查看完整版本: [-- يەكچەشمە ( ھېكايە ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> يەكچەشمە ( ھېكايە ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-13 16:14

يەكچەشمە ( ھېكايە )

                                                                           يەكچەشمە Ju.B!)uS#  
?oO 
‏.                                                                            ھېكايە `8rInfV  
‏.                                                  ( تۇرسۇنگۇل ئابدۇراخمان تەرجىمىسى ) |VRzIA4M\  
N]6M4j!  
‏       ئانام يەكچەشمە بولغاچقا ، مەن ئۇنى يامان كۆرەتتىم ،چۈنكى ، ئۇنىڭ شۇ تۇرقى مېنى باشقىلار ئالدىدا نۇمۇسقا قوياتتى . ئانامنىڭ كونا ماللار بازىرىدا كىچىك بىر دۇكىنى بولۇپ ، دۇكاندا ساتسا پۇل بولىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى . گەرچە ئۇ مۇشۇنداق جاپادا پۇل  تېپىپ ، ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى يالغۇز كۆتۈرۈۋاتقان ، ماڭا بەكمۇ مېرىبان ، ئامراق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ھەمىشە بېزار بولاتتىم . <"Cacf g  
‏  باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىمدە بىر قېتىملىق تەتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا ئانا مېنى ئالاھىتەن كۆرگىلى كەپتۇ . مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ناھايىتى نۇمۇس قىلىپ ، ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە ئالايدىم - دە ، مەكتەپ سىرتىغا يۈگۈردۈم . ئەتىسى مەكتەپكە كېلىشىمگىلا ساۋاقداشلىرىم : «  ئاناڭ يەكچەشمە ئىكەن ... » دەپ مازاق قىلىشقا باشلىدى . شۇ كۈنى كەچتە مەن رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنىڭغا : 251^>x.R  
‏  -  ئانا ، بىر كۆزۈڭ نىمىشقا كور بوپ قالغان ؟ تۇرقۇڭ مۇشۇنداق بولغاچقا  ، بالىلار ھەمىشە  مېنى مازاق قىلىدۇ . مېنى باش كۆتۈرەلمىگىدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان تۇرۇقلۇق ، بۇ دۇنيادا ياشاپ نىمە قىلىسەن ؟!  دەۋەتتىم .بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئانامنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى .شۇ چاغدا مەن بىر تەرەپتىن بىر ئاز ئاشۇرۋەتتىممۇ قانداق ، دەپ ئويلىغان بولساممۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن  ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىمدىن چىقىرالمايۋاتقان قورساق كۆپۈكۈمنى دەۋالغىنىمغا خۇشال بولدۇم . \$] V#@F  
‏  بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇسساپ كېتىپ ، سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرسەم ، ئانام ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يىغلاۋىتىپتۇ . مېنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك ، پات - پات مەيدىسىگە يېنىك مۇشتلاپ  ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى . مەن دەرھال ھوجرامغا كىرىپ كەتىتىم . شۇ ۋاقىتتا ئانامغا قوپاللىق قىلىپ  قويغانلىقىمدىن كۆڭلۈم بىر ئاز بىئارام بولدى . شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا  ئۇنىڭدىن  ، ئۇنىڭ يىغلىغاندا بىرلا كۆزىدىن ياش ئاقتۇردىغان  شۇ تۇرقىدىن بېزار ئىدىم . مەن ئىچىمدە « كەلگۈسىدە چوقۇم بىرەر كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن »  دەپ قەسەم قىلدىم .چۈنكى مەن ئانام غا ۋە ئۆيىمىزنىڭ ناھايىتى نامرات ئىكەنلىكىگە  ئىچ - ئىچىمدىن نەپرەتلىنەتتىم . UBy< vwnU  
‏  كىيىنىكى كۈنلەردە مەن جاپا - مۇشەققەتكە باش ئەگمەي ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، سېئۇل ئۇنۋېرستىتىغا ئۆتتۈم .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن  شۇ يەردە توي قىلىپ ، ئۆي  سېتىۋېلىپ، بالا - چاقىلىق بولدۇم .ھازىر تۇرمۇشۇم ناھايىتى كۆڭۈللۈك  ئۆتۈۋاتاتتى .مەن سېئولنى ياقتۇراتتىم ، چۈنكى ، بۇ يەردە ھېلىقى يەكچەشمە ئانام كەمدىن كەم ئېسىمگە كېلەتتى .بىرەرسىنىڭ سېئولغا كېلىپ مېنى ئىزلىمەيدىغانلىقىنى ئويلىسام  ، ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم . N-4k 9l1  
‏بىر كۈنلەردە يەكچەشمە ئانام يەنە مېنى كۆرگىلى كەپتۇ ، كىچىك قىزىم قورقۇپ كەتتى .مەن قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭغا : 5VG[FY6Pl  
‏  - سەن كىم ؟ مەن سېنى تونۇمايمەن ، دىدىم خۇددى راستەك قىياپەتتە .ئارقىدىنلا يەنە ئۇنىڭغا : ;>d uY\$<  
‏- سەن مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ، قىزىمنى قورقۇتۇشقا قانداق پېتىندىڭ ؟ ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقال ! - دەپ ھۆكۈرىدىم . Au+SCj  
‏ - مەن خاتا كېلىپ قالغان ئوخشايمەن ، - دىدى - دە ، كەينىگە بۇرۇلۇپ غايىپ بولدى . خۇداغا مىڭ شۈكرى ، ھەر نىمە بولسا مېنى تونۇيالمىدى . شۇ دەقىيقىدە كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ قالغانتى ، كۆڭلۈمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئەمدى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسەممۇ ، ھەتتا ئۇنى ئويلىمىساممۇ بولىدىغان بولدى ، دەپ ئويلىدىم . it=4cHT  
‏  بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىمدىن يېقىندا ساۋاقداشلا يىغىلىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم - دە ، خوتۇنىۇمغا يالغان سۆزلەپ ، تىجارەت ئىشى بىلەن كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم .ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئاخىرلاشقاندا ، مەن يولدىن ئۆتكىچە ئەينى چاغدا ئانام بىلەن بىللە ئولتۇرغان ھېلىقى كونا ئۆينى كۆردۈم .مەن ئىلگىرى بۇ يەرنى بىزنىڭ ئۆيىمىز دەپ بىلەتتىم .ئۆينىڭ ئىچىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ  ئىشىكتىن بېشىمنى تىقسام ، ئانام بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقىنىچەيەردىلا يېتىپ قاپتۇ . باغرىمنىڭ قاتتىقلىقىدىنمۇ قانداق كۆزۈمگە بىرەر تامچىمۇ ياش كەلمىدى، قارىسام ، ئۇنىڭ قولىدىكى ماڭا يېزىلغان خەت ئىكەن . )` nX~_'p  
‏  « ئوغلۇم ، ئۆمۈرۈم  ئاخىرلىشىپ قالدى ، ئەمدى ھەرگىزمۇ سېئولغا بېرىپ سېنى ئىزدىمەيمەن . لىكىن ، مېنىڭ بىرلا ئارزۇيۇم بار ، مەن پەقەت سېنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ مېنى يوقلاپ كەتسىكەن دەپ ئۈمىد  قىلىمەن .  مەن سېنى بەكلا سېغىنىپ كەتتىم . كېلىپ مەكتەپتىكى يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىڭدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم . گەرچە مەكتەپكە بېرىپ ، سېنى بىر كۆرۈۋالغۇم بولسىمۇ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىنى ، يۈز - ئابرويىڭنى كۆزدە تۇتۇپ  يەنىلا  بېرىشتىن يالتايدىم . كەچۈر ئوغلۇم ، مېنىڭ كۆرۈمسىز يەكچەشمە تۇرقۇم تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىزچىل باش كۆتۈرەلمەي كەلدىڭ . بىراق بىلەمسەن ئوغلۇم ، سەن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىڭدا بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىك تۈپەيلى بىر كۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالغانتىڭ .ئاناڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن سېنىڭ چوڭ بولغاندا يەكچەشمە بولۇپ قېلىشىڭغا چىدىمىدىم ... شۇڭا ، ئۆزۈمنىڭ بىر كۆزۈمنى ساڭا بەردىم . مەن راستىنلا سەندىن پەخىرلىنىمەن ئوغلۇم ، سەنمۇ بىر جۈپ كۆزۈڭ بىلەن بۇ دۇنيانى كۆرەلىدىڭ . سېنىڭ قىلغانلىرىڭدىن ئاغرىنمىدىم ھەم ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمىدىم .مەندىن رەنجىگەن ئاشۇ كۈنلەردە  ئوغلۇم مېنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە ، ئامراقلىق قىلىپ شۇنداق قىلۋاىدۇ ، دەپ ئويلىدۇم . بالىلىق چاغلىرىڭدىكى  يېنىمدىن كەتمەيدىغان گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلىدىم  ، مەن راستىنلا سېنى بەك سېغىندىم . سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، بالام ، سەن مېنىڭ بارىلىقىم ... » ]B;GU  
‏  خەتنى ئوقۇپ شۇ يەرگ كەلگەندە ، ماڭا پۈتۈن جاھان ئۆڭتۈرۈلۈپ كېتىدىغاندەك بىلىندى .شۇ دەقىقىدە پۈتكۈل ھاياتىدا  مېنىڭلا ئوتۇمدا كۆيۈپ - پىشقان ، مەن ئۈچۈن بارىلىقىنى بېغىشلىغان ، مەن ئۈچۈن جۇدالىق ، ھېجران ئوتىدا پۇچۇلانغان ، پەقەت مەن ئۈچۈنلا ياشىغان يەكچەشمە ئانام ئۈچۈن ياشلىرىمنى تۆكتۈم  . Kjbz\ ~  
6S-1Wc4  
‏مەنبە : « مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما »

تۆتتاش 2014-02-14 01:33
تۇرسۇنگۇل ئابدۇراخمان   دىگەن  سىزمۇ  ياكى  ؟

ئەكبەرنىياز 2014-02-14 04:02
نېمىدىگەن تەسىرلىك ھىكايە بۇ ، ئاخىرىنى ئوقۇپ تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى ! گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! داۋاملىق ئالغا !!!

گۈلنىھال 2014-02-14 09:26
‏بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئوقۇغاندا شۇنداق تەسىر قىلغانتى . ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇپ بەرگەندە ، بىر قىسىملار يىغلاپمۇ ئۈلگۈرگەن . ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت .

مىېھرىما 2014-02-14 11:03
راس بەكلا تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن قولىڭىز دەت كۆرمىسۇن  دوستۇم. دوستۇم دىسەم خاپا بولماسسىز ؟ ئەمدى مەن سىزدىن چوڭ دەيمىنا . سىزگە رەھمەت. ئامەت يار بولسۇن.

ياسىنجان510 2014-02-14 13:08
تەربىيىۋى خارەكتىرى كۈچلۈك ئەسەر يوللىغىنىڭىزنى قىزغىن ئالقىشلايمەن گۈلنىھال.ئەسەرنى ھەرگىز خاتا تاللاپ قالماپسىز.

گۈلنىھال 2014-02-15 22:08
مىېھرىما:راس بەكلا تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن قولىڭىز دەت كۆرمىسۇن  دوستۇم. دوستۇم دىسەم خاپا بولماسسىز ؟ ئەمدى مەن سىزدىن چوڭ دەيمىنا . سىزگە رەھمەت.  .. (2014-02-14 11:03) 
X7UuwIIP  
‏ئۇدۇللا كەلگەن ئادەمنى دوست دەمدىغان كىشى ، دوستلۇقتا ياش چەكلىمىسى بولامدىكەن جېنىم ، سۆيۈندۈم سىزدىن ، رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- يەكچەشمە ( ھېكايە ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled