ياسىنجان510 |
2014-02-04 16:58 |
بىر دان بۇغداي
بىر دان بۇغداي ez|)ph7 بۇرۇن بىر ئىسراپخور ئۆتكەن ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئۇنىڭ يەيدىغان ئاشلىقى تۈگەپ كېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئاش ئۆتنە ئالماقچى بولۇپ كىرىپتۇ،قارىسا قوشنىسى ئۆگزىدە بۇغداي سورىۋاتقان ئىكەن.شۇ ئەسنادا ،شامال چىقىپ بىر دان بۇغداينى ئۇچۇرۇپ يەرگە چۈشۈرىۋېتىپتۇ.دېھقان بۇغداي بىلەن تەڭلا ئۆگزىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،ھېلىقى بۇغداينى تېرىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى ئىسراپخور ‹ياپىر !›بىر دان بۇغداي ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆگزىدىن يەرگە ئاتقان يەردە مەندەك ئادەمگە ئاش ئۆتنە بېرەمتى !›دەپ ئويلاپتۇ –دە، ئاستا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن دېھقان قوشنىسىنىڭ ئۆزىگە بىرەر ھاجىتى بارلىقىنى پەملەپ،-‹‹بۇرادەر، مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ گېپىڭىزنى ئېيتمايلا قايتماقچى بولغىنىڭىز نېمە ۋەجىدىن ؟›› -دەپتۇ.-‹‹يەيدىغان ئاشلىق تۈگەپ كېتىپ،ئاش ئۆتنە ئالغىلى كىرگەنىدىم،ھازىرقى ئىشنى كۆرۈپ،ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم ،ئالدىڭىزغا كېلىشىمنىڭ ۋە قايتماقچى بولغىنىمنىڭ ۋەجى ئەنە شۇ›› -دەپتۇ . ;=MU';o دېھقان : ــــ ‹‹ھەي بۇرادەر ،بۇ ــ ئاشلىق بىز دېھقانلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن تۇرسا،بىر تال داننىمۇ ئەنە شۇنداق قەدىرلىگەندىلا،ئاندىن ئاچلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.مۇبادا ،بىر دان داننىمۇ ئاسرىمىسا،تېجىمىسە،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدۇ››،-دەپتۇ-دە ،ئىسراپخورغا بىر كۈرە بۇغداي ئۆتنە بېرىپتۇ. ئىسراپخور ئۆزىنىڭ ئىسراپخورلىقىغا ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ. 5?x>9Ca
|
|