查看完整版本: [-- مەسەللەر (  دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مەسەللەر (  دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-03 13:16

مەسەللەر (  دەرس تېكىستى )

                بۆلۈنگەننى بۆرە يەر !PUhdW  
O])/kS`  
‏بۇرۇنقى زاماندا بىر مالچى ، بىر قاسساپ ، بىر ئاشپەز ، بىر *k+QX   
ناۋاي بار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىردىن ئىتى بار ئىكەن .بىر كۈنى بۇ تۆت ئىت يولدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ  - دە ، ئۇلار ئايرىلماس دوست بولۇشۇپتۇ  ۋە :  « ناۋادا بۆرىگە يولۇقۇپ قالساق ، ھەممىمىز بىرلىكتە تاقابىل تۇرايلى» دىيىشىپتۇ . ئۇلار جاڭگاللىقنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىپتۇ  ، جاڭگاللىقنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا كەلگەندەبىر بۆرە پەيدا بوپتۇ - دە ، ئۇلارغا خىرىس قىپتۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى : 7DOAG[gH  
‏   - ئاغىنىلەر ، پەخەس بولۇڭلار ، ئايرىلمايلى ، بۆرىگە يەم بولمايلى دېسەك ، ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلايلى ، -  دىگەنىكەن ، ئىتلار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ بۆرىنى قورشىۋاپتۇ . ئوتتۇرىغا قاپسىلىپ قالغان بۆرە دەرھال بىر پىلان ئويلاپتۇ -  دە ، قورقۇپ ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ : xZ;';}&pj  
‏  -  سىلەر مېنى نىمە قىلىسىلەر ؟ -  دەپ سوراپتۇ . M\`6H8aLn  
‏ - سەن ، -   دەپ  سۆز باشلاپتۇ بولۇپ قويچىنىڭ ئىتى ، -  دائىم مەن باققان قويلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، قويلارنى بوغۇپ تاشلايسەن . بۈگۈن  مەن سەندىن ئاشۇ قويلارنىڭ خۇنىنى تۆلىتىمەن ، -  دەپتۇ . باشقا ئۈچ ئىتمۇ بۆرىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەن زىيان - زەخمەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ : HowlJ[km%  
‏  - سېنىڭ زۇلمىتىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈ ن سېنى يوقىتىمىز  ، -  دەپتۇ . ,pLesbI  
g^0  
‏   بۆرە گۇناھىنى بوينىغا ئالغاندەك بولۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ : $ 
‏   توغرا ، مەن سىلەرگە كۆپ زىيان سالدىم ، سىلەر مېنى يىيىشكە ھەقلىق . لىكىن مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان سۆزۈم  بار. ئەمما ، ئايرىم - ئايرىم دەيمەن . ئالدى بىلەن ناۋاينىڭ ئىتى  چەتكە چىقىپ تۇرسۇن ، قالغان ئۈچۈڭلارغا ئېيتاي ، - دەپتۇ . xHD!8 B)  
‏  ناۋاينىڭ ئىتى چەتكە چىقىپ تۇرۇپتۇ .  بۆرە بۇ ئۈچ ئىتقا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەپتۇ : l@j!j]nE  
‏-  مەن قويچىنىڭ قويىنى يىدىم ، قاسساپنىڭ قېنىنى يالىدىم ، ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى ئىچتىم ، لىكىن ناۋاينىڭ نىمىسىگە زىيان سالغاندىمەن ؟  ئۇنىڭ ئىتىنىڭ مېنى يىيىشكە نىمە ھوقۇقى بار ؟  سىلەر ئۈچۈڭلار مېنى يىيىشكە ھەقلىق ، شۇڭا ئالدى بىلەن  ناۋاينىڭ ئىتىنى ئۇجۇقتۇرۇۋىتىپ مېنى يىسەڭلار گۆشۈمگە تازا تويىسىلەر ، -  دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئۈچ ئىت بىر - بىرىگە قارىشىپ ، بۆرىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلىشىپتۇ  -  دە ، ناۋاينىڭ ئىتىنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ .ئاندىن بۆرە : E>4 \9  
‏  - ئەمدى ئاشپەزنىڭ ئىتى چەتكە چىقىپ تۇرسۇن ، دەپتۇ . ئاشپەزنىڭ ئىتى چەتكە چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۆرە قالغان ئىككى ئىتقا : ^eZqsd8a  
‏-   سىلەر ئىككىڭلار قوي باقىسىلەر ، مېنىڭ زىيىنىم ھەممىدىن بەك سىلەرگە يەتتى .  سىلەر مېنى يىيىشكە ھەقلىق . ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى ئىچىپ قويغانغا نىمە بوپتۇ ؟ ئۇنىڭ مېنى يىيىشكە نىمە ھەققى ؟  سىلەرئۇنى ئۇجۇقتۇرۇپ  مېنى يىسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ ؟ -  دەپتۇ . شۇ گەپ بىلەن بۇ ئىككى ئىت ئاشپەزنىڭ ئىتىنىمۇ يوق قىلىۋىتىپتۇ . بۆرە يەنە : 6PPvf D^  
‏  -  ئەمدى قاسساپنىڭ ئىتى چىقىپ تۇرسۇن ، ساڭا گېپىم بار ، - دەپتۇ قويچىنىڭ ئىتىغا .  قويچىنىڭ ئىتىنى يېنىغا تارتىپ :   xUSIck  
‏- ھەي ئاغىنە ، ھەق گەپنى قىلسام ، مەن يىسەم سېنىڭ قويلىرىڭنى يىدىم . قاسساپنىڭ گودىڭىدا ئانچە - مۇنچە قاننى يالاپ قويدۇم .ئۇنىڭ مېنى يىيىشقك نىمە ھەققى بار؟ سەن ئۇنى يوقىتىپ مېنى ئۆزۈڭ يالغۇز يېسەڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ . rtzxMCSEU  
‏- مەن ئۆزۈم يالغۇز ئۇنى قانداق يوقىتىمەن ؟ -  دەپتۇ قويچىنىڭ ئىتى . C y& L,  
‏- مەن ساڭا ياردەملىشەي ، - دەپتۇ بۆرە ، ئۇلار  ئىككىسى بىرلىشىپقاسساپنىڭ ئىتىنى ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ  . ئاندىن بۆرە  يالغۇز قالغان قويچىنىڭ ئىتىغا :   4e%SF|(Y'h  
   ‏- ھەي ئەخمەق ، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى . مېنى  يىيشكە نىمە ھەققىڭ بار ؟  -  دەپ قويچىنىڭ ئىتىنى يەۋىتىپتۇ . ~&yaIuW<  
‏  ئېيتىشلارغا قارىغاندا : « بۆلۈنگەننى بۆرە يەر  »  دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانىكەن . F[?t"d  
WrG)&&d  
0&mz'xra  
‏       بۆرە بىلەن قوزا       |UlScUI,  
‏   `q5*VqIhs  
_Y~+ #Vc  
‏  تومۇز ئىسسىق بىر كۈنى بىر قوزا ئۆستەڭگە سۇ ئىچكىلى بېرىپتۇ  ، خەيرىسىز كۈن ئىكەن ، بېرىپلا ئۇ شۇ يەردە پىرقىراپ يۈرگەن ئاچ بۆرىگە ئۇچراپ قاپتۇ .بۆرە ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىن قاراپ ئوبدان يەم ئۇچرىدى دەپ ئويلاپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئانچە ئالدىراپ كەتمەي ، ئىشنى قائىدىگە  توغرلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ۋاقىراپتۇ : Pd@?(WQ  
‏-   قارا  ، قاپ يۈرەكلىكىڭنى! پاسكىنا تۇمۇشقۇڭنى تىقىپ سۈپسۈزۈك سۇنى ( مېنىڭ سۈيۈمنى )  لېيىتىۋىتىپسەنغۇ؟ ھېم ، يەنە تېخى ھېجىيىسەنا ؟  ھېلى بىكار قاپاق كاللاڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن ! O^IpfS\/  
‏ -  بۆرە پادىشاھ ئالىيلىرى ، ئىجازەت قىلسىلا ، مەن ئەھۋالنى ئېيتىپ باقاي : C"F(kgL  
‏   - مەن ئالىيلىرى سۇ ئىچىدىغان بۇ ئېقىننىڭ ئاياغ تەرىپىدە تۇرىمەن . مەن  ئۆزلىرىنى ئاچچىقلاندۇرغۇدەك ھېچبىر سەۋەنلىك ئۆكۈزگىنىم يوق ، ئالىيلىرى ئىچىدىغان سۇنى بۇلغىغىنىم  يوق ، بۇ يەردە تۇرۇپ بۇلغىغىلىمۇ بولمايدۇ . (>Tu~Vo  
‏  -  بۇ گەپچە ، مەن يالغان سۆزلەپتىمەن - دە ! ۋۇ ئەبلەخ ! راستنى دەپ باقە !  بۇرۇن مۇشۇنداق ئەدەپسىز گەپنى كىم قىلغان؟ ھە ئەمدى ئېسىمگە كەلدى ، ئىككى يىل بۇرۇن مەن مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چاغدا سەن بىر قېتىم دىگەن  . بۇرادەر ، مەن ئۇنى ئۇنتۇغىنىم يوق ، ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن ! UCq+F96j  
‏  - لىكىن سىلى خاتالاشتىلا ، -   دەپتۇ بەخىتسىز قوزا ، -  مەن تېخى بىر ياشقىمۇ كىرگىنىم يوق . qvab >U`  
‏  -  ئۇنداق بولسا ، ئۇ چوقۇم سېنىڭ ئاكاڭ . -Ol/r=/&  
‏  -  مېنىڭ ئاكام يوق ، ئالىيلىرى . r<~1:/F|  
‏   -  ھە ، ئۇنداق بولسا سېنىڭ دوستۇڭ بولىشى مومكىن ، يا بولمىسا تۇغقىنىڭ ، ئىشقىلىپ ساڭا ئوخشاش قوي - قوزىلار ، يەنە  ، سىلەرنىڭ تايغىنىڭلار ، پادىچىلار -  ھەممىڭلار ماڭا قەست قىلىش كويىدا ، ھەمىشە شۇ كويدا يۈرىسىلەر ، پۇرسەت بولسىلا  مېنى ئۆلتۈرسەم دەيسىلەر . مەن شۇنىڭ ئۈچۈ ن بولسىمۇ سەندىن ھېساب ئالمىسام بولمايدۇ ! jmAWto}.  
‏ - لىكىن مەنچۇ ، مەن سىلىگە نىمە گۇناھ قىلدىم ؟ q'1rSK  
‏  - قۇرۇق گەپنى قوي ! ھېلىمۇ بىر كۈن ۋالاقشىدىڭ . سەن بىلەن ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ ئولتۇرغىدەك شۇنچە جىق ۋاقتى بار دەمسەن مېنى، ۋۇ ھايۋان !    سېنىڭ گۇناھىڭ شۇكى ، مەن سېنى يىمەكچى ! #|gt(p]C  
‏  شۇنداق قىلىپ ، بۆرە قوزىنى چىشلەپ ئورماننىڭ  ئىچىگە ئەكىرىپ كېتىپتۇ . /r]IY.   
rt."P20T  
‏ بۆرىنىڭ خاتالىقى       g y &B"`  
ymzlRs1^Ct  
CRS/qso[Q'  
‏   ئۇچراپ  قوزىغا بۆرە بىر كۈنى ، 2AU_ 
‏پاك كۆرسەتمەكچى بوپتۇ ئۆزىنى . r0hu?3u1?  
U*,5t81  
‏ئويلىدىكىن ئۇ قانداق تەقدىرنى، r6j 3A  
‏يۇمۇپتۇ قانغا تولغان كۆزىنى. CB6 
gwT"o  
‏ئۇنىڭ ئاغزىغا تولسىمۇ شۆلگەي ، O~w&4F;{  
‏ئۆتۈپ كېتىپتۇ قوزىنى يىمەي . @Vc*JEW  
`2U zJ~  
‏ئەھۋالنى ئۇقۇپ بۆرىلەر شاھى ، P b2exS(  
‏غەزەپ - نەپرەتتىن ئۇچۇپ ئەرۋاھى . A=E1S{C  
kcI3pmgj  
‏مەجىلىس ئېچىپتۇ بۆرىنى تالاپ ، LbvnV~S  
‏« يوقالغىن »  دەپتۇ يىراققا پالاپ . eDgRYa9\  
> QDmSy*&  
‏« سەن خائىن بولدۇڭ - ياتقا سېتىلدىڭ ، uI!rJc>TX  
‏بىر گۆھەر تۇرۇپ تاشقا قېتىلدىڭ » . nB WVG  
-: dUD1  
‏ پۇشايمان قىلىپ قىلغانلىرىغا ، u4, p.mZtb  
‏گۇناھىنى ئاپتۇ بۆرە بوينىغا . y08.R. l  
5O%Q*\(  
‏دەپتۇ : « ئەي شاھىم كەچۈرگىن مېنى ، @GK0j" _  
‏قىراي زىمىندا بار جىمى قوينى . » -uHD| }  
2I* 7?`  
L#1Y R}m  
!-_0I:m  
‏ مەنبە :  قوش تىل ئەدەبىيات دەرسلىك كىتاب . ?~Fk_#jz,@  
~ODm?k  
q\cH+n)C  
9~2}h Xm;  

ئەكبەرنىياز 2014-02-03 15:13
ئىزچىللىقىڭىزغا ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ، مەسئولىيەتچانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت گۈلنىھال ،  مۇنبىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن تېكىستلىرىمىزنى ئىلىكتىرونلاشتۇرۇش يولىدا تىناي ھەركەتلىنىۋاتقان بارماقلىرىڭىزغا ئاپىرىن ! سىزگە يەنىمۇ زور غەيرەت ۋە جاسارەت يار بولغاي !! داۋاملىق ئالغا !!!

قاراخان 2014-02-04 17:22
مانا بۇ بۇ دەرسنىڭ لايىھەسى: ~3-2Iu^F  
/bbs/read.php?tid=8258 5"(AqXoq  

قاراخان 2014-02-04 17:23
مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى: v8g3]MVj3  
/bbs/read.php?tid=4868

گۈلنىھال 2014-02-04 17:56
قاراخان:مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى:/bbs/read.php?tid=4868 (2014-02-04 17:23) 
ScGmft3A  
‏ئىشلارنى مۇشۇنداق ئاسانلاشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !


查看完整版本: [-- مەسەللەر (  دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled