ياسىنجان510 |
2014-02-03 19:19 |
پەزىلەت توغرىسىدا نەسىھەت
پەزىلەت توغرىسىدا نەسىھەت ە >i.+v[)# 1. پەزىلەت ـــ چىنلىق ،ھىسداشلىق ۋە سېخىلىقتىن ئىبارەت.سەۋرى ــ تاقەت بىلەنئادەم ئىلگىرى تاپىدۇ،خپىغانلىق ۋە قرا نىيەتلىك پەزىلەت ھېساپلانمايدۇ. &@Q3CCDS 2.باي بولۇش ئاسان، لېكىن پەزىلەتلىك بولۇش تەس . 99eS@}RC 3. بۇ دۇنياغا ئەقىل- پاراسىتى بىلەن نەزەر سالغان ھەر قانداق كىشى ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىدە ئۆزى كىرىشكەن ئىشتىن چوقۇم بىرەر نەتىجە چىقىرىدۇ. x}roPhZ 4. بىر كىشىنىڭ گۈزەللىكىنى ئەمەس،خىسلىتىنى سورا؛ كېيىم –كېچىكىنى ئەمەس،خارەكتىرىنى سورا؛بىلىمىنى ئەمەس،نەتىجىسىنى سورا؛ بايلىقىنى ئەمەس،قىزىقىدىغىنىنى سورا. mI.*b(Irp 5. ئەقىللىق ئادەم پەزىلەتتىن خوشاللىنىدۇ ۋە شۇ پەزىلەت ئۈچۈن ياشايدۇ.ئەنە شۇ پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ـــ ئۇنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر. 5p>a]gp 6. ئىلىمدىن،تەربىيىدىن، سېخىلىقتىن،ياخشىلىقتىن خەۋىرى يوقلار،بۇ دۇنيادا ئىنسان شەكلىدە ياشاۋاتقان ھايۋانلارغا ئوخشاش، ئۇلار يەر يۈزىدىكى كېرەكسىز مەخلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. *<UQ/)\ 7. دۇنيادا ئەڭ ياراملىق نەرسە نېمە؟ پەزىلەت.قانداق كىشىلەر ساپ ئادەم بولالايدۇ؟پاك نىيەتلەر.قانداق كىشى ئىقىللىق بولىدۇ؟ توغرا بىلەن خاتانى،ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئەتكەنلەر. ve.4""\a 8. ئەڭ پاكلىق دېگەن نېمە؟ ساپ نىيەت ۋە ۋىژدان بولۇش.كىشى نېمىدىن خاتالىشىدۇ؟ مال دۇنيادىن ۋە ئەيشى- ئىشرەتتىن. kY|_wDBSb\ 9. پەزىلەتتىن بايلىق ۋە خوشاللىق كېلىدۇ.پەزىلەت بىلەن ھەممە ئىش تۈزىلىدۇ.پەزىلەت دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ناملارنىڭ بىرىدۇر. `)%eU~ 10. پەزىلەتسىز كىشى ھايات بولسىمۇ ئۆلۈك ھېساپلىنىدۇ.پەزىلەتلىك كىشى ئۆلسىمۇ نامى ئۆچمەيدۇ. 4@bL` L) 11.ھايات شامالدەك،كۈچ-قۇۋەت كۆكتىكى قۇشلاردەك بىر مەزگىللىك، ياشلىق چاقماقتەك،مال-دۇنيا تاغدىن چۈشكەن سۇدەك، مۇشۇلارنى بىلىدىكەنسەن،ئۆمۈر بويى خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىل 1jV^\x0 12. قارا نىيەتلىكتىن ساقلان، سەۋرى-تاقەتلىك بول،ئەخمەقلىقنى تاشلا،گۇناھقا شېرىك بولما، ھەقىقەتنى ئاقلا، ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭ، بىملىكلەرنى قەدىرلە، چوڭلارنى ھۆرمەتلە، دۈشمەننى سەل چاغلىما،پەزىلىتىڭنى ،ئابرويىڭنى ساقلا، يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىل.ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ يولى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
2`lit@u&u 13. ئادەم ياشلىقىدا خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلسا، ياشانغىنىدا ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ.ئۆمۈر بويى ياخشى ئىش بىلەن شۇغۇللانسا،ئۆمۈر بويى ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ،ئالەمدىن ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ. 9(iJ=ao ( 14. مەيلى قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،ئۇنى دەپسەندە قىلماسلىق كېرەك،باشقىلارنى خارلىماسلىق كېرەك،باشقىلارنى سېسىق تىل بىلەن ھاقارەتلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. sFGXW 15. خەلق ئاممىسى گۈلنى ئەمەس،پەزىلەتلىك كىشىلەرنى سېغىنىدۇ.قانچە گۈزەل بولسىمۇ،پۇراقسىز گۈلنى ھېچكىم سېغىنمايدۇ. x3vz4m[ 16. ياشلار يارىنى ،ھەرىلەر چېچەكنى ،ياخشى ئادەملەر پەزىلەتنى،يامان ئادەملەر كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. /fD)/x 17. پەزىلەت كىشىلەرنى مەنىۋى بايلىققا، غەلىبە ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ،ئارزۇ تېلىكىگە ،شان-شەرىپىگە يەتكۈزىدۇ. +J^}"dG 18. كىشىلەر ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپ بۈگۈن نېمە ئىش قىلىمەن؟ قۇياش پاتىدىكەن ھاياتىمنىڭ بىر كۈنى قىسقىرايدۇ،دەپ ئۆزلىرىگە سوئال قويالايدىغان بولىشى كېرەك. <}UqtDF 0 19. تېخى ئىشىمىز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ھاياتىمىز ئاخىرلىشار، ھاياتنىڭ ۋاقتى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،كىشى يەنىلا يېڭى خاسىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.
wPW9 bu 20. ئۆي- ئىمارەت،باغ-ۋاران،مال-دۇنيا،ياشلىق ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلار مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ.مەڭگۈلۈك بولىدىغىنى پەقەت شان-شەرەپ ۋە ياخشى پەزىلەتتۇر. }
HvVL}7 شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 86-يىللىق 8-سانىدىن P= ]ZXj[
|
|