查看完整版本: [-- ساغلام  ياشاي دېسىڭىز (3)......... تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ساغلام  ياشاي دېسىڭىز (3)......... تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursungul 2014-02-09 20:18

ساغلام  ياشاي دېسىڭىز (3)......... تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا


   ساغلام ياشاي دېسىڭىز(3)........
توپلىغۇچى :تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا

1.كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىڭ،بۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىغا قان يېتىشمەسلىك كېسىلىڭىز ئۈچۈن ئۆلۈم خارەكتىرلىك توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2.رېماتىزىم،ياكى مۇسكۇل ئاغرىقىغا گىرىپتار بولسىڭىز  ياخشىسى بانان يىمەڭ،چۈنكى بانان بەدەننىڭ بىر قىسىم ئايرىم قىسىملىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ ،ماددا ئايلىنىشنى كەينىگە سۈرۈۋېتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بانان تەركىبىدە قەنت مىقتارى يۇقۇرى بولغاچقا ،ئۇ بەدەندە ۋېتامىننىڭ سەرپىياتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ-دە ،رېماتىزىم ھەم مۇسكۇل ئاغرىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3.ئۆرۈك مېغىزى يەپ بېرىڭ،ئۆرۈك مېغىزى قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ يۇرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.
4.تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بېرىڭ،ئەتىگەن ۋە كەچتە تۇزى تەڭشەلگەن سۇدا ئېغىز چايقاپ بەرسىڭىز بىر مەزگىلدىن كېيىن سوزۇلما خارەكتىرلىك   كاناي ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
5.قىزىلگۈلنى دەملەپ ئىچىپ بېرىڭ،قىزىلگۈلنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ،يەلنى ھەيدەپ،قاننى جانلاندۇرۇش،ھەيىزنى تەڭشەش.مېڭە.يۈرەك ،جىگەر،ئۆپكە،تال،ئاشقازان ،ئۈچەيلەرنى قۇۋەتلەندۈرۈش،قىزىتمىنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە.
6.ھەسەل ئېچىپ بېرىڭ،ھەسەل يۇقۇرى قان بېسىم،نېرۋا ئاجىزلىقى،ئون ئىككى باماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاشتىكى ياخشى يىمەكلىك.
7.يەر ياڭىقىنى ناۋاتنىڭ سۈيى بىلەن نەمدەپ يەڭ،بۇ يۆتەل،كۆكيۆتەل،سوزۇلما خارەكتىرلىك يۆتەللەرگە پايدا قىلىدۇ.توختىمىغان يۆتەلنى توختىتىدۇ.
8.بېلىق يەپ بېرىڭ،ئاياللار بېلىق يېسە،تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ،ئەرلەر بېلىق يېسە،تېخىمۇ ساغلاملىشىدۇ،بالىلار بېلىق يېسە،تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ.بېلىق يېگەن مىللەت گۈللەپ ياشنايدۇ.
9.پىدىگەننى ئىستىمال قىلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،چۈنكى پىدىگەن ئاغرىق پەسەيتىش،سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش،قورساق كۆپۈشنى پەسەيتىش،زەھەر قايتۇرۇش،ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.پىدىگەننى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە يەڭگىل دەرىجىدىكى مېڭىگە قان چۈشۈش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
10.تاتلىقياڭيۇنى يەپ بېرىڭ،تاتلىقياڭيۇ بىر خىل كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلاش يىمەكلىكى،شۇنداقلا ئۇ قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىسىل يىمەكلىك بولۇپلا قالماي،پەمىدۇر،تۇرۇپ،كەرەپشىگەئوخشاشلا راك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
11.سەپەرگە چىققاندا چىش پاستىسىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ،   ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بېشىڭىز ئاغرىش،بېشىڭىز قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە،ئىككى چېكىڭىزگە چىش پاستىسىنى سۇرۇۋالسىڭىز بىئاراملىق يوقايدۇ.
12.تېتىتقۇدىن(ۋېيجىڭ)ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ،ئەگەر چىشىڭىز ئاغرىپ كەتسە،چوكىغا ئازراق تېتىتقۇ يالىتىپ،ئاغرىغان چىشنىڭ ئۈستىگە قويسىڭىز ،ئاغرىق شۇ ھامان قويۇپ بېرىدۇ.
13.كىيىملىرىڭىزگە سېغىز چاپلىشىپ قالسا ئەنسىرەپ كەتمەڭ،يەنى سېغىز چاپلىشىپ قالغان كىيىملىرىڭىزنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا سېلىپ ،توڭلىغان سېغىزنى پىچاق بىلەن قىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
14.باشقىلارنى نامۇۋاپىق تەنقىد قىلماڭ،ئېرىشىدىغىنىڭىز پەقەت ساختا نەتىجە.
15.كۈندە تورغا چىقىش ۋاقتىڭىز تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن،چۈنكى كومپيۇتېر ئەتراپىدىكى چاڭ –تۇزانلارنىڭ زىچلىقى باشقا بوشلۇققا قارىغاندا 100 ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ.
16. ئاشخانىدىكى بۇسقا سەل قارىماڭ،چۈنكى يىمەكلىك يېغى قىزىپ چۈچۈگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان بۇستا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئاسانلا قېرىپ،ئۆپكە راكى،يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى،مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى،ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ.
17.ئاياللار ھەسەتخورلۇقتىن ئمكان بار ساقلىنىڭ،ھەسەتخورلۇق گۇمانخورلۇق،ئاچچىقلىنىش پەيدا قىلىدىغان روھىي كەيپىيات كېسەللىكى ،ھەسەتخورلۇق كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە ۋايىغا يېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇغماسلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
18.قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ كەتسە ،ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ.چۈنكى گېرمانىيىلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزى ئۈچ  كۈندىن ئارتۇق قىزىغان ئادەملەرنىڭ راك كېسەل بىلەن ئاغرىش مۈمكىنچىلىكى  ئازىيىدۇ،دېگەن تەتقىقات خۇلاسىسىگە ئېرىشتى.قەدىمقى زامان دوختۇرلىرىمۇ  قىزىتمىنىڭ كېسەل داۋالاش رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
19. ئېغىزىڭىز سېسىق پۇراپ قالسا،ئۇزاق مۇددەتلىك قەۋزىيەت كېسىلىڭىزنى داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.چۈنكى قەۋزىيەت ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
20.ۋىتامىن B6  نى ياخشى دوست قىلىۋېلىڭ،ئۇ قان تومۇر  قېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەگەر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولسىڭىز جىگەرنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ ياكى ئىستىمال قىلماڭ.
21.زەنجىۋىل يىمىسىڭىز يىيىشكە ئادەتلىنىڭ،ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ئاكتىپ ماددىلار بولۇپ،ئۇنىڭ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچى ۋىتامىن      Eدىن خەلىلا كۈچلۈك .
22.بالىڭىزنى تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېيىشتىن  توسۇڭ،چۈنكى تاتلىق يىمەكلىك بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
23.كۆيۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى يېمەڭ،چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر مۇئەييەن دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ،ئاشقازان راكى ۋە قان راكىنى پەيدا قىلىدۇ.
24.يامغۇر ياغقاندا يامغۇر سەيلىسى قىلىۋېلىڭ،سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىغاندا ،ئاتموسفېرا قاتلىمىدا نۇرغۇن مەنپىي ئىئون ھاسىل بولىدۇ.بۇ مەنپىي ئىئون ئاللىقاچان ‹‹ھاۋانىڭ ۋىتامىنى››دەپ ئاتالغان.يامغۇر سەيلىسى نېرۋا مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ،بەدەندىكى مىكروب ۋە زەھەرلەرنى يوقۇتۇشقا پايدىلىق.شۇنداقلا يامغۇر كىشىدىكى مىسكىنلىكنى يوقۇتۇپ،ھارغىنلىقنى يوق قىلىدۇ.
25.بالىڭىزنى كۆپراق قولىنى ھەركەتلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ،چۈنكى‹‹ قول  مېڭىنىڭ ئۇستازى››،ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئەقىل –پاراسىتى ‹‹بارمىقىنىڭ ئۇچىدا››.بالىلار قول مەشغۇلاتى بىلەن كۆپراق شوغۇللانسا،ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق.
26.سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا  بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ئىچكەن بىر ئىستاكان قايناق سۇ قاننىڭ قويۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ،قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ،قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ،قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ،مېڭىدە قان ئويۇش،ۋە يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
27.تۇزلۇق تاماق يېيىشتىن ساقلىنىڭ،تۇز بەدەندە ساقلىنىپ ئاسانلا قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ ھەتتا ئېغىرلاشتۇرۇپ ،يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
28.تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يوق قىلىڭ،ئىسپاتلىنىشىچە،ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىشى ئۇلارنىڭ ئسپېرمىسىدىكى ئاساسلىق گېنلارنى بۇزىدىكەن ھەتتا بالىلىرىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن.ھەم شۇنداقلا خىزمەتداشلىرى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنى   ئاسانلا  ئاق قان كېسىلىگە   گىرىپتار قىلىدىكەن.
29. ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ،ئاچچىقسۇ بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ،يۇقۇرى قان بېسىم،قان تومۇر قېتىش،ھەم يۈرەك كېسەللىكلىرىدىن ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ.شۇنداقلا ئاچچىقسۇ قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
30 ئاپېلسىن پوستىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بېرىڭ،ئېغىز پۇراشنى  داۋالىغىلى بولىدۇ،شۇنداقلا قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
31.مۇۋاپپىق تۈردە گازىر چېقىپ بېرىڭ،گازىر تەركىبىدە ئاقسىل،فوسفور كىسلاتاسى،كالىي،تۆمۈر ماددىسى،ماگنىي،ۋېتامىن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ،نېرۋا ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق،راك،قان بېسىم يۇقۇرلاپ كېتىش
قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ  ، قېرىلىق ۋە ماغدۇرسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
32.داۋاملىق ئالما يەپ بېرىڭ،ئالما قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ،قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ،راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئوكسېدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ.
32.ئەنجۈر يېيىشكە سەل قارىماڭ،ئەنجۈر راك كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇپ، قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
33.ياشلىقىڭىزنى ساقلاي دېسىڭىز، داۋاملىق مېغىز يەپ بېرىڭ،مېغىز تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ۋە تۈرلۈك ۋىتامىن مول بولۇپ،تېرە ھۈجەيرىلىرىدىكى  ئوكسىگېننى قىزىل قان تومۇرلارغا يەتكۈزۈپ ،سىزنىڭ ساغلام ۋە گۈزەل تۇرمۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
34.چېچىڭىز ئۇزۇن بولسا،ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭ،چۈنكى چاچ ئۇزۇن بولسا،قۇۋۋەت ماددىسىنىڭ سەرپىياتىمۇ كۆپ بولۇپ،بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ،زېھنى ئىقتىدارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
35.لەۋ سۇرۇختىن ئېھتىيات قىلىڭ،لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدە قوي يۇڭى مېيى،موم،بوياق قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق تەركىبنىڭ ئارلاشمىسى بار بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن ،ئاسانلا رېئاكسىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەركىبلەر بىر قەدەر كۈچلۈك قوبۇل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ،ھاۋادىكى چاڭ تۇزاڭ،ۋىروس،باكتېرىيە  قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كىچىڭ دانىچىلىرىنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۋېلىپ ، يېگەن تاماق بىلەن قوشۇلۇپ ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرىپ ئاستا-ئاستا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
36.جۇڭگوچە تىبابەت دورىلىرىنى (جۇڭيى دورىلىرىنى)زەھەرسىز دەپ قارىماڭ،ئوخشاشلا ئۇنى كۆپ ئىچكەندە   كونىلارنىڭ  ‹‹ھەرقانداق دورىنىڭ زەھەرلىكى ئۈچ ھەسسە ››دېگەن گېپىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
37.يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلىمىزدىكى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش ئۇسۇلىمىزغا سەل قارىماڭ،قۇمغا كۆمۈلۈپ  داۋالىنىش ئۇسۇلى ماگنىت بىلەن داۋالاش،فىزىكىلىق  داۋالاش،رادىئو ئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش،ئۇۋۇلاپ سىيرىپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
38.ئانچە-مۇنچە شاكىلات يەپ بېرىڭ،چۈنكى شاكىلات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ،ماگنىينىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار،شۇنداقلا شاكىلات ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەلۇم رولغا ئىگە.
39.پات-پات سۆرەت كۆرۈپ بېرىڭ،سۆرەت كۆرۈش ئىقتىدار كۈچەيتىش،ئالغا ئىنتىلىشكە ئىلھام بېرىش قاتارلىق پىسخولوگىيىلىك داۋالاش رولىغا ئىگە.
40. قېرىشنى كېچىكتۈرەي دېسىڭىز،سەۋزىنى كۆپراق ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ،سەۋزىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن بولۇپ،ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى قېرىغۇچى يوشۇرۇن ئاپەت  ــ ئەركىن رادىكالنى يوقىتىدۇ.
41.مىۋە قاقلىرى بىلەن   ئوزۇقلۇق تولۇڭلاڭ،چۈنكى مىۋە قاقلىرى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى يېڭى  مىۋە بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ۋىتامىن مىقدارىلا يېڭى مىۋە تەركىبىدىن ئاز.
42.قەنتلىك يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ،،قاندىكى ماي ماددىسى يۇقۇرى،ۋە قان بېسىمى يۇقۇرى كىشىلەر ئەگەر قەنتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ،قاندىكى ماي ماددىسى يۇقۇرلاپ،يۇقۇرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
43.ئۆيىڭىزدە سۈۋەرەك پەيدا بولغان بولسا دەرھال يو قىلىڭ،سۈۋەرەك زىققا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.


koksangun 2014-02-09 22:58
نېمە دېگەن ئېسىل رېتسىپلار بۇ ، خىزمەتدىشىم تۇرسۇنگۈلنىڭ قوللىرىغا دەرد كەلمىسۇن.
تەتىلىڭىزنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىڭىزدىن بەك خۇرسەنت بولدۇم.

ياسىنجان510 2014-02-10 20:52
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،سىزگە رەھمەت.

سەئىدىيە 2014-02-10 22:31
سىزنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى تىمىلىرىڭىزنى  ئوقۇپ خېلى بىلىملىك بولۇپ قالدىم ،

سىزگە كۆپ رھمەت .

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-11 00:14
بەك كۆپ بىلىملەرنى بىلۋالدىم ،تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-02-12 00:36
تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن ، تۇرسۇنگۈلنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-02-12 11:52
ياخشى بىلمگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

tawpek 2014-02-15 00:01
كۆپ تەشەككۇر، بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى سۇنۇپ تۇرسىڭىز.

ھەممە سالامەتلىككە كۆڭۆل بۆلىۋاتقاندا بىلىش زۆرۆر بولغان تېمىلاركەن بۇ.


سىزنىڭ تۆھپىڭىزدە بۇنداىن كىيىن تەۋپىقداشلار بىئارام بولسا ساغلاملىق سەھىپىسىنى ئىچىپلا تېما ئوقوپ ئۆز مىجەزىنى تەڭشىيەلىسە نىمىدىگەن ياخشى.

ئارزۇيۇم 2014-06-19 12:34
ئېسىل رىتسىپلار ئىكەن.سىزگە ئاپىرىن.

ئارزۇيۇم 2014-06-19 12:35
سۈۋەرەكنى قانداق يوقۇتىدىغاندۇ؟

ھاتەھاتەم 2014-06-19 12:53
ۋاۇۋۇي بەك ئىسىل رىتسىپلاركەن بۇ .مىنىڭ يۇتكۇنچاق ياللۇغى كىسىلىم بار .بۇ رىتسىپتىن پايدىلانسام بولغىدەك.ئۈرۈك قىقى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتىم داۋاملىق يىسەم بولغىدەك.

ھاتەھاتەم 2014-06-19 12:54
قېقى يېسەم دېگەن  سۆزلەرنى خاتا يېزىپتىمەن.كەچۇرۇڭلار


查看完整版本: [-- ساغلام  ياشاي دېسىڭىز (3)......... تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled