ئايزىبا |
2014-02-03 19:56 |
«قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (5)
مەرۋايىت r~,y3L6ic بۇرۇنقى زاماندا سەدەپ قۇلۇلىسى باقىدىغان بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ گۈزەل مەرۋايىتنى يېتىشتۈرمەكچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېڭىز بويىغا بېرىپ قۇم دانىچىلىرىنى تاللاپتۇ ھەمدە ئۇلاردىن بىر – بىرلەپ مەرۋايىتقا ئايلىنىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قۇم دانىچىلىرى باشلىرىنى چايقىشىپ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. سەدەپ قۇلۇلىسى باقىدىغان كىشى ئەتىگەندىن كەچ كىر Q:q0C
+T گۈچە سوراپ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلاپتۇ. SRfh{u
شۇ چاغدا بىر قۇم دانىچىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ. v_zt$bf{Y ئەتراپتىكى قۇم دانىچىلىرى ئۇنى تازا ئەخمەق ئىكەن، سەدەپ قۇلۇلىسىگە ماكانلىشىپ، ئۇرۇغ - تۇغقان، ئەل – ئاغىينىلىرىدىن ئايرىلىدىغان، قۇياش نۇرى، يامغۇر – يېشىن، تولۇن ئاي، سۈزۈك ئاسماننى كۆرەلمەيدىغان، ھەتتا ھاۋادىن قىسىلىپ قاراڭغۇلۇقتا، زەيكەشلىكتە، سوغۇقتا، يالغۇزچىلىقتا ئۆتىدىغان بولدى، دەپ مەسخىرە قىىلشىپتۇ. {\5(aQ)Vi5 بىراق، ھېلىقى قۇم دانىچىسى پۇشايمان قىلماي سەدەپ قۇلۇلىسى باقىدىغان كىشى بىلەن بىللە كېتىپتۇ. o(ow{S@=4 ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتۈپتۇ، ھېلىقى سەدەپ قۇلۇلىسى ئىچ – ئىچىدىن چاقناپ تۇرىدىغان بىباھا مەرۋايىتقا ئايلىنىپتۇ، ئەمما ئۇنى ئەخمەق دەپ مەسخىرە قىلغان ھەمراھلىرى يەنىلا بىر دۆۋە قۇم پېتىچە قېلىۋېرىپتۇ، بەزىلىرى يىمىرىلىپ توپىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئەگەر دۇنيادا تاشنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى بار دېيىلسە، ئۇ «جاپا – مۇشەققەت» تۇر. مانا بۇ ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى! IRg2\Hq M
!6Fnj پاتمىچۇقنىڭ مۇھەببىتى =OK#5r[UV بۇ ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە. [j@ek بىرەيلەن ئۆيىنى بېزەش ئۈچۈن تامنى سۆكۈپتۇ. ياپونچە تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ تېمى ياغاچ جازا ئورنىتىلىپ، ئىككى تەرىپىگە سۇۋاق سۇۋىلپ ياسىلىدىكەن، ئىچى بوش قەلىدىكەن. 3.YH7rN
ئۇ تامنى سۆۈۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىگە بىر پاتمىچۇقنىڭ سولىنىپ قالغىنىنى بايقاپتۇ. سىرتتىن قېقىلغان بىر تال مىخ پاتمىچۇقنى قۇيرۇقىدىن مىخلىۋەتكەنىكەن. ئۆينىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا ھەم ئىچ ئاغرىتىپتۇ ھەم ئەجەپسىنىپتۇ. ھېلىقى مىخقا زەن سېلىپ قاراپ، ناھايىتى ھەيران قاپتۇ، چۈنكى ئۇ مىخ ئون يىل ئىلگىرى مۇشۇ ئۆي سېلىنغان چاغدا قېقىلغانىكەن. بۇ زادى قابداق ئىشتۇر؟ ھېلىقى پاتمىچۇق تامنىڭ ئىچىگە توپتوغرا ئون يىل قامىلىپ قاپتۇ ! زۇلمەتلىك تامنىڭ ئىچىدە ئون يىل ياشاپتۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس ! D:9
^^uVp قۇيرۇقى مىخلىۋېتىلگەن، بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىغان بۇ پاتمىچۇق ئون يىلغىچە زادى نېمە يەپ ياشىغاندۇ؟ F,_cci`p ئۆينىڭ خوجايىنى قۇرۇلۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىپتۇ: «ئۇ زادى نېمە يەيدىغاندۇ؟» TU?n;h#TZ ئۇزۇن ئۆتمەي قەيەردىندۇر يەنە بىر پاتمىچۇق يەمنى چىشلىگىنىچە ئۆمىلەپ كېلىپتۇ...ئاھ، مۇھەببەت ! ھايات – ماماتتا ئۆزگەرمەيدىغان سۆيگۈ ! قۇيرۇقى مىخلىنىپ ماڭالماس بولۇپ قالغان پاتمىچۇقنى ئون يىلدىن بېرى بىر پاتمىچۇق بېقىپ كېلىۋېتىپتۇ. q<\r}1Dm بىز ھېلىقى پاتمىچۇقلارنىڭ ئاتا ياكى ئانا، ئەر – خوتۇن ياكى ئاكا – ئۇكىلار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىلمەكچىمۇ ئەمەسمىز. ]yKwH 9sl ئىشقىلىپ مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ئاشۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. %;4#?.W8 9>+>s ?IgK تاغ چوققىسى
M(8xwo-W بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ناھايىتى يىراق جايدىكى بىر ياشانغان قەبىلە باشلىقىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قاپتۇ. ' q9Ejig ئۇ يېزىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈچ يىگىتنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ: AkjoD7.* _ مېنىڭ سىلەردىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى، مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئۈچىڭلار ساغلام ۋە كۈچلۈك، يەنە كېلىپ ئەقىل – پاراسەتلىك ياخشى بالىلار. ئەمدى سىلەر بىز ئەزەلدىن مۇقەددەس بىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ تاغقا ئىمكانىيىتىڭلارنىڭ يار بېرىشىچە يامىشىڭلار، ئىمكانقەدەر ئەڭ ئېگىز، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەڭلار، ئاندىن قايتىپ كېلىپ، ماڭا كۆرگەن – بىلگىنىڭلارنى سۆزلەپ بېرىڭلار. y%--/; ئۈچ كۈندىن كېيىن بىرىنچى يىگىت قايتىپ كېلىپتۇ. ئۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان، ئۈستىۋاشلىرى يېپيېڭى ھالەتتە مۇنداق دەپتۇ: 5YZ\@<|rH _ قەبىلە باشلىقى، مەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتىم، ئۇ يەردە گۈلگە پۈركەنگەن يوللارنى، بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنى، خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان قۇشلارنى كۆردۈم. ئۇ يەر ھەقىقەتەن بولىدىكەن ! *y"|/_
* ياشانغان قەبىلە باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: FlS)m` _ بالام، ئۇ يولدا بىر چاغلاردا مەنمۇ ماڭغان، قۇشلار سايرىسشىپ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان ئۇ يەر تاغنىڭ چوققىسى بولماستىن، بەلكى تاغنىڭ ئېتىكى. سەن قايتىپ كەتكىن ! y^p%/p% بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىككىنچى يىگىتمۇ قايتىپ كېلىپتۇ، ئۇ ھارغىن ۋە سۇلغۇن قىياپەتتە مۇنداق دەپتۇ: }xrrHp _ قەبىلە باشلىقى، مەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتىم، ئۇ يەردە سۇرلۇك ۋە جىمجىتلىققا چۆمگەن چوڭ قارىغايزارلىقنى، ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارالارنى كۆردۈم، ئۇ يەر ياخشى جاي ئىكەن ! 1?+)T%" _ ئەپسۇس ! بالام، ئۇ تاغنىڭ چوققىسى ئەمەس، بەلكى تاغنىڭ قاپتىلى، لېكىن سېنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپتىمەن، سەن قايتىپ كەتكىن ! /` x|-9 بىر ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ، كۆپچىلىك ئۈچىنچى يىگىتنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ، ئەمما ئۇ پۇتىنى بىر قەدەمدىن سۆرەپ، ئۈستىۋېشى جۇل – جۇل ھالەتتە قايتىپ كېلىپتۇ، ئۇنىڭ چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ، كۆزلىرى پىلدىرلاپلا قاپتۇ: ]
)x z _ قەبىلە باشلىق، مەن ئاخىر تاغ چوققىسىغا چىقتىم. ئەمما مەن نېمە دېسەم بولار؟ ئۇ يەردە ئشقىرتىپ تۇرغان شامال بىلەن كۆك ئاسماندىن باشق ا ھېچنېمە يوق ئىكەن. .+AO3~Dg _ سەن ئۇ يەردە ھېچنېمىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھەتتا بىرەر كېپىنەكمۇ يوقمىكەن؟ w_J`29uc _ شۇنداق، قەبىلە باشلىقى، ئېگىزلىكتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىكەن. سىز ئۆزىڭىزنىلا كۆرەلەيدىكەنسىز، <شەخس> نى ئاسمان – زېمىن ئارىسىغا قويۇپ قويغان چاغدىكى ئەرزىمەسلىك تۇيغۇسىدىلا بولىدىكەنسىز، مەڭگۈلۈك قەھرىمانلارنى يادىڭىزغا ئالغان چاغدىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتنىلا سېزىدىكنسىز. Tf[-8H< _ بالام، سېنىڭ چىققىنىڭ ھەقىقىي تاغ چوققىسى، ئەنئەنىمىزگە ئاساسەن، تەڭرىم سېنى قەبىلە باشلىقى قىلىپ تىكلەشنى ئىرادى قىلىپتۇ، ساڭا بەخت تىلەيمەن. l 0b=;^6 ھەقىىقي قەھرىمان نېمىنى ئۇچراتتى؟ ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى جاراھەتلىنىش، يەككە – يىگانە ھالدا ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش ۋە ئەھۋال قانچە يامانلاشسا شۇنچە ئېنىق بىلىنىدىغان ئەرزىمەسلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش قىسمىتىنى ئۇچراتتى.
vrW9<{
O
,1u\Zy/ ئاجىزنىڭ كۈتۈشى E 0pF; P5 ئىككىيلەن بىر – بىرىگە ھەمراھ بولۇپ قۇملۇقتىن ئۆتكەندە سۈيى تۈگەپ كېتىپتۇ. بىرى ئىسسىق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالغانلىقتىن ماڭالماي قاپتۇ. ~O
6~',KD ساغلام، ئەمما ئېچىرقاپ كەتكەن يەنە بىرى ەمراھىغا: «بوپتۇ، سەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر، مەن بېرىپ سۇ تېپىپ كېلەي» دەپتۇ. n_ez6{ ئۇ تاپانچىسىنى ھەمراھىغا تۇتقۇزۇپ: «تاپانچىدا بەش پاي ئوق بار، ئېسىڭدە بولسۇن، ئۈچ سائەتتىن كېيىن ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئاسمانغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتقىن، مەن ئوقنىڭ ئاۋازىغا قاراپ توغرا يۆنىلىشنى تېپىۋالىمەن، ئاندىن سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن» دەپتۇ. ئىككىسى خوشلىشىپ بىرى ئىشەنچكە تولغان ھالدا ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ كېتىپتۇ، يەنە بىرى قاتتىق گۇمان ئىچىدە قۇملۇقتا ياتقىنىچە كۈتۈپتۇ. ئۇ سائىتىگە قاراپ تۇرۇپ ۋاقتى – قەرەلى بويىچە ئوق چىقىرىپ تۇرۇپتۇ، ئەمما ئوق ئاۋازىنى ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنچ قىلالماپتۇ. ئاندىن تېخىمۇ قورقۇپ ھېلىقى ھەمراھىنى «سۇ ئىزدەپ مەغلۇپ بوپتۇ، ئوتتۇرا يولدا ئۇسسۇزلۇقتىن قازا قىلىپتۇ» دەپ قاراپتۇ. ئۇزاققا قالمايلا ھەمراھىنىڭ سۇ تاپقانلىقىغا، ئەمما ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىگە، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپتۇ. 80]TKf> بەشىنچى پاي ئوقنى ئېتىشقا توغرا كەلگەندە، بۇ كىشى قايغۇ – نەپرەت بىلەن مۇنداق ئويلاپتۇ: «بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوق، ھەمراھىم ئالللىقاچانلا مەن ئاتقان ئوقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماس بولۇپ قالدى، بۇ ئوقنى ئىشلىتىپ بولغىنىمدىن كېيىن مېنىڭ يەنە نېمە يۆلەنچىم قالىدۇ؟ ماڭا ئۆلۈمنى ساقلاشتىن باشقا ئامال يوق. يەنە كېلىپ ئاخىرقى نەپسىم قالغاندا تازقارالار كۆزلىرىمنى چوقۇۋالىدۇ، بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق -ھە ؟! ئۇنىڭدىن كۆرە ...» h5l
Lb+ ئۇ تاپانچىنى پىشانىسىگە بەتلەپ، زاتۋۇرنى بېسىپتۇ. yaR; ئەمما ئۇزۇنغا قالماي لىققىدە سۈزۈك سۇ قاچىلانغان سۇداننى كۆتۈرۈۋالغان ھەمراھى بىر تۆگە كارۋىنىنى باشلىغىنىچە ئاۋاز چىققان تەرەپكە يېتىپ كېلىپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىزدەپ تاپقىنى بىر جەسەت بوپتۇ. QF;<%QF: EXFxiw ھايات – ماماتىنى بىر – بىرىگە تاپشۇرۇش pNJM]-D]m~ &"h!SkX/ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅠ ئەسىردە ئىتالىيەدىكى پىسئاس دېگەن بىر يىگىت ياۋۇز پادىشاھ يوئونسوسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. يىگىت ئۆيىگە قايتىپ ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. ئەمما زالىم پادىشاھتىن رۇخسەت ئالالماپتۇ. مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ دوستى داممىن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ تۇرۇشقا رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ ھەمدە: «ئەگەر پىسئاس ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىسە، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا جازالانسام بولىدۇ» دەپتۇ. زالىم پادىشاھ بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. Z%{f[|h9} ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىپتۇ، پىسئاسنىڭ بولسا ئىز – دېرىكى بولماپتۇ. كىشىلەر دامىننى: «ساراڭلىق قىلىپ دوستلۇققا ھاياتى بىلەن ھۆددە قىلىپتۇ» دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ. داممىن دار ئالدىغا ئەكېلىنىپ، كىشىلەر بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە جىممىدە تىكىلىپ تۇرغاندا، يىراقتىن پىسئاس كۆرۈنۈپتۇ. قاتتىق يامغۇردا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇ: «مەن قايتىپ كەلدىم !» دەپ ۋارقىراپتۇ، ئارقىدىنلا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ دامىننى قۇچاقلىغىنىچە ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىپتۇ. شۇ چاغدا ھەممەيلەن كۆز يېشىنى سۈرتۈشۈپتۇ. پادىشاھ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ پىسئاسنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىپتۇ ھەمدە: |)-:w? _ مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىپ مۇشۇنداق دوست بىلەن تونۇشۇشنى خالايمەن، _ دەپتۇ. {FY[|:Cp lN>C#e<] [ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.] 0&IXzEOr
|
|