turan69 |
2010-11-08 18:54 |
تۇخۇمدىكى ھەقىقەت (ھىكايە)
H=wmN0s{< باغ سەيلىسى قىزىغان مەزگىلدە بىرنەچچىمىز يىراق سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مىھمان بولدۇق،تاماق تەييار بولغىچە مىھماندۇست تۇققىنىمىز بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ دەستۇرخانغا قويدى. 8, WQ}cC بىز تۇخۇمغا ئېغىز تىگىپ تۇرۇپلا بىر دۇستىمىزنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتقانلىقىنى كۈرۈپ ھەيران قالدۇق،شۇنچە زورلىساقمۇ تۇخۇمغا قاراپ بارغانسىرى مۇڭلانماقتا ئىدى. . . : ;d&m تاماق يېيىلىپ قايتىش يۇلىدا بايامقى ئىش سەۋەبى مىنى ئۇنۇڭدىن سۇراشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىۋىتىپ تۇۋەندىكى ئىشلارنى سۈزلەپ بەردى: }}Q|O]e يالغۇز ئوغۇل بۇلغاچقىمىكىن سەل شۇخ چۇڭ بۇلۇپ جاھاننىڭ رەپدارىنى چۈشەنگەن چېغىمدا قىز چۇكانلارنى كولدۇرلىتىپ ئويناشنى ئاجايىپ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلەتتىم ، شۇ سەۋەپ ئارلاشقان قىزلارمۇ كۆپ ئىدى،يىگىتلىكتىن توي قىلىش يېشىغا قەدەم قويغاندا ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن مەلىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزغا ئۆيلىنىپ ھاياتنىڭ تاتلىق مىنىۇتلىرىنى ئۆتكۈزىشكە باشلىدىم ، ئەپسۇس كۈنۈپ كەتكەن ئەسكى خۇيۇمنى يەنىلا تاشلىيالمىدىم،باشقا قىز چوكانلارنى كۆرسەم شامدەك ئىرىپ كىتەتتىم ، بۇ ئىشلىرىم مەلىمىزگە تېزلا يېيىلىپ كەتتى ، بۇ ئىشلار رەھمەتلىك قېينى ئاپامنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن چېغى بىر كۈنى ھەممىمىزنى مىھمانغا چاقىردى،دەستۇرخانغا ئولتۇرغان ۋاقىتتا رەڭگا -رەڭ بۇيالغان بىر تەخسە تۇخۇمنى ئەلدىمغا قويدى. ~xXB
!K~C تۇخۇملار شۇنداق چىرايلىق رەڭلەردە بۇيالغان بۇلۇپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى،قېينى ئاپام ماڭا بىر تەرەپتىن چاي تۇتسا بىر تەرەپتىن تۇخۇمغا زورلايىتتى ، بىرنەچچە تۇخۇم يىيلىپ بولغاندا تۇيۇقسىز ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ سۇراپ ساپتىمەن ، بۇ سۇئالنىڭ مىنىڭ ھاياتىمنى ئۈزگەرتىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن: -gC=%0sp\ ئاپا نىمىشقا بۇ تۇخۇملارنى ھەر خىل رەڭدە بۇياپ قويدىلا؟ ئاۋارە بولمىسىلىمۇ بۇلاتتىغۇ؟ 57HMWlg بالام سىلى يىگەن تۇخۇملارنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولغان بىلەن ھەممىسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە قىسىملىرى ھەتتا تەمىمۇ ئوپمۇ -ئوخشاش ، قىز -ئاياللار خۇددى سىلى يىگەن تۇخۇمغا ئوخشايدۇ،مەيلى قانچىلىك كۆزنى چاقناتسۇن ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش ،سىلىگە ۋاپادار ئايال بۇلۇپ ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلسىلا شۇ كۇپايە. . . Nzr zLK چوڭ ئۆيدىن قانداق چىققانلىقىم ئىسىمدە يوق، ئەمما قېينى ئاپامنىڭ دىگەن سۈزى 25 يىلدىن بېرى ھەر ۋاقىت ئىسىمدە ، رەھمىتى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن ئو دۇنياغا كىتىپ قالدى، ماڭا ئەڭ ئاددى لىكىن ۋەزنى ئالەمچە ئېغىر بىر ھەقىقەتنى يەنى بايام سۈزلىگەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى قالدۇرۇپ كەتتى ، شۇندىن بېرى مىنىڭ ئادەمدەك ياشىغان كۈنۈم قايتىدىن باشلاندى،ئەزەلدىن سىرىتقا قاراپ باقمىدىم،قۇرساق تۇق،كۆڭىل خوش ، ئالتۇندەك ئوغۇللىرىم بار ، قايسى كۈنى ئەيدىز ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپتى مىنىڭ خىيالىمغا كەلمىدى ، چۈنكى مەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئوبدان بىلىمەن،بۇ ھەقىقەتنى باشقىلارمۇ بىلسىدى، مەندەك يۇرەكلىك ياشىغان بۇلاتتى، بولسا باشقىلارمۇ بىلسۇن ، ئەمما مەندەك تۇخۇم يىيەلمەس بۇلۇپ قالمىسۇن، تۇخۇم پايدىلىق نەرسە ،ئۇزۇقلۇق تەركىۋى يۇقۇرى لىكىن قانداق ئىشكى مەن تۇخۇمنى ھازىرغىچە يىيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ئوغۇللۇرۇم 15كە يەتكەندە تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئولارغا سۆزلەپ بىرىمەن ، ھەقىقەت نۇرلۇق بۇلۇدۇ دەيدىكەن ، بۇ نۇرنىڭ ئولارنىڭ دىلىنى يۇرۇتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. K` U\+AE بۇ تىما بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى ! ئەھمىيەتلىك تىما بولغاچقا بۇ يەرگە بوللىدۇم . @gTpiV2
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=11858 > m5j.GP;
|
|