查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن پارچىلار   ( 10) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن پارچىلار   ( 10) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-06 21:18

« قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن پارچىلار   ( 10)

ئ                                                 ىئككى سۆزلۈك ھېكمەت ZpV]X(Px(o  
x#J9GP.  
     ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىر يىگىت يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئىستىقبالىنى ياراتماقچى بوپتۇ. ئۇ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆز ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن يول كۆرسىتىشنى ئىلتىجا قىلىپتۇ. ئۇرۇق ئاقساقىلى شۇ چاغدا ھۆسن خەت يېزىشنى مەشىق قىلىۋاتقانىكەن. يىگىتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە مەسلىھەت سوراۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭغا شۇئانلا: « قورقما » دېگەن بىر سۆزنى يېزىپ بېرىپتۇ، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: a%T`c/C  
    − ھاياتنىڭ سىرىنى ئىككى سۆز بىلەنلا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ، مەن ئاۋۋال ساڭا بىرىنى بېرەي، بۇ ساڭا يېرىم ئۆمۈر يېتىدۇ، − دەپتۇ. .eR1\IAm  
    ئوتتۇز يىلدىن كېيىن بۇ يىگىت بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، دەرۋەقە، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ يولۇقۇپتۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، يەنە ھېلىقى قەبىلە ئاقساقىلىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. ئەمما قەبىلە ئاقساقىلى بىرنەچچە يىل ئاۋۋال دۇنيادىن ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى بىر كونۋېرتنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ) *~A|[  
    − بۇنى بوۋاي ھايات ۋاقتىدا سىزگە قالدۇرغانىدى، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ ! eQuu\/z*H  
    يىگىت ئېھتىياتچانلىق بىلەن كونۋېرتنى ئېلىپ قولىغا ئېلىپ ئاچقاندىن كېيىن، قەغەزگە: « ئۆكۈنمە » دېگەن بىر سۆزنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. \8`7E1d  
     شۇنداق، ھاياتتا ئوتتۇرا ياشقا كىرىشتىن ئاۋۋال قورقماسلىق، ئوتتۇرا ياشتىن كىرگەندىن كېيىن ئۆكۈنمەسلىك كېرەك. >R+-mP!nj  
{A/r)  
                                            ۋاپاغا جاپا RbAl_xKI  
C/e.BXA  
    ئالياسكىدىكى كىچىك بىر بازاردا  بىر  خوتۇن قىيىن تۇغۇتتا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭدىن بىر بالا قاپتۇ. ئېرى تىرىكچىلىك غېمىدە ھەمىشە سىرتتا ئالدىراپ يۈرىدىغان بولغاچقا، بالىسىغا قارايدىغان ئادەم تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىتىغا بالىسىنى قارىتىپتۇ. r5}p .  
     بىر كۈنى خوجايىن ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، شۇنداق قاراپلا داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. ھەممىلا يەر قان تۇرغۇدەك، ئەمما بالا كۆرۈنمەپتۇ ! ئۇ يەنە يېنىدىكى ئىتىغا قاراپ، ئۇنىڭ تۇمشۇقلىرىنىڭ قان بولۇپ كەتكەنلىكىنى چېلىقتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن  «ئىت ئىتلىقىنى قىلىپ، بالامنى يەۋېتىپتۇ ! » دەپ چۈشىنىپتۇ – دە، غەزەپ بىلەن يوغان كالتەكنى ئېلىپ ئىتنى بىرلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. rwRZGd *p  
   شۇ چاغدا خوجايىن توساتتىنلا بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ، ئاۋاز كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقۇدەك...بالا ئۆمىلەپ چىققىنىدا بەدىنىدە ئازراقمۇ يارا كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ يەنە ھېلىقى ئىتقا زەن سېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن يوغانلا بىر پارچە گۆشنىڭ ئۈزۈۋېلىنغانلىقىنى بايقاپتۇ، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قارىسا ئۆلۈپ قالغان بىر بۆرە ياتقۇدەك... u? =mh`  
oY)eN?c  
)9YDNVo*-  
)|~& (+Q?]  
                                           كالا ۋە ئىت j& 8YE7  
kE&R;T`Gb%  
     ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر دېھقاننىڭ كالىسى ئېغىر ۋە زېرىكىشلىك ئىشلارنى قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كۈنى كەچتە ئىت بىلەن قېچىپ كېتىپ تاغ - دالىلاردا ئەركىن - ئازادە تىرىكچىلىك قىلىشقا كېلىشىپتۇ.   _3`G ZeGV  
     كەچتە ئىت دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كېلىپتۇ. ئۇ كالىنىڭ بۇرنىغا ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن قوزۇققا باغلاپ قويۇلغان ئارغامچىنى ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن ئۈزمەكچى بوپتۇ، ئەمما كالا ئۇنى توسۇۋاپتۇ: $*C }iJsF  
   − ياق، سەن ئۇنى يەنىلا قوزۇقتىن ساپساق يېشىۋالغىن ! بۇ بىر ياخشى ئارغامچا، مېنىڭ ھېچقانداق ئۆي – بىساتىم قالمىدى،  مەن ئۇنى ئالغاچ كېتىمەن. gP% <<yl  
   ئىت كالىنىڭ گېپىگە كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ، ئۇ قوزۇقتىن بىر ئامال قىلىپ ئارغامچىنى يېشىۋېلىپ، ئۇنى يەنىلا كالىنىڭ بۇرنىغا ساڭگىلىتىپ قويۇپتۇ، ئارقىدىن ئۇلار دەرۋازىدىن ئېتىلىپ چىقىپ بىرلىكتە قېچىپ كېتىپتۇ. JtFq/&{i  
    يولدا ئىت ناھايىتى ئۇزاپ كېتىپتۇ، ئەمما ئارغامچىسى يول بويىدىكى بىر بىر تاشقا ئىلىنىشىپ قالغان كالىنى كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن ئىگىسى ناھايىتى تېزلا يېتىلەپ كېتىپتۇ. \.i7( J]  
|]&3*%b@  
                                       بېلىڭىزنى ئەگسىڭىزلا... REh"/d  
/TMVPnvz.  
$H<_P'h-B  
     گىئوتى ئۆزىنىڭ لىرىك نەزمىسىدە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلىگەن: ئەيسا مۇرىتى پېتىرنى ئېلىپ يىراق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. سەپەر ئۈستىدە ئۇپراپ ھالى قالمىغان ئات تاقىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، پېتىرغا ئۇنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتىپتۇ، ئەمما پېتىر بېلىنى ئېگىپ ئېلىۋېلىشقا ئېرىنىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىۋاپتۇ. ئەيسا ھېچنېمە دېمەيلا ئۆزى ئېڭىشىپ ئات تاقىسىنى ئېلىۋاپتۇ، ئۇنى تۆمۈرچىگە ئۈچ يارماققا تېگىشىۋېلىپ، يەنە بۇ پۇلغا ئون سەككىز دانە گىلاس سېتىۋاپتۇ. T 
     ئىككىسى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈنلەي چۆل – جەزىرىدىن ئۆتۈپتۇ. ئەيسا پېتىرنىڭ ئۇسساپ بولالماي قالغانلىقىنى پەملەپ، يېڭىگە يوشۇرۇپ قويغان گىلاستىن بىرنى ئاستىلا تاشلاپ قويۇپتۇ، پېتىر ئۇنى كۆرۈپلا ئالمان - تالمان ئېلىپ يەپتۇ. ئەيسا يولىنى داۋاملاشتۇرغاچ تاشلاۋېرىپتۇ، پېتىرمۇ قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ ئون سەككىز قېتىم بېلىنى ئېگىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەيسا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: V^s, 3C  
    − شۇ چاغدا بېلىڭنى بىر قېتىم ئەگكەن بولساڭ، كېيىن تىنماي ئېگىلىپ يۈرمىگەن بولاتتىڭ، _ دەپتۇ. F'uqL+jVO  
دېمەك، كىچىك ئىشلارنى قىلمىساڭ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كىچىك ئىشلارنى تەرلەپ – پىشىپ ئىشلەيسەن. fzJiW@-T  
C. .|O  
                                 قەلبتىكى توڭلاش نۇقتىسى Xe4   
_{o 3y"DZ  
      نىك بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا ئېھتىياتسىزلىقتىن رېمونت قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان يوغان بىر توڭلىتىش ساندۇقىغا سولىنىپ قاپتۇ. باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە كېتىپ بولغانىكەن، شۇڭا نىك توڭلىتىش ساندۇقىدا ھەرقانچە مۇشلاپ توۋلىسىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم  بېرىدىغانلار چىقماپتۇ. 9O- otAGM  
     ئاخىر نىكنىڭ قوللىرى تولا مۇشتلپ ئىششىپ كېتىپتۇ، كانىيىمۇ تولا توۋلاپ بوغۇلۇپ قاپتۇ، ئۆزى يەرگە ئولتۇۇرپ قېلىپ ھەدەپ پۇشۇلداشقا باشلاپتۇ. ئۇ «توڭلىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى تۆۋنلەيدۇ، بۇ يەردە ئەتىگىچە تۇرسام  جەزمەن توڭلاپ ئۆلۈپ قالىمەن » دېگەنلەرنى ئويلىغانسېرى قورقۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قوللىرى تىترىگىنىچە ۋەسىيەتنامە يېزىپتۇ. ! Vl)aL  
      ئەتىسى ئەتىگەندە باشقا خىزمەتچىلەر ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن توڭلىتىش ساندۇقىنى ئېچىپ نىكنىڭ يەردە ياتقىنىنى، ئۆلۈپ قالغىنىنى بايقاپتۇ. كۆپچىلىك تولىمۇ ھەيران بوپتۇ، چۈنكى توڭلىتىش ساندۇقى بۇزۇلغان، پۈتۈنلەي توڭلىتالمايدىغان بولۇپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ئون نەچچە گىرادۇس، يەنە كېلىپ ئوكسىگىنمۇ ناھايتى تولۇق ئىكەن، ئەمما نىك « توڭلاپ » ئۆلۈپ قالغانىكەن ! }0&Fu?sP  
     دېمەك، نىك توڭلىتىش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئەمەس، بەلكى قەلبىدىكى توڭلاش نۇقتىسىدا ئۆلۈپ قاپتۇ ! $?ss5: S  
n KE^km  
                                       ئاخىرقى دەرس IR"C ?  
|21V OPBS  
      بىر پەيلاسوپ شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، دۇنيانى ئايلىنىپتۇ، ئون يىلدىن كېيىن ئىلىم - بىلىمگە توشۇپ قايتىپ كېلىپتۇ. H7uh"/A  
     پەيلاسوپ شەھەرگە كىرىشيىن ئاۋۋال خىلمۇ خىل ياۋا ئوتلار قاپلانغان بىر جايدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىغا: o"qxR'V  
   − ئوقۇش ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھازىر ئاخىرقى دەرسنى ئۆتىمىز. مەن شۇنى بىلمەكچى، بۇ ياۋا ئوتلارنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ؟ − دەپتۇ. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ، ئۇلار ھاياتنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ  كېلىۋاتقان پەيلاسوپنىڭ ئاخىرقى دەرسىدە مۇشۇنداق ئاددىي بىر مەسىلىنى سورايدىغانلىقىنى ئولاپ باقمىغانىكەن. ~JRq :  
    بىر شاگىتى: ]HWeVhG  
   − مۇئەللىم، بۇنىڭغا گۈرجەك بولسىلا بولىدۇ، − دەپتۇ. =Fe4-B?I  
    يەنە بىر شاگىرتى: BuvnY  
   − ئوت بىلەن كۆيدۈرۈشمۇ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل، − دەپتۇ. ئۈچىنچى شاگىتى تېخىمۇ كەسكىن جاۋاب بېرىپتۇ: w.rcYywI  
    − يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك، يىلتىزىنى قېزىپ ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ. $J4)z&%dr  
   پەيلاسوپ شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى سۆزلەپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: :.=j)ljTx  
    − دەرسىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، سىلەر قايتقىنىڭلاردىن كېيىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بىر پارچە يەردىكى ياۋا ئوتلارنى يوقىتىڭلار، بىر يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈشەيلى. G; exH$y  
    بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى يېتىپ كېلىپتۇ، ئەمما ئۇلار بۇرۇن يىغىلغان جاي ئوت – چۆپ بىلەن قاپلانغان بۇرۇنقى جايلىقى بىلەن تۇرۇۋەرمەي،  دانلىق زىرائەتلەرگە تولغان ئېتىزلىققا ئايلانغانىكەن. شاگىرتلار يەردىلا ئولتۇرۇپ، پەيلاسوپنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ، ئەمما پەيلاسوپ باشتىن – ئاخىر كەلمەپتۇ. !;vv-v,LQ  
      نەچچە ئون يىلدىن كېيىن پەيلاسوپ ۋاپات بوپتۇ، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ سۆز ۋە  خاتىرىلىرىنى رەتلىگەندە، ئاخىرىغا مۇنداق بىر كەلىمە سۆزنى قوشۇپ قويۇپتۇ: كەڭ دالىدىكى ياۋا ئوت – چۆپلەرنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى  ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئۈستىگە زىرائەت تېرىش، شۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆڭۈلنى پاراكەندە قىلماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىگىلەش. Q}l~n)=  
K0B<9Wi |  
[ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ] ~:0w%  
-I6t ^$HA  
XpkOCo02  
 f}*:wj  
Ac*J;fI  

ئەكبەرنىياز 2014-02-06 21:33
ۋاپاغا جاپا بىلەن قەلبتىكى توڭلاش نۇقتىسى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى . ئايزىبانىڭ ئىزچىللىقىغا ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن !!!

32094 2014-02-08 16:43
مەن مۇشۇ كىتابنى ئىزلەپ يۇرەتتىم ،تۇلىمۇ خۈرسەن بولدۇم.

ھسداەىقكل 2014-02-18 20:06
     rcMf1\  
مەن مۇشۇ كىتابنى ئىزلەپ يۇرەتتىم ،تۇلىمۇ خۈرسەن بولدۇم.


查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن پارچىلار   ( 10) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled