش سۈپەتلەرنىڭ دەرىجىسى بىلەنمۇ تۈرلىنىپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:مەن بۇ ئورۇندا تارتىنىپراق ئولتۇردۇم. مەن بەك تارتىنىپ سۆزلىدىم.
رەۋىشداشلارنىڭ پېئىللىق خۇسۇسىيەتلىرى
1.جۈملىنىڭ ئاخىرىدا خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:قاتتىق يامغۇر يېغىپ،يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتتى.
باشقا پېئىللار بىلەن بىرىكىپ قوشما پېئىللارنى ھاسىل قىلىدۇ.
مەسىلەن:مېھمانلار بۇ يەرگە ئەتە يېتىپ كېلىدۇ.
         سەن ئۇلارنى بۇ يەرگە چاقىرىپ چىق.
         مەن ھازىرغىچە ئۇ يەرگە بارماي تۇرىمەن.

ئىسىمداش
ئىسىمداش دېگىنىمىز ـــــــ ھىچقانداق زامانغا تەۋە بولمىغان ھەم پېئىللىق،ھەم ئىسىملىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان پېئىل تۈرى ئىسىمداش
دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسىمداشلار تۆۋەندىكىدەك يوللار بىلەن ياسىلىدۇ.
1.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-ش،-ىش،-ۇش،-ۈش،-ماق،-مەك››      قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.   مەسىلەن: (ئوقۇش )باشلاندى. خەتنى چىرايلىق( يېزىش) كېرەك. ئۆگەنگەننى تەكرارلاپ( تۇرۇش )كېرەك .   مەن  سەنئەت نومۇرلىرىنى( كۆرۈش) ئۈچۈن كەلدىم.
(ئالماقنىڭ) بەرمىكى بار،چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار.بارماق،سۆزلىمەك.
2.پېئىل يىلتىزىغا ‹‹-غۇ،-قۇ،-گۈ،-كۈ››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.مەسىلەن: كىر ئالغۇ ؛سىن ئالغۇ؛ سىن قويغۇ؛ ئەل ياتقۇ؛ بۇس تارتقۇ؛توڭلاتقۇ؛ مىس كۆرگۈ؛ بىلدۈرگۈ؛ كەتكۈدەكمەن؛
كەتكۈدەكمىز؛كەتكۈدەكسەن ؛كەتكۈدەكسىلەر؛ ؛كەتكۈدەكسىزلەر؛
يەنە بەزى ئىسىمداشلار سۈپەتداشلارغا‹‹-لىق،-لىك››قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.مەسىلەن: يازغانلىق؛كۆرگەنلىك.
ئىسىمداشلارنىڭ ئىسىملىك خۇسۇسىيەتلىرى
1.ئىسىمداشلار ئىسىملارنىڭ گرامماتىكىلىق شەكىللىرى بىلەن تۈرلىنىپ
ئىسىم رولىدا كېلىدۇ.مەسىلەن: ئوقۇش-ئوقۇشنىڭ-ئوقۇشنى    ئوقۇشتا-
ئوقۇشقا-ئوقۇشتىن.
ئوقۇش    -ئوقۇشۇم-ئوقۇشىمىز-ئوقۇشۇڭ -ئوقۇغۇڭلار -ئوقۇشى.
2.ئىسىمداشلار پېئىللارنىڭ تۈرى بولسىمۇ،پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى ئارقىلىق
ئىسىملىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا ،ئىسىمداش دەپ ئاتالغان.شۇكا،
ئىسىمداشلار ھەركەتنى شەيئى سۈپىتىدە  ئىپادىلەيدۇ.
مەسىلەن: سىزنىڭ( كېلىشىڭىزنى) قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بۇ كىتاپلارنى( ئوقۇش ئۈچۈن) ئالدىم.بىز ھازىر( خەنزۇچە سۆزلەشنى) ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ جۈملىلەردە ‹‹كېلىش،ئوقۇش، سۆزلەش›› دېگەن ئىسىمداشلار شۇ خىل ھەركەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىپادىلىگەن ھەمدە ئىسىملاردەك ۋەزىپە ئۆتىگەن.  
ئىسىمداشلارنىڭ پېئىللىق خۇسۇسىيەتلىرى    
1.پېئىل دەرىجىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:ئوقۇلۇش،ئوقۇتۇش، سۆزلىتىش.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ياخشى( ئوقۇتۇش كېرەك.)  
بۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ئۆز ئاغزى ئارقىلىق ئاممىغا( سۆزلىتىش لازىم.)
2.ئىسىمداشلار بولۇشلۇق،بولۇشسىز  شەكىللەردە كېلىدۇ.
مەسىلەن:ئېلىش -ئالماسلىق؛ئوقۇش-ئوقۇماسلىق؛كۆرۈش-كۆرمەسلىك.
3.جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ خەۋەر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
مەسىلەن:ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ( ئوقۇشى لازىم.)  
مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئالىي مەكتەپتە( ئوقۇش.)    
بەزى ئىسىمداشلار دەرىجە،زامان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەسىلەن :بېرىش -بارماسلىق؛ كۆرۈش -كۆرمەسلىك؛ كۆرۈلۈش-
كۆرۈنۈش،كۆرسىتىش-كۆرگەنلىك-كۆرۈۋاتقانلىق-كۆرۈدىغانلىق-
كۆرمەكچى بولغانلىق.
شەخسسىز پېئىللار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
سۈپەتداشلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1.سۈپەتداشلار بولۇشلۇق-بولۇشسىز شەكىللەر بويىچە،دەرىجە ،زامان
شەكىللىرى بويىچە تۈرلىنىدۇ.مەسىلەن:ئوقۇغان -ئوقۇمىغان؛يېزىلغان،
يېزىشقان،يازدۇرغا، سىزغان،سىزىۋاتقان،سىزىدىغا،سىزمايدىغان.
2.سۈپتداشلار سۈپەت ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.(بۇ ۋاقىتتا سۈپەتلەردەك شەيئىلەرنىڭ بەلگىسىنى،خۇسۇسىيىتىنى بىلدۈرمەستىن بەلكى ھەركەتنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ) مەسىلەن:(ئوقۇغان) ئادەم،(كۆرۈلگەن) ھادىسە، (كېلىدىغان )زامان،(ئاقار) يۇلتۇز،(ئۇچار) گىلەم، (سۇنماس )ئىرادە، (تۈگىمەس) ناخشا.
3.سۈپەتداشلار سۈپەتنىڭ كېمەيتمە دەرىجىسى بويىچە تۈرلىنىدۇ.
مەسىلەن:(قىزارغانراق) ئالمىدىن ئالىمەن.(بىلىدىغانراق) كىشىدىن سورايلى.
بەزى سۈپەتداشلار ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.مەسىلەن: (ئىشلىگەن )چىشلەيدۇ.( كېلىدىغانلارنىڭ) ھەممىسى كېلىپ بولدى.
رەۋىشداشلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1.رەۋىشداشلار كۆپلۈك ،تەۋەلىكۋە زامان،راي قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنمەيدۇ.  مەسىلەن :ئوقۇغانسېرى،كەلمىگەچكە، يېزىپ،يېزىلىپ،يېزىشىپ،يازدۇرۇپ.
2.رەۋىشداشلار قوشما پېئىللارنىڭ ياسىلىشىغا ئاساس بولىدۇ.
مەسىلەن:ئېلىپ بار،بېرىپ كەل،يېزىپ باق،سىناپ كۆر،قىلىپ باق،
كۆرۈپ باق،چىكىپ چۈش،ئويلاپ كۆر،دەپ باق.
3.رەۋىشداشلار جۈملىدە پېئىلغا بېقىنىپ ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ.
مەسىلەن: ئۇ( ئولتۇرۇپ) سۆزلىدى.  ئۇلار مەشىق( قىغىلى) كەتتى.
ئۇلار تاماق( يېگىلى) كەتتى. بىز( ماڭغاچ) پاراڭلاشتۇق.سەن( يېزىپ بولغۇچە) كېلىمەن.شىۋىرغان( بارغانسېرى) كۈچەيمەكتە.
مەقسەت رەۋىشداشلىرى خەۋەر بولۇپمۇ كېلىدۇ.
مەسىلەن:دادام ئەتە غۇلجىغا( ماڭماقچى.)    
مەن پىكرىمنى ئوتتۇرغا( قويماچىمەن.) ئۇ بۇ يەردىن(كەتمەكچى.)
4.بەزى رەۋىشداشلار سۈپەتنىڭ كېمەيتمە دەرىجىسى بويىچە يۈرلىنىدۇ.
مەسىلەن:(ئالدىرىمايراق) سۆزلەڭ.(كۈلۈپرەك) ئولتۇر.( ئويلاپراق سۆزلەڭ)
  ئىسىمداشلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1)بەز ئىسىمداشلار بولۇشلۇق-بولۇشسىزلى  ،دەرىجە، زامان   مەنىلىرىنى  ئىپادىلەيدۇ  . مەسىلەن:بېرىش -بارماسلىق؛كۆرۈش-كۆرۈلۈش -كۆرۈنۈش -كۆرسىتىش -كۆرگەنلىك     -كۆرۈۋاتقانلىق -كۆرۈدىغانلىق -كۆرمەكچى بولغانلىق.
2) ئىسىمداشلار ئىسىمنىڭ كۆپلۈك،تەۋەلىك ۋە كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن
تۈرلىنىدۇ. مەسىلەن:بار+ ىش+ىم=بېرىشىم؛ بار+ىش+ىمىز =بېرىشىمىز ؛ ياز+ ىش+ىڭىز =يېزىشىڭىز؛كەل+ىش +ى =كېلىشى.
ئەخمەتنىڭ ئوقۇشى پۈتتى.(ئىگە)؛ئۇرۇشنىڭ زىيىنى كۆپ.(ئېنىقلىغۇچى)
كەلگەنلىكىمنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن.(تولدۇرغۇچى)؛مەن ئەتە ئۆگىنىشكە قاتنىشىمەن.(ھالەت)؛كىتاپ ئوقۇش –ئۆگىنىش.(خەۋەر

ئەكبەرنىياز 2014-02-13 21:52
ناھايىتى ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ . سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ئىچىدە  پىئېللار ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ ، باشقا ھەر قانداق سۆز تۈركۈمىگە تەۋە سۆزلەر چەت تىللاردىن ئۆز ئەينى قۇبۇل قىلىنسىمۇ ئەمما پىئېلدا بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس . مەسىلەن ماڭا بىرسى نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ دېسە ، مەن شاڭۋاڭ قىلىۋاتىمەن دېيىشىم مۇمكىن . ئەمىلىيەتتە ، شاڭۋاڭ دېگەننىڭ ئۆزىدىلا پىئېللىق خۇسۇسىيەت بار ئىدى ، ئەمما قىلىۋاتىمەن دېگەندىن ئىبارەت بىر پىئىلنى  قوشماي تۇرالمايمىز . شۇنداق بولغاچقىمىكىن ، پېئىللار بىلدۈرمەك بىر قەدەر تەس بولغان سۆز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ . ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!ھارمىغايسىز !!!

alga~nap 2014-02-13 23:07
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالىدىكى موھىم نوقتا. ئوقۇغۇچىلار ئازراقلا دىققەت قىلمىسا خاتالىشىپ كىتىدۇ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-02-13 23:14
‏ياسىنجاننىڭ ئەجرىگە بارىكاللا !!!
‏ ھەقىقەتەن ئەستائىدىل بوپتۇ ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرىيال يوللاپسىز

مىېھرىما 2014-02-14 09:30
ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ . ياسىنجاننىڭ مۇنبەرگە قوشقان توھپىسى  ناھايتى زور بولۋاتدۇ. سىزدەك مۇشۇنداق ئەستايدىل تەۋپىقداشلىرىىمىزنىڭ ئەجرى بىلەن بۇ مۇنبىرىمىز تېخىمۇ گۈللەپ-ياشنىغۇسى. سىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-14 17:14
ناھايىتى ئەتراپلىق ياخشى تەييارلىنىپتۇ.بولۇپمۇ ئېلىنغان مىساللار ناھايىتى جانلىق ،ئەمەلىي ،قوللىنىشچان بولۇپتۇ.

ھسداەىقكل 2014-02-15 12:36
ھەقىقەتەن بەكمۇ ئەستايىدىل تولۇق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ رەخمەت سىزگە

ozqan 2014-02-16 14:13
ياسىنجان :   ئوقۇغۇچىلارغا بەك پايدىلىق بولغان ماتىريالنى يوللاپسىز ، پېئىلنىڭ شەخسسىز شەكىللىرىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى بەك كۆپ چىقىدۇ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

قەلبىنۇر3 2014-02-25 16:50
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!ھارمىغايسىز

قەلبىنۇر3 2014-02-25 16:52
ئەجرىڭىزگە ئوپ راخمات، جاپا تارتىپسىز.


查看完整版本: [-- شەخسلىك پېئىللار ۋە شەخسسىز پېئىللار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled