查看完整版本: [-- مىنىڭ ئاتا-ئانام --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ھەركەتلىك قويولمىلار -> مىنىڭ ئاتا-ئانام [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-02-07 23:44

مىنىڭ ئاتا-ئانام


ئەكبەرنىياز 2014-02-09 02:09
نېمىدىگەن تەسىرلىك تېما بۇ !؟ ئەرك ئەپەندىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن !!! %:!ILN  
بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم . فىلىمدە ئائىشەنىغۇ مۇئەللىمى پۈتۈن چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئوقۇتىدىغان بولدى . ئەمما باشقا ئائىشەلەرنىچۇ ؟ توغرا ، ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ ، ھەر ساھە مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ . ئەمما ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋاتقىنى ، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ۋە دەرسلىك كىتاپ پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتسە ، نېمىشقا پايدىلىنىش ماتىريال پۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا مەجبورى ھالدا تېڭىلىدۇ ؟ يەنە نېمىشقا پايدىلىنىش ماتىريال پۇللىرى مەلۇم پىرسەنت بۇيىچە ئىتىبار قىلىنىپ كەلسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىغا كىتابنىڭ كەينىدىكى باھاسى بۇيىچە تېگىدۇ ؟ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ ؟

گۈلنىھال 2014-02-09 10:03
نىمىشقا مەن كۆرەلمەيمەن ؟.؟

گۈلنىھال 2014-02-09 10:15
‏يا ئادىرىسى چاپلانماپتۇ !

قاراخان 2014-02-09 10:22
بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ بىلمەي كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى. ئائىشەگە بەك ئىچىم ئاغرىدى، ئويلاپ قالدىم، ئائىشەگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ سىنىپىمدا قانچىسى باردۇ؟ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە قانچىسى باردۇ؟ ئىچىم ئاچچىق بولدى، بۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇنداق بىچارىلەرنى كۆرسەم ھېچ ئىككىلەنمەي ياردەم قولۇمنى سۇنۇشۇمنىڭ بىر ۋىجدانىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم، تىما ئىگىسىگە رەھمەت. rtdEIk  
   بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈم ئوقۇغان مەكتەپنى، بالىلىقىمدا ئوينىغان ئويۇنلارنى، قولۇم-قوشنىلىرىمنى، مەھەلەمنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم، دېگەندەك بىزنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ سېتلە يېزىسىدا ئىشلەنگەن ئىكەن ئەمەسمۇ!

قاراخان 2014-02-09 12:41
بۇ ئەسەرنىڭ سىنارىيە يېتەكچىسى مۇنبىرىمىزدىكى بابۇرشاھ -ئەنۋەر بوساق مۇئەللىمكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇستازنىڭ ئەجرىگىمۇ رەھمەت!

ياسىنجان510 2014-02-09 13:10
   ئەكبەر ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قۇۋەتلەيمەن، بالىلىرىمىز ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ چېكىنگىنى تۇرسا، تولۇق ئوتتۇرغىچە چېكىنىپ، سىنىپلارنىڭ يېرىمى بوش قېلىۋاتىدۇ.ئاجايىپ زېھنى ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن ۋاقىتسىز مەھرۇم بولماقتا........   !

ozqan 2014-02-10 21:31
ھەقىقەتەن تەسىرلىك فىلىمكەن ، ئەرككە رەھمەت ... )6%a9&~H  
ئەنۋەر بوساق مۇئەللىم سىزگىمۇ رەھمەت ، فىلىمنىڭ روياپقا چىقىشىغا سىزمۇ ھەسسە قوشۇپسىز ...

tawpek 2014-02-13 22:51
ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. q3`~uTzk  
eIOMW9Ivt  
ئاشۇنداق دىھقانلىرىمىز ھازىرمۇ 30%  نى ئىگەللەيدۇ. mC3:P5/c  
t^2$ent  
7X>*B~(R  
ئاڭنىڭ يوقىدىن بالا ئوقوتمايدۇ دىگەنلەر كۆرسە تازا،  نامراتلىقتىن ئوقوتمايدىغانلار كۆپ. Y~w1_>b  
N,.awA{  
باشلانغۇچتا ئوقوغىنىمدا كىيگىلى ئاياغ يوق يازدا يالاڭ ئاياق شىغىللىق يولدا مىڭىپ مەكتەپكە باراتتىم. v^;vH$B  
~qX wQ@  
بىزنىڭ مەكتەپكە 2006- يىللىرىغىچە ساپما كەش بىلەن كىلىدىغان ئوقوغۇچى يىرىمىنى ئىگەللەيىتتى، HZjuL.Tj  
1~j,A[&|<  
نامراتلىقتىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز.


查看完整版本: [-- مىنىڭ ئاتا-ئانام --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled