查看完整版本: [-- قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ( دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ( دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-02 13:16

قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ( دەرس تېكىستى )

                    قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ,@'){V  
O[hbu![  
VG'(   
                     ساتتار سالىخ t0V_ c'm  
3@cJ=   
!^w\$cw&  
zIQc#F6\5  
   ‏ئىنسانىيەت ئۈچۈن5000 يىلدىن ئارتۇق خالىس ئىشلىگەنئۇلۇغ ، خاسىيەتلىك ھايۋان تۆگىنىڭ « چۆل كېمىسى »  دىگەن چىرايلىق سۈپىتى بار . تۆگە ئاتقا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ ، 128- 192  كىلوگرامغىچە  ، كۈچلۈكرەكى 240 كىلوگرامغىچە يۈك كۆتۈرىدۇ . چۆل - باياۋانلاردا ئۆسىدىغان  ، ئات يىمەيدىغان يانتاققا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنى يەۋىرىدۇ ، ئۈچ - تۆت كۈن سۇ ئىچمەيمۇ يۈرىۋېرىدۇ  ، ھەتتا تۇزلۇق سۇلارنىمۇ ئىچىۋېرىدۇ . ئۇنىڭ تاپانلىرى كەڭ ھەم چىداملىق بولۇپ قۇمغا پاتمايدۇ . تومۇز ئىسسىق ۋە قەھرىتانسوغۇققا چىداملىق كېلىدۇ . يۈك ئارتقاندا  يەرگە چۆكۈپ بېرىدۇ . سائىتىگە 4  كىلومىتىر ئەتراپىدا يول ماڭىدۇ . ئىنسانلار ئۆگەتكەن ئۆي تۆگىلىرىنىڭ ئەجدادى ياۋا تۆگىدۇر . wM4g1H%s  
qn"T? O  
‏  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ،  قوش لوكىلىق تۆگىلەر ئەڭ دەسلەپ ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جايلاردا ئۆيگە ئۆگىتىلگەنلىكى مەلۇم . ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقانلىقىغا ئاساسەن ، شىنجاڭنى قوش لوكىلىق ياۋا تۆگىلەرنىڭ قەدىمكى ماكانى ۋە  ئەڭ دەسلەپ ئۆيگە ئۆگىتىلگەن جايى  دېيىشكە بولىدۇ .پروفېسور ئى . ئى . لاكوزا « تۆگىچىلىك »  دىگەن كىتابىدا « قوش لوكىلىق   ياۋا تۆگىلەرنى قولغا ئۆگىتىش بۇنىڭدىن 3000  يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىغان . قوش لوكىلىق تۆگىلەرنى ئۆيگە ئۆگىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆي تۆگىسى قىلىش  موڭغۇل ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىۋاستە مۇناسۋەتلىك »  دەپ يازغان . ;~Gpw/]5E  
>3 .ep},  
‏    قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ئېلىمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئەتىۋارلىق ھايۋان .  ئۇ شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئېيىتقاندا ، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ دۆڭقوتان ، قارا ئېقىن ، قۇمقۇدۇق  ھەم ئاچچىقىچۆل قاتارلىق جايلىرىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارسىغا مەركەزلىك تارقالغاندىن تاشقىرى ، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي يان باغرى  ، شىنجاڭ بىلەن مازۇڭسەن تېغى  تۇتۇشۇپ تۇردىغان مىڭشۈيگە  يېقىن قۇم دۆڭلىرىنىمۇ ماكان تۇتقان .  كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تەكلىماكان  قۇملۇقىغىمۇ تارقالغانلىقى مەلۇم بولدى .  قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ، ئاقساي قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى ، جىيۇۋچۈەن ھەم ئەننانبا  قاتارلىق جايلاردىكى قۇملۇق چۆللەرگە ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجناچى  ۋە ئالاشەن رايۇنلىرىغا تارقالغان . لېكىن  تارقىلىشى شىنجاڭدىكىدىن بەك تار ، سانىمۇ ئاز . qQ DFg`  
WJSHLy 
oJ@PJvmR&a  
‏  قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە تۈزۈلۈش جەھەتتە ئۆي تۆگىسىدىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۇ ناھايىتى ئورۇق ھەم ئىگىز ، پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە ، تۈكلىرى شالاڭ ھەم يىرىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . ئۇ تۈك تاشلاش مەزگىلىدە بەدىننىڭقىسمەن جايلىرىدىن   بىر نەچچە تۇتام قارا تىۋىتسىمان يىرىك تۈك تاشلايدۇ . ياۋا تۆگە  يازدا قۇرۇق قاخشالغىلا ئوخشاپ قالىدۇ.  ئۇلار يازدا سالجا ۋە ساقاتقى قاتارلىق قان شورىغۇچى پارازىت جانلىقلارنىڭتەھلىكىسىگە تولا ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبىدىن قوساق ۋە چات ئارلىقلىرى قانلىق جاراھەتلەرگە تولۇپ كېتىدۇ .بەزىدە بۇ تەسىرلاپەر سەۋەبىدىن يېرىم پالەچلىنىپمۇ قالىدۇ . لككىسىنىڭ ئورنى ئىنتايىن تار ھەم كىچىك بولۇپ ، دائىم تىك تۇرىدۇ . ياۋا تۆگىلەر ھەر كۈنى جاپالىق  ، قىيىن شارائىتتا ياشاپ ، ئۆزىدىكى ماي سەرپىياتىنى كۆپلەپ سەرىپ قىلىۋىتىدىغان بولغاچقا ،  لوكىسىدىكى ياغ ئۆي تۆگىسىنىڭ لوككىسىدىكى ياغدەك كۆپ بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا  ، ياۋا تۆگىنىڭ بېشى ئۆي تۆگىسىنىڭ بېشىدىن كىچىك ، قۇلىقى ، قۇيرۇق قىسقا ، ئوقياسىمان بوينى ئۆي تۆگىسىنىڭ بوينىدىن خېلى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە  بولىدۇ . تاپىنى كىچىك بولۇپ ، ئىنتايىن ئاز ھەم كىچىك قۇملاقلايدۇ . ^R'!\m|FR  
m',_k Y3  
‏ ياۋا تۆگىنىڭ ياشاش شارائىتى ۋە ياشاش ئادىتى باشقا ھەر قانداق چوڭ ھايۋاندىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ . كىشىلەر  ھايۋان بېقىش تاپسا سەمرىيدۇ ، دەپ قارايدۇ . لىكىن  ياۋايى ھايۋانلارنى ، بولۇپمۇ ياۋا تۆگىنى بېقىش بۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .  ھەرقانچە ياخشى ئوزۇقلۇق بىلەن بېقىلسىمۇ ، يەنىلا ئورۇقلاپ ، جۈدەپ كېتىدۇ ، ياكى ئۆلۈپ قالىدۇ .چۈنكى ، بىرىنچىدىن ، ياۋا تۆگىلەر كۆپىنچە ئۈنۈمسىز  ، قۇرغاق ، قۇملۇق تۇپراقلار ياكى گىياھلار شالاڭ ئۆسىدىغان  جايلاردا ياشايدۇ . يانتاق ، ئاق تىكەن ، كۆرگە  ، قۇمۇش ، يۇلغۇن ، توغراق شېخى قاتارلىق يىرىك ، ئۈنۈمسىز نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . ئۇ كۆكىرىپ لەش بولۇپ كەتكەن كونا كىچىك كۆلچەكلەردىكى مىنېراللىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلاق سۈيىنى  ئىچىدۇ . قىسقىسى ، ئۇلار ئۇزاق  ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تەبىئى شاللىنىش سەۋەبىدىن ئاشۇنداق ناچار شارائىتقا لايىقلىشىپ كەتكەن . ئڭلار بۇنداق لايىقلاشقان تەبىئىي شارائىتتىن ئايرىلىدىكەن ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىردىنلا ناچارلىشىدۇ  - دە ، ئاسانلا ھالاك بولىدۇ . ئىككىنچىدىن ، ياۋا تۆگە ھەر قانداق تەھلىكىدىن يىراق بولغان قۇملۇق سەھرالارنى تاللىۋالغان . ئۇلار يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 10 - 20  مىللىمىتىر بولغان ، قىشتا 0 دىن تۆۋەن 30  سىلىسىي گرادۇس سوغۇق بولدىغان  ، يازدا تىمپۇراتۇرسى 40 - 50  سېلسىي  ئىسسىق بولىدىغان ، يەر يۈزى تىمپۇراتۇرىسى 60 - 70  سېلىسىي گرادۇسقا چىقىدىغان ئۆتكۈر قۇرغاق قۇملۇقلاردا ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن . شۇڭا كىلىمات بىراقلا ئۆزگەرگەندە ، يېڭى شارائىتقا ماسلىشالماي ، ئاسانلا ھالاك بولىدۇ . ياۋا تۆگە ناھايىتى يۈگۈرۈك ،  سائەتلىك تىزلىكى 30  كىلومىتىر ، ئىكى سائەتكىچە بىر خىل  سۈرئەتتە توختىماي يۈگۈرەلەيدۇ . بىر توپ تۆگە تەھلىكىگە ئۇچرىغاندا ، كۈندە 300  كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايغا كۆچۈپ كېتەلەيدۇ ، ھەركىتى  جانلىق ، ناھايىتى سەزگۈر ( شامال يۆنىلىشى بويىچە2 - 3  كىلومىتىر يىراقتىنلا ئادەمنىڭ  پۇرىقىنى سېزىۋالالايدۇ ، شۇڭا ئۇنى ئۇچرىتىش ناھايىتى تەس ) .  ياۋا تۆگىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇلار كۈيلەش مەزگىلىدە ھەدىدىن تاشقىرى ۋەھشيلىشىپ كېتىدۇ  ، كۈيلەش ۋاقتى ئۇزاق ، قېتىم سانى كۆپ . <[5${)  
t02"v4_i  
‏  ياۋا ھىنگان ( چىشى تۆگە ) لار  بوغاز بولۇپ بىر  يىدىن ئارتۇق (13  ئاي )  قورساق كۆتۈرۈپ ، كىيىنكى يىلى 3-  ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن  4-  ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە تۇغىدۇ .بوتىلاق تۇغۇلۇپ ئىككى  سائەتتىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، تەمتىلەپ مېڭىشقا باشلايدۇ . بىر كۈندىن كىيىن ئانىسىغا ئەگىشىپ كېتىۋېرىدۇ . ئادەتتە ياۋا ھېنگانلار بىر قېتىمدا بىرنىلا تۇغىدۇ . بوتىلاقلار بىر يىلدىن كىيىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ ھايات كەچۈرىۋېرىدۇ .  تۆت - بەش ياشلىق بولغاندا ۋايىغا يېتىدۇ . (l P4D:X  
0o=)&%G  
Mh.eAM8_  
‏مەنبە :  تولۇقسىز تىل -  ئەدەبىيات   2-   مەۋسۇم  دەرسلىك  .2014- يىلى 2-  فۋرال .

ئەكبەرنىياز 2014-02-03 12:45
تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم ، بۇرۇن بۇ بوشلۇقنىڭ بىر قىسمىنى تۇنيۇقۇق ئاكىمىز تولۇقلىغان ئىدى . مانا ھازىر بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى سىز ئورۇنداۋاتىسىز . مۇنبەر نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ، ھارمىغايسىز  !!!

گۈلنىھال 2014-02-03 13:04
مۇشۇنداق دەپلا  تۇرسىڭىز ھەممىنى ئۇرۇپ تۈگىتىمەنغۇ شۇ ! رەھمەت .

رەيھانگۇل 2014-02-03 19:05
بۇ جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەتنى ئورۇنداپ كېتىۋاتقىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت. ھازىر دوسكلىرىمىز ئىلكىتىرىك دوسكا بولۇپ كەتتى. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن پايدىلانغان ۋاقتىمىزدا سىزگە يەنە بىر قېتىم ئۈنسىز رەخمەت ئېيتىمىز.

قاراخان 2014-02-04 17:25
مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى: #8OqX*/  
/bbs/read.php?tid=11492 (Z +C  
W^Y(FUy~  
/bbs/read.php?tid=2358 wJkkc9Rh'(  
h--bN*}H2  
e)"cm;BJ^P  

قاراخان 2014-02-04 17:26
بۇلار بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: oL;/Qan  
/bbs/read.php?tid=8263 I j /J  
~08v]j q  
/bbs/read.php?tid=5725

گۈلنىھال 2014-02-04 17:28
قاراخان:مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى:/bbs/read.php?tid=11492/bbs/read.php?tid=2358....... (2014-02-04 17:25) 
i$ Zhk1  
‏قاراخان ، سىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن بۇ ئىشتا سەل ئاجىز ئىدىم ، مومكىن بولسا ھەممىگە ئاسان بولىشى ئۈچۈن ، مەن تېكىستىنى يوللىسام ، سىز دىتال ياكى تاييارلىق ئادىرىسىنى ئاستىغا چاپلاپ ماڭسىڭىز بوپتىكەن  .

قاراخان 2014-02-04 17:32
گۈلنىھال:‏قاراخان ، سىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن بۇ ئىشتا سەل ئاجىز ئىدىم ، مومكىن بولسا ھەممىگە ئاسان بولىشى ئۈچۈن ، مەن تېكىستىنى يوللىسام ، سىز دىتال ياك .. (2014-02-04 17:28) 
6f0 WN  
چاتاق يوق، ئەمىسە تېز-تېز يوللاڭ، مەن بەك ئالدىراپ كېتىپ بارىمەن.

گۈلنىھال 2014-02-04 17:54
بولسا ، يوللايدىغان تېكىستلەرنىمۇ دەپلا  بېرەمسىز يا ؟  مەنمىغۇ  ‏ئىزدەشتىن ئىزدەپ بېقىپ ، يوللايمەن ، لىكىن   ، سىز دىگەندەك ، بىر كاللىدىن ئىككى كاللا يامان  !


查看完整版本: [-- قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ( دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled