查看完整版本: [-- ئەختەم ئۆمەر نىڭ تەرجىمھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> ئەختەم ئۆمەر نىڭ تەرجىمھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tutya 2010-08-02 01:40

ئەختەم ئۆمەر نىڭ تەرجىمھالى

ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1963 - يىل 10 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1980 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ مەكتتىكى شۆبە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1981 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيلىك رادىئو ئۇزېلىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلى قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ دىكتورلۇق قىلغان، 1988 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1994 - يىل 8 - ئايدىن تارتىپ تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىلى <شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <بىزنىڭ شۇجى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ <ھېلىقى يەر> قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ھېكايە، <ئاھ، رەھىمسىز دەريا>، <زېمىن قارا ئادەملەرىڭگە>، <قىيامەتتە قالغان سەھرا>، <قۇرتلاپ كەتكەن كۆل>، <تاش مۇنار> قاتارلىق پوۋېسىتلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.  ئەختەم ئۆمەر مول ھوسۇللۇق يازغۇچى. ئۇ، پروزىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، <ئۇر توقماق>، <سىرتماق>، <قارا باسقان كېچە> قاتارلىق رادىئو درامىسى ۋە درامىلارنى؛ <گۆلەخ بالىسى>، <توغراقنىڭ رىۋايىتى> قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> ناملىق چوڭ ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى، <ئۆزىمىزنى تونۇيلى>، <ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇمدۇق ياكى تىرىك چېغىدا پەرۋىش قىلامدۇق> قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلەرنى، <دولان مەشرىپىنىڭ دراماتىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا>، <يازغۇچى بولمىسا بولمايدۇ> قاتارلىق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئاھ، رەھىمسىز دەريا> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <قىيامەتتە قالغان سەھرا> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېسىت، ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى، <تۇنجى ئاخشام> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سۆيگۈ قەدرى> (1994 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> (1994 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار. <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> ناملىق ئەسەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1994 - يىل شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  ئەختەم ئۆمەر ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."مەنبە:http://www.bilqut.com/madiniytimiz/show.php?itemid=1417

tawpek 2010-08-02 20:37
2010 يىللىق 32- سان تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان گاس گاچىلار بازىرى     دىگەن ھىكايىنى ئوقوپ قويوشقا تىگىشلىككەن. EF`}*7)  
~|+ ~/  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينىكى   دەپ بىلىمەن مەن بۇ يازغۇچىمىزنى.

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 13:02
مەنمۇ شۇ خىل قاراشتا ، ئەختەم ئۈمەر ئەڭ مىللەتپەرۋەر يازغۇچى بولۇشقا لايىقمىكىن دەيمەن !!!

ئۇيغۇر 2013-06-19 14:52
مەن ئۇنىڭ ۋىجدانىغا قايىل.

تارىم 2014-03-24 11:11
بەك ئېسىل ئەسەر يازىدۇ بۇ يازغۇچىمىز،

ۋارىس60 2014-03-24 19:19
‹‹ئەسەر›› يازىدىغان ئادەم جۇمۇ ئۇ!  

مىېھرىما 2014-04-11 14:49
بۇ ئادەمنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى بىر ئوقىسا خېلى كۆپ نەپكە، تەربىيەگە ئىگە بولدۇ ئادەم . ئەسەردە شاكال ئەمەس مېغزى كۆپ


查看完整版本: [-- ئەختەم ئۆمەر نىڭ تەرجىمھالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled