查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  ( 9 ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  ( 9 ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-06 19:06

« قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  ( 9 )

          
قاتىل
R1 wd Q8q  
:heJ5* !,  
     ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى پارىس قولتۇقىدىكى كىچىك بىر دۆلەتتە بىر ئالماس سودىگىرى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇز مىڭ سەر ئالتۇنى، ئوتتۇز مىڭ تۇياق قوي – كالىسى، ئوتتۇز مىڭ ئېغىز ئۆيى بولغانىكەن. كەسىپداشلىرى ئۇنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش قارارىغا كېلىپتۇ. شۇڭا ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ شۇ جايدىكى داڭلىق بىر قاتىلنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئالماس سودىگىرنىڭ ئۆزلۈكۈدىنلا ئۆلۈپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، بۇنى باشقىلارغا چاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپتۇ. مۇكاپات پۇلى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا قاتىل بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. %!=YNm  
     ئۇزۇن ئۆتمەي قاتىل يوشۇرۇپ قويۇلغان بىر پارچە خەزىنە خەرىتىسىنى كۆتۈرۈپ سودىگەرنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ھەمدە ئۇنى قۇملۇققا كىرىپ بايلىق قېزىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئاچ كۆز سودىگەر بۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ. %kUJ:lg;d  
     ئۇلار ئىككى تۆگە، سۇ ۋە قۇرۇتۇلغان گۆش ئېلىۋېلىپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە قۇم – بورانغا ئۇچراپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ. ئاخىر بىر چۆگۈن تاتلىق سۇ بىلەنلا قاپتۇ. ئۇلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا قاتتىق قىينىلىپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ. ھايات قېلىش ئۈچۈن چۆگۈندىكى سۇنى ساقلاپ قويۇپ، ئاخىرقى پەيتكە بارغاندا ئىچىشنى قارار قىلىپتۇ. mb/3 #)  
     ئۇلار ئۇسساپ قالساق ئىچىدىغان بىر چۆگۈن سۈيىمىز بارغۇ دېگەننى ئويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ياشاپتۇ. بوستانلىققا يېقىنلىشىپ قالغاندا، ھېلىقى قاتىل بىردىنلا: «ئاپلا !»  دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. قارىسا سۇ ماكچىيىپ كەتكەن چۆگۈندىن بۇلدۇقلاپ چىقىپ، قاغجىراپ كەتكەن قۇملۇققا سىڭىپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن سودىگەرنىڭ كۆزى چەكچىيىپ، نەپىسى توختاپ قاپتۇ. O:U@m@7  
   قاتىل تېزلا بوستانلىققا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ سودىگەرنىڭ جەسىدىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ كېلىپ، مىڭ سەر ئالتۇنغا ئېرىشىپتۇ. m: ^@AR1%d  
    ئادەمنى ئىشەنچ تۇتۇپ تۇرغاندا، ئۇ ھاياتنىڭ چېكىگە يېتىپ بارالايدۇ؛ ئۇ ئىشەنچىنى يوقاتقاندا، ئۇنىڭ روھىمۇ بىللە يوقىلىدۇ. قاتىل دەل مۇشۇ ئىنسان تەبىئىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان. mrbIoN==`  
0hv[Ff  
                                                    بىر كېچە ۋە ئۆمۈر UkYQ 
"2h#i nS  
PQ[TTLG\&  
     ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئاۋۋالقى  بىر كېچىسى ياشانغان ئەر – خوتۇنلار بىر مېھمانخانىنىڭ زالىغا كىرىپ ياتاق ئالماقچى بوپتۇ. fg9sZ%67]\  
    − ناھايىتى خىجالەتمەن، − دەپتۇ پۇكەينىڭ ئالدىدا تۇرغان ياش مۇلازىم، − بىزنىڭ بۇ يەرنى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تەشكىلاتلار ھۆددىگە ئېلىۋالدى. FFkG,XH  
    مۇلازىم ياشانغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ  ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئالمان – تالمانلا مۇنداق دەپتۇ: 2ReulL8j  
    −  ئەپەندىم، خانىم، مۇنداق كېچىدە بۇ يەردىن چىقىپ كېتىپ يەنە قونالغۇ تاپالماسلىقىڭىزلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئەگەر ياراتسىڭىزلار مېنىڭ ياتىقىمدا بىر كېچە قونسىڭىزلار بولىدۇ. ئۇ يەر ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن بولمىسىمۇ، ناھايىتى پاكىز، بۈگۈن كەچ مەن مۇشۇ يەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن. %MIu;u FR  
    ئەتىسى ياشانغان ئەپەندىم بىنادىن چۈشۈپ ياتاق پۇلى تۆلىمەكچى بولغاندا، ھېلىقى مۇلازىم ئۇنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىپ: A/QVotcU  
   − مەن ئۆيۈمنى سىزلەرگە ھەقسىز بېرىپ تۇرغان ، − دەپتۇ. Y}Dp {  
      يەنە بىرقانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى بۇ مۇلازىم توساتتىن ھېلىقى ياشانغان ئەپەندىمنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، ياشانغان ئەپەندىم ئۇنى مانھاتتونغا بېرىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان ھەمدە بېرىش – كېلىشتە ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى قوشۇپ قويغانىكەن. مۇلازىم بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مانھاتتونغا كېلىپ، ھەشەمەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىدا ياشانغان ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، ياشانغان ئەپەندىم ئالدىدىكى بىنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ: j@ "`!uPz  
    − بۇ مەن سىزگە مەخسۇس سالدۇرغان مېھمانخانا، − دەپ چۈسەندۈرۈپتۇ. بۇ مېھمانخانا كېيىن ئامېرىكىدا ناھايىتى زور شۆھرەت قازىنىپتۇ. ھېلىقى مۇلازىممۇ بۇ مېھمانخانىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باش دېركتورى بوپتۇ. بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ بىر كېچىلىك سەمىمىيىتى بەدىلىگە ئۆمۈرلۈك شاھانە ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن. `~RV  
   ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: ھەممىدىن بەك ئاز ئۇچرايدىغان نەرسە ھەممدىن بەك پۇلغا يارايدۇ، سودا پائالىيىتىدە سەمىمىيەت ھەممىدىن ئاز ئۇچرايدۇ. $i1A470C  
"VeU OdNA>  
                                                   رەسىم سېتىۋالغان ئايال J'EK5=H  
 
     بىر باي ئوغلى كىچىككىنە چاغدىلا خوتۇنىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ تەربىيەچىسى بولۇشقا ۋە ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بىر ئايال خوجىدار تەكلىپ قىلىپتۇ. ئوغلى ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە توساتتىنلا قاتتىق ئاغرىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بوپتۇ. بۇ باي ئىككى قېتىملىق جۇدالىقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇزاققا قالمايلا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. q!TbM"  
     باي ۋەسىيەتنامە قالدۇرمىغانىكەن، ئۇنىڭ ھايات تۇغقانلىرىمۇ يوق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت قانۇنغا ئاساسەن ئۇنىڭ مال – مۈلكىنى ئىختىيارىغا ئېلىۋاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ قالغان تەۋەررۈكلىرىنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىپتۇ. ;!}SgzSH}  
    باينىڭ ھېلىقى خوجىدارى نامرات ئىكەن. ئەمما ئۇ خاتىرە سۈپىتىدە بىر تەۋەررۈكنى سېتىۋالماقچى بوپتۇ. ئۇ بىر پەلەمپەينىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان ماي بوياق رەسىم بولۇپ، ئۆزى ئون بەش يىل قارىغان كىچىك خوخايىننىڭ رەسىمى سىزىلغانىكەن، بۇ رەسىم كۆپ يىللاردىن بېرى ئېلىۋېتىلمىگەنىكەن. u s0'7|{q  
   باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئاخىرلىشاي دېگۈچە ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ رەسىمنى ھېچكىم ئالماپتۇ، شۇڭا پىشقەدەم خوجىدار ئۇنى ئۇنى ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشقا مۇھەپپەق بوپتۇ. ئۇ رەسىمنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كېلىپ ئوبدانراق بېزىمەكچى بوپتۇ. l!  y _P  
   ئۇ رەسىم رامكىسىنى چۇۋۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ كەينىدىكى كاردون قەغەزنىڭ ئىچىدىن بقر پارچە قەغەز چۈشۈپتۇ، ئېچىپ قارىسا خوجايىننىڭ ۋەسىيەتنامىسى ئىكەن. خوجايىن بۇ ۋەسىيەتنامىنى ئوغلى ھايات ۋاقتىدا يازغانىكەن، پىشقەدەم خوجىدار مۇشۇنىڭغا ئاساسەن نۇرغۇن مال – مۈلۈككە ئېرىشىپتۇ. J9FNjM[qe  
ھايات سەمىمىيلىكنى قەدىرلەيدۇ... ,OCTm%6e  
?>8zU;Aj  
                                         بايلىق،  مۇۋەپپەقىيەت  ۋە  مۇھەببەت <`3(i\-X  
?GarD3#A  
|w2AB7EU  
     ئاپئاق ساقاللىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر خانىمنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئاپتۇ. ئۈچەيلەننىڭ بىرى «بايلىق»، بىرى « مۇۋەپپەقىيەت »، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىكەن. خانىم ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتىكەن، ئۈچ ئاقساقال كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئەمما جايىدىن قوزغالماپتۇ. ws?s   
     خانىم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى چۈشىنەلمەپتۇ. ئۈچ بوۋاي بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: ]M(f^   
    − بىز ئۆيىڭىزگە بىرلا ۋاقىتتا كىرەلمەيمىز ! ئەمما سىز ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىزنىڭ قايسىمىزغا بەكرەك مۇھتاج ئىكەنلىكىڭلارغا قاراپ باقايلى. h3EDN:FQ  
   خانىم ئۆيگە كىرىپ بوۋايلارنىڭ سۆزىنى ئۆيدىكىلەرگە دەپتۇ. ئۇنىڭ ئېرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ: T:">,* |  
   − شۇنداق بولغاندىكىن، بىز بايلىق بوۋاينى تىكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلساق ئۆيىمىز بايلىققا توشۇپ كەتسۇن ! _ دەپتۇ. 8VmN? "5v  
    خانىم بۇنىڭغا قوشۇلماپتۇ: bMZn7c  
  − قەدىرلىكىم، بىز نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانساق ياخشى ئەمەسمۇ ! i{ @'\}{L  
   شۇ چاغدا كېلىنى گەپكە لوقما ساپتۇ: Q3%# o+R>  
   − بىز يەنىلا مۇھەببەتنى تەكلىپ قىلايلى، ئائىلىمىز ھەرقاچان، ھەرزامان مۇھەببەتكە تولۇپ تاشسۇن. F6c[v|3  
  − ئۇنداق بولسا بىز كېلىنىمىزنىڭ گېپى NND=Z xl  
گە كىرەيلى! _ دەپتۇ ئەر – خوتۇن ئىككىسى كېلىنىگە بېشىنى لىڭشىتىپ. >DUE8hp ;<  
     شۇنىڭ بىلەن خانىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. لېكىن، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇشىغا، مۇۋەپپەقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا مېڭىپتۇ. خانىم بۇنىڭدىن ھەيران قاپتۇ: h_chZB'  
  − بىز « مۇھەببەت »  نى تەكلىپ قىلساق سىلەرمۇ كېلىۋاتىسىلەرغۇ؟ 62l0 Z-  
   ئۈچ بوۋاي كۈلۈپ كېتىپتۇ: s!/holu  
  − قەيەردە مۇھەببەت بولسا، شۇ يەردە بايلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەت بولىدۇ. ,PMb9 O\B  
n~ >h4=h  
\*%i#]wO@  
                                                 شاگىرتلىققا كىم يارايدۇ )=E~CpKV  
wz*A 
q= yZx)  
      پىشقەدەم قۇلۇپچى ياشىنىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆز ھۈنىرىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىككى يىگىتنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆگىتىپ قويماقچى بوپتۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئىككە يىگىت بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. پىشقەدەم قۇلۇپچى ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ باقماقچى بوپتۇ. TjUZv1(L  
     پىشقەدەم قۇلۇپچى ئىككى بىخەتەر ئىشكاپنى ھازىرلاپ، ئىككى شاگىرتىغا قۇلۇپنى ئېچىشنى بۇيرۇپتۇ. چوڭ شاگىرتى ئون مىنۇتقا قالمايلا بىخەتەر ئىشكاپنى ئېچىۋېتىپتۇ. ئەمما ئىككىنچى شاگىرتى بۇ ئىشقا يېرىم سائەتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپتۇ. كۆپچىلىك چوڭ شاگىرتىنى جەزمەن ئۇتۇۋالىدۇ دەپ قاراپتۇ. پىشقەدەم قۇلۇپچى چوڭ شاگىرتىدىن: ;*-@OLT_K  
  − بىخەتەر ئىشكاپتا نېمە بار ئىكەن؟ s1Tl.p5  
  − ئۇستام، ئۇنىڭدا نۇرغۇن پۇل بار ئىكەن، ھەممىسى بىر كويلۇق پۇللار ئىكەن. CaYos;Pl  
     پىشقەدەم قۇلۇپچى ئىككىنچى شاگىرتىدىن يەنە شۇ وئالنى سوراپتىكەن، ئۇ بىر ھازاغىچە دۇدۇقلاپ قېلىپ ئاندىن جاۋاب بېرىپتۇ: ,%?; \?b%h  
  − ئۇستام، ئۇنىڭدا بىرەر نەرسە بارلىقىنى كۆرمىدىم، سىز ماڭا قۇلۇپنى ئېچىشنىلا بۇيرۇغانتىڭىز، شۇڭا قۇلۇپنى ئاچتىم. (~G5t(+  
    پىشقەدەم قۇلۇپچى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، داغدۇغا بىلەن ئىككىنچى شاگىرتىنىڭ ئۆزىگە رەسمىي ئىزباسار بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. بۇنىڭغا چوڭ شاگىرتى قايىل بولماپتۇ. جامائەت دەرگۇمان بوپتۇ. پىشقەدەم قۇلۇپچى بىلىنەر – بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دەپتۇ: S!jF:Uc  
   − قانداق كەسىپنى ئىشلەشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە « ئىشەنچ » كە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىزنىڭ كەسپىمىزدە تېخىمۇ شۇنداق. بۇ كەسىپنى ئىگىلىگەن ئادەم كۆڭلىدە قۇلۇپتىن باشقا ھېچنېمە  بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، پۇل – دۇنيانى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي كۆڭلىدە كىر ساقلىسا، ئازراقلا ئاچ كۆزلۈك قىلسا، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ياكى بىخەتەر ئىشكاپنى ئېچىپ پۇل ئېلىش ئاسانلا بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئاخىر باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان سالىدۇ. بىزدەك قۇلۇپ ياسايدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاچقىلى بولمايدىغان بىر قۇلۇپ بولۇشى كېرەك. aYaG]&hb  
d2C[wQF  
[ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ] k5 aa>6K  
9h:jFhsA9  
H.YIv50E  
"x#]i aDjf  

ئەكبەرنىياز 2014-02-06 19:49
ئىزچىللىقىڭىزغا ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ئايزىبا ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور ھىكايەتلەر ئىكەن !!!

گۈلنىھال 2014-02-07 21:56
‏بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقىغا ماتىرىيال قىلساق ، ئۈنۈمى بەكلا ياخشى  بولغۇدەك ، سىزگە رەھمەت !


查看完整版本: [-- « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  ( 9 ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled