查看完整版本: [-- جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-01 19:29

جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
بەزى بىر قىسىم بالىلار كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، بىر ئۇنىڭغا بىر بۇنىڭغا ئېسىلىپ، ھەمىشە بىر خىل ھالىتىنى ساقلىماي، دائىم جىدەل قىلىپ، قائىدە چۈشەنمەي، ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمغاندا، ئائىلە باشلىقى بېشى قاتتىق ئاغىرىپ كەتكەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق ئورۇنسىز قىلمىشغا قارىتا ئائىلە باشلىقى زادى قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟
1. ئائىلىدە تەربىيىلەش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش. ناۋادا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى بەك  يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ يۈكى ئېشىپ، دائىم جىددىلىشىدىغان، ئۇنىمىغان ئەھۋالدا بالىلاردا ھەمىشە ئورۇنسىز جىدەل قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقى ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىشكە تىرىشىپ، بىر خىل تىنچ بولغان روھى كەيپىياتىنى ساقلىشى كېرەك.
2. مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ماددىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بالىلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردىغان ئۇسۇل قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بۇخىل ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمايدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماددى مۇكاپات بىلەن مەنىۋى مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.
3. بىرلا يولدا ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. بالىلار ئورۇنسىز جىدەل قىلغان ۋاقىتتا، ئائىلە باشلىقى گەپ تېمىسى ۋە كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ياكى بولمىسا قەستەن سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، بالىلارغا بۇخىل ئورۇنسىز جىدەلنىڭ ھىچقانداق نەتىجىسى بولمايدىغانلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزلىكىدىن بۇنداق يامان قىلىقنى تۈگۈتۈش لازىم.
4. مۇۋاپىق بولغان مەغلۇبىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ قەلبىدە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىلاردا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ ئىرادىسنى كونترول قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.


ئەكبەرنىياز 2014-02-01 23:05
نۇرسىمانگۈلنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! ئەگەر ئەسەرنىڭ مەنبىيى بىلەن ئاپتورىمۇ تولۇق يوللىنىپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !!!

گۈلنىھال 2014-02-01 23:14
‏جېدەلخور ئوقۇغۇچىلار  قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بۇ ياخشى تىما  بوپتۇ ، رەھمەت !

مىېھرىما 2014-02-02 15:26
مەن بۇ تىمىدىن بەك رازى بولدۇم .رەھمەت سىزگە.

قاراخان 2014-02-02 23:20
مەندەك يېڭى دادا بولغۇچىلار ئۈچۈن ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ. مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كۆپرەك يوللاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭ.


查看完整版本: [-- جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled