ياسىنجان510 |
2014-02-07 17:57 |
ھېكايەتلەر
ھېكايەتلەر ] b9-k
ئەي غەمگۇزار دانىشمەن بوۋا‹‹ئەقىل سورىغان يولدىن ئازمايدۇ››دېگەن ھېكمەتلىك بايانغا ئاساسەن مەن سىزدىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى بەزىبىر سوئاللارغا جاۋاب سورايمەن. S& #U!#@ 1. قانداق ئادەملەر ئىككى ئالەمدە ئەزىز ھېساپلىنىدۇ؟ m!z|h9Ed ئۈمىدۋار ئوغلۇم گېپىمگە قۇلاق سالغىنكى: كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن تۇپرىقىنى قېنىپ سۆيۈپ،ۋەتەن ئۈچۈن جان تەسەددۇق ئەيلەپ تۆھپە يارىتىپ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئادەملەر ئىككى ئالەمدە ئەزىز ھېساپلىنىدۇ.ئەكسىچە بولغانلار زىمىنغا ئارتۇق يۈك. 2. دەپىن-دۇنيا دېگەن نېمە؟ R" )bDy? ئوغلۇم ئاگاھ بولغىنكى:دەپىن-دۇنيا دېگەن يولدا ياتقان بىر زەھەرلىك يىلانغا ئوخشاشتۇر.لېكىن بۇ زەھەرلىك يىلان نەشتەر سېلىپ ئىنساننى ھەرقانچە چاققان بىلەنمۇ ئىنسان يەنە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.ھالاكەتكە يولۇققان تەقدىردىمۇ يەنە ئۇنى مۇھەببەت بىلەن ئىزدەيدۇ.ئىشتكىنكى،دۇنيا دېگەن بىر شېرىن دۈشمەندۇر ،ئۇنى ئاجىز ،يېتىم ئوغۇل،تۇل خوتۇنلارغا سېخىيلىق بىلەن خەيرى-ئىھسان يولىدا سەرپ قىلسا ،ئۇ شۇ كىشى ئۈچۈن ھەسەلگە ئايلىنىدۇ.ئەكسىچە ،ئۇنى ئۆز جايىغا سەرپ ئەتمەي ھاراملىق ،كەيپ-ساپا،ئەيش-ئىشرەت يولىغا ئىشلەتسە بوينىغا چىرماشقان يىلان بولۇپ چاقىدۇ. AcI,N~~ 3. ئەي كۆڭۈل ئەينىكى بىلەن كىشىلەر كۆڭلىدىكىنى كۆرەلەيدىغان دانىشمەن بوۋا: قانداق ئادەملەر بىلەن سۆھبەت قۇرماق كېرەك؟ r:&`$8$ 4. ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولماق كىشىنىڭ ھۆرمىتى ۋە دۆلىتىنى زىيادە قىلۇر.يامان ،بەت پېئىل ئادەملەر بىلەن ئۈلپەت بولماق كىشىنى مالاللىق ۋە نادامەتتە قالدۇرار. b"!Q2S~ 5. ھاياتلىق دۇنياسىدىكى قاتتىقلىق دېگەن نېمە؟ aLJ(?8M@ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەتمەك،مۇساپىرچىلىقتا كېسەل بولۇپ قالماق،كەمبەغەلچىلىكتە قەرزدار بولۇپ قالماق،ياشانغاندا ئۆز ۋاپادار رەپىقىسىدىن ئايرىلىپ قالماقدۇر. I$E.s*B9 6. ھاياتلىقتا غەنىيمەت بىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟ 2 6>ZW4Z ياشلىقنى قېرىلىق كېلىشتىن ئىلگىرى،ساقلىقنى كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى،بايلىقنى نامرات بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى،ھاياتلىقنى ئەجەل كېلىشتىن ئىلگىرى غەنىمەت بىلىش كېرەك. ;q1A*f\:# 7. قانداق كىشىلەر ھاياتلىقىدا غەمدىن خالىي بولالمايدۇ؟ 0Ld@H) ئول كىشىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشى دائىم يامانلىق بولسا ،كۈچ-قۇۋۋەت بار چېغىدا ياخشى ئىشلارنى قىلمىسا،تەپەككۈر قىلماي ئۆز خىيالىچە ئىش قىلغان كىشى بولسا،غەمدىن خالىي بولالمايدۇ.8.قانداق كىشىلەر رەنجى مۇشەققەتكە قالۇر؟ H&yD*@ باشلىغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى چىقارماي يېرىم يولدا تاشلىۋەتسە،كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ھارام مال يىغسا،ياشىنىپ قالغانداياش خانىملارنى ئۆز نىكاھىغا ئالسا ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل رىشتىسىنى باغلىسا،ئۇنداق كىشىلەر ئۆمرىدە ئۆزىنى رەنجى مۇشەققەتكە سالۇر. J=dJsk 8. ئىنسانلارنى قانداق جايدا سىنىغىلى بولىدۇ؟ ILic.@st (1) ئالىم كىشىنى مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئۈستىدە.(2)ئېسىل زاتى ئادەمنى جامائەت ھۆرمىتىدە؛ (3)دوستنى باشقا كۈن چۈشكەن كۈنلەردە؛(4)دېھقاننى تېرىم ۋاقتىدا؛(5)سودىگەرنى ئېلىم-سېتىم ھېساپ ئۈستىدە؛(6)ئۇلۇغلارنى غەزەپ ئۈستىدە سىنىغىلى بولىدۇ. dHk{.n^p 9. ھاياتلىقتا پايدىلانغىلى بولمايدىغان ئىشلار قايسىلار؟ 5p
+ZD7jK ئەمەلسىز سۆز،خەيرى-ئىھسانسىز مال،تەجىربىسىز دوستلۇق،نىيەتسىز سەدىقە،ساقسىز تىرىكلىك قاتارلىقلاردر. U/NBFc:[y: 10. ياخشى نامغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ k;5P om ياخشى نامغا ئىگە بولاي دېسەڭ كىشىلەرگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلما،ئۆزۈڭمۇ زىيان سالما،ھاۋايى-ھەۋەستىن ئۆزۈڭنى تارت،سېخى بول،ياخشىلىق قىلغان بولساڭ ،ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئەجىر قىلغان بولىسەن.
ayBRWT0 11.ئۇلۇغلۇقنىڭ خىسلىتى دېگەن نېمە؟
^W7X(LQ*+ كىشىلەرگە قىلغان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق،ھەر كىمگە خۇشخۇي،ئوچۇق يۈزلۈك،شىرىن سۆزلۈك بولماقلىق،باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلماقلىق،ئىككى كىشى ئوتتۇرسىغا خۇسۇمەت چۈشكەن بولسا ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىشلار ئۇلۇغلۇقنىڭ خىسلىتىدۇر. _Zc%z@} مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .تەييارلىغۇچى ئۆز يازمام. ]/cd;u Bg8#qv
|
|