查看完整版本: [-- ئۇلۇغبەگ   (دەرىس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> ئۇلۇغبەگ   (دەرىس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-02-10 16:33

ئۇلۇغبەگ   (دەرىس تېكىستى)

  ئۇلۇغبەگ (دەرىس تېكىستى) 5*$z4O:Aa  
7b kh")^  
\3j4=K'nE  
  دۆلەت پانا مىرزا  ئۇلۇغبەگ  كۆرەگانانى  رەسەتخانىنىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى كۇتۇپخانىغا چىقتى -دە ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى . ئافراىسىياپ قەلئەسىنىڭ شىمالى ئۇدۇلىدىكى  دۆڭگە جايلاشقان  رەسەتخانىدىن پايتەخىت سەمەرقەندنىڭ ئومۇمى مەنزىرىسىنى كۆرگەىلى بولاتتى .ئۇ چوڭقۇر خەندەكلەر بىلەن ئورالغان كۆك ساراينىڭ كۈنگۈرلۈك تاملىرى، تام ئارقىسىدىكى چوڭ-كىچىك ساراي گۈمبەزلىرى ، ئاسمانغا بوي تارتقان مۇنارلىرىغا خىيالچان تىكىلدى ۋە  مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى . 40 يىلغا يېقىن سەلتەنەت ھاياتى ئۇنى چارچىتىپ قويغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ مىسرەڭ ، سوزۇنچاق يۈزىدىكى سۇلغۇنلۇق ، كەڭ پىشانىسىدىكى ۋە سەل ئىلمەك بۇرنىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قورۇقلار  قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى مەغرۇر كۆزلەر بىلەن بىرلەشكەن ھالدا رىيازەتلىك ،قەتتئى بىر ھاياتتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى .رەتلىك چار ساقاللىرى ئۇنىڭ تۆمىرىيلەرگە خاس بىجىرىم قامىتىدىن كەلگەن سۆلىتىگە ئۆزگىچە بىر سالاپەت بېغىشلىغان ئىدى . ئۇ قىلىچ بىلەن قەلەمنى تەڭ تۇتقان يوغان قوللىرى بىلەن ساقاللىرىنى پات-پات سىپاپ قوياتتى  .  يىراقتىكى يېشىل باغلار  ، ئۇپۇققا تۇتۇشۇپ كەتكەن قىرلار نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ مەيلىنى تارتاتتى . سەييارىلەر بىلەن تولغان كائىنات ، رەڭدار تەبىئەت ، مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قىرلار ۋە ئېدىرلار كىشىگە ئارام بەخىشى ھىكمەت لەززىتىنى بېرىدۇ يۇ، نېمىشقا سەلتەنەت ، تاجۇ-تەخىت دېگەن نەرسىلەر كىشىگە شۇنچە بىئاراملىق ئەكېلىدۇ؟ شاھلار ھاياتى ئۇلار بەرپا قىلغان ھەشەمەتلىك  ئىمارەتلەرگە  ئوخشايدۇ ، ئۇ يىراقتىن ۋالىلداپ كۆزنى  قاماشتۇرىدۇ، لىكىن ئىچىگە كىرسە زەي  ھەم قاراڭغۇلۇقتىن تەن سىقىرايدۇ .  ئەلۋەتتە ، ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ پاتىشاھى بولمىسا ، ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ ؛ ئۇنىڭ غېمىنى يەيدىغان ، قىلىچتىن  قاننداق ۋاقىتتا قان تېمىتىشنى ،  قانداق ۋاقىتتا  گۈل ئېچىلدۇرۇشنى بىلىدىغان شاھ بولىشى كېرەك  ،  بۇنداق شاھ ئەل بېشىغا سايىۋەندۇر  ، بىر  ئەل شۇ تۇپەيلى ئىللەتتىن ، خار ۋە  زەبۇنلۇقتىن خالى بولىدۇ ؛ ئاۋامنىڭ كۆپلىرى نادان بولغاچقا  ، سېنىڭ ھىكمەت-پەزلىڭگە ئەمەس  ، تاجۇئەمىلىڭگە  ساداقەتمەنلىك ئىزھار قىلىدۇ  .  دېمەك ، قىلىچنىڭ دەستىنى تۇتقان قولنىڭ ياخشىلىقى قىلىچنىڭ ئۇچىدىن ئايان بولىشى كېرەك ، دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ . `SYq/6$VEH  
    مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ھاياتىنى پىتنە-پاساتقا تولغان كۆكساراي بىلەن رەسەتخانا  ئوتتۇرسىدا ئۆتتى دىيىشكە بولاتتى .ئۇنىڭ رەسەتخانىدا ئۆتكەن سائەتلىرى كۆڭۈللۈك ۋە مەنىلىك بىلىنەتتى. ئۇ ئويۇقلارغا تىزىلغان كىتاپلارغا  ،  ئاتا - بوۋىسى  ۋە  ئۆزى  تا ھازىرغا قەدەر يىغدۇرۇپ غاقلاپ كەلگەن  ئېسىل قول يازمىلارغا سەپ سالدى . ئۇ  ئەبۇ رەيھان برونى ، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا  ،  مەھمۇدقەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەل خارەزمىنىڭ  كۆك ، قىزىل ۋە سېرىق خۇرۇمدا مۇقاۋىلانغان نادىر كىتاپنى قولغا ئېلىپ ، كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقتى . بەزى سەھىپىلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى  ئۇزاق  جەلىپ قىلاتتى  ، بەزى قۇرلارنى بولسا تەكرار ئوقۇپ قوياتتى .  ئۇ ئۇستازى قازىزادە  رۇمنىڭ  «رىيازىيات»  ناملىق ئەسىرىنى ۋاراقلاپ  ، خېلى ئۇزاق تۇردى  . چىگىش تۈگۈنلەر ئۇنى ئەسىر قىلدىمۇ ياكى  ئوردا ئىشلىرى ئۇنىڭ پىكرىنى چاشتىمۇ -  قانداق ، لام - جىم  دېمەي چىقىپ كەتتى  . باياتىندىن بېرى  ئۇستازىنىڭ ھەركىتىنى ئىنچىكە كۈزۈتۈپ تۇرغان مەۋلانە  ئەلى ئىبنى مۇھاممەد قۇشچى تەئەجۈپلەنگەن ھالدا ئۇنى ئۇزۇتىپ قالدى . DEKO] i  
xa%2w]  
0 aiE0b9c  
                               *                                 *                                       *                                         *                                      *                                         YoRD9M~iG~  
0kld77tn 2  
       شاھزادە ئابدۇللېتىپنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قارشى  لەشكىرى يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى  مىش - مىش گەپلەر سەمەرقەند  كوچۇللىرىدا خۇپىيانە تارقىلىشقا  باشلىدى  .  پايتەخىتتە پەيدا بولغان پىتنە - پاساتلار كىشىلەردە ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلاتتى . پاتىشاھ ئۇلۇغبەگ ئۆز پۇشتىدىن كېلىۋاتقان خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بەنت ئىدى  . بىر  خىيال ئەلەم ئۇنىڭ  غوروردىن پۇتكەن  روھىنى ئۆرتەيتى . %0Ke4c  
      مەۋلانە ئەلى قۇشچى شاھنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا  كېتىپ باراتتى . كېچە قوينىدىكى شەھەر بۆلەكچىلا سۈرلۈك ئىدى . كىشىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ئەلپازىدىن  سوغۇقچىلىق ھەم جىددىلىك چىقىپ تۇراتتى .  « ئۇلۇغبەگ مەدىرىسەسى»  نىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، مەدىرىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى خانىقادىن سوپى - ئىشانلارنىڭ  زىكرىللىرى ئاڭلاندى  : BQ77 n2(@  
                                                                                                پانى دۇنيا دىگەنلەر ، EcmyY,w  
                                                                                                تەقۋانى تەرىك ئەتكەنلەر. .&c!k1kH  
                                                                                                ھەمدۇ سانا دېمەستىن w^*jhvV%kW  
                                                                                                كەيىپ-ساپا سۈرگەنلەر . *4zVK/FJ  
                                                                                                ھەق دوست  ، يائاللا! Ej1 [ry  
       ئەلى قۇشچىنىڭ ۋۇجۇدى يۇقرى ئاۋازلاردىن  تېخىمۇ مۇزلاپ  كەتكەندەك تۇيۇلدى . ئەتراپتىكى دەل - دەرەخلەر شىۋېرغان دەستىدىن يالىڭاچلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلغان ئەلى قۇشچىنىڭ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى . دىمىسىمۇ بۇ ئاي  ، بۇ كۈنلەردە ئەبەيدۇللا خوجى ئەھرارغا ئوخشاش  ئىشلارنىڭ ئەگەشكۈچۈللىرى  كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى .  ھەتتا شاەزەدە ئابدۇللىتىپنىڭمۇ .ئايشۇ ئىشلارغا قول بېرىپ ، مۇرت بولغانلىقى ھەققىدە گەپلەرمۇ بار ئىدى  . ئۇلار ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىغا  تۆھمەت قىلىشاتتى . KG #|Cq  
          سارايۋەن  ئەلى قۇشچىنى  سارايغا باشلاپ قويۇپ چىقىپ  كەتتى .ئالتۇن قەندەللەردە شاملار يېنىپ تۇراتتى  ، يەردىكى تۈرۈكمەن ۋە خوتەن گىلەملىرى شام يۇرقىدا تېخىمۇ پۇزۇر كۆرىنەتتى .تاملارغا شاھنىڭ زەر غىلاپلىق قىلىچى ۋە ئوۋ بوتۇملىرى ئېسىلغان ئىدى . ئۇدۇلدىكى قەسىردىن پاتىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ كەسكىن تەلەپپۇزدىكى سۆزلىرى غۇۋا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . قارغاندا شاھزادىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى  ھەربى كەڭىش بولۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەمىرلەر ،  دىۋان بەگلىرى ، ساراي مەھرەملىرى تارقاپ چىقىشتى  . ئۇلار ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ساراي ئىچى  جىمجىتلىققا چۆمدى . ئازراق ئۆتكەندىن كىيىن  ، زەرباب تون يېپىنغان پاتىشاھ ھەزرەتلىرى چىقىپ كەلدى ۋە شاگىرتىغا مىھىرى  بىلەن سەپ سالدى . e<^tY0rR&  
   - بەلكىم ، خەۋىرىڭ باردۇر ، -  دېدى شاھ بىردىنلا چىرايى جىددى تۈس ئېلىپ ، -  ئابدۇللىتىپنىڭ قارا بۇلۇتلىرى سەمەرقەند ئاسمىنىغىمۇ يىتىپ كېلەي دېدى ... D0QXvrf  
   - خەۋىرىم بار ئۇستاز  . CRWO R pP  
   -شاھزادە ئابدۇللىتىپنىڭ خۇي -پەيلى ماڭا ئايان ، ئۆز ئوغلىدىن زەخمەت يېتىش كىشىگە ئەلەم قىلىدۇ . مەن تەختىمنىڭ قولىدىن كېتىشىدىن ئەمەس بەلكى ، رەسەتخانام ،كۈتۈپخانام ، ئەتىۋارلاپ يىغىپ كەلگەن  قول يازمىللىرىمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى جاھىللارنىڭ قولىدا بەربات بولىشىدىن ئەنسىرەيمەن . ئۇلارنى ئاسراپ قېلىش ساڭا تەئەللۇق ئىش بولۇپ قالدى . ئېسىڭدە بولسۇنكى  ، بۇ خەتەرلىك  ئىش ! CSU>nIE0  
      -  بىلىمەن ، ئۇستاز . v *:m|wl  
      -  قېنى ، كەينىمدىن ماڭ . )KRO=~Y  
      مىرزا ئۇلۇغبەگ  تەخىتنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، تامدىكى قارامتۇل يىپەك پەردىنى ئاشتى ، كىچىك بىر ئىشىك كۆرۇندى . ئۇلار ئىشىكنى ئېچىپ ، شام ياندۇرۇپ ئىچكىرلەپ كىردى . قاتمۇ  - قات زەي خانىلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن يوغان بىر ساندۇقنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئۇلار ساندۇقنىڭ ئقاپقىقىنى تەستە ئاشتى . ساندۇق ئالتۇن ۋە ھەرخىل ئۈنچە - مارجانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى . kd \G>  
       -بۇنى بوۋام ئەمىر تۆمۈر باغداد ۋە قاھىرە خەزىنىللىرىدىن ئېلىپ كەلگەن . سەن ئۈچۈن بۇ بايلىق ئەمەس . لىكىن ، ئۇ مەن تاپشۇرغان بايلىقلارنى قوغداپ قېلىشىڭدا ئەسقاتىدۇ  ، - دېدى مىرزا ئۇلۇغبەگ ۋە ، - ئال بۇلاردىن ، - دەپ ئەلى قۇشچىغا كۆن خالتىنى تۇتقۇزدى  . ئەلى قۇشچى ئالتۇن ، ئۈنچە - ياقۇتلاردىن ئۇستازىنىڭ دىگىنىچە ئالدى . . ~|^du 
     - رەسەتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى كىتاپلارنىڭ تەقدىرى سېنىڭ قولۇڭدا ، ئۇ پۈتۈن ئنسانىيەتنىڭ بايلىقى . پەلەك مېنى ئاجىز قىلىپ  ، سەلتەنەت قولدىن كەتسە ، خۇراپات ئەۋىج ئالىدۇ . سېنىڭ ۋەزىپەڭ تولىمۇ مۈشكۈل  ، - دېدى ئۇلۇغبەگ ئۆز شاگىرتىغا تاپىلاپ . w#b~R^U  
     - چۈشەندىم ، -  دېدى ئەلى قۇشچى . DTIy/  
d&'6l"${  
                                                                     *                   *                    * \aW5V:?  
jY?%LY@5I  
      « كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئېزىز ماكاندا  ئۆزۈمنىڭ پۇشتىغا تۇتقۇن بولدۇم ، بۇ ماڭا نى دەرت  نى ئەلەم  ! »  دېدى ئۇلۇغبەگ زەردە بىلەن ئۆز - ئۆزىگە  ، ئۇ ئالدىدىكى غىزا ۋە شەربەتلەردە زەھەر بار سەپ گۇمانلىنىپ  ، ئېغىزىغا ئالمىدى  . ئۇ ئۆيدە ئۇياقتىن  - بۇياققا ماڭاتتى  . ئۇ تۇڭلۇكتىن ئاسمانغا قارىدى  . vRY4N{v(<  
      - ئەي ، يۇلتۇزلار  ، بەلكىم ، سىلەرنىڭ سىرىڭلارنى بىلگىلى بولار  ، لېكىن ئادەم بالىسىنىڭ سىرىنى بىلمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس  ، - دېدى ئۇ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ . |]]fcJOBP  
      توساتتىن ياساۋۇلنىڭ كىرىپ كېلىشى مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ خىيالىنى بۆلدى . ياساۋۇل تەزىم قىلدى ۋە گەپ - سۆز قىلمايلا ئىشىكنى ئىشارەت قىلىپ  كۆرسەتتى  . ياساۋۇلنىڭ تەكەللۇپسىزلىقى ئۇلۇغبەگنىڭ كۆڭلىگە يەنىلا سىغىپ كەتتى . ئۇ سالامخانىغا كىردى  ۋە تۆردە تەسۋى سىرىپ ئولتۇرغان شەيىخ نىزامىدىننى  ، ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئىشانلارنى كۆردى . ?4~lA L1  
     گۇناھكار مۇھەممەد تاراغاي... -  دېدى شەيىخ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ  . ئۇ بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولۋىدى  ، مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ تاشلىدى : |F=^Cu,  
     -   شاھزادە  قېنى ؟   >ab=LDoM  
     -  ئۇ سەندەك دەھرى شاھ  بىلەن كۆرۇشمەيدۇ . rj5:Y QEH;  
     -  كىمنىڭ دەھرىلىكى ۋە ئازغۇنلىقى قىيامەت كۈنى ئايرىلىدۇ . D6m>>&E['  
    -  بولدى بەس بۇيەر مۇنازىرە سورىنى ئەمەس  . {oZ]1Qf_  
    -  ئىلىمدىن خەۋىرى يوق سەندەك ئاسىيلارنىڭ قولىدىن مۇنازىرلىشىش كەلمەيدۇ . ئاتسى بىلەن بالىسىنى زىددىيەتلەشتۈرۈپ ، ئەلگە خاتىرجەمسىزلىك سېلىش ئېغىر گۇناھ ئەمەسمۇ !؟ qy]-YJZ  
    -  ھەي تەكەببۇر بەندە ! - دەپ توۋلىدى شەيىخ ئاۋازى بوغۇلۇپ ،- يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىمەن دەپ شەرىئەتتىن تايدىڭ  ، ئاياللارنىمۇ ئوقۇتىمەن دەپ ھاياسىز قىلىۋەتتىڭ . D;E&;vP6%  
    - ئىلىم ئۈگۈنىش ھەر بىر ئەر - ئايالغا ئوخشاشلا پەرىزدۇر  ، دېگەن سۆزنى ئۇنىتتىڭمۇ ؟ bd9c/>&  
    شەيىخ  بوغۇلۇپ ،جىمىپ قالدى . ئارنى سۇرلۈك سۈكۈت باستى . مىرزا ئۇلۇغبەگ ئالدىغا مېڭىپ ، بىر ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى زەردە بىلەن تارتتى . ئىشان ئەبەيدۇللا خوجا  ئەھرارنى ھەمرا قىلىپ ئولتۇرغان  شاھزادە  داڭ قېتىپ قالدى . g$97"d'  
    مەن سەن بىلەن تەنھا سۆزلەشمەكچىمەن  ، - دېدى مىرزا ئۇلۇغبەگ ئەپسىزلىنىپ ئولتۇرغان ئوغلىغا تىكىلىپ . #-`lLI:w0  
    ئىشان ئۈن - تىنسىز ھالدا چىقىپ كەتتى . r3-3*_  
-  سەن ئۆز ئاتاڭنى بۇيەردىن قوغلاشنى نىيەت قىپسەن ...ئۇنىڭدىن كۆرە مېنى قەتلى قىلغىنىڭ تۈزۈك ، - دېدى مىرزا ئۇلۇغبەگ  . wVVe L$28  
   ئابدۇللىتىپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ جىم ئولتۇردى . : )z_q!$j  
   - ئوغلۇم ! - دەپ چاقىردى مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭغا قاراپ .  شاھزادە جاۋابەن : 7PMZt$n  
   - كەچۈرگەيسىز ئاتا  ، مەن ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىنى يىرالمايمەن  ، -  دېدى . RD4)NN6y5}  
   - رەسەتخانىغا چېقىلما ! GxkG$B  
   - سىز رەسەتخانا دەپ يۈرۈپ كۇپۇرلىققا يول ئاشتىڭىز  . دەھرىيلەر ماكانى بولغان رەسەتخانىغا ئوت قويىمەن  ، ئوت ! *t_&im%E  
   مىرزا ئۇلۇغبەگ ئوغلىغا تىكىلىپ ، ئەلەملىك كۈلۈمسىرىدى . =T-w.}27O  
   -  مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي ، - دېدى ئۇ بىر پەستىن كىيىن  ، - ئىلىم ئەھلىللىرى قاراڭغۇدا ئادىشىپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن  يۇرۇق مەشئەلدۇر !  مەشئەلنى ئۆچۈرمەكچى بولغان شاھ  ئۆزى قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ . 1@WGbORc*  
I?K0b s+6  
  مەنبە : 1- يىللىق 2- قىسىم دەرىسلىك

ئەكبەرنىياز 2014-02-11 02:28
دەرسلىك تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ، ھەر بىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەتلەنگەن بارماقلىرىڭىزغا يەنىمۇ غەيرەت ۋە قۇۋۋەتلەر يار بولغاي مېھرىما !!! سىزدەك تىرىشچان ، مىننەتسىز ئەجر قىلغۇچىلارلا بولىدىكەن ، بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز قىيىنچىلىق تارتىپ قالمايمىز ، داۋاملىق ئالغا !!!

قاراخان 2014-02-11 11:25
مېھرىما، بەك ئېسىل ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز جۇمۇ، ئەجرىڭىز ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.

قاراخان 2014-02-11 11:27
مانا بۇ بۇ دەرستىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات: O[)]dD&'  
/bbs/read.php?tid=11154  }m%?&c  

قاراخان 2014-02-11 11:29
مانا بۇلار بۇ دەرسنىڭ دىتاللىرى: .vN%UNu  
/bbs/read.php?tid=9577 b+IOh|  
O xT}I  
]bTz b u@  
/bbs/read.php?tid=8727 m!5HRjOO  
F1gt3 a e  
GS ;HtUQ  
/bbs/read.php?tid=5999 |*^8~u3J"  
e9CP802#2  
n1QEu"~Zj  
/bbs/read.php?tid=2441 3ty4D2y  
z,pNb%*O  
w &p~0cA~  

قاراخان 2014-02-11 11:31
مانا بۇلار بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقلىرى: 'r\ 4}Ik  
/bbs/read.php?tid=8934 U9 #w  
p}u ncIod  
8f|98T"  
/bbs/read.php?tid=4821 M*w'1fT  
@ &pqt6/t  
3@_Elu  
/bbs/read.php?tid=2208 DN_W.o  
zU&L.+   
\F{:5,Du)  
/bbs/read.php?tid=2143 ^nNitF  
MjD75hIZ  
0^3+P%(o@  
/bbs/read.php?tid=1829

قاراخان 2014-02-11 11:32
مانا بۇلار مەشھۇر ئاستىرونوم ئۇلۇغبەگكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار: 3?n>yS  
/bbs/read.php?tid=2786 uxaYCa?  
67SV~L#%O  
/bbs/read.php?tid=2787 #~O b)q|  
qMt++*Ls  
/bbs/read.php?tid=2788 jh2t9SI~  
,JU@|`  

گۈلنىھال 2014-02-11 11:40
ئەجىر ئۇنتۇلماس ! كاتتا ئىش بولۋاتىدۇ جۇمۇ !!! H- $)3"K  
/HaHH.e  
  رەھمەت .

گۈلنىھال 2014-02-11 11:40
ئەجىر ئۇنتۇلماس ! كاتتا ئىش بولۋاتىدۇ جۇمۇ !!! rogT~G}q  
32`{7a3!=  
  رەھمەت .

مىېھرىما 2014-02-11 12:09
ئەكبەرنىياز:دەرسلىك تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ، ھەر بىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەتلەنگەن بارماقلىرىڭىزغا يەنىمۇ غەيرەت ۋە  .. (2014-02-11 02:28) 
iU$] {c2;A  
سىزگە رەھمەت ئۇستاز .سىزنىڭ سۆزىڭىز بىلەن مانا بىركۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ بىر دەرىسنىڭ تېكىستىنى ئاران يوللىيالىدىم. ئالقىشلىرىڭىزغا رەھمەت .

مىېھرىما 2014-02-11 12:10
ئەزىزلىرىمنىڭ قوللاپ تۇرغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن .سىلەرگە رەھمەت!!!!!!!!!

tawpek 2014-02-15 19:16
ئاپىرىن جۇمۇ،  تارىتقان جاپالىرىڭىزنى كومپىيۇتىرغا خەت بىسىپ باققان ئادەملەر تولوق چۈشىنىدۇ. -I*^-+>H  
|L%Z,:yO  
تولىمۇ سۆيۆندۆم سىزدىن،  قارىڭە يوللانمىڭىز بىلەن قاراخاننىڭ ئىنكاسى قوشولوپ بۇ تېمىنى نۇر چاچقۇزۇپتۇ. N4^-`  
wW7eT~w  
/qMG=Z  
بۇندن كىيىن تولوقسىزدىمۇ ماتىرىيالم ئىزدىمەكچى بولساق يوللانغان تېكىسىتلەرنىلا ئاچساق ئىنكاستا باشقا پايدىلانمىللىرىمۇ مۇشۇنداق بار بولسا نىمىدىگەن ياخشى.

مىېھرىما 2014-02-15 20:48
شۇنچىلىك چۈشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت .

ئەلدىيار 2014-03-26 23:57
ئۇستازلارغا رەھمەت

ئارزۇيۇم 2014-06-05 16:17
تېكىستلەردىن پەرچە يوللىساكمۇ بولامدۇ؟

ماتروس 2014-06-23 18:12
بولسا دەرىسلىكتىىكى ئاپتۇرىنىمۇ يېزىپ قويساق بۇلۇپتىكەن ....  


查看完整版本: [-- ئۇلۇغبەگ   (دەرىس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled