查看完整版本: [-- ‏چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى‏ ( تېكىستى )      ‏ ‏ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> ‏چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى‏ ( تېكىستى )      ‏ ‏ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-07 21:16

‏چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى‏ ( تېكىستى )      ‏ ‏

‏چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى‏ ( تېكىستى )     a#~Z5>{  
?yd(er<_f  
‏   ئىزىز ساۋۇت   <8xP-(wk;  
Vzv.e6_  
‏  « چايان » نى  ئەل ئىچىدە سېرىقئېشەك دەپمۇ ئاتىشىدۇ . دۆنى ئاقسۇ تەرەپلەردە « بۆ » ، قەشقەر تەرەپتە « دۆ » دەپ ئاتىشىدۇ .ھەر ئىككىلا مەخلۇق ھاشاراتلەرنى چېقىپ ، چىشلەپ ، زەھەرلەپ  ئۆلتۈرۈپ ئوزۇق قىلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ قورقۇنچلىق قورالى زەھەر . c`N`x U+z  
‏   « دۆ » ئۆمۈچۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر خىل ھاشارات .ئۇنىڭ « ئۆمۈچۈك » دىگەن ئومۇمىينامىدىن ئايرىلىپ ، « دۆ » ياكى «  بۆ » بولۇپ قېلىشىدائېتىمال كىشىلەردىكى تەسەۋۋۇر سەۋەب بولسا كېرەك . يەنى بۇ مەخلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى باشقا ئۆمۈچۈكلەرگە قارىغاندا سەت ، يىرگىنىچلىك  قورقۇنۇشلۇق . ئۇنىڭ پۇت ، تەن ، باش ، ئېغىزلىرى تۈكلەر بىلەن قاپلانغان .كىشىلەر ئۇنىڭ كۆپۈشكەن شاردەك قوسقى ، تۆت تەرەپكە كېرىلگەن پۇتلىرى ، ئېچىلغاندا قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ تۇردىغان ئاغزى ۋە ئىكى جاۋغىيىدىن لۆمشۈپ چىقىپ تۇردىغان زەھەرلىك سۇيۇقلۇقى ، ھەر قانداق ھاشارەتنى چىشلەپ قىسسا ئىككى پارچە قىلىۋىتەلەيدىغان قۇۋۋەتلىك بىر جۈپ  قىسقۇچ چىشى ... ئىشقىلىپ قەبىھ تۇرقىغا قاراپ ئۇنى شۇنداق ئاتىغان بولىشى مومكىن . ئەمدى «  بۆ » دىگىنىچۇ ؟ بۇ نىمە مەنىگە ئاساسەن قويۇلغان نامدۇ ؟ ھە ، ئېھتىمال ئاشۇ « دۆ » ياكى « بۆ » دىيىلگەن  مەخلۇق كالا - چارۋىلارنى ، ئادەم جانلىقلارنى چىشلەپ -- زەھەرلەندۈرگەندىن كىيىن « بۆ ! ... بۆ ! ...» ياكى « مە ... مە ! ... » ، « ۋاييەي ! » دەپ ئاۋازلىق نالەشلىرىگە  ئوخشىتىپ « بۆ » دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك .بۇ بىر پەرەز . ھەر ھالدا « بۆ » ،  «دۆ » لەركۆپ خىل .كۆپىنچىلىرى تو توقۇپ ، ئوزۇقلىرىنى تودا تۇتۇپ يەيدۇ .ماكانلىرى تام تورۇس ۋە تامنىڭ كامارلىرىدا . زەھەرلىكلىرى بولسا قۇرغاق ، نىمكەش ، قارا شورلۇق يەرلەردە يەرنى كولاپ ئۇۋا قىلىپ ياشايدۇ . ئۇلار زەھەرلىك ئۇۋىسىدا  مۆكۈنۈپ يېتىپ ئوۋ ھەققىدە ئۇچۇر ئالغاندىن كىيىندەرھال ئۇۋىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، ئوۋنى شۇ يەردىلا يەۋىتىشلىرىبەك دەھشەتلىك ... بۇنداقلىرى دەل « دۆ » ياكى « بۆ »...  ئۇنداقلىرىنىڭ زەھىرىمۇ ئۆتكۈر . تۇرىقىمۇ زور ، سۈرلۈك كېلىدۇ . vN6]6nUOiT  
XC8z|A-@  
‏  چايانچۇ ؟ بۇ نام قانداق قويۇلۇپ قالغان بولغىيدى ؟ « سېرىق » دېگەن سۈپەتقۇ ئۇنىڭ سارغۇچ رەڭگىگە قارتىلغان بولۇشى مومكىن . « ئېشەك » چۇ ؟  ئۇ ئېشەك دىگەن ھايۋانغا مىجەز خۇلقى ، تۇرقى ، رەڭگى ، ياشاش ئالاھىدىلىكى ۋاھاكىزالار جەھەتتىن زادىلا يېقىنلاشمايدۇ .  ئۇ  ھاشارەت . بۇ  ھايۋان .  « چايان » چۇ ؟  بۇ قەدىمكى تۈرك تىلىمۇ ؟ ياكى پارس ، ئەرەب ، ھىندى ...  تىلىدىن كىرىپ قالغانمۇ ؟ مەنىسى ھازىرغىچە نامەلۇم . ئىشقىلىپ ،« چاققۇچى » ، « زەھەر »، « قورقۇنچلۇق » ، «  سەت »  دىگەن مەنىلەرنى بېرىشى مومكىن . @_weMz8}  
4) I/\  
‏ خاتىرىمىزدىكى مۇددىئايىمىزغا دۇچ كېلىو قالغىنى ئۈچۈن بىلگىنىمىزچە بۇ گەپلەرنى دەپ قويدۇق. ئاسلى بانايىمىز « دۆ »  بىلەن « سېرىق ئېشەك » نىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق جەڭ - جېدىلىدىن ئىبارەت .دۆ بىلەن سېرىق ئېشەكنىڭ ئېلىشىشى ھەققىدە ئەدەبىي كىتابلاردا رىۋايەت بىلەن چۆچەك شەكىلىدە بايان قىلىنغان يازمىلار ئارقىلىق بەلگىلىك تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولساممۇ  ، نەق مەيداندا كۆزۈم بىلەن  كۆرمىگەن ئىدىم . ئاشۇ قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . 1967 - يىل 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ، جاھان ئىسسىپ كەتكەن بىر كۈندە ، ئونسۇ ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تۇنياز ، ئۆمەر مۇھەممەد ( ھەر ئككەيلەن قازالاپ كەتتى )  ...  لەر « نوبۇلاق»  يار جىلغىسىنىڭ يار ئۈستىدىكى تېرىلغۇ مەيدانىغا كېتىۋاتقان ئىدىم . گەپلىشىپ مېڭىپ خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا يەتكەندە ، توپىلىق يولنىڭ دەل ئوتتۇرسىدا بىر - بىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئىككى « باتۇر » غا  كۆزىمىز چۈشتى   - دە ، قىزىقىپ تۇرۇپ قالدۇق . T`2fPxM:cZ  
‏    يول ئوتتۇرسىدا كۆكۈچ - دۈمبىلىرى يالتىراپ تۇرغان ، نەشتىرى بىلەن قوشۇپ 11 بوغۇملۇق  ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدا  ئىلمەك تىكەن نەشتىرى ، باشمالتاق قول چوڭلۇقىدا  ( چوڭ بولغاچقا ئېنىق سانىيالىدۇق ) قۇيرۇقى ئەگمەچ كۆتۈرۈلۈپ ، خۇددى توپا قازىدىغان ئېكىسكاۋاتوردەك ، باش ئۈستىدە ئېغىزىغا يېقىن ھالەتتە  بىر چايان تۇراتتى . باش قىسمىدىن ،ئىككى تەرەپكە ئۆسۈپ چىققان   ، خۇددى قىسقۇچ پاقىنىڭ قولىدەكئىككى ئەگمەچ قولى دائىم مىدىرلاپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ ئالدىدىكى دۈشمىنى بىلەن تۇتۇشماقتا. ھەر ھالدا ئۇ چاياننىڭ تۇرقى خېلى كۆركەم ، يالتىراق ، « ئىسكەتلىك »  ئىدى . چايان بىلەن روبىرو تۇتىشىۋاتقان دۆ بولسا ناھايىتى بەتبەشىرە ئىدى . چوڭلۇقى كىچىكرەك توخۇ تۇخۇمىدەك ، رەڭگى قارا ، دۈمبىسىدە شېشىخالنىڭ چېكىتلىرىدەك رەتلىك قىزى - قارا چېكىتلىرى ، شاردەك تومپىيىپ چىققان قورساق ، تېنىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈكلەر بىلەن قالانغان ئاياغلىرىمۇ تاماق چوكىسىدەك  ، ئېچىلىپ  - يېپىلىپ تۇرغان قارا ئۆڭكۈردەك ئاغزى ، قوۋۇزلىرىدىن بۆرتۈپ چىققان توم ئىككى دانە  چىشلەپ غاجىلىغۇچى زەھەرلىك چىشى لۆمشۈپ ھەرىكەتلىنىو تۇراتتى .قوساق ، دۈمبە ، باش ، پۇتلىرىنىڭ ھەممە يېرىنى ئۇزۇن يىرىك تۈكلەر قاپلىغان بولۇپ ، بەكمۇ قورقۇنچىلىق  ئىدى . ئۆمرۈمگە كېلىپ مۇنداق يىرگىنىچلىك  ھەم يوغان دۆنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم .ھەر ئىككىسى قۇرغاق مۇھىتقا ماسلاشقان ، نەملىكنى خالىمايدىغان زەھەرلىك مەخلۇقلار ئىدى . '[ddE!ta  
#5"<.z  
‏    ئۇلار بىر يۆگىمەچ قۇرۇتنىڭ يېتىلگەن  كېپىنىكىنى تالىشىۋاتقانىكەن .مازارلىقتىن بەش - ئاتە يۈز مىتىر يىراق شىمال تەرەپتە مەكتەولىرىمىزنىڭ يېڭىدىن كۆكىرىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە ئورمانلىرى بار ئىدى . يۆگىمەچ قۇرۇتلار ئاساسەن  ئوت - چۆپ ، زىرائەت ۋە ئورمان بار يەردە بولىدۇ . بۇ كېپىنەك شۇ ياقتىن ئۇچۇپ  ئېزىپ كېلىپ قالغان بولسا كېرەك . ئۇ دۆنىڭ چاڭگىلىغا ئەمدىلا چۈشۈپ تۇرىشىغا  ، شۇ يەردىن ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن چايان  بىلىپ قالغانىكەن . ئۇ كېلىپ كېپىنەكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلغان . ئىككىسى تارتىشماق ئويناپ بولۇپ ئېلىشالمىغاندىن كىيىن   ، كېپىنەكنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ، رەسمى ھالدا « باتۇرلارچە »  جەڭگە چۈشكەن ئىدى . بىز دەل شۇ پەيىتكە ئۈلگۈرۈپ كەپتىمىز . ئۇلار كېپىنەكنىڭ ئۆلىكىنى تاشلاپ قويۇپ  تۇتۇشۇپ كەتتى . سەپىرىمىزنى توختىتىپ ، بۇ بېلەتسىز تاماشانى قىزىقىپ كۆردۇق .جەڭ دىگەن رەقىبىنى يوقۇتۇپ  ئۆزىنى ساقلاشنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىدۇ .قايسىسى كۈچلۈك ، قايسىسى تەدبىرلىك ، ئامەتلىك بولسا ، كۆپىنچە غەلبە شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ . ئىككىسى ئۇزاق ئېلىشىپ كەتتى . چايان قۇيرۇقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ  ، ئىككى تەرەپكە شىلتىپ  « قىلىچۋازلىق » ھەرىكىتىدە ئايلىنىپ ھامان ئالدىنى رەقىبى تەرەپكە  قىلىپ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قىلاتتى . مەقسىتى :  دۆنى ئىككى قىسماق قولى بىلەن قىسىۋىلىپ  ئاندىن ئۇنىڭ تومپىيىپ تۇرغان قوسىقىغا بەشتەر ئۇرۇپ ھالاك قىكىش ... ~!+h"%'t  
‏  دۆ بولسا ھامان ئېتىلىپ ھۇجۇم قىلاتتى . چاياننىڭ قۇيرۇق تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ قۇيرۇقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋىتىپ ، ئاندىن باشقا ئەزالىرىنى پارچىلاپ ھالاك قىلماقچى بولاتتى .شۇڭا ، ئايلىنىپ تۇرغان چاياننىڭ قۇيرۇق تەرىپىگە -- ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىشقا ئۇرۇناتتى .چايان پۇرسەت بەرمەيتتى. دۆ  چاياننىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئاساسلىق جەڭ قورالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان بولسا ، چايانمۇ دۆنىڭ ئاساسلىق جەڭ قورالى  -- ئاغزى ، ئاجىز يېرى دومباق قوسىقى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى . ناگان - ناگاندا چايان دۆنىڭ يان تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە  ، دۆ ئالدىراپ قېلىپ ئەپسىزلىنىپ قالاتتى - دە ، دەرھال تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ئوڭدىچە يېتىۋېلىپ ، قوساق ، گەۋدىسىنىڭ   دۈمبە تەرپىنى يەرگە يېقىۋېلىپ ئاسرايتى .  ئىككى ئالدى قولىنى « جانباز گۇمپىسى » دەك قىيىپاچ ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆزىنى قوغدايتى ۋە چاياننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋالماقچى بولاتتى .دۆنىڭ پۇتلار جايلاشقان  كۆكرەك ، قوساق ئاستى يالتىراپ تۇردىكەن .ساۋۇتقا ئوخشاش قېلىن  قاسراق « قالقان » سۈپىتىدە قوغداپ تۇرىدىكەن . ئاخىرى دۆ چاياننىڭ ئالدى بىر جۈپ قىسقۇچ قولىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتتى . دەل شۇ پەيىتتە ئېغىر يارلانغان چايانمۇ دۆنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاشماقچى بولغان پەيىتىدىن پايىدىلىنىپ جەان ئاچچىقىدا بوغۇم قۇيرۇقىنى ، ئايلاندۇرۇپ  ئاغزىغا ئاپاردى - دە ،  زەھىرىگە مىلىۋېلىپ ئاندىن ئىلمەك نەشتىرىنى دۆنىڭ قورسىقىغا  «  پوس » قىلىپ تىقىۋەتتى . تېشىىپ زەھەرلەنگەن قوساقتىن ئاچچىق زەرداپ كۆپۈكلەر بۇژۇلداپ چىقىشقا ، دۆنىڭ قوسىقى  يېلى چىققان توپتەك بوشاپ ، كىچىكلەشكە باشلىدى .دۆ شۇ جايدا ھەرىكەتتىن قالدى - دە ، ئۆلدى .جەڭ ئاخىرلاشتى . ئېغىر يارىلانغان چايانمۇ مۆڭدەپ قالدى .قىسقۇچ قوللىرى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكتىن  مېڭىش تىزلىكىمۇ يوقالدى . ئۇ بىتاپ ھالدا گىلدىڭشىپ  ئۆمىلىگىنىچە ماكانىغا بېرىۋىلىشقا  ئۇرۇنۇپ ، سۆرىلىپ كېتىپ باراتتى .  نەدىندۇر ھەر قانداق نەرسىنى چالا قويماي  ئوزۇق قىلىۋېرىدىغان بىر توپ قارا چۈمۈلىلەر پەيدا بولدى - دە ، دەرھال ئۈچكە بۆلۈنۈپ كېپىنەك ،  دۆ ۋە چايانغا ئولىشىپ ،  بىردەمدىلا پارچىلاپ ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە پارچىلارنى چىشلەپ ، سۆرەپ ئۇۋىللىرىغا  ئېلىپ كەتتى . بولۇپمۇ چاياننى تىرىك پېتى پارچىلاش بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولدى .  چۈمۈلىلەرنى چېقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ  ، قاقباش - چاققان چۈمۈلىلەر ئىمكان بەرمىدى . 'krMVC-  
‏  چۈمۈلىلەر ئىككى باتۇرنىڭ  ئاخىرىقى تەقدىرىنى كۆزىتىپ ،  ماراپ ياتقان بولسا كېرەك  ، جاھاننىڭ ئىشى ، مانا شۇنداق   ... R*5;J`TW  
7VZ JGRnn  
T_B.p*\BM  
‏مەنبە : تولۇقسىز تىل - ئەدەبىيات 7- يىللىق 2- مەۋسۇم دەرسلىك . WBIB'2:m  
‏2014 - يىلى 7-  فۋرال . KI QBY!N+  
s6h Wq&C  
_89G2)U=C  
A;nmua-Fv  

گۈلنىھال 2014-02-08 21:51
‏قارا خان ، سىز تەييارلىغان دەرس دىتالىنىڭ ئادىرىسىنى تېكىست ئاستىغا تولۇقلاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ دەرھال ۋەزىپىڭىزنى ئورۇنلاڭ ئۇكام !!!

ئەكبەرنىياز 2014-02-09 00:48
گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن !مېنىڭچە بۇ تېكىست دەرس تەييارلىقى ۋە دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە مۇكەممەل ھالەتكە كېلىدۇ !! گۈلنىھال داۋاملىق ئالغا !!!

گۈلنىھال 2014-02-09 09:08
ئەكبەرنىياز:گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن !مېنىڭچە بۇ تېكىست دەرس تەييارلىقى ۋە دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە مۇكەممەل ھالەتكە كېلىدۇ !! گۈلنىھال  .. (2014-02-09 00:48) 
2Pasmh  
‏ئەكبەر مۇئەللىم ، ئىلھامىڭىز ھەم مۇكاپاتىڭىزدىن ئالەمچە خۇش بولدۇم ،  ، ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى ، رەھمەت !!!

قاراخان 2014-02-09 09:49
دەرس تېكىستىنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز. S>Z V8  
تۆۋەندىكىلىرى بۇ دەرسنىڭ دىتالى z)='MKrEt-  
/bbs/read.php?tid=11019 Yc/Nz(m   
/bbs/read.php?tid=10695

قاراخان 2014-02-09 09:50
مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: {|c <8  
/bbs/read.php?tid=8265

گۈلنىھال 2014-02-09 10:19
ياشاپ كېتىڭ قارا خان !!! يارايسىز جۇمۇ !!

گۈلنىھال 2014-02-11 21:43
‏ھەمىمىز بىرلىشىپ مۇشۇنداق تىرشساق ، بارلىق قىيىنچىلىقلار تۈگەپ ، دەرسلىكلەرنىڭ ئىلىكتۇرۇن ھالەتكە كېلىشىدە گەپ يوق جۇمۇ !!!

tawpek 2014-02-13 17:14
گۈلنىھالنىڭ تور بىكتىمىزنىڭ نىشانىنى چۈشەنگىنىگە ئاپىرىن. OBaG'lrZy  
0PO'9#  
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي.

گۈلنىھال 2014-02-13 20:23
tawpek:گۈلنىھالنىڭ تور بىكتىمىزنىڭ نىشانىنى چۈشەنگىنىگە ئاپىرىن.ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي. (2014-02-13 17:14) 
iSD E6  
‏دىگىنىڭىز كەلگەي تەۋپىق ئەپەندى ، مۇنبەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلالىسام خۇش بولىمەن .

زىرەك 2014-04-02 13:07
يىڭى دەرسلىك تىكىستلرىنى يەتكۈزەگىنىڭزگە  كۆپ  رەخمەت!


查看完整版本: [-- ‏چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى‏ ( تېكىستى )      ‏ ‏ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled