查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (  16 ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (  16 ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-11 19:34

« قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (  16 )

                                              بىر تەشتەك گۈل *?pnTQs^  
9@8'*a{`m  
      بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ماشىنىسىنى ھەيدەپ سەھرادىكى بىر ئاشخانىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ. شۇ يەردە توختاپ غىزالانماقچى بولغاندا خانىم ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ، قارىسا كونا، ئەمما ناھايىتى چىرايلىق بىر ئۈستەلگە ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن بىر تەشتەك گۈل قويۇلغان، ھاجەتخانا ناھايىتى پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىكەن. بۇ خانىم تازىلىق سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز مۇھىتقا قاراپ بايا ئىشلەتكەن قول يۇيۇش سۇپىسىنى پاك - پاكىز ئېرتىۋېتىپتۇ. `=lo.c  
    خانىم ماشىنىغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئاشخانا خوجايىنىغا: GuC 9h^[=M  
   − ھېلىقى بىر تەشتەك گۈلىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، − دەپتۇ. 2cjbb kq  
   − رەھمەت، − دەپتۇ خوجايىن، − بىلەمسىزكىن، مېنىڭ ئۇ يەرگە گۈل تىزىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولۇپ قالدى، سىز ئاشۇ كىچىككىنە بىر تەشتەك گۈلنىڭ ماڭا قانچىلىك تازىلىق خىزمىتى تېجەپ بەرگەنلىكىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. y3':x[d  
   بىز ئازراق پەم ئىشلەتسەكلا بىغۇبار قەلبىمىزنى مەڭگۈ ساقلىيالايمىز، ھەتتا ئازراق پاسكىنىچىلىقنىمۇ سېزىۋالالايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەنمۇ ئۆزئارا تەسىر يۇقتۇرالايمىز. 4U hh]/  
z.|[g$F  
                                                مېھرىبانلىق + 2w 
"E@A~ 
     تاغنى قامال قىلىش پەسلىدە تاغنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بىر دورا ماتېرىياللىرى سودىگىرى يۇقىرى باھادا مېھرىگىياھ سېتىۋالماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا – بالا ئۈچەيلەن تاغدىن مېھرىگىياھ  تېپىپ كەلمەكچى بوپتۇ. t&i4kS^y  
   ئەمما تاغدىكى ئەھۋال ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىن كۆپ يامان بولۇپ چىقىپتۇ، ئۈچەيلەن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئاتىسى تاغدىن چۈشۈپ كېلىۋېتىپ ئېغىر ئۈششۈككە دۇچار بوپتۇ، قارلىققا يىقىلىپ چۈشۈپ ھەرقانچە قىلىپمۇ قوپالماپتۇ. ئۇ ئىككى ئوغلىغا كەسكىنلىك بىلەن: EE*|#  
  − مەن بولالمىدىم، سىلەر دەرھال مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ تاغدىن چۈشۈپ كېتىڭلار،  − دەپتۇ. ئوغۇللىرى تەبىئىيلا ئاتىسىنى تاشلاپ كېتەلمەپتۇ، چوڭ ئوغلى كىيىملىرىنى سېلىپ ئاتىسىغا كىيدۈرۈپ قويسا، ئىككىنچى ئوغلى ئاتىسىنى ھاپاش قىلىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپتۇ. M8IU[Pz4  
   ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتىسى نەپەستىن قاپتۇ، چوڭ ئوغلىمۇ توڭلاپ كېتىپ ماڭالماپتۇ. ئۇ ئىنىسىغا توختاپ - توختاپ  مۇنداق دەپتۇ: b2H -D!YO^  
   − قارىغاندا قايتالمايدىغان ئوخشايمىز، دەرھال مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ تاغدىن چۈشۈپ كەت، ئانام، مومام بىزنى ساقلاۋاتىدۇ! @; tM R|p  
   ئىنىسى يىغلاپ تۇرۇپ، بىردەم ئاتىسىنىڭ قېتىپ قالغان گەۋدىسىنى سىيلىسا، بىردەم ئاكىسىنىڭ تېخى ئىسسىقى كېتىپ بولالمىغان قولىدىن تارتىپتۇ، ئاخىر قەتئىيلىك بىلەن ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ ئاكىسىغا كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. {Iz"]Wh 
    ئەتىسى يېزىدىكى كىشىلەر ئۇلارنى تاغدىن ئىزدەپ تاپقىنىدا، ئاتىسىنىڭ ئۇچىسىدا چوڭ ئوغلىنىڭ كىيىمى، چوڭ ئوغلىنىڭ ئۇچىسىدا ئۇكىسىنىڭ كىيىمى، ئۇكىسىنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا بىر قەۋەت يالاڭ كىيىم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار كۆز يېشى قىلقشىپ: \E'z+0  
  − قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت دېسە، ئۇلار ئاتا - بالا ئۈچەيللەننى دېسە بولىدۇ، − دەپتۇ. /A+5q\8G  
   ئەمما بەزىلەر: ^Rtxef  
    − ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككىيلەن ھايات قېلىشى مۈمكىنكەن، بىراق ئۇلار پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇ، − دېگەن گەپنىمۇ قىلىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ مومىسى بىلەن ئانىسىمۇ مۇنداق ئېچىنىشلىق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي دەرد - ئەلەمدە ئۆلۈپ كەتكەنمىش. =sso )/3  
    ئەگەر شۇ چاغدا بىر ئادەمنىڭ جېنىدىن كەچكەن بولسا، تۆت ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئەمما ئۇلار مۇھەببەت ئالدىدا ھەممىدىن ۋاز كەچكەن. IgRi(q^b-  
O`I}Lg]~q  
                                         مۇرەسسە ,M:[GuXD<  
b|*+!v:I>T  
     قاتتىق قار يېغىۋاتقان قىش كۈنى جىمى ئۇچار قاناتلار غايىب بولۇپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار غەزەب بىلەن ھۆركىرەپتۇ. توڭلاپ لاغىلداپ تىترەپ كەتكەن ئوۋچى ئورمانلىقتا غايەت زور بىر ئېيىقنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ مىلتىقىنى ئاۋايلاپقىنە كۆتۈرۈپ، ئېيىقنىڭ كانىيىنى قارىغا ئاپتۇ - دە، زاتۋورنى بېسىشقا تەمشىلىپتۇ. ئېيىق ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوۋچىغا: -zWNQp$  
− جەزمەن ئوق چىقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ − دەپتۇ. f@q.kD21  
   سەل ئەجەپلەنگەن ئوۋچى مىلتىقىڭ ئۇچىنى پەسكە قارىتىپ: ?a*w6,y.  
  − ماڭا سوغۇقتىن ساقلىنىدىغان ئىسسىق بىر ئېيىق جۇۋا كېرەكتى، − دەپتۇ. ,Vl2U"   
  − بولىدىغان گەپ ئىكەن، − دەپتۇ ئېيىق بۇرۇنقىدەك تەمكىنلىك بىلەن، − مېنىڭمۇ باشقا تەلىپىم يوق، قورسىقىمنى تويدۇرساملا بولدى. مۇنداق بولسۇن، بىز يەنە كونكرېتراق سۆزلىشەيلى. pMY7{z  
   شۇنىڭ بىلەن ئوۋچى بىلەن ئېيىق بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىپتۇ، ھەدەپ جېدەللىشىش ئارقىلىق ئاخىر مۇرەسسەگە كېلىپتۇ: ئېيىق ئوۋچىنى يەپ قورسىقىنى تويدۇرۇپتۇ، ھالبۇكى، ئوۋچىمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئېيىقنىڭ قورسىقىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئىسسىق جۇۋىغا ئېرىشىپتۇ... gvPHB+#A  
     شۇڭا، دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە پايدا بېرىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، دائىم بىر تەرەپنىڭ قۇربان بېرىشىنى بەدەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. . l|29{J  
).0p\.W~  
                                   ئۈچ مۈشۈك ۋە بىر ئىت  w%::~]  
hTWZIW@  
   بىر ئاشلىق ئامبىرىدا ئون ئالتە چاشقان ياشايدىكەن. بۇ ئامبارنىڭ خوجايىنى چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۈچ دانە مۈشۈك تېپىپ كېلىپتۇ. mY[*Cj3WJ  
     ئەمما ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۆتۈپ كېتىپتۇ، چاشقانلار يەنە شۇ پېتى تۇرىۋېرىپتۇ. 8k)*f+1o  
    خوجايىن ئەجەبلىنىپ  مۈشۈكلەردىن: wWSw0 H/  
    − سىلەر نېمىشقا چاشقان تۇتمايسىلەر؟ − دەپ سوراپتۇ. I Wm@pfC+g  
  − قانداق تۇتقۇدەكمىز، − دەپتۇ مۈشۈك، − چاشقان ئون ئالتە ئىكەن، بىز ئۈچ ئىكەنمىز، ئۈچ يەردە بەش ئون بەش بولسا، قالغان بىرىنى كىم تۇتىدۇ؟ bK sEXS  
  شۇنىڭ بىلەن قالغان  مۈشۈكلەر بۇ گەپكە قوشۇق ساپتۇ: 5q'b M  
   − شۇنداق ئەمەسمۇ، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا چاشقان تۇتۇش تەسكە چۈشىدۇ. q(WGvl^r  
   شۇ ئارىلىقتا خوجايىنغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىت بىر چاشقاننى كۆرۈپ قېلىپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. UUM:*X  
   مۈشۈكلەر تەنتەنە قىلىپ  سەكرىشىپ، ئىتقا كەينى - كەينىدىن: aIr"!. 4  
  − بەك قالتىس بولدى، ھەقىقەتەن قالتىس بولدى! بۇ قىيىن مەسىلىنى بىزگە ئاسانلا ھەل قىلىپ بەردىڭ ! _ دەپتۇ. ئىت مۈشۈكلەرنىڭ ئۆزىنى ماختاۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھايت - ھۇيت دېگۈچىلا يەنە بىر چاشقاننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. EP<{3f y  
− سېنىڭ بۇ قىلىقىڭ قەستەن چاتاق تېرىپ بەرگەنلىكقۇ؟ _ دەپتۇ ھېساب - كىتابقا ئۇستا ھېلىقى قارا مۈشۈك، − ئۈچ يەردە تۆت ئون ئىككى، يەنە ئىككىسى ئارتۇق بولۇپ قالدى، بۇرۇن بىرلا چاشقان ئارتۇق ئىدى، مانا ئەمدى تېخىمۇ چاتاق بولدى، ئىككىسى ئېشىپ قالدى! x9 t %  
   شۇنىڭ بىلەن ئۈچ مۈشۈك ئىتنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، يەنە ئىككى چاشقان تۇتمىساڭ بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. O3d  Qno  
  خوجايىن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىتنىڭ بېقىنىغا بىرنى تېپىپ: *lu*h&Y  
  − سەن بىرلا چاشقاننى تۇتساڭ بولمىدىمۇ، نېمىشقا يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئىككىنچىسىنى تۇتۇپ يۈرىسەن؟ − دەپتۇ. 7L6^IK  
#,FXc~V  
                                           دوزاخنى تاللاش Oml /;p  
G9#3 |B-?  
     چوڭ بىر ئېلان سودىگىرى ماشىنا ھادىسىسىدە جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ. جەننەتنىڭ قوۋۇقچىسى سان پېتىر ئۇنى توسۇۋېلىپ: n:?a=xY  
− ئالدىرىما، ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ئاندىن تاللا، − دەپتۇ. q1 BpE8  
   پېتىر ئۇنى چوڭ بىر يايلاققا باشلاپ كېلىپتۇ. ئۇ بىرقانچە پەرىزاتنىڭ نەي چېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىرمۇنچە كىشىنىڭ لاغايلاپ، زېرىكىشتىن ئەسنەپ  يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. پېتىر ئۇنىڭغا: q[Ey!h)xq  
  − مانا بۇ جەننەت، ئەمدى ساڭا دوزاخنى كۆرسىتىمىز، − دەپتۇ. _j{)%%?r  
   ئۇلار تولىمۇ شاد - خوراملىققا تولغان بىر سورۇنغا كېلىپتۇ، بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشىنىڭ چىرايىدىن بەخت ۋە خوشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرغۇدەك، ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەدەپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىۋاتقۇدەك. سان پېتىر ئۇنىڭغا: 7C_U:x  
   − مانا بۇ دوزاخ، سەن قايسىسىنى تاللايسەن؟ − دەپتۇ. AT2D+Hi=E  
    بىر ئۆمۈر دەۋر سۈرۈپ كەلگەن بۇ ئېلان سودىگىرى قىلچە ئىككىلەنمەيلا: ;2MdvHhz1  
   − ئەلۋەتتە دوزاخنى، − دەپتۇ. !>+m46A  
   − ياخشى، بۇنى ئۆزۈڭ تاللىدىڭ، − پېتىر شۇنداق دېيىشىگىلا، ئىككى بەتبەشىرە ئالۋاستى بۇ سودىگەرنى سۆرىگىنىچە ياغ قايناۋاتقان قازاننىڭ يېنىغا ئەكېلىپتۇ. w*(1qUF#%  
   سودىگەر ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، ئالاقزادە بولغىنىچە: 41rS0QAM  
  − مەن بايا كۆرگەن دوزاخ بۇنداق ئەمەستىغۇ ! − دەپ  ۋارقىراپتۇ. سان پېتىر: V4W(> g  
− بايا سېنىڭ كۆرگەنلىرىڭ ئېلان، − دەپتۇ. f,3K;S-he:  
D6\k}4n-  
  [ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ] %T;VS-f  
O"RIY3m  

ئەكبەرنىياز 2014-02-11 20:27
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ھىكايەتلەر ئىكەن ، ئايزىبانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! HLq2a vs\  
بولۇپمۇ ، مېھرىبانلىق دېگەن ھىكايەتنى ئوقۇپ باشقىچىلا بولۇپ قالدىم . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ قىلغىنى ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەرى باشقىلار ئويلىغاندەك قىلىپ ، باشقاقېرىنداشلىرىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا ھەقىقەتەن ساق قالاتتى ، ئەمما بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىپ ، ئازابلىنىپ ئۆتەتتى . ھىكايەتنىڭ خۇلاسىسىمۇ بەك ياخشى چىقىرىلىپتۇ . مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ئاشۇنداق توسالغۇسىز بولۇشى كېرەك !!!

مىېھرىما 2014-02-12 11:49
بۇ ھىكايەتلەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زوركەن .رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-02-12 12:25
ئايزىبانىڭ مۇشۇنداق يوللانمىلىرى نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى بىلۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى . رەھمەت .

32094 2014-02-14 16:18
رھمەت كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز.

2433 2014-03-02 16:36
ياخشى ئەۋەتىپسىز . رەھمەت


查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (  16 ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled