查看完整版本: [-- قارا خان: توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلغان لەتىپىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> قارا خان: توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلغان لەتىپىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-02-11 12:47

قارا خان: توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلغان لەتىپىلەر

                                        بۇمۇ بىر خىل چۈشەنچە -P6Z[ V%  
   بىر ئاخشام كونسىرت كۆرسە، مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالارمىش.  
   ئويۇندا بىرەر قېتىم رولغا چىقسا، سەنئەتكار بولۇپ قالارمىش، بىرەر قېتىم تاغ ئۈستىگە چىقسا، دۇنيانى بويسۇندۇرغان بولۇپ قالارمىش. بىرەر قېتىم دوكلات ئاڭلىسا، سىياسىي سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولارمىش. Fp&tJ]=B.  
   بىرەر خىيانەتچىنى ئاشكارىلىسا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچى زور بولغان بولارمىش. \=qZ),bU@  
  بىرەر قېتىم تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى بىلدۈرەرمىش. |Vo{ {)  
*'cyFu$  
yz<$?G blz  
                                           زادى كىم ئىشىنىدۇ؟ 8-"D.b4  
   يېقىندا ۋىلايىتىمىزگە ئامەت كېلىپ، بىر نەپەر «خەلق ئىشىنىدىغان خىزمەتچى» بارلىققا كەپتۇ. ئۇ بېيجىڭغا مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەنگىلى بارىدىكەن. 3}}8 ukq  
   ئاڭلىشىمىزچە، بۇنداق شان-شەرەپ پۈتۈن رايۇن بويىچە ئاران ئىككىلا ئادەمگە نېسىپ بولىدىكەن.  X`20=x  
   مەن ئەنە شۇ «خەلق» نىڭ بىرسىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بىر تۇغقىنىم خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بىزنىڭ ھېچقايسىمىزغا بىرەر ئادەمنى «خەلق ئىشىنىدىغان خىزمەتچى» دەپ نامزات كۆرسىتىش، سايلاش ياكى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش نىسىپ بولغان ئەمەس. گېزىتلەردىنمۇ پىكىر ئېلىش ئېلانلىرىنى كۆرگىنىمىز يوق. [XhG7Ly  
   ئۇ زادى «رەھبەر ئىشىنىدۇ» غان خىزمەتچىمۇ ياكى «خەلق ئىشىنىدۇ» غان خىزمەتچىمۇ؟ 2~l+2..  
\1O wZ@  
V-(*{/^"  
                                              غەلىتە چۈش Iqci}G%r  
   بەزىلەر پىرىنسىپال سۆزلەرنى، «ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپ » لەرنى، قۇرۇق گەپنى، لاپ ئۇرۇشنى، پو ئېتىشنى، يوغان گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي مەمەدانلىق قىلىشقا ئۇستا بولۇشنى ئىنقىلابىيلىشىش دەيدىكەن. =q(?ALGc  
   يېزا-بازار كادىرلىرى ئىچىدە ئاسپىرانتلىق دىپلومى ئالغانلار 10 يىلغا قالماي ئومۇملىشارمىش، بەزىلەر بۇنى «ئىلىم-بىلىملىشىش» دەيدىكەن. 1k]L,C X  
   نەۋرە-چەۋرىلىرىنى ئەمەلگە قويۇش يېشى بارغانسىرى كىچىكلەۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇنى «ياشلاشتۇرۇش» دەيدىكەن. {oS/Xa  
   بەزىلەر ئەمەلدارلىق قىلىشنى مەخسۇس كەسىپ دەپ چۈشىنىدىكەن ۋە بۇنى «ئىختىساسلىشىش» دەيدىكەن.   
azzG  
kRr/x-"  
                                  جۇڭگۇنىڭ «ئەڭ» لىرى },{sJ0To  
   جۇڭگۇدا ئاشلىق ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، ئادەم نوپۇسىمۇ ئەڭ كۆپ. njaKU?6%d2  
   جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ھازىرقى كۈندە ساۋاتسىز ئادەملىرىمۇ ئەڭ كۆپ. B6j/"x6N15  
   جۇڭگۇدا قىممەتلىك ياۋايى جانلىقلارنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ، شۇنداق كەم تېپىلىدىغان ئېتىبارلىق ئۇچار-قاناتلارنى، جان-جانىۋارلارنى تائام قىلىپ يەيدىغانلارمۇ ئەڭ كۆپ. gb4$W@N7V  
   جۇڭگۇدا ئادەم بېشىغا ئۇتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان ماددىي بايلىق ئەڭ ئاز، ئەسراپچىلىق ئەڭ كۆپ. x+TdTe;p  
   جۇڭگۇدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى جەننەتكە ئوخشىتىپ تەسۋىرلەيدىغان كىلاسسىك شېئىر-داستانلار ئەڭ كۆپ، ھازىرقى كۈندە شۇ مەنزىرىلەرنى بۇلغايدىغان قىلىقلارمۇ ئەڭ كۆپ. ~Q#! oh'i  
Dc* H:x;  
l D->1=z  
                                     خەلق ھەققىدە Z4:^#98c.  
   مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا سىنىپىي كۆرەش قاتتىق بولدى، «نۇرغۇن خەلق» باشقا دەپتەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن «نۇرغۇن خەلق» نى «سىنىپىي دۈشمەن» قاتارىغا چىقىرىپ كۆرەشكە تارتىپ، سانسىز ناھەق، ياسىما، ساختا دىلولارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھوقۇقنى خەلق بەرگەن، دىيىلىۋاتىدۇ. لېكىن بەزى ئەمەلدارلار «خەلق» نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ھوقۇق باشلىقىغا مەنسەپكە تەيىنلىگەنلىكىدىن كەلگەن دەپلا چۈشىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پارا بېرىدىغان ، پارا ئالىدىغان ئىشلار قۇرۇمايۋاتىدۇ. چوڭ-چوڭ پارىخور-خىيانەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋاتىدۇ. .S1MxZhbP  
15En$6>  
~g%Ht# <  
                                      كۆيۈنۈش قانداق بولىدۇ $RB p!7  
   بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىسى:« بۈگۈن مۇئەللىمىڭدىن نەچچە ئەھمىيەتلىك سۇئال سورىدىڭ» دەپ سورايدىكەن. -E3cS  
   جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانا بولسا :« بۈگۈن ئىمتىھاندا نەچچە 100 نومۇر ئالدىڭ؟» دەپ سورايدىكەن. T@`Al('  
   نومۇرنىڭ ئۆزى قابىلىيەت دېگەن سۆز ئەمەس. نەتىجىنىڭ ئۆزى ھەممىگىلا دال بولىۋەرمەيدۇ. لېكىن جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار «نومۇر»، «نەتىجە» ئۈستىدىلا باش قاتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ باش قاتۇرۇش ئىقتىدارى شۇنداق كۆيۈنۈش داۋامىدا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ ۋە بالىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يىگىلەپ كېتىدۇ. I 
j:>0XP  
#0Uz1 [  
                                      قايسىسى ئەۋزەل؟ )FmIL(v u  
   فىرانسىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىقتىدارى ئاجىز ياكى يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىيىتى يوق ئۇقۇغۇچىلار بالدۇرلا ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشقا كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقىتىۋېتىلىدىكەن.  دېمەك فىرانسىيەنىڭ مائارىپ سېستىمىسى ھەممىلا ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپكە يەنى بۇ بىردىنبىر قورغانغا ھۇجۇم قىلىشقا زورلىمايدىكەن. : bi(mX7t  
   لېكىن بىزدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا ھەممىلا ئوقۇغۇچى قارا-قويۇقلا قىيىن داۋانغا ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن فىرانسىيەدە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش بىلەنلا جەمئىيەتكە يارايدىغان ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. 4*9t:D|}  
pq\N 2d  
W'f"kM  
                                  چىقىشالمايدىكەن  ^u#iz  
   يەلپۈگۈچ توك شامالدۇرغۇچ بىلەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن چىقىشالمايدىكەن، چۈنكى بۇ توك سايمانلار ئۇنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا زامىن بوپتۇمىش. Pa+_{9  
   شام ئېلىكتىر لامپۇچكىسىنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتىمەن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ، چۈنكى ئېلىكتىر لامپۇچكىسى ئۇنىڭ يەۋاتقان ئېشىغا توپا چېچىپتۇ. q_ryW$/_  
   ھېساب چوتى كومپىيوتېرغا زادىلا قايىل ئەمەس ئىكەن. توك توختىغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشماي قويمايمەن دەپ خەپلەپ يۈرىدىكەن. $o;c:Kh$$  
^c >Bh[  
vceD/N8  
                                 بۇ تەقدىردىنمۇ؟ ~Hv >^u Mh  
   بىر سەتەڭ قىزنىڭ يىگىتى: H?a $o(  
-دادامنىڭ بىر نەچچە مىليۇن پۇلى بار، ۋاقتى كېلىپ ئۆلۈپ كەتسە، شۇ پۇل ماڭا قالىدۇ،-دەپ قىزغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. *}';q`u }  
   -دادىڭىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىرگەندۇ؟- دەپ سوراپتۇ قىز. CY{!BV'  
   -بۇ يىل 49ياش .-دەپتۇ يىگىت. : i r3u  
   قىز مېيىقىدا كۈلۈپ كېتىپ قاپتۇ. GvgTbCxnN  
   شۇ قىز بىر ئاي ئۆتمەيلا ھېلىقى يىگىتكە ئۆگەي ئانا بولۇپ قاپتۇ. E i>GhvRM  
GG<0k\RN  
s3yGL  
                                 سەنئەتنى ياخشى كۆرسە jb,a>9 ]p  
   XXئەپەندى گېزىتنىڭ ئېلان بەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن، غاچچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، يېنىدا ئولتۇرغان سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىگە: +>;Ux1'@  
   -سىىلەر سەنئەتچىلەرنىڭ نەتىجەڭلار قالتىس ئىكەنغۇ!-دەپتۇ. r79 P|)\  
   -يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دوكلات ئويۇنى قويىمىز، ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرىمىز، كونسىرىت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرىمىز، يەنە تېخى گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى ئاچىمىز دەپ ھالىمىز قالمىدى،-دەپ سۆزلەپ كېتىپتۇ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كەمتەرلىك بىلەن ھالىنى ئېيتىپ،-نەتىجىمىز بار دېگىلى بولماس، لېكىن جاپا چەكمەي قالمىدۇق. [g 
   -ياق، مەن ماۋۇ گەپنى قىلىۋاتىمەن، -دەپتۇ XX ئەپەندى گېزىتتىكى ئېلانلارنى كۆرسىتىپ،-مانا قاراڭ، يىگىت-قىزلارنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىزلەپ چىقارغان ئېلانلىرىدا ھەممىسى «سەنئەتكە ھەۋەس قىلىدىغان بولسۇن» دېگەن شەرتى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. =uNc\a(  
@lWNSf  
((#BU=0iK  
قەدرىگە يەتمىسە z;e@m2.IM  
   بەزىدە ئادەم قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلسا، ھەر قانداق چارە تەدبىرلەر بىلەن تىرىشىدۇ، لېكىن قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ئانچە قەدىرلەپ كەتمەيدۇ، ئەگەر «ئىنقىلاپچى» شۇنداق قىلىدىغان بولسا، پۇقرا دەرد تارتىدۇ. J%xUO1  
lX2:8$?X  
~}d\sQF .  
مەنبە: توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن «ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس (1) »دىن ئېلىندى. yS4VgP'W  

مىېھرىما 2014-02-11 20:27
باك ياخشى تىمىكەن شۇنداق ياخشى ھوزۇرلاندىم سىزگە رەھمەت .قوللىرىڭىز دەت كۆرمىسۇن.

ئەكبەرنىياز 2014-02-11 23:32
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەرلەركەن . بۇ كىتابنى چوقۇم بىر ئوقۇپ چىقساق بولغۇدەك دوستلار !!! 0"c(n0L  
قاراخان مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن !!!

سەئىدىيە 2014-02-14 19:12
نىمدىگەن ئېسىل لەتىپىلەر- بۇ ! بىر - بىردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ئىكەن . )^Md  ^\?  
/A%31WE&1  
بولۇپمۇ ، ھېلىقى ‹‹ ئۈگەي ئانا ›› بولۇپ قالغىنى . 2?9gf,U  
OQby=}A  
قىزلىرىمىزنىڭ  كۆڭلىگە ئۇلۇغ ئاللادىن ئىنساپ ۋ ئىمان تىلەيمەن !

ياسىنجان510 2014-02-15 13:35
بۇتېمىنى ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم،مۇشۇنداق تېمىلارنى بەك ياقتۇرىمەن.

tawpek 2014-02-15 21:26
كۆپ تەشەككۇر،   ch:0qgJ  
p?4h2`P  
Kx5VR4f`J@  
تېما  يوللاشتا  مۇشۇنداق  بېزەكلەرنى ئىشلەتسە ھەقىقەتەن كۆركەن بولاتتى. `]l*H3+hg  
RS1c+]rr  
 N'e3<  
ئوتتورغا توغۇرلىسىڭىز ............. !&8HA   
t"L-9kCM  
مەخسۇس  بىزەك  رەسىملەر  قانىلى  قىلسام بولغۇدەك.


查看完整版本: [-- قارا خان: توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلغان لەتىپىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled