查看完整版本: [-- «  قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (8) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> «  قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (8) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-06 15:00

«  قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (8)

                                                    ئەخلاق سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىدۇ Xf[;^?]X  
I/%L,XyRI  
9{}"tk5$h  
     ئامېرىكا شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا ئارىئان شىركىتى تۆت نەپەر ئالىي دەرىجىلىك جۇڭگولۇق خىزمەتچى  قوبۇل قىلماقچى بوپتۇ. بىر يىگىت ئون نەپەر قايتا ئىمتىغان بەرگۈچىنىڭ بىرى بوپتۇ. 3mHP=)  
    قايتىدىن ئىمتىھان بېرىشكە باش دېرىكتور باكېر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىپتۇ. ھېلىقى يىگىت مېھمانخانىغا كىرىپ كەلگەندە، باكېر ئەپەندى ساپادىن تۇرۇپتۇ. 4:Oq(e_(  
     − سىزما؟ سىز...، − دەپ ئىككىلىنىپتۇ، ئاندىن ھەيران قاپتۇ ھەمدە بۇ يىگىتنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ، راۋان خەنزۇ تىلىدا، − ئەسلىدە سىز ئىكەنسىز - دە ! مەن سىزنى ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ يۈرەتتىم ! − دەپتۇ. ئارقىدىن يېنىدا ئولتۇرغان بىربەچچە «چەت ئەللىك» كە ھاياجان بىلەن بۇرۇلۇپ، − ئەپەندىلەر، سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي، مانا بۇ قىزىمنى قۇتۇلدۇرغان ھېلىقى يىگىت شۇ ! − دەپ توۋلاپتۇ. يىگىتنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ تېخى گەپ قىلماي تۇرپلا، باكېر ئەپەندى ئۇنى يېنىدىكى ساپاغا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ يەنە سۆزلەۋېرىپتۇ، − مېنىڭ قولۋاق ھەيدەش تېخنىكام بەك ناچار بولغاچقا، قىزىمنى كۇنمىڭ كۆلىگە چۈشۈرۈۋەتتىم، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز چاتاق چىقاتتى. كەچۈرۈڭ، شۇ چاغدا قىزىم بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، سىزگە رەھمەت ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەپتىمەن. liqVfB%  
     يىگىتكە بۇ گەپلەر ناھايىتى تساسدىپىي تۇيۇلۇپتۇ، ئۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قويغاندىن كېيىن: ]9~Il#  
   − كەچۈرۈڭ، مەن بۇرۇن سىزنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان، قىزىڭىزنىمۇ قۇتقۇزۇپ باقمىغان، − دەپتۇ. ئەمما باكېر ئەپەندى: })`z6d]3  
    − ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنى كۇنمىڭ كۆلى باغچىسىدا...چوقۇم سىز، − دەپ تۇرىۋاپتۇ. يىگىت ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپتۇ: g 
   − باكېر ئەپەندى، مېنىڭچە سىز جەزمە خاتالاشتىڭىز، مەن قىزىڭىزنى قۇتقۇزۇپ باقمىغان. .2U3_1dX  
    يىگىتنىڭ قەتئىي سۆزلىرىنى ئاڭلىغان باكېر ئەپەندى بىر ھازاغىچە تۇتۇپ قاپتۇ، ئاندىن توساتتىن كۈلۈپ كېتىپتۇ: k'*vG6!  
  − يىگىت، مەن سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزگە قايىل بولدۇم، قارارىم شۇكى، سىز قايتا ئېلىنغان ئىمتىھاندىن ئۆتتىڭىز ! j/q&qrlL  
    ھېلىقى يىگىت تەلىيى كېلىپ ئارىئان شىركىتىنىڭ خادىمى بولۇپ قاپتۇ. بىر قېتىم ئۇ دېرىكتورنىڭ ياردەمچىسىدىن: )#GF :.B  
    − باكېر ئەپەندىنىڭ قىزىنى قۇتقۇزغان يىگىت تېپىلىپتىمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. ياردەمچى ئۇنىڭ سۆزىنى دەماللىققا چۈشىنەلنەپتۇ، ئەمما سەلدىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ: Tm9sQ7Oj(  
− ئۇنىڭ قىزى ؟ ئىمتىغانغا قاتناشقان يەتتە كىشى ئۇنىڭ قىزى سەۋەبىدىن ئىمتىھاندىن شاللىۋېتىلدى. ئەمەلىيەتتە، باكېر ئەپەندىنىڭ ئەزەلدىن قىزى يوق. eh>FYx( S  
    بۇ ھېكايە خېلىلا ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. k ]T  
گېرمانىيە شائىرى ھىينىنىڭ: «ھايات يالغان – ياۋىداق گۈللەردىن يارقىن گۈللەرنى ئېچىلدۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس » دەيدىغان بىر سۆزى بار. سەمىمىيلىك −  ئادەم بولۇشنىڭ ئاساىي مىزانى؛ سەمىمىيلىك −  باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسى؛ سەمىمىيلىك  − سودا دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىش دولقۇنىدا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقتا. 4 
]d~{8h!G  
uJlW$Oc:.  
                                                   نەس باسقان بىر كۈن @ULWVS#t2  
ycwkF$7  
')yYpWO  
     بىر يىگىت قاۋاقخاندا ھەسرەتكە پېتىپ كۆز ئالدىدىكى بىر رۇمكا ھاراققا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ ئولتۇرغانىكەن، تەمبەل بىر كىشى كىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتىپتۇ. g@s`PBF7`  
     يىگىت بۇنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. تەمبەل كىشى ئوپۇل – توپۇللا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپتۇ: H 
  − يىغلىمىساڭچۇ، مەن ساڭا چاقچاق قىلىپ قويغانتىم. مەن باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىمدا كۆز يېشى قىلىشىغا پەقەت چىدىيالمايمەن، ساڭا يەنە بىر رۇمكا ھاراق ئېلىپ بەرسەملا بولمىدىمۇ؟ AX6:*aZB  
    − بۈگۈن ھاياتىمدا ئەڭ نەس باسقان بىر كۈن بولدى، − دەپتۇ يىگىت، − ئەتىگەن ئۇخلاپ قالغانلىقىمدىن ئىشقا كېچىكىپ قېلىپ خوجايىن كەشىمنى توغرىلىغانىدى. شىركەتتىن چىقىپ ماشىنامنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىدىم. ئۆيگە تاكسى بىلەن قايتىپ كېلىۋېتىپ پورتمالىم بىلەن كرېدىت كارتۇشكامنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۆيگە كىرىپ خوتۇنۇمنىڭ گۈلچى بىلەن بىر يەردە ياتقىنىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، ئاخىر بۇ يەرگە ئۆلۈۋالغىلى كەلدىم. ئەمما سەن پەيدا بولۇپ، ئوغا سېلىنغان ھارىقىمنى ئىچىۋالدىڭ. "SQyy  
}QQl.'  
K%/\XnCY  
                                                   ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ IUh9skW5  
{| 
&6Lh>n(  
     بىر ھورۇن ئۆلگەندىن كېيىن، جەھەننەمگە سەپەر قىلىش يولىدا رەڭگا – رەڭ جۇلالىنىپ تۇرغان ساراينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. \}=W*xxB  
    ساراينىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: F/j ; q  
     − سەن بىرنەرسە يېيىشكە ئامراقمۇ؟ بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى خالىغىنىڭچە يە؛ سەن ئۇيقۇغا ئامراقمۇ؟ بۇ يەردە ھەرقانچە كۆپ ئۇخلىساڭمۇ ھېچكىم ساڭا دەخلى قىلمايدۇ؛ سەن ئويۇنغا ئامراقمۇ؟ بۇ يەردە خىلمۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار، خالىغىنىڭچە تاللىۋال؛ سەن خىزمەتكە ئۆچمۇ؟ بۇ يەردە ئىشلىگۈدەك خىزمەت تاپالمايدىغانلىقىڭغا ھۆددە قىلىمەن. Zg4wd/y?  
    ھورۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن سارايدا ئۈچ ئاي يەپ – ئىچىپتۇ، ئۈچ ئاي ئۇخلاپتۇ، ئۈچ ئاي ئويناپتۇ. <.BY=z=H  
    ئەمما ئۇنىڭغا كۈنلەر بارا – بارا مەنىسىز تۇيۇلۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساراينىڭ خوجايىنى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاغرىنىشقا باشلاپتۇ: Tb:'M:dM"  
    − مۇنداق كۈنلەر ئۇزىراپ كەتسە، ھەقىقەتەن مەنىسىز  تۇيۇلىدىكەن. بەك تويۇپ كېتىۋىدىم، ئۈزلۈكسىز سەمرىپ كەتتىم؛ بەك جىق ئۇخلىۋىدىم، دۆتلىشىپ كەتتىم. ماڭا بىر خىزمەت بەرسىڭىز بولارمۇ؟ UN;U+5,t  
   − كەچۈرگىن، − دەپتۇ خوجايىن، − بۇ يەردە خىزمەت يوق. m)6-D- &7  
    يەنە ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ، ھورۇن ھەقىقەتەن چىدىيالماي خوجايىنغا يەنە دادلاپتۇ: @&Yl'&pn-R  
    − بۇ كۈنلەرگە ھەقىقەتەن چىدىمىدىم، ئەگەر ماڭا خىزمەت بەرمىسىڭىز بۇ يەردە تۇرغىنىمدىن دوزاخقا چۈشكىنىم ياخشى. b1=! "Y@  
    − سەن بۇ يەرنى جەننەت دەپ قالدىڭما؟ − دەپتۇ ساراينىڭ خوجايىنى، − بۇ يەر ئەسلىدىلا بىر دوزاخ. ئۇ سېنى غايىدىن، ئىجادچانلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ،  مۇنداق روھىي ئازاب كىشىنى خەتەرلىك تىك چوققىلارغا چىقىپ، ئوت دېڭىزىغا كىرگەندىنمۇ بەتتەر قىينايدۇ. )B~{G\jS  
    ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ ! شۇ تاپتا سىز دوزاختىن سەكرەپ چىقماقچى بولۇۋاتامسىز ياكى ياكى ئۇنىڭغا سەكرەپ چۈشمەكچى بولۇۋاتامسىز؟ UK@hnQU8`  
0\"]XYOH  
Gh%dVP9B@P  
                                                          زىيانلىق تەجرىبە Zjc  0R   
9Z3Y,`R,  
o1 &Oug  
      بىر يىلى بىر تاغقا چىقىش ئەترىتى بىر قارلىق چوققىغا چىقىپ،  ئۆز ئىزىنى قالدۇرماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغقا چىقىشتىن ئىلگىرىكى ھازىرلىققا كىرىشىپتۇ. يېمەك – ئىچمەك، دورا – دەرمەك ۋە تاغقا چىقىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى تەقلىنىپتۇ. شۇ چاغدا بىر مۇتەخەسسىس بىر نەچچە يىڭنىنى ئارتۇق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، چۈنكى ئېگىز ھەم سوغۇق قارلىق تاغدا گاز ئوچاقنىڭ گاز پۈركۈش ئېغىزىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئېتىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇنى يىڭنە بىلەن ئېچىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. بىر پىشقەدەم تاغقا چىققۇچى يىڭنە ئېلىۋلىشقا مەسئۇل بوپتۇ، ئەمما ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي  بىر تاللا يىڭنە ئېلىۋاپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن بىر تال يىڭنە بولسا يېتىپ ئاشىدۇ. دەپ قاراپتۇ. T(+*y  
   ئەپسۇسكى، ئۇ  يىڭنە ئىشلىتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇنۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گاز ئوچىقىنى ئىشلەتكىلى بولماپتۇ. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكى ئۈزۈلۈپ ئاخىر مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ تاغقا چىقىش ئەترىرى ئاخىرقى ھېسابتا چوققىدا يەنىلا ئۆز ئىزىنى قالدۇرالماپتۇ. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كېلەلمەپتۇ... DwXSlsN3v  
     نۇرغۇن ئىشلاردا مەغلۇپ بولۇشىمىزدىكى سەۋەب ھەمىشە ئىككى خىللا بولىدۇ: بۇنىڭ بىرى، تەجرىبىمىزنىڭ كەملىكى، يەنە بىرى، تەجرىبىمىزنىڭ زىيادە كۆپلۈكى. تەجرىبىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەجرىبىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ئادەملا ھەقىقىي دانىشمەندۇر. nh"LdHqiDB  
Novn#0a  
dJmr!bN\;  
                                                 راھىب قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئادەم 0"c(n0L  
0tN/P+!|  
m<:g\_<  
      قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن  بىر ئوغرى ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن  چوڭ بىر چاتقاللىققا كىرىپ، تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. « ئۆمۈر دېگەن ئاتقان ئوق »  دېگەندەك، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ يىگىرمە يىل داۋامىدا ئوغرى ئىنتايىن قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەرزىمەس بىر ياۋا توشقانغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشنىمۇ خالىماپتۇ. باشتىن – ئاخىرغىچە ياۋا كۆكتات، ياۋا مېۋىلەر بىلەن قورساق توقلاپ، دەرۋەشلەردەك ياشاپتۇ. d@<~u,Mt&F  
     ئوغرىنىڭ سەمىمىيىتى ئاخىر بىر راھىبنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ، راھىب ئوغرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش قارارىغا  كېلىپتۇ. ئۇ تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپ، ئوغرىغا: uJt*> ;Kp  
   − يىگىرمە يىل ئاۋۋال سەن زىيان يەتكۈزگەن ئايال ئۆلمەپتۇ، ناھايىتى ئوبدان ياشاۋېتىپتۇ، − دەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر ئادرېسنى بېرىپ، ئۆزى بېرىپ ئىسپاتلاپ بېقىشنى تاپشۇرۇپتۇ. #,\qjY  
     ئوغرى كەچقۇرۇنلۇقى قايتىپ كېلىپ، راھىبقا ھېلىقى ئايالنىڭ ھەقىقەتەن ھايات ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. &^b mZj!  
     راھىب ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: Zd[6-/-:  
    − ئەمدىغۇ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلغانسەن ؟ − دەپتۇ. Z3nmC-NE  
    − ياق ! − دەپتۇ ئوغرى پەرىشانلىق بىلەن، − مەن يىگىرمە يىل بىگۇناھ جاپا تارتقىنىمدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم o+.LG($+U  
     بۇ دۇنيادا خىلمۇ خىل قۇتۇلدۇرۇشلار بولىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى ئالۋاستىنى ئادەمگە ئايلاندۇرسا، بەزىلىرى ئادەمنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇىدۇ... K#<cuHGC  
xHY#"   
    [ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ] 9H4NvB{  
   b63tjqk  
zw,=mpf3_  
AUvUk 
QCvz|)  

ئەكبەرنىياز 2014-02-06 16:02
بەكلا ئەھمىيەتلىك ھىكايەتلەر ئىكەن ، ئايزىبانىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن !!!

مىېھرىما 2014-02-06 18:09
ئەھمىيەتلىك ھىكايەتلىرىڭىزگە رەھمەت. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

tawpek 2014-02-11 16:14
ئاپىرىن، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ.   سەھىپىسىنى توغرا  يوللىغان بولسىڭىز. gLyE,1Z}u  
d/fg  
XDWR ]  
ۋاختىم شۇنىڭغىلا كىتىۋاتىدۇ.


查看完整版本: [-- «  قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار  (8) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled