查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز »دىن تامچىلار  ( 13 ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز »دىن تامچىلار  ( 13 ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-07 15:54

« قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز »دىن تامچىلار  ( 13 )

                                                 ئەزرائىلمۇ ئۈمىدتىن قورقىدۇ ?"?AH/ED  
]Al)>  
   بىر قېتىم بىر كىشىنى دەريا ئېقىتىپ كېتىپتۇ، سۇ بەك ئىتتىك ئېقىۋاتقاچقا ئۇ ئېقىن بويلاپ ئېقىۋېرىپتۇ. ئۇ شۇ چاغدا «بىرەر تال سۇ ئوتى بولسىمۇ تۇتۇۋالسام بولاتتى» دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما ئەتراپ پۈتۈنلەي سۇ بولغاچقا، ھېچنېمىنى تۇتۇۋالالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگىشىپتىمەن» دەپ ئويلاپتۇ، بۇ خىيال پەيدا بولۇشى بىلەنلا، تېخىمۇ ھالىدىن كېتىپ چۆكۈشكە باشلاپتۇ. -ni@+Dy  
   دەل مۇشۇ چاغدا ئۇ توساتتىنلا بۇلتۇر يازدا مۇشۇ دەريا بويىغا ئوينىغىلى كەلگەندە تۆۋەندىكى دەريا بويىدا يانتۇ ئۆسۈپ قالغان بىر قېرى دەرەخنى كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭ يوغان بىر شېخىنىڭ سۇغا چىلىشىپ تۇرغانلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ... ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تىرىشىپ - تىرمىشىپ يۈرۈپ ھېلىقى قېرى دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىۋاپتۇ - دە، شاخنى مەھكەم تۇتۇۋاپتۇ، ئەمما بۇ شاخ «قاراس» لىغىنىچە سۇنۇپ كېتىپتۇ، لېكىن شۇ چاغدا ئۇنى قۇتۇلدۇرىدىغان كىشىلەرمۇ يېتىپ كېلىپتۇ. كېيىن ئۇ: «ھېلىقىنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىقىنى بالدۇر بىلگەن بولسام، ئۇ يەرگە ھەرگىز يېتىپ بارالمىغان بولاتتىم» دەپتۇ. G2|G}#E  
   ئەسلىدە، ئەزرائىلمۇ ئۈمىدتىن قورقىدىكەن، بۇ ئۈمىد قۇرۇپ قالغان بىر تال شاخ بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق ئىكەن. #AO}JP  
"`Xbi/i  
                                             ھاياتنى قەدىرلەش $!\L6;:  
C 8d9 (u  
     ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھبۇس جازا ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى بىر چىنە سۇنى كۆتۈرگىنىچە خان سارىيىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىپ سۇنى بىر تېمىممۇ تۆكۈۋەتمىسە پادىشاھ ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىدىن توساتتىنلا خەۋەر تېپىپتۇ ۋە بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. Gxt6]+r  
     خان سارىيىنىڭ ئەتراپى ئېگىز - پەس، ئوڭغۇل – دوڭغۇل ئىكەن، يەنە نۇرغۇن پەلەمپەيلەر، چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقان بىكار تەلەپلەر بار ئىكەن، ئەمما ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس چىنىدىكى سۇغا مىختەك تىكىلگىنىچە بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ ئاخىر يولغا چىققان جايىغا قايتىپ كېلىپتۇ، لېكىن بىر تېمىم سۇنىمۇ تۆكۈۋەتمەپتۇ. جامائەت تەۋرەپ كېتىپتۇ، پادىشاھمۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭدىن: :n?rk/F  
   − سەن قانداق قىلىپ بىر تېمىم سۇنىمۇ تۆكۈۋەتمىدىڭ؟ − دەپ سوراپتۇ. j& L@L.d  
    ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس ئۇنىڭغا: wiM4,  
   − بۇ نەدىمۇ سۇ بولسۇن، ئېنىقلا مېنىڭ ھاياتىم تۇرسا ! − دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 58o&Dv6?  
    ھايات پەقەت ماھارەت كۆرسىتىدىغان مۇسابىقە مەيدانى، سىز ئۆز رولىڭىزغا چىقىپ ئاشۇ مەيداندا ھايات ئاپتىپىدىن ئەركىن نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا، ھاياتنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ قىممەتلىق ئىكەنلىكىنى سەزمەسلىكىڭىز مۈمكىن، ئەمما بۇلارنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆز – ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىگەندىن باشقا، ھەسسىلەپ قەدىرلەشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىۋالىسىز. xb&,9Lxd|  
~/2OK!M  
                                  گۈزەل ئەخلاقنىڭ قىممىتى gMU%.%p2  
=L{-Hu/j  
     بىر رېداكسىيىنىڭ باش مۇھەررىرى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ مەلۇم بىر ئىنىستىتۇتقا نۇتۇق سۆزلىگىلى بارىدىغان بوپتۇ. ئىككى تەرەپ ئىش ھەققىنىڭ يۈز دوللار بولۇشىغا كېلىشىپتۇ. !=6\70lJ  
   باش مۇھەررىر شۇ جايغا يېتىپ بارغاندا، نۇتۇق سۆزلەش ھاياتىدىكى ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بوپتۇ. ئەمما، ئىنىستىتۇتتىكىلەر ئىش ھەققىنى بېرىدىغان چاغدا، ئۇ ئىنىستىتۇتتىكىلەرگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ياخشىلىققا ئېرىشكەنلىكى، چۈنكى شۇ جايدا تۇرغان مەزگىلدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ، ھەق ئېلىشنى رەت قىلىپتۇ. ئەتىسى ئىنىستىتۇت مۇدىرى ئۆزىنىڭ ئىككى مىڭ ئوقۇغۇچىسىغا باش مۇھەررىر ئەپەندىنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: «مەن بۇ ئىنىستىتۇتنى باشقۇرغان يىگىرمە يىل جەريانىدا نەچچە ئونلىغان زاتلارنى ئىنىستىتۇتقا كېلىپ نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان، لېكىن بىرەرىنىڭ ئۆزىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ھەققىنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى تېخى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئەپەندى بىر ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى، شۇڭا مەن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۇنىڭ ژورنىلغا مۇشتەرى بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭدەك كىشىلەر جەزمەن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، بۇلار ئىنىستىتۇتتىن ئايرىلىپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويغىنىڭلاردا سىلەرگە تېخىمۇ ئەسقاتىدۇ.» JX#0<U|L  
   بىر ھەپتىگە قالمايلا ھېلىقى باش مۇھەررىرنىڭ ژورنىلى بۇ ئىنىستىتۇتتىكىلەرنىڭ ئالتە مىڭ دوللاردىن ئارتۇق مۇشتەرى ھەققىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ. كېيىنكى ئىككى يىلدا، ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى ژورنالغا جەمئىي ئەللىك مىڭ دوللارلىق مۇشتەرى بوپتۇ. J.c yb  
   ئۇنىڭ يۈز دوللار مەبلەغ سېلىپ، بۇنى ئىككى يىلد بەش يۈز ھەسسە قاتلىغانلىقىدىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.  @H}Hjg_>m  
    SU jo%3R  
                                     مۇھەپپەقىيەتنى پارچىلاش D?4bp'0 3  
.tQ(q=#  
       قەدىمكى ئىندىئانلارنىڭ مايمۇن تۇتىدىغان مۇنداق ئەپچىل چارىسى بولغانىكەن: مايمۇنلار توپى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىپ بولىدىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ئالاھىدە ياسالغان بىر ئۈستەلنى قويۇپ قويىدىكەن، ئۈستەلنىڭ تارتمىسىغا بىر ئالمىنى ياكى باشقا مېۋىنى سېلىپ قويۇپ، تارتمىدىن ناھايىتى كىچىك يوچۇق قالدۇرىدىكەن. مايمۇن ھەر قېتىم تارتمىغا قولىنى سېلىپ ئالمىنى ئېلىۋالماقچى بولىدىكەنۇ، ئەمما ھەرقانداق قىلىپمۇ ئېلىۋالالمايدىكەن، لېكىن ئۇ ئالمىدىن ۋاز كېچىشكە ھەرگىز ئۇنىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئاچ كۆز مايمۇنلار ئاسانلا ئوۋچىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. q03+FLEfC  
     بىر كۈنى بىر ئوۋچى يەنە مۇشۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، يېقىن ئارىدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بىر مايمۇننى تۇتۇۋالماقچى بوپتۇ. M9m~ck  
   بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى مايمۇن بوينىنى سوزغىنىچە ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بىر قولىنى تارتمىغا تىقىپتۇ، ئەمما ئالما بەك چوڭ، تارتمىنىڭ يوچۇقى بەك كىچىك بولغاچقا، شۇنچە تىرىشىپ – تىرمىشىپمۇ ئالمىنى يەنىلا ئالالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قولىنىمۇ تارتمىغا تىقىپ، ئىككى قولىنى چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپتۇ. ئۇ يوغان ۋە يۇمىلاق ئالمىنى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن بىردەمدىلا پارچە – پارچە قىلىۋتىپتۇ، ئاندىن تارتمىدىكى ئالما پارچىلىرىنى مەززە قىلىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ. يەپ بولغاندىن كېيىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلىپ غادايغان پېتى كېتىپ قاپتۇ. WWo"De@  
   بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىمىز قانداقمۇ مۇشۇنداق بولمىسۇن؟ نۇرغۇن كىشىلەر زور مۇۋەپپەقىيەتكە بېرىلىپ، ئۆز ھاياتىنى چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەت مېۋىسىگە مەھكەم باغلىۋالىدۇ، نەتىجىدە ئالمىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگەن مايمۇنلارغا ئوخشاش، ئۆمۈر بويى پايپېتەك بولۇپ  ئالمىنىڭ پوستىنىمۇ يېيەلمەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتنى ئاز – ئازدىن پارچىلاشنى، ئاخىر تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى بىلىدۇ. (U_HX2f  
jzBW'8  
                                     ئېقىپ كەلگەن چۈمۈلە پومزىكى ;jN1n xF  
$)BPtGMGo  
      كەچقۇرۇن كەلكۈن خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاندەك دەريانىڭ قىنىنى ئاخىر بۆسۈۋەتتى، دەريا ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كەتتى. تاڭ سەھەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر قاشقا ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ يىغىلىپ، سۇ ئاستىدا قالغان ماكانىغا تىكىلدى. WWH 
   بىرەيلەن چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتى: )Q>Ao.  
  − قاراڭلار، ئاۋۇ نېمە؟ $5&~gHc,  
   بىر قارا نەرسە خۇددى ئادەمدەك بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ، دولقۇن ياقىلاپ كېلىۋاتاتتى! بىرەيلەن شارتتىدىلا  سۇغا سەكرەپ، تېزلا قارا نەرسىگە يېقىنلاشتى، ئەمما ئۇ بىردەملا توختاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۈزدى – دە، ھەش – پەش دېگۈچىلا قىرغاققا چىقىۋالدى. @!O(%0 =  
− چۈمۈلە  پومزىكىكەن، − دېدى ئۇ. v?}0h5  
− چۈمۈلە پومزىكى؟ − كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمىدى. '}B"071)<  
   − چۈمۈلە پومزىكى دېگەن  بۇ نەرسە باھايىتى ئەقىللىق، − دەپ چۈشەندۈردى بىر مويسىپىت، −  1969- يىلى كەلكۈن كەلگەندە مەنمۇ بىرنى كۆرگەن، ۋاسكېتبولدەك بار ئىدى، كەلكۈن كەلسە بىر ئۇۋىدىكى چۈمۈلىلەر تېزدىن غۇژمەكلىشىۋېلىپ، ئېقىن ياقىلاپ ئاقىدىكەن. قىرغاققا يېقىنلىشىپلىۋالسا ياكى لەيلەپ يۈرگەن نەرسىلەرگە ئۇچراپلا قالسا قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. HW,v"  
   گەپ ئارىلىقىدا چۈمۈلە پومزىكى ئېقىپ كېلىپ قىرغاققا بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئېنىق كۆرۈندى، ئۇ بىر پۇتبول چوڭلۇقىدىكى چۈمۈلە پومزىكى بولۇپ، قاپقارا چۈمۈلىلەر غۇچچىدىلا غۇ \%.oi@A  
ژمەكلىشىۋالغانىدى! _)!*,\*`{  
   شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقان دولقۇن چۈمۈلىلەرنى خۇددى تۆمۈر ئەسۋابتىن سويۇلۇپ چۈشۈۋاتقان سىر پارچىلىرىدەك ئاز – ئازدىن چۈشۈرۈۋېتىۋاتاتتى.   .=t:Uy  
    كىشىلەر بۇنىڭغا قاراپ ھەيران قېلىشتى. e*PUs  
   چۈمۈلە پومزىكى قىرغاققا يېقىنلىشىپ، خۇددى قۇرۇقلۇققا چىقىش كېمىلىرىدەك قات – قېتىدىن بوشىدى. چۈمۈلىلەر تېزدىن، ئەمما  تەرتىپلىك ھالدا رەت – رېتى بىلەن قىرغاققا ئېتىلىپ، غەلىبە بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقتى. قىرغاقتىكى سۇدا يەنىلا خېلى چوڭ بىر چۈمۈلە پومزىكى قالدى، ئۇ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى قۇربان بولغۇچىلار ئىدى، ئۇلار ئەمدى ئۆمىلەپ چىقالمايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ جەسىدى بىر - بىرىنى يەنىلا مەھكەم قۇچاقلىۋالغانىدى. z=g!mVK5  
&z:bZH]DH  
                                         مىخ ۋە قايچا 2; s[m3  
     بىر دېھقان بىر پروفېسسوردىن سوراپتۇ: q>>1?hzA  
    − ئەپەندى، بىر گاس - گاچا ئادەم مېتاللار دۇكىنىغا كىرىپ، مىخ سېتىۋالماقچى بوپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن سول قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى پۇكەيگە قويۇپتۇ، ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن بىرنېمە  مىخلاشنى شەرەتلەپتۇ. مال ساتقۇچى بولقىدىن بىرنى چىقىرىپتىكەن، ئۇ بېشىنى چايقاپتۇ ھەم پۇكەيگە قويغان ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپتۇ. مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا مىخنى ئېلىپ بېرىپتىكەن، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر ئەما كىشى كىرىپ كېلىپتۇ. ئەپەندى، ئويلاپ بېقىڭا، ئۇ قانداق قىلىپ بىر قايچا سېتىۋالار؟ kh2TDxa&  
  − ھە، بۇ بەك ئاددىي ئىشقۇ، ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ قايچا بىلەن لاتا كەسكەننى دورىسىلا بولمىدىمۇ، − دەپ بىمالال جاۋاب بېرىپتۇ پروفېسسور. REK):(i7P  
    دېھقان كۈلۈپ كېتىپتۇ: >cN  
   − پروفېسسور ئەپەندى، سىز ئالداندىڭىز، ئەمەلىيەتتە، ئەما كىشى سۆزلىيەلەيدۇ. ]k7%p>c=B  
q6C`hVM l  
    [ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ]

gulhan 2014-02-07 19:41
ئايزىبانىڭ بۇ ئەجرىدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۇق. رەھمەت سىزگە . ئەجرىڭىزدىن ھۈرمەتلەر كۈكلىسۇن!

ئەكبەرنىياز 2014-02-08 11:43
سىزنىڭ ئەجرىڭىزدە ھەممىمىز نۇرغۇن ھېكمەتلىك ھىكايەتلەردىن خەۋەردار بولدۇق ئايزىبا ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

قاراخان 2014-02-08 12:32
سىزنىڭ ئىزچىللىقىڭىزغا قايىلمەن، ياخشى ماتىرىياللارنى سۇنىۋاتىسىز، پايدىلىنىش قىممىتى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى ئىكەن، سىزگە رەھمەت.

tawpek 2014-02-13 15:30
كۆپ تەشەككۇر، ساقلاپ مىڭىۋاتىمەن،   كىتابىنىلا ئىزدەپ باقسام بولغۇدەك. ~v2(sRJ  
rMIX{K)'f  
T_Tu>wQX  
داۋاملىق سۇنۇڭ.


查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز »دىن تامچىلار  ( 13 ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled