查看完整版本: [-- قەلبنىڭ قورشاۋى    ( ‹‹ق›› ھەرىپىدىن باشلانغان ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> قەلبنىڭ قورشاۋى    ( ‹‹ق›› ھەرىپىدىن باشلانغان ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەبنەم 2014-02-05 23:32

قەلبنىڭ قورشاۋى    ( ‹‹ق›› ھەرىپىدىن باشلانغان )

           x1a:u  
ry]l.@o;  
                                       قەلىبنىڭ قورشاۋى          ( ‹‹ق›› ھەرىپىدىن باشلانغان ) u? EN  
@F>D+=hS  
Fzcwy V   
قاش قارايدى ،قوياش قىيسايدى ، قۇملۇقنىڭ قىرغاقلىرىدا قۇشلارمۇ قالمىدى ، قۇملۇق قاراڭغۇلۇق قوينىنى قۇچاقلىدى . قەلبىم قۇتىرماقتا ، قاغجىردىم .   iRBfx  
قەدىرلىگىم ، قەلبىمنى قاماللىدىڭ ، قەلب قەسىرىم قورشاۋىڭدا قالدى  .    قانچە قىلساممۇ قوندۇزدەك قاپقارا قوشۇما قاشلىرىڭ ، قاملاشقان قەددى -قامىتىڭ ، قايرىلىپ قاراشلىرىڭ ، قۇچاقلاشلىرىڭ  قەلب قەسىرىمدە قېتىپ قالدى ...  قەلبىمدىن قوغلىيالمىدىم .    قانداق قىلاي ، قاخشىدىم ، قايغۇردۇم .   قايتا -قايتا  قەلبىمدىن قوغلاشنى قارار قىلدىم ، قەسەممۇ قىلدىم . {h4E8.E  
قانداق قىلاي ، قىلالمىدىم .   { )Xy%QV  
قەدىمكىلەرنىڭ قامۇسلىرىدىمۇ قەيت قلىنغان : ‹‹ قەلب قەلبنىڭ قورشاۋىدا قالسا قۇتۇلماق قېيىن ›› hGrdtsH?  
ULW~90  
قەلبىڭنى قانداق قاملاشقان قىز قامال قىلدىكىن ، قىياس قىلالمىدىم . قىزغىنىمەن ، قۇرداشلىرىمدىن قىزغىنمەن . 92{\B- l  
قوشنىلارنىڭ قورۇدىكى قىزلىرىدىنمۇ قىزغىنىمەن . قىزلارغا قارىمىغىن . 8Y?;x}  
قانىغان قەلبىمنى قاراڭغۇدا قويمىغىن . قارىغىنا ، قوللىرىم قورايدەك ، قەددىم قوناقتەك ، قورۇقلىرىمغا قورۇقلار قوشۇلدى ، قەرەلسىز  قېرىغاندەكلا .  قاراپ قىرىڭغىمۇ >dT*rH3w  
قويمىدىڭ . N g,j#  
GthYzd:'hJ  
قاباھەتلىك قارا قىسمەتكە قالسام ، قەلبىمگە قار قونسا ، قەلبىم قانىسا ، قاراپ قايغۇرمامسەن  ؟! 4P0}+  
قېرىنداشلىرىممۇ قايغۇلىرىمغا قاراپ قورقۇۋاتىدۇ ،  قاياقلارغىدۇر قاتىرۋاتىدۇ  ، قىلىمىغىنى قالمىدى . 45oR=At n  
قىيامەت قايىم قىلسا قەبىرىگە قايتسام قانائەتلىنەمتىڭ ؟! /tLVX} &  
قەيەردىلار قال ،قارپ قويغىن ، قەلبىمنىڭ قىممىتىنى قىلغىن ، قەدىرلىگىن .  قونچاق ، قارانچۇق قاتارىدا قارىمىغىن ، قەلبىمنىڭ قىممىتىنى قىلغىن ، قەدىرلىگىن !!! 9FX-1,Jx  
g78^9Y*1  
ElXFeJ%[G  
مەنبە -------- ئۆز قەلەم (  ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم ) \DzGQ{`~m  
j#6.Gq  
he4(hX^  
&FD>&WRV  
  

ئەكبەرنىياز 2014-02-05 23:45
پاھ ، شەبنەم قالتىس چىقىپتىغۇ !!! تىل بايلىقىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-02-06 10:15
  شەبنەمنىڭ‹‹ق››ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى ياخشى تەييارلىنىپتۇ.ئىجادىيىتىڭىز گۈللەنسۇن.

ئايبىكە 2014-02-06 12:22
ئانا تىلىمىزنىڭ كۆپ ئىپادىلىكلىكى نامايان  قىلىنىپتۇ.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-06 13:04
       قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىلمەن !قەلىپ قورشاۋىنى قالتىس قېزىپسىز.قىزلار قېرىمايدۇ،قەلبى قېرىيدۇ .قەدىرلىكىڭىز قەدرىڭىزنى قىلىپ ،قەلبىڭىزنى قېزىپ ،قىزلاردىن قىزغانغىلى قويمىغاي ! قىزلارنىڭ قەدرىنى قىلىش قابىل قىرانلارنىڭ قەرزى .قەلبىڭىزنى قايىل قىلغان قىرانىڭىزقانغۇچە قەدىرلىگەي .

nadiraay 2014-02-06 16:29
قىزلار قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىمايدۇ. قېرىندىشىم.

مىېھرىما 2014-02-06 18:17
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىلمەن.قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقتىم  .رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-02-07 09:22
ئوتقاشئەرقۇتى:       قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىلمەن !قەلىپ قورشاۋىنى قالتىس قېزىپسىز.قىزلار قېرىمايدۇ،قەلبى قېرىيدۇ .قەدىرلىكىڭىز قەدرىڭىزنى قى .. (2014-02-06 13:04) 
Z;i:](  
‏ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ بۇ يازمىسىمۇ شۇنداق « ق » ھەرىپىدىن باشلىنىپتۇ ، شۇنچە تاتلىق !

گۈلنىھال 2014-02-07 09:26
‏شەبنەم ،، شەبنەم ، بۇ تىمىڭىز بەكلا ھاياجانلاندۇردى مېنى ، شۇنچە سۆيۈنىۋاتىمەن ھەم پەخىرلىنىۋەتىمەن سىزدىن !!!   9Na$W:P c  
2T35{Q!=F  
‏بۇرۇنراق تەتىل بولسا بوپتىكەن مۇنبەردىكىلەرگە ، ئېسىل يازمىلار ، تاتىلىق لىرىكىلار مەست قىلاي دىدى مېنى !

ھسداەىقكل 2014-02-18 20:14
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىلمەن !قەلىپ قورشاۋىنى قالتىس قېزىپسىز.قىزلار قېرىمايدۇ،قەلبى قېرىيدۇ .قەدىرلىكىڭىز قەدرىڭىزنى قىلىپ ،قەلبىڭىزنى قېزىپ ،قىزلاردىن قىزغانغىلى قويمىغاي ! قىزلارنىڭ قەدرىنى قىلىش قابىل قىرانلارنىڭ قەرزى .قەلبىڭىزنى قايىل قىلغان قىرانىڭىزقانغۇچە قەدىرلىگەي .

مۇنەۋۋەر 2014-02-28 22:46
ھارمىغايسىلەر، بىر-بىرىڭلاردىن ياخشى يېزىپسىلەر، ئانا تىلنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم. بىزمۇ تىرىشايلى ، ;'|Ey  
يارقىن يازمىلارنى يېزىپ يوللايلى.


查看完整版本: [-- قەلبنىڭ قورشاۋى    ( ‹‹ق›› ھەرىپىدىن باشلانغان ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled