ئايزىبا |
2014-02-06 13:08 |
« قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار (7)
بىر تامچە دېڭىز EiN)TB^] ئىندىئانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى ئۆز پۇقرالىرىغا: 1cBhcYv"
− خۇدا ھەر بىر ئىنسانغا بىر پىيال سۇ بەردى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدىن ھاياتلىققا ئېرىشتىڭلار، _ دەپتۇ. DS}rF
U
تۇرمۇش ھەقىقەتەن بىر پىيالە سۇ، پىيالىنىڭ چىرايلىق بولۇش – بولماسلىقى بىر ئادەمنىڭ نامرات – ياكى بايلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. ئەمما پىيالىدىكى سۈپسۈزۈك، رەڭسىز، تەمسىز سۇ ھەرقانداق ئادەمگە ئوخشاش. سىز خالىسىڭىزلا، ئۇنىڭغا تۇز، شېكەر، سېلىشقا ھوقۇقلۇق. مانا بۇ سىزنىڭ تىرىكچىلىك ھوقۇقىڭىز، ئۇنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ.
t} i97 ; سىز ئۈمىد – ئارزۇيىڭىز بويىچە پىيالىگە تىنماي سۇ جىقلىشىڭىز ياكى شېكەر سېلىشىڭىز مۈمكىن. ئەمما مۇۋاپىق ئۆلچەمدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك، چۈنكى پىيالىنىڭ سىغىمچانىلقى چەكلىك بولىدۇ. سىز ئۇنى ئىچكەندە تەمىنى ئاستا – ئاستا تېتىڭ، چۈنكى سىزدە بىر پىيالىلا سۇ بار، سۇنى ئىچپ بولسىڭىز پىيالىڭىز قۇرۇپ قالىدۇ. G=HxD
4l يەھۇدىيلار مۇنداق بىر لەتىپىنى سۆزلەپ بەردى: بىر تۈلكە قورۇق تامنىڭ ئىچىدىكى غۇژمەك – غۇژمەك ئۈزۈملەرنىڭ مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. تۈلكە شالىنى ئاققۇزغىنىچە تۇشمۇتۇشتىن كىرگۈدەك جاي ئىزدەپتۇ، ئاخىر كىچىككىنە بىر تۆشۈكنى بايقاپتۇ. ئەمما تۆشۈك بەك كىچىك بولغانلىقتىن ئۇنىڭ گەۋدىسى پاتماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قورۇق تامنىڭ سىرتىدا ئالتە كۈنگىچە ھېچنېمە يېمەي ئۆزىنى ئورۇقلىتىپتۇ، ئاخىرى تۆشۈكتىن ئۆتۈپ بەختىيار ھالەتتە ئۈزۈمنى يەپتۇ. ئەمما ئۇ تويۇپ غىققىدە بولۇپ كەتكەنلىكتىن تامنىڭ سىرتىغا چىقالمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئالتە كۈن ھېچنېمە يېمەي قايتىدىن ئورۇقلاپتۇ. نەتىجىدە، قورۇق تامنىڭ سىرتىغا يېنىپ چىققان تۈلكە يەنىلا ئەسلىدىكى پېتىچە قېلىۋېرىپتۇ. تىرىكچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر تامچە سۇ بەزىدە بىر دېڭىز. ھاياتلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن قائىدىلەرنى بەزىدە دېڭىز بىلەن چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. بۇنىڭغا بىر تېمىم سۇلا كۇپايە. Vnj/>e3 w ئېشەك بىلەن ئات xw+ بىر ئادەمنىڭ بىر ئېشىكى ۋە بىر ئېتى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئادەم ئېشەك ۋە ئاتقا يۈك – تاقلارنى ئارتىپ سەپەرگە چىقىپتۇ. ئېشەك ھېرىپ قېلىپ ئاتقا: 9R@abm,I − مەن بولالمىدىم، يۈكۈمنى ئازراق بولسىمۇ ككتۈرۈشۈپ بەرسەڭ بولاتتى! _ دەپتۇ. 3aO;@GNJ ئات ئېشەككا ياردەم بېرىشن خاالىماپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئېشەك يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ. u*26>. ئارقىدىن خوجايىن ئېشەكنىڭ يۈكىنى ئاتقا يۈكلەپتۇ ھەمدە ھېلىلا شىلىۋالغان ئېشەك تېرىسىنىمۇ ئاتقا ئارتىپ قويۇپتۇ. باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك. ]^; b Eg`R|CF « ئەخمەق » قۇش Ehb?CnV#J ئىسمىنى بىلىپ بولمايدىغان بىر قۇش ھەر كۈنى ئادەم ئولتۇرمايدىغان بىر ئۆينىڭ دېرىزە تەكچىسىگە قونۇۋېلىپ ئەينەككە ئۈسىدىغان، ئارقىدىن دومىلاپ چۈشىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئوننەچچە مىنۇت ئۈسىدىغان، ئارقىدىن دومىلاپ چۈشۈپلا ئۇچۇپ كېتىدىغان بوپتۇ. كىشىلەر بۇ ئىشقا ناھايىتى ھەيران قېلىپ، بەس – بەس بىلەن «قۇش شۇ ئويگە كىرىمەن دەپ شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك » دەپ قىياس قىلىشىپتۇ، ئەمما بۇ قۇش تۇرغان دېرىزە تەكچىسىنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر دېرىزە ئوچۇق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر «بۇ تازىمۇ ئەخمەق قۇش ئىكەن» دېگەن يەكۈننى چىقىرىپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى چېپىلغاق بىرى دۇربۇن بىلەن كۈزىىتپتۇ. نەتىجىدە ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئايدىڭلىشىپتۇ. ئەسلىدە بۇ قۇش ئەينەككە چاپلىشىپ قالغان بىر پەرۋانىنى يەپ، خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتقانىكەن. gHi~
nEH دېمەك، كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋېلىشقا ئامراق. 5;FP.{+ n2n00%Wu[ ھايات ۋە ئىشەنچ >vNk kxWyQ ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھرىدە ئارتور دېگەن ياش بىر ساقچى ئۆتكەنىكەن. بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە قارا نىيەتنىڭ ئاپتوماتتىن ئاتقان ئوقى ئۇنىڭ سول كۆزى بىلەن ئوڭ تىزىغا تېگىپتۇ. ئۇ ئۈچ ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، قاملاشقان يىگىتلىكىدىن توكۇر ۋە قارىغۇ مېيىپقا ئيلىنىپ قاپتۇ. ,_e/a نيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئوردېن لەۋھە تەقدىم قىلىپتۇ. مۇخبىر ئۇنىڭدىن: W} − بۇ ھالىتىڭىز بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىسىز؟ _ دەپ سوراپتىكەن، ئۇ: <*b]JY V@ − مەن قارا نىيەتنىڭ تېخى تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دەپتۇ. ئۇنىڭ بېجىرىم كۆزىدىن كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان غەزەپ ئۇچقۇنى چاقناپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئارتور باشقىلارنىڭ نەسىھەت قىلىپ توسقىنىغا قارىماي، ھېلىقى قارا نىيەتنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپتۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەممىلا يېرىگە دېگۈدەك بېرىپتۇ، ھەتتا بىر قېتىم ئەرزىمەس بىر يىپ ئۇچىنى دەپ ياۋروپاغا بېرىپتۇ. 7oqn;6<[>, توققۇز يىلدىن كېيىن ھېلىقى قارا نىيەت ئاخىر ئاسىيادىكى كىچىك بىر دۆلەتتە تۇتۇلۇپتۇ، ئارتور بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ھالقىلىق رول ئويناپتۇ. مۇۋەپپەقىيەتنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم قەھرىمان بولۇپ قاپتۇ. نۇرغۇن تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئۇنى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قەيسەر، ئەڭ باتۇر ئادەم دەپ ئاتىشىپتۇ. ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئارتور ئۆز ھۇجرىسىدا تومۇرىنى كېسىپ ئۆلۈۋاپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش سەۋەبىنى ئۇقۇپتۇ: «مۇشۇ يىللاردىن بېرى مېنىڭ داۋاملىق ياشىشىمغا قاتىلنى تۇتۇش ئىشەنچى تۈرتكە بولغانىدى...ئەمدى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان قاتىل جازالاندى، ئاچچىقىممۇ چىقتى، ياشاش ئىشەنچىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپلا غايىب بولدى. مەن ئۆزۈمنىڭ مېيىپلىكى ئالدىدا ئەزەلدىن ھازىرقىدەك ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان...» ux/[d6To ھاياتتا ھەممە نېمىڭىز كەم بولسا، مەسىلەن، بىرەر كۆزىڭىز ياكى بىرەر پۇتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بولۇۋېرىشى مۈمكىن، ئەمما ئىشەنچىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بولمايدۇ. 2C
8L\ w$ روھىي ھالەت ۋە ھەرىكەت 8zB+%mcF بىر پىسخولوگ روھىي ھالەتنىڭ ھەرىكەتكە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ، بىر تەجرىبە ئۆتكۈزۈپتۇ. H?zCIue3 ئۇ ئالدى بىلەن ئون ئادەمنى بىر قاراڭغۇ ئۆيدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ ئون ئادەم ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئارقىدىن پىسخولوگ ئۆيدىكى بىر چىراغنى ياندۇرۇپتۇ. غۇۋا چىراغ يورۇقىدا بۇ كىشىلەر ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرۈپ قورققىنىدىن قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپتۇ، ئەسلىدە بۇ ئۆينىڭ تېگى يوغان بىر سۇ كۆلچىكى ئىكەن، سۇ كۆلچىكىدە ئون نەچچە چوڭ تىمساھ بار ئىكەن. سۇ كۆلچىكىنىڭ ئۈستىگە تارغىنە ىر ياغاچ كۆۋرۈك سېلىنغان بولۇپ، بايا ئۇلار مۇشۇ كىچىككىنە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەنىكەن. پىسخولوگ: 3vvFF]D5k − ئەمدى قايسىڭلار مۇشۇ ئۆيدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتۈشنى خالايسىلەر؟ _ دەپ سوراپتۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ. (/rIodHJO بىر ھازادىن كېيىن ئۈچ ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئەمما سۈرئىتى بىرىنچى قېتىمقىدىن نەچچە ھەسسە ئاستىلاپ كېتىپتۇ؛ يەنە بىرى دىر – دىر تىترىگىنىچە ياغاچ كۆۋرۈككە قەدەم قويۇپ، يېرىمىغا بارغاندا ئۆمىلەپ ئۆتۈپتۇ؛ يەنە بىرى بىرنەچچە قەدەم ماڭا – ماڭمايلا بىردىنلا يېتىۋېلىپ، ئالدىغا يېرىم قەدەم سىلجىشقىمۇ پېتىنالماپتۇ. 0 S`b;f پىسخولوگ ئۆيدىكى باشقا توققۇز چىراغنىمۇ يورۇتىۋېتىپتۇ، چىراغ نۇرى ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا كىشىلەر ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا بىخەتەرلىك تورى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىلىقىنى، تورنىڭ رەڭگى ئىنتايىن سۇس بولغاچقا بايا كۆرۈنمىگەنلىكىنى بايقاپتۇ. jJ{
w -$ − ئەمدى قايسىڭلار بۇ كىچىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشنى خالايسىلەر؟ _ دەپ سوراپتۇ پىسخولوگ. بۇ قېتىم يەنە بەش ئادەم ئورنىدىن تۇۇرپتۇ. PTV`=vtj − سىلەر نېمىشقا جالىمايسىلەر ؟ _ دەپ سوراپتۇ پىسخولوگ ئېشىپ قەلغان ئىككىيلەندىن. 3E2.v5* − بۇ بىخەتەرلىك تورى چىڭمۇ؟ _ دەپ قايتۇرۇپلا سوراپتۇ بۇ ئىككىيلەن. }
JTgj نۇرغۇن چاغلاردا مۇۋەپپەقىيەت مۇشۇ كىچىككىنە ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەنگە ئوخشىشىدۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى كۈچنىڭ ئاجىزلىقى، ئەقىلنىڭ كەملىكىدىن بولماي، بەلكى ئتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەھدىتىدىن بولۇشى مۈمكىن. خەۋپ – خەتەر ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر خاتىرجەملىكىنى بالدۇرلا يوقىتىپ قويىدۇ، ئالاقزادە بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ. qZ]VS/5A DDCQ Af [شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان « قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. ] co%_~xO
|
|