نۇرسىمانگۇل |
2014-02-01 19:32 |
مۇستەقىللىق ئىقدارىڭىز قانچىلىك؟
مۇستەقىللىق ئىقدارىڭىز قانچىلىك؟ پىسخىك تورى
بىز دائىم « ئەمدى چوڭ بولدۇق، ئاتا-ئانىمىز ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىۋالمىسىكەن، ئەركىن، مۇستەقىل ياشىساق» دەپ جار سالىمىز. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاپ بىرىپ بېقىپ، مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىناپ بېقىڭ. سىز يولدا كەينىگە بىرسىنى مىنگەشتۈرۈۋالغان موتوسىكىلىتلىق بىرسىنى كۆرگەندە، سىزنىڭچە موتوسىكىلىتنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغۇچى قۇلىنى قەيەرگە قويسا بۇلىدۇ؟ A. كەينىدىكى تۇتقۇچنى تۇتىدۇ. B. ئالدىدىكى شوپۇرنىڭ بىلىنى تۇتىدۇ. C. تىزىنىڭ ئۈستىگە قۇيىدۇ. D. شوپۇرنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. A نى تاللىغۇچىلار: سىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىز بىر قەدەر كۈچلۈك. سىزنىڭ كاللىڭىز سەگەك بولۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭىز ياخشى. ھەرقانداق ئىشنى تەمكىن، بىمالال بىجىرەلەيسىز. باشقىلارغا ئانچە تايىنىۋالمايسىز، مەسىللەرگە بىر قەدەر ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. لىكىن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قۇپاللىق بىلەن رەت قىلىسىز. گەرچە مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادا مۇتلەقلىق يوق. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىسىڭىز سىزگە كۆپ پايدىسى بار. Bنى تاللىغۇچىلار: قارىماققا ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ئۈزىڭىز بىرتەرەپ قىلالايدىغاندەك كۆرۈنىسىز. ئەمەلىيەتتە بەزى ئىشلارنى ھەقىقەتەن مۇستەقىل بىرتەرەپ قىلالايسىز. مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىزغا تۇلۇق ئىشىنىسىز، لېكىن بەزى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدا، سىز ھەمىشە بىلەر-بىلمەي خاتا ھۆكۈم چىقىرىسىز. ئاتا-ئانىڭىز سىزگە تەكلىپ-پىكىر بەرسە تۇسالغۇلۇق قىلدى دەپ قارايسىز. بىلىشىڭىز كىرەككى، ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن كۆپنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە كۆزقارىشى ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىدىن كەلگەن، گەرچە ھەممىسى توغرا بولمىسىمۇ، لىكىن يەنىلا ئاساسى بار. Cنى تاللىغۇچىلار: مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك بولۇپ، كۈچلۈك ئۆزلۈك قارشىغا ئىگە، ھەرقانداق ئىشنى بىر ئامال قىلىپ بىجىرەلەيسىز. ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىۋېلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز. ئۆزىڭىز يالغۇز ئازاپلىنىشقا رازى ئىكەنسىزكى، قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىزغا دىمەيسىز. بىلىشىڭىز كىرەككى، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە قولاق سالغىنىڭىز دەل سىزنىڭ چوڭ بولغانلىقىڭىزدىن دېرەك بىرىدۇ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىڭىز، ئۇلار ھەرۋاقىت سىزگە ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. D نى تاللىغۇچىلار: مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىز ئاجىز، باشقىلارغا تايىنىشچانلىقىڭىز كۈچلۈك. ھەممە ئىشتا ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىۋالىسىز. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىز «قۇلىقى يۇمشاق» رايىش بالا. لېكىن، ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن ئايرىلغاندا، كىيىنكى يولنى ئۈزىڭىز بېسىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ، شۇڭا، سىز ھازىردىن باشلاپ بەزى ئىشلارنى مۇستەقىل قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىڭ، بىلمىگىنىڭىزنى سوراپ بىلىۋېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئاندىن ئاندىن ھەقىقىي چوڭ بۇلالايسىز ئەلۋەتتە.
|
|