查看完整版本: [-- سىزدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى بارمۇ ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> سىزدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى بارمۇ ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-01 19:26

سىزدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى بارمۇ ؟

    pishik tori、、
1.ئۆز- ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش دىگىنىمىز _ ئۆزىگە تۆۋەن باھا بېرىپ ، ئۆز - ئۆزىنى ياراتماسلىق بولۇپ ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن پىسخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىقتۇر . بۇ كۆرسەتمىلىك ، ھەسەت قىلىش،يالغۇزلۇق ،خىجىل بولۇش، ئۆز - ئۆزىگە ئۆچ بولۇش  قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ .
     ئەمىسە  ئۆزىڭىزنى تۈۋەن كۆرۈش پىسخىكىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى سىناپ كۆرەمسىز ؟
    تۈۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ، < شۇنداق > بولسا 1 نۇمۇر ، < ئۇنداق ئەمەس > بولسا 0 نۇمۇر بېرىڭ .
   1- دائىم  " باشقىلار نىمە دەپ قالار " دەپ ئۇلارنىڭ باھاسىغا ئېتىبار بېرەمسىز ؟
   2- ئەگەر دۇكاننى ئايلىنىپ ھېچنىمە سېتىۋالمىسىڭىز  خىجىللىق ھېس قىلامسىز ؟
   3- سىز دائىم ئامال بار باشقىلارنى ئەنسىرتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئويلامسىز ؟
   4- ئەگەر بىرسى ئۇشتۇمتۇت سىزنىڭ يالىڭاچ تۇرقىڭىزنى كۆرۈپ قالسا ، خىجىللىق ھېس قىلىپ جىددىلىشىپ كېتەمسىز ؟
   5- دەم ئرلىش كۈنى ئەتتىگەندە ئۇزۇنراق ئۇخلاشنى خالىمايسىز  شۇنداقمۇ ؟
   6- سىز ئەتىراپىڭىزدىكى باشقىلار بىلەن  ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايسىز شۇنداقمۇ ؟
   7- سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان  ئادەمگە ئۆزىڭىزنى زورلاپ  تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بېرەمسىز ؟
   8-باشقىلارنىڭ باھاسى بويىچە كىيىم سېتىۋالامسىز ؟
  9-  ئەگەر سىز باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ، كۆڭلىڭىز بىئارام بولۇپ كېتەمدۇ ؟
  10- سىز دائىم كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆزىڭىز قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلامسىز ؟
  11- ئەگەر سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەسلىكىنىبىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ، يەنىلا باشقىلاردىن ئەپو سورامسىز ؟
  12- ئاتا- ئانامنىڭ  دىگەن يېرىدىن چىقالمىدىم دەپ ئويلامسىز ؟
  13- ئەپو قىلغىلى ۋە تولۇقلىغىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
  14- سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلامسىز ؟
  15- سىز خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن ، ئۇزۇنغىچە ئۇنتىيالماي كېتەمسىز ؟
   16-  سىزنىڭ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدىغان  .ىشىڭىز بارمۇ ؟
   17-باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا  دائىم ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەمسىز ؟
  18-ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ھەرقانداق جازاغا تارتىلىشقا رازىمۇ ؟
  19- باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ھەسەت قىلامسىز ؟
  20 - بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىي ئېھتىياجىدىن زېرىكىپ كېتەمسىز  ؟
  21 -داۋاملىق اللادىن بەخىت ئاتا قىلىشنى تىلەمسىز ؟
   22- سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز ياكى رەھبىرىڭىز ئۆگىنىش ياكى خىزمەت نەتىجىڭىزدىن ئۈمىتسىزلىنەمدۇ ؟
  23-داۋاملىق ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئەسلەپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرەپ تۇرامسىز ؟
   24- ئەتىراپىڭىزدىكى ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ سېلىشتۇرغاندا ، ئۆزىڭىزنى ھېچقانداق رولى يوق ئادەمدەك ھېس قىلامسىز  ؟
   25-سىز بۇرۇن ۋىجدان ئازاۋى تارتىپ باققانمۇ ؟
  26- ئۆزىڭىزنى مەغلوپ بولۇش ئۈچۈن يارالغاندەك ، تەلەيسىزدەك ھېس قىلامسىز ؟
  27- بۇرۇن ئۆزىڭىزنى كەچۈرمىگىدەك ناچار قىلمىشىڭىز بولغانمۇ ؟
  28- دائىم ئۆزىڭىز ئېرىشكەنمۇھەببەت ۋە ھېسسىياتنىئەسلىدە ئېرىشمەكچى بولغان ھېسسىياتتىن  تۈۋەندەك ھېس قىلامسىز ؟
   29- دائىم ۋاقىت چىقىرىپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەمسىز ؟
      
     سىناق نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىش
       ئەگەر ئالغان نۇمىرىڭىز 15-30 نۇمىر ئارىلىقىدا بولسا - سىزنىڭ ئۆز - ئۆزىڭىزنى  ئەيىپلەش ۋە ئۆز-  ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . نۇمىرىڭىز 8-14 نۇمىرغىچە بولسا سىزدىكى ئۆز - ئۆزىنى تۈۋەن كۈرۈش ھالىتى نورمال بولۇپ ، ئەگەر مۇۋاپىق ئۆزىنى تولۇقلاش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى نەتىجە قازىنىش يولىغا باشلىيالمايسىز . ئەگەر 7 نۇمىردىن تۈۋەن بولسا سىز ئۆز - ئۆزىڭىزگە  ئىشىنىدىغان ساغلام پىسخىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ .


گۈلنىھال 2014-02-01 23:08
مەندە  2, 4,9,12  , 17, 28。قاتارلىقلار باركەن 。 بۇنى قانداق  ھېساپلىسام بولار ؟

ئەكبەرنىياز 2014-02-01 23:15
ئەمىسە سىز نورمالكەنسىز !
نۇرسىمانگۈلنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

گۈلنىھال 2014-02-02 11:31
‏نۇرسىمانگۈل ، مۇشۇنداق  تۇرمۇشتىكى ئەڭ يېقىن ياردەمچىللىرىمىزنى داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

مىېھرىما 2014-02-02 15:34
بۇ تىمىڭىز دىكى نۇرغۇن تەرەپلە مەندە باركەن بىر قىسمىنى تۈزتىشىم كېرەكمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.مەسىلەن:
5- دەم ئرلىش كۈنى ئەتتىگەندە ئۇزۇنراق ئۇخلاشنى خالىمايسىز  شۇنداقمۇ ؟
   6- سىز ئەتىراپىڭىزدىكى باشقىلار بىلەن  ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايسىز شۇنداقمۇ ؟

  11- ئەگەر سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەسلىكىنىبىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ، يەنىلا باشقىلاردىن ئەپو سورامسىز ؟
بۇ تەرەپلەنى ئويلىنىپ كۆرسەم بولغىدەك.بۇندىن باشقا تەرەپمۇ مەندە كۆپكەن.


查看完整版本: [-- سىزدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى بارمۇ ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled