查看完整版本: [-- توي نۇتقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> توي نۇتقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-02-03 00:55

توي نۇتقى

توي نۇتىقى :|%dV}j  
f n]rMH4>  
توي ساھىبى بولغان مەرھۇم     ئاكا، مەرھۇم   خېنىم، ............ئەپەندى، .....خېنىم.....قەدىردان يىگىتىمىز مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ۋە  مىيەسسسەر خېنىم  بۈگۈنكى توي تەنتەنەڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن! WH`E=p^x4  
بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ كاتتا توي تەنتەنىسى قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك توي ئەھلى، قەلبى سۆيگۈ ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن قاناتلانغان خۇشاللىقنىڭ ئېزگۈ كۈيلىرىدىن مەستخۇشلانغان خانىلار ، ئەپەندىلەر، ئۆمرۈڭلار دائىم توي شادلىقىغا چۆمۈپ ئۆتۈش نېسىپ بولسۇن! ھاياتىڭلار دائىم توي كۈلكىسى ئىچىدە ئۆتسۈن، قېنى ، مۇھەممەد ئەلى بىلەن  مىيەسسسەر خېنىمنىڭ گۈل-گۈلىگە كەلگەن بىر جۈپلەردىن بولۇپ، ھايات بېغىدا مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىشىغا، ئۆيدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەننى بىرلىكتە قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ئاداققىچە سادىق بولۇپ ۋاپا مەرغۇللىرىنى تەڭ ياڭرىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى! قېنى ھەمممىز يەنە بىر قېتىم بۇ ئىككى ياشنىڭ تويىنى چىن قەلبىمىزدىن مۇبارەكلەيلى! مۇبارەك بولسۇن! IYtM'!u  
توي ئەلمىساقتىن تارتىپلا خوشاللىقنىڭ، بەختىيارلىقنىڭ، ئېزگۈ سائادەتنىڭ بەلگىسى، توي يەنە تەنھالىق، ھېجران دەملىرىنىڭ  ئاخىرىلىشىپ مۇھەببەت گۈلىستانىغا قول تۇتشۇپ باسقان تۇنجى قەدەم. ئىنسان ئۆمرىدىكى ھەقىقى ئادەملىكنىڭ بوسۇغىسى. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك. توينىڭ ئادەمگە بەخىش ئېتىدىغىنى يالغۇز شادلىقلا بولۇپ قالماستىن، يەنە بىر خىل مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچتۇر. ئىككى ياشنىڭ مەيلى خوشال كۈنلەردە بۇلسۇن، مەيلى قايغۇلۇق كۈنلەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان بۇرۇچ مەسئۇلىيىتىنى ئەستىن چىقارماي، قىيىنچىلاقلارنى بىرلىكيتتە يېڭىپ، ئاۋالقىلار ياققان خاسىيەتلىك شامنى ئۆچۈرۈپ قويماي پارلاق كەلگۈسى يارتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى! سىلەرگە ۋاپا ۋە ساداقەت يار بولسۇن! b j6-0`  
خەلقىمىزدە ۋاپانى قەدىرلەيدىغان ھالاللىقىنى ئۇلۇغلايدىغان ئادەت بار، توي دەل ۋاپا ۋە ھالاللىقنىڭ ئىككى  ئىنسان بىرلىششىدە لاۋۇلداپ يانىدىغان مۇقەددەس ئوت. ئىنسانىيەت تۇتاشتۇرغان بۇ ئوت دەل مۇھەببەتتۇر. OC0dAxq  
بۇ ئوت  بىلەن دۇنيا تولىمۇ ئىللىق ۋە گۈزەل. ھۆرمەتلىك توي ئەھلى، مۇھەببەتنى قەدىرلەيلى، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويمايلى! ئىككى ياشنىڭ تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق، ھايات مۇساپىسىغا ھىدام ۋە غەيرەت تىلەيلى! gQ]WNJ~>  
تويلار ئەلىمىساقتىن تارتىپلا داۋاملىشىپ كەلگەن  يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە شادلىققكا چۆمۈشكەن، ئاتا-ئانا رىزا بولۇشقان ، ئۆچ-ئاداۋەتلەر يۇيۋىتىلگەن دەرت-خاپىقلار، قايغۇلۇق ئەسلىملەر ئۆز سايىسىنى يوقاتقان ھەممە چىرايلاردا بەختىيارلىق جىلۋە قىلغان ...مانا بۇ ئەنئەنە، مابا بۇ بىزدىكى مەڭگۈ يوقالماس توي ئەنئەنىسى! ھۆرمەتلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلايلى، تويلار جۇلالىسۇن! تويلار ياشىسۇن، <28L\pdG`  
مۇھەممەد ئەلى بىلەن مىيەسسەر خېنىملار نىڭ شانلىق ھايات سەپرىگە كۈچ-غەيرەت، روزىغارىغا ھالاللىق ۋە مېھنەت، كەلگۈسىگە قۇت ۋە سەلتەنەنەت يار بولسۇن! بېشى باش، ئايىغى تاش بولسۇن‍ `Qzga}`"]  
رەھمەت! 5o2W[<%v  
مەنبە: تېرىۋالغانلىرىم.

مىېھرىما 2014-02-03 12:20
بۇ نوتۇق ھەقىقەتەنمۇ ياىشىكەن .مۇنبىرىمىز رەڭدارلىققا، ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بوپتۇ رەھمەت. مۇشۇنداق تىمىللىرىڭىزنى يوللاپ تۇرۇڭ قارخان ئىنىم.

ئەكبەرنىياز 2014-02-03 12:54
قاراخاننىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى زور  تېمىكەن . ھازىر توي مەرىكىلىرىدە كۆپىنچە ھاللاردا مەرىكىنى باشلاشتىن ئاۋۋال «ئىككى ئېغىز » سۆزلەپ سورۇننى باشلايدىغان ئادەمنى تېپىش بەسىي مۈشكۈل بولۇپ قالدى . بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق ئەمدى بۇنداق ۋەزىپىلەر كېلىپ قالسىمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- توي نۇتقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled