查看完整版本: [-- كۇمارا جىۋا ( تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> كۇمارا جىۋا ( تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-11 20:01

كۇمارا جىۋا ( تېكىستى )

                                                           كۇماراجىۋا           *^m.V=  
R1rfp;   
                                                 ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر lY8Qy2k|  
>~r@*gml  
     ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىگە بۇددىزىم غايەت زور تەسىز كۆرسەتكەن . 0L-g'^nn  
  ئىسلام دىنى سىڭىپ كىرىشتىن ئىلگىرىكى 1000 يىللار داۋامىدا ئانا يۇرتىمىز شىنجاڭ بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى ئانا ماكانى سۈپىتىدە بۇددىزىمنى شەرققە تارقىتىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغان . يۇرتىمىزدىن چىققان بۇددا ئالىملىرى ۋە سەنئەتكارلىرى بۇددىزىمنىڭ روناق تېپىشىغا  ، ئومۇمىلىشىغا ، بۇددا سەنئىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا زور تۆھپە قوشقان . >I ; #BE3  
     كۇماراجىۋا ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇددا نوم - ئەھكاملىرىنى تەرجىمە ، تەپسىر قىلىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تونۇشتۇرۇشقا ئاجايىپ زور تۆھپە قوشقان  بۈيۈك ئالىمدۇر . 7E t(p'  
  كۇماراجىۋا مىلادىيە 344 - يىلى كۈسەن ( كۇچا ) دە تۇغۇلغان  . ئۇنىڭ دادا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئىسمى دارتا بولۇپ ، ھېندىستانلىق ئىدى . دادىسى كۇماراتان تالانتلىق ھەم زېرەك كىشى ئىدى . كۇماراتان ھېندىستان ۋەزىرىلىرىدىن بىر بولۇپ ، مەنسەپ - ئەمىلىنى ۋە ۋەتىنىنى تەرك ئەيلەپ ، پامىر تاغلىرىدىن ئۆتكەندە ، كۈسەن خانى ئاقارى پاك ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ، ئىززەت - ئېكرام بىلەن كۇچاشا ئېلىپ كېلىپ، دۆلەت ئۇستازى قىلغانلىقى مەلۇم . كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ، 20 يېشىدا كۇماراتانغا ياتلىق قىلىنغان . u01^ABn  
alD|-{Bf  
  دېمەك ، « كۇماراجىۋا » دىگەن بۇ ئىسىم ھېندىستانلىق دادا كۇماراتان بىلەن كۈسەنلىك ئانا جىۋانىڭ نامىدىن ئېلىنىغان . كۇماراتان بۇددا دىنىنىڭ ئوچىقى بولغان  ھېندىستاندا تۇغۇلۇپ ، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئىستىداتلىق بۇددىست ئىدى . جىۋا مىلادىيە  324- يىلى كۈسەندە تۇغۇلغان . ئۇ خان جەمەتىدىن بولغاچقا ، ياخشى شارائىىت ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر قايسى تەرەپلەردە ئوبدان تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان . كىيىن ئۇ ئېرىدىن بۇددا دىنى ۋە سانسىكىرىت تىرىشىپ ئۈگەنگەن . LxGh *7K-  
  جىۋا تەلەپچان ، زېرەك ، بۇددا بىلىملىرىگە كامىل ، بۇددا دىنى ئەقىدىسى كۈچلۈك ئايال  ئىدى .  كۇماراجىۋا بۇنداق ياخشى ئائىلە شارائىتىدا ھەر قايسى تەرەپلەردىن يۈكسېلىشكە باشلىغان . ئۇ ئانىسىنىڭ تەسىرىدە يەتتە يېشىدىلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ راھىب بولۇپ ، كۈسەندىكى خانلىق ئىبادەتخانىسىدا مەشھۇر بۇددىس بوتۇشما ئاقارىدىن تەلىم ئېلىپ ، ئۇنىڭ  ھوزۇرىدا قېتىرقىنىپ نوم ئۆگەنگەن . ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىش داۋامىدا مىليون سۆزلۈك مۇناجاتنى سۇدەك يادىلاش بىلەنلا قالماي ، مەنىسىنى شەرھىلەپ بېرەلەيدىغان سەۋىييىگە يەتكەن . شۇڭا ، ئۇستازى ئۇنى « كارامەت تالانتلىق » دەپ ماختاپ كەتكەن . ^W*)3;5  
   بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىمخۇمار تەەربىيىلىگەن جىۋا ئۆزىمۇ راھىبەلىك يولىغا ماڭغان ھەمدە بالىسى توققۇز ياشقا كىرگەندە  ئۇنى ئېلىپ تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ  كەشمىرگە بېرىپ ، بىرلىكتە ئىلىم تەھسىل قىلغان . كۇماراجىۋا ئاز كۆرۈلىدىغان تالانىت ئىگىسى بولغاچقا  ، ئۇ يەردىمۇ نامى چىققان . {x$#5 PW  
  كەشمىر خانى كۇماراجىۋانىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ،ئۇنى  ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ راھىبلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇددا ئىلىمى جەھەتتە مۇنازىرلىشىپ بېقىشىنى بۇيرىغاندىلا، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن  كۇماراجىۋا ئۆزىنى بالا چاغلاپ مەنسىتمىگەن رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىۋالغان . b .@dUuKz-  
   ھەر قايسى دۆلەتلەر كۇماراجىۋانىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ دانىشمەن بالا كۇماراجىۋاغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇنى ئۆز مەملىكەتلىرىدە ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشقان . نەتىجىدە ئۇ ئانىسى جىۋا بىلەن بىللە بەلخ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان . Qc/J" 
  كۇماراجىۋا كەشمىردە ئۈچ يىلدى كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كىيىن ، كۆپلىگەن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى مەنسەپ،كۆپلەپ ئىش ھەققى بېرىش بەدىلىگە ئۆزىنى تۇتۇپ قېلىشى تەلىپىنى رەت قىلىپ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. "Vy\- ^  
  مىلادىيە 356- يىلى كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا ئانىسى بىلەن بىللە كۈسەنگە قايتىش سەپىرىدە قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. ئۇ قەشقەردە بۇددا نوملىرىنى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، يەنە قەدىمكى ھېندىستاننىڭ دىن، پەلسەپە،ئەدەبىيات،تىلشۇناسلىق، تىبابەتچىلىك،ئىلمىي نۇجۇم قاتارلىق ئىلىملىرىنىمۇ تىرشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەن . *]u/,wCB  
ئانا – بالا ئىككىسى كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خان، ئوردا ئەمىرلىرى، راھىبلار ھەمدە ئاۋام قاتناشقان كاتتا مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كۈتۈۋېلىنغان.كۈسەن خانى ئاقارى پاك مەخسۇس كۇماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىللىك ئالتۇن پۇتلۇق تەخىت ياسىتىپ ، ئۇنى رۇم كىمخاپلىرى بىلەن بېزەپ، ئۆزى ئاشۇ ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ، كۇماراجىۋانى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىگە دەسسىتىپ تەخىتكە چىقىپ بۇددا نوم– سۈتىرلىرىنى مۇتائىلە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.بۇ ۋاقىتتا چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلغان،نامى يىراق-يېقىنلارغا پۇركەتكەن ئىسېداتلىق بۇ ئالىم ئەمدىلا 20 ياشلارغا كىرگەن يىگىت ئىدى. [# H8Mb+7  
    كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ كۇماراجىۋانى شۈنچىلىك دەرىجىدە ئىززەتلىشىدىكى سەۋەپ قاندۇقتۇر كۇماراجىۋانىڭ ئۆز سىڭلىسىنىڭ بالىسى بولغانلىقىدا ئەمەس،بەلكى كۇماراجىۋانىڭ كامالەتكە يەتكەن بىلىم ئىگىسى بولغانلىقىدا ئىدى. w%na n=  
      كۇماراجىۋا 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان . .v!e=i}.  
    مىلادىيە 379-يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك راھىپلىرىدىن سېڭچۈن،تەنچۇڭ قاتارلىقلار كۈسەندە زىيارەت ھەم ئۆگىنىشتە بولۇپ،چاڭئەنگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن،كۈسەندە ماھايانا بۇددىزىمىنىڭ قالتىس روناق تاپقانلىقىنى، ماھايانا نوملىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغان،غەربىي يۇرتقا داڭلىق كۇماراجىۋا دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ تالانتىلىق بىر ئەۋلىيانىڭ بارلىقىنى ئالدىنقى چىن پادىشاھى فۇجىيەنگە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ بەرگەن. A}O9e  
شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيەت نىزالىرى بىلەن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەلنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ يۇرتنى ئىدارە قىلىشتا كۇماراجىۋادەك مەنىۋىي داھىيغا تولىمۇ مۇھتاج ئىدى. شۇڭا پادىشاھ فۇجىيەن سانغۇنى لۈيگۇاڭنى ئالدىغا چاقىرتىپ : \|s/_35(  
- غەربىي يۇرتتىكى كۈسەندە كۇماراجىۋا ئىسىملىك ناھايىتى بىلىملىك بىر ئۆلىما بارمىش،پۈتكۈل بۇددىزىم دۇنياسىدا تەڭداشسىز كامالەتكە ئىگىمىش . بۇ كامالەت ئىگىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قانچىلىك ھەربىي چىقىم كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر ، غەربىي رايۇنغا ھەربىي يۈرۈش قىلماي بولمايدۇ . شەرت، كۇماراجىۋانى ساى-سالامەت ئېلىپ كېلىش،- دەيدۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا. o$;x[US  
مىلادىيە381-يىلى سانغۇن لۈيگۇاڭ خىللانغان 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن كۈسەنگە لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ،كۈسەن خانى ئاپارى پاك قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، كۈسەن دۆلىتىنىڭ « دۆلەت گۆھىرى» بولغان كۇماراجىۋانى لىياڭجۇغا ئېلىپ كەتكەن. )HcC\[  
كۇماراجىۋا لىياڭجۇدا ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇشنى بېشىدىب كەچۈرگەن. لۈيگۇاڭ لىۇاڭجۇدا كۇماراجىۋاغا ئاتاپ مەخسۇس ئىبادەتخانا سالدۇرۇپ بەرگەن. ( بۇ ئىبادەتخانا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.) ھەم دائىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىشقان . كۇماراجىۋا بۇ مەزگىلدە خەنزۇ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە يۈزلىنىپ، خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى پىششىق ئىگلىگەن . جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى، پەلسەپىسى ۋە تارىخىنى ئۆگەنگەن . يەنە كۆپ خىل دىئالىكىتلارنىمۇ ئۆگىنىپ خەنزۇ تىلى ئاساسىنى پۇختىلىغان .كۇماراجىۋا لىياڭجۇدا توپتوغرا 16 يىل خەنزۇتىلى خەنزۇ مەدەنىيىتىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.بۇ ۋاقىتتا كۇمارا جىۋانىڭ بامىنى ئاڭلىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەر قايسى خانلىقلار ئۇنى ئۆز خانلىقىغا ئېلىپ كېتىشكە تەقەززا بولغان ۋە قانلىق كۆرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. =@ RVLml  
  شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغا قەدەر ھاكىمىيەت، زىمىن، بايلىق تالىشىش ئۇرۇشلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما كۇماراجىۋانى تالاشقاندەك «ئادەم تالىشىش » ئۇرۇشلىرى كەندىن-كەم كۆرۈلگەن . =$J2  
  401- يىلى12-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇماراجىۋا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەشھۇر شەھەر چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۇماراجىۋا كىيىنىكى چىن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت ئۇستازى بولۇش بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىنى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرۇش ۋە غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،بۇددا نوم-سۈتۈرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش. دەرس ئۆتۈش خىزمىتىنى باشلىغان . ئۇ ھەر قايسى جايلاردىكى راھىبلارنى يىغىپ 800 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتى تەسىس قىلغان . بۇ ئاپپارات كۇماراجىۋانىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇددا نوم – بىتىكلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە شەرھىلەشكە كىرىشىپ ، مىلادىيە 401- يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان12 يىل ئىچىدە جەمئىي 300 جىلدتىن ئارتۇق بۇددا نوم – سۇتىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان . بۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئكز نۆۋىتىدە بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئومۇمىلىشىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان . /vKD lCH*  
   كۇماراجىۋانىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ناھەيىتى يۇقىرى ئىدى . ئۇ خەنزۇچە شىئېر – نەزمىلەرنى يېزىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر ئىدى . ئۇ ئادەتتە دىئالىكىتلارنى ئۆگىنىشكە ۋە ماقال – تەمسىللەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە، تەرجىمە قىلغان سۇترىلاردا مەزمۇن توغرا ئىپادىلىنىپلا قالماي، سۆزلىرى ئىخچام ، راۋان ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى كىشىلەرنىڭ ماجىتىشىغا ئېرىشكەن . ':@qE\(  
   كۇماراجىۋا گەرچە چوڭقۇر بىلىملىك بولۇپ، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشسىمۇ، ئەمما ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلىگەنلەرگە ھەمدە يىراقتىن بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان . ئۇ چاڭئەندىكى 12 يىللىق تەرجىمە ھاياتىدا چوڭقۇر مەلۇماتلىق بىر مۇنچە خەنزۇ راھىبلارنى يېتىتۈرۈپ چىققان .  ئۇ مىلادىيە 413 – يىلى 8- ئاينىڭ 20 – كۇنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . كۇماراجىۋا ۋاپات بولۇش ئالدىدا  :« مەن قازا قىلىپ ، تېنىم كۆيدۈرۈلسە كۆيدۈرۈلسۇنكى، تىلىم كۆيمىسۇن » دېگەن. مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز تەرجىمىلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا. 75ob1h"  
كۇماراجىۋانىڭ جەسەت كۈلى چاڭئەندىكى ئۇ تۇرغان ساۋياۋ باغچىسىغا دەپنە قىلىنغان . پادىشاھ باشلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى ، چەتئەل ئەلچىلىرى ، كۇماراجىۋانىڭ شاگىرتلىرى كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقان . كۇماراجخۋانىڭ ئىبادەتخانىسى ھېلىمۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ ۋېي شەھرىدىكى شىمالىي كوچىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . X88Zd M'  
   1994- يىلى 9- ئايدا كۇماراجىۋانىڭ تۇغۇلغانلىقىنڭ 1650 يىللىقىنى خاتىرلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە كۇماراجىۋانىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى باي ناھىيىسىدىكى قىزىل مىڭئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى . جۇڭگۇ ، ياپۇنىيە ، كورىيە ، فرانسىيە، گىرمانىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇندىن كەلگەن 410 تەك مۇتەخەسىس ، ئالىم كۇماراجىۋانىڭ جاھانشۇمۇل ئىلمىي مۇۋاپىقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى . ml2HA4X&$Y  
jrR~V* :k  
مەنبە : 7-يىللىق 1- مەۋسۇم دەرسلىك كىتاب. TM;)[R@  
bC|~N0b  
;K!O r  
195(Kr<5$  
P:+:Cm<  
'n=D$j]X  
e0P1FD<@  
3ba"[C|  

گۈلنىھال 2014-02-12 17:04
قارا خاننىڭ قىلىدىغان ئىشى قالدى ئەمدى ، قېنى ، مەرھەمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-02-12 19:22
راست دەيسىز گۈلنىھال ، قاراخان بىلەن ئىككىڭلار بەكلا ماسلىشىۋاتىسىلەر ، سىلەرنىڭ ھەمكارلىقىڭلارغا بەكلا ھەۋىسىم كەلدى !!! داۋاملىق ئالغا !!!

قاراخان 2014-02-12 21:01
بۇلار بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: !a  /  
/bbs/read.php?tid=4836 FsD}N k=m~  
mX %;  
/bbs/read.php?tid=2212

قاراخان 2014-02-12 21:01
مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى: DT;Hr4Z8^"  
/bbs/read.php?tid=3693

قاراخان 2014-02-12 21:02
مۇنۇسى كوماراجىۋاغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال: ">j}!n 8J  
/bbs/read.php?tid=8578

گۈلنىھال 2014-02-12 23:22
‏ئەمدى ياخشى بولدى ، رەھمەت !

مىېھرىما 2014-02-13 14:11
قارخان ئىككىڭلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت . داۋاملىق ئالغا .

ياسىنجان510 2014-02-15 18:50
  مەشھۇر تارخىي تەرجىمانىمىز  كوماراجىۋا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئاجايىپ رول ئوينىغان  داڭلىق شەخس.

ماتروس 2014-06-23 18:16
مەن ئىزدەپ يۈرگەن ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىغۇ ....  سىلەرگە راسلا كۆپ رەھمەت .  

لاچىن 2014-06-24 05:01
    مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كومىراجىۋا دەپ ئاڭلاپ كەلگەن بولساممۇ بۇ توغرىلىق يېزىلغان ماقالىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن. +GqK$B(x7  
    ياخشى بىر تېما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەخمەت.


查看完整版本: [-- كۇمارا جىۋا ( تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled