«ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشنىڭ يىلتىزى
«ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشنىڭ يىلتىزى
`"Jj1O@
ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش EGGWrl}1
( يەھيا مۇھەممەت ئەركامىل) 034iK[ib" مائارىپىمىزدا كۆرىلىۋاتقان ، ئۇقۇتقۇچى ھېرىپ قىلىش، ئۇقۇغۇچى جاپا تارتىش،ئاتا- ئانىلارنىڭ بالامغا نىمە بولغاندۇ؟دەيدىغان ئۈمۈتسىزلىك ھالىتى ئالدىدا،بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق ۋە يىڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدا« ئاڭلاش» ھالىتىدىن سىنىپتىكى «ئىجات» قىلغۇچى ھالىتىگە ئېلىپكىلىش، ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇشنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇقۇغۇچىلارنى رېجىسورلۇق ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ،دەرىسخاننى خۇددى تىياتىرخانىدا ئىپىزوت ئويناۋاتقان ھالەتكە ئەپ كىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدا خوشال بىلىم ئىلىش،قىتىقىنىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىش،ئۆگىنىشتىن خوشاللىق ھىس قىلدۇرۇش ھازىرقى مائارىپىمىزدا تەكىتلىنىۋاتقان ئاساسلىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بىز كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىمىز. S
){)Z بارلىق ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ،بىزنىڭ ئۇقۇتۇشمىز بولسا دەل ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىق قىلنىشى كېرەك، «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش»ئۇقۇتۇشىدا، ئۇقۇغۇچىنىڭ مەسللەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۈسۈپ يىتىلش، نەتىجىسنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشى ۋە ئۇمۇمى يۈزلۈك ئونۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇلاردىكى قىزغىنلىقنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۇرگىلى ھەمدە مەڭگۈ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.«ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشتا چۇقۇم ئۇقۇغۇچىنى ھۆرمەت قىلىش،ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇقۇغۇچىغا تاينىش، ئۇقۇغۇچىغا يۈزلىنىش كېرەك. قىسقىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۆگىنىش ھوقوقىنى ئۇقۇغۇچىغا بېرىش كېرەك. y;4OY دەرىسخانىدا، دەرىس ئۈستىلىنى ئۇقۇغۇچىغا ئۈتۈنۈپ بېرىش، ئۇقۇغۇچى ئەركىن ھالدا ئۈستەلگە ئۆتۈپ دەرىس مەزموننى نامايەن قىلىشى، كۆپچىلىك مۇنازىرە قىلىش، خۇلاسلاش، دوسكىغا خەت يېزىشى كېرەك. ئەگەر مەلۈم ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇسۇلى باشقا ئۇقۇغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشىماي قالسا دەرھال دوسكىغا چىقىپ ئۆز ئۇسۇلىنى باشقىلارغا نامايەن قىلىشى كېرەك. ئىشقىلىپ ئۇقۇغۇچىلار ئۆزى ئۇيلىغان پىكىرنى ئالدىغا چىقىپ دەپ بېقىشى، ئۆزىنى نامايەن قىلىشى ئىلھاملاندۇرلىشى كېرەك.دەرىسخاننى ئۇقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بەرگەندە،دەرىسخاننى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ،قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىگىنى بىلەلمەي قالغان ئۇقۇغۇچى ئۆگىنىشتىن لەززەت ئالالايدۇ،ئۆز ئارا پىكىرلىشىش، ئۆز –ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دەرىستە نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىنى تەڭ يىتەكلەپ ماڭالايدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىمىز پويىزغا ئوخشاش بولۇپ، بارلىق ۋاگونلار بىر سوققىنىڭ تارتىشى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ. بۇ ۋاگونلارنى تارتىپ مەنزىلگە يەتكۈچە ئۇقۇتقۇچى ھېرىپ قالىدۇ، نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولمىغاندا بۇ سىنىپتىكى باللار ئۇيۇنچى گەپ ئاڭلىمايدۇ دەپ ئۇقۇتقۇچى ۋايساپ قالىدۇ، «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشىدا ھەر بىر ئۇقۇغۇچى بىردىن ھەركەتلەندۇرگۈچى سوقىغا ئوخشايدۇ، ھەممىسى ئۆزىنى-ئۆزى ھەركەتلەندۇرىدۇ. ئۇقۇتقۇچىدا ئالاھىدە قابىليەت بولمۇسىمۇ ، ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆز –ئۆزىنى ھەركەتلەندۇرۇپ «ئىجات» قىلىشى ئارقىسىدا ئۆگىنىشى نەتىجىلىك بولدۇ. C>ICu*PW «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشىدا،ئۇقۇتقۇچى ئالدىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، بۇ جەريان «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ. ^\hG"5# ئىمتىھان مائارىپىدا بىز ئۇقۇغۇچىنى نۇمۇر ئارقىلىقلا باھالاپ قۇيىمىز، قايتا –قايتا ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىمتىھانغا ئادەتلەندۈرىمىز، ھەر قىتىملىق نەتىجىسىنىڭ ئۆرلىگەن تۈۋەنلىگەن ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ ئۇقۇغۇچىنى باھالايمىز، ئەمما «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇقۇتۇشتا ئۇقۇغۇچىنى، ئۇقۇغۇچى باھالايدۇ،ئۇقۇغۇچىنى كىچىك گۇرۇپپا باھالايدۇ، بارلىق ساۋاقداشلىرى باھالايدۇ، ئۇقۇتقۇچى باھالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئىلھام ئالغان ئۇقۇغۇچىدا ياخشى بولغان ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىستىلىنى پەيدا قىلغىلى بولدۇ. ئۆگىنىشنىڭ لەززىتىنى تېتىۋالغان ئۇقۇغۇچى ئۆزلىگىدىن قىتىقىنىپ ئۆگىنالايدىغان بولىدۇ. 'S20\hwt- بىز سىنىپىمىزدىن ئاۋال بىر قانچە كىچىك گۇرپىلارنى تەشكىللەپ،ھەر بىر گۇرۇپپىغا تۆت ياكى بەش ئۇقۇغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرايلى،مەسىلىنى گۇرۇپپا ئىچىدە مۇنازىرە قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش،بىلمىگەننى تەڭ ئۆگىنىش قىلدۇرشىمىز كېرەك. ئۇقۇتۇش جەريانىدا بىز بىر ئۇقۇغۇچىنى باھالىغۇچى قىلىپ سايلاپ قۇيايلى، ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئىپادىسىگە باھا قويسۇن. ئۇقۇغۇچى ياخشى ئۇسۇل تېپىپ مەسلىگە جاۋاپ بەرگەندە قىزغىن ئالقىش ئارقىلىق مۇكاپپاتلىسۇن. باھالىغۇچى ئۇقۇغۇچى خاتىرىسىگە يېزىپ قويسۇن ، ھەر بىر كىچىك گۇرۇپپىغا بىردىن گۇرۇپپا باشلىقى سايلاپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىغا يىتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق، ئۇقۇغۇچىدا ئۆزىگە ئىشىنىپ نەتىجە ھاسىل قىلالايدىغان تۇيغۇنى پەيدا قىلغىلى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئۇقۇغۇچىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇقۇغۇچىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقا. بۇنداق ئۇسۇللار ئۇقۇغۇچىلارغا سىنىپتىكى بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىگىنى يەنى ئۆز- ئۆزىنى تۇنىۋىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇ،ھەمدە ئۆ ئارا رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ. EZgq ?l~5O باھالاشنى ئۇقۇغۇچىلارغا بەرگەندە، ئالدىنقى شەرت بولسا ئۇقۇغۇچىلارغا ئىشىنىش، ئۇقۇغۇچىلاغا تايىنىش، ئىشلەش ئۇسۇلى بولسا ئۇقۇغۇچىنى قوزغۇتۇش،تەشكىللەش، يادروسى بولسا، ھەر بىر ئۇقۇغۇچى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقاش،ئۆزىنىڭ ئىلگىرلىگەنلىگىنى ھىس قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىپ ، تېخمۇجانلىق ئىلگىرلەش بولۇپ،يۇقۇرى ئۈنۈملۇك دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنى قولغا كەلتۇرۇشتە تەتقىقاتچى خادىملار ۋاقىتنى تۈۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرغان. 45 مىنوت ۋاقىت ئىچىدە، ۋاقىت نىسبىتى 2:7:1 بولسا بولىدۇ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ سۆزى 10 مىنوتتىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.ئۇقۇغۇچىلارغا 30 مىنوت ۋاقىتنى بېرىش كېرەك، بۇ ۋاقىت ئىجات قىلىدىغان ، بايقايدىغان ھەمدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ۋاقىت. ئاخىرقى 5 مىنوت ۋاقىت بولسا،ئۇمۇمى يۈزلك ئۇقۇغۇچىلارنى سىناپ باقىدىغان باسقۇچ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. %20 ئۇقۇغۇچى ئەلاچى،%70 ئۇقۇغۇچى ئوتتۇرا ھال،%10 ئۇقۇغۇچىنى ناچار دەپ كۆزدە تۇتقان ھالدا ئالدىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇق شۇ سائەتتىكى دەرىسنىڭ جان تۇمۇرى بولۇپ، ئۇقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلانغان تاپشۇرۇقنى بىر كۈن بۇرۇن باللارنىڭ قۇلىغا تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ،ياكى شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ بىر قانچە مىنوت ئالدىدا تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.تاپشۇرۇق چۇقۇم شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ مۇھىم قىيىن نوقتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇقۇغۇچىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا چىقىرلىشى كېرەك،بىر قىتىم سۆزلىنىپ بولغان مەزمون مەقسەتسىز قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك. «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللانغاندا دەسلەپتە ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ يىتەكلىشىمىزگە ياخشى كۆنەلمەيدۇ، ئىزچىل تىرىشىش، تەتقىق قىلىش، كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا،ئاستا –ئاستا ماسلاشتۇرۋالغىلى بولىدۇ، ئاز دىگەندىمۇ ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۇقۇغۇچى ئاساس قىلىنىدۇ، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ، ئۇقۇغۇچى ئىلھاملاندۇرۇلدۇ، يۇشۇرۇن ئىقتىدارى قېزىلىپ، ئەقىل بولىقىنى ئىچىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. u^^vB\"^ «ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش» مائارىپىنىڭ تۇپ مەركىزى بولسا، قەلبىدە ئۇقۇغۇچىغا نىسبەتەن سۆيگۇ بولۇش،بارلىق ئىشلار ئۇقۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىش،ئۇقۇغۇچىنىڭ دەرىسخاندا ئازادە ئولتۇرۇشنى قولغا كەلتۇرۇش، ئۇقۇغۇچىنى كىچىك مۇئەللىم دەپ قاراش،ئۇلارغا تايىنىش، ئۇلارغا يۈزلىنىش، دەرىسخاننىڭ ھەقىقى ئىگىسى ئۇقۇغۇچى دەپ قاراش،ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىلگىرلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش،ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنى كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزى دەپ قاراش ئارقىلىق ئىلىپ بېرىلىدۇ. t DO=P
c ?Lx24*5% Y`KqEjsC* (|F*vP'
|