查看完整版本: [-- دۇردانىلەر؛ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> دۇردانىلەر؛ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-01 19:12

دۇردانىلەر؛

دۇردانىلەر؛
تور مەنبەسى ئىنىق ئەمەس، پايدىلىنىش ئۈچۈن
جىسمانى ئەمگەك روھى پەرىشانلىقنى يوق قىلىدۇ،مانا بۇ كەمبەغەللەرنەڭ بەختى.
ئەڭ ئاز نەرسىدىنمۇ قانا.ەت قىلىدىغان ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىدۇر.كاتتىلار ۋەئاچ كۆزلەر بەكلا بىچارە،چۇنكى ئۇلار ھەددى ھىسابسىز نەرسىنى جۇغلاش بەدلىگە،ئۆزىنى بەخىتلىك قىلىشقا ئۇرنىدۇ.
دانىشنى مەمنۇن قىلىش ئۇچۇن ھىچقانچە نەرسە كەتمەيدۇ،تەلۋىنى تويدۇرۇشقا جاھان يەتمەيدۇ،مانا بۇ ئىنساننىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ ۋەج سەۋەبى. ساغلاملىق تەندە بولغاندەك دانىشلىقمۇ قەلىبتە.
ھەر قانچە كاتتا يەر زىمىنمۇ تەنگە ساقلىق روھقا ئەمىنلىك بىرەلمەيدۇ.بىز دائىم قىممەت باھادا قىلچە پايدىسى يوق نەرسىلەرنى سىتىۋالىمىز.
ئەقىل- پاراسەت بىلەن سۆيگۇ مۇھەببەت بىر بىرنى تولۇقلىمايدۇ بەلكى ھىسيات كۇچەيگەندە ئەقىل ئازلايدۇ.
كۇنداشلىقى يامان خوتۇنى بار ئەرنى بەزىدە بەخىتلىك دەڭ ئۇ دائىم ئۆزىنى ياخشى كۆردىغان بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇ.
ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار تەرپىدىن سۆيۈلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشتىنمۇ ئۆتە ئۆز-ئۆزىنى ئالداش يوق.
قىرېلىق ئاياللارنىڭ دوزىخى
ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ماقامى –مىنىڭ ھاياتىم سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە دىگەندىن ئىبارەت
ئەرلەر مۇھەببەتلىشىش ئۇچۇن توي قىلىدىكەن ئاياللار بولسا ئائىلىلىك بولۇش پەرزەنىت كۆروش ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشىش،ياكى قېرى قىز بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن توي قىلىدىكەن.
مۇكەممەل ئائىلە ئىشى بىلەن سۆيگۇ بەزىدە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ،ئەر-خوتۇنلار ئارسىدا سۆيگۇنى ئىپادىلەش كەمچىل بولۇشنى «روھى ئوزۇق كەمچىللىك كىسەللىگى»دەپ ئاتىلىدۇ،چۇنكى ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى نانغىلا مۇھتاج ئەمەس ئايال ھەر دائىم ئۇنىڭغا ئۇستىگە ھەسەل سۇركەلگەن بىر توغرام تورت بىرىپ تۇرشى كىرەك.
ئۆسمۇرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇلارنى ھىچكىم ياخشى كۆرمىگەنلىكىدۇر.بەخىتسىز بالىلار دۇچ كەلگەن مەسىلە غەمخورلۇققا ئىرىشىشكە بولغان تەشنالىقتۇر.سەمىمى مىھرى-مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان بۇ بالىلار ھامان جىنايەت سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى كىشىلىك ھايات نوقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ ئۇلار پايدىلىق يىمەكلىك تاپالمىغىنىدا ئاچ قالغاندا تاماق تاللىمىغاندەك ،خۇددى ئاچ بۆرىگە ئوخشاش زىيانلىق نەرسىلەرنىمۇ يەۋىرىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا مىھرى-مۇھەببەت ئەڭ پايدىلىق ئوزۇق،ئۇ ئىنساننىڭ روھى جەھەتتە ئۆسۇشىنىڭ مەنبەسى ،ئەگەر مۇھەببەت كەمچىل بولسا ،ئىنساننىڭ ئەخلاق چۇشەنچىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
ھەقىقەتەن مىھرى مۇھەببەتنىڭ ئىنسانىيەت جەمىئيتىگە بولغان ئەھمىيتى ئاتوم ئىنىرگيىسىدىن كۇچسىز ئەمەس،مىھرى-مۇھەببەت ئاجايىپ كۇچ ھاسىل قىلىدۇ،ھەمدە ھەركۇنى مۆجىزە يارتىدۇ
مۇقەرەرلىشىپ قالغان ئىشنى تال سۆگەتكە يامغۇر ياراشقاندەك،قۇمغا سۇ سىڭگەندەك خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.بىزمۇبارلىق رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقمىز كىرەك.
  ئەگەر بىز غەم قايغۇدىنتارتىدىغان زىياننى تۇرمۇش ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولساق تارىتقان زىينىمىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە،ئەخمەقلىق قىلغان بولىمىز.
ئۆتۇپ كەتكەن ئىش ئۇچۇن قايغۇرۇش ھەرە كىپىكىنى ھەرىلىگەنگە باراۋەر.
تەدبىق قىلىشنى بىلمىسەك،بىلىم- كۇچكە ئايلىنالمايدۇ
ئەقىللىق كىشىلەر ئەبەدىي ئۆز زىينى ئۇچۇن قايغۇرۇپ يۇرمەيدۇ،خوشاللىق بىلەن چارە ئىزدەپ بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ.
كەيپىياتىمىزدىكى جىددىلىك جىسمىمىزدىكى جىددىلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىردىغانلىقتىن،بىز چارچىغانلىقىمىزنى ھىس قىلىمىز.
ھىرىش -چارچاشنى قىيىن خىزمەت كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ .....بەلكى غەم –قايغۇ،جىددىيلىك ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سەۋەپ كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.
روھىي جەھەتتىكى چارچاشنى بەدەننى بوش قويۇۋىتىش   بوش قويۇۋىتىش  يەنىمۇ بوش قويۇۋىتىش ئارقىلىق تۈگۇتۇش لازىم.
كۆڭۇلنىڭ چوڭقۇر يىرىدىكى گەپنى ئېيتىش -«يۇرەك كىسلى »گەيۇرەكنى كۇچەيىتكۇچى ئوكۇل سالغانلىق بىلەن باراۋەر.
ئاتا-ئانىمىز بىر تۈپ دەرەخ،بىز ئۈچۈن سايە تاشلىيالايدىغان.1
ئاتا-ئانىمىز بىر كۈنلۈك،بىز ئۈچۈن شامال-يامغۇرنى توسىيالايدىغان.
ئاتا-ئانىمىز بىر پارچە ياپيېشىل ئوتلاق،بىز ئۈچۈن تىرىشىپ گۈل ھاسىل قىلالايدىغان.
ئاتا-ئانىمىز بىر بۇلاق،بىزنىڭ چاڭقىغان يۈرىكىمىزگە مەلھەم بولالايدىغان.
ئاتا-ئانىمىز بىر تاغ،بىزگە كۈچ ئاتا قىلالايدىغان.
.ئادەم ئايلانمايدۇ       نېمە ئايلىنىدۇ؟.....كۆڭۈل ئايلىنىدۇ.2
كۆڭۈل ئايلانمايدۇ      نېمە ئايلىنىدۇ؟.....يەر شارى ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىدۇ.شۇڭا بىزنىڭ مەڭگۈ مېڭىشقا بولىدىغان يولىمىز بار.
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى تولۇقلاڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى دەڭسەپ بېقىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ قېيىنچىلىقى دەپ بىلىڭ ھەم مۇشۇ يوللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى چۈشىنىڭ،ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىڭ.

4.ھېچكىم ئۆزى خالىغانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ،مۇۋاپىقىيەت ئىزچىل ئۆزىنى باشقۇرۇشتىن،ئۆزىنى كونترول قىلىشتىن ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس چىدام غەيرەتتىن كېلىدۇ.
5.سىز پەقەت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مول ئىچكى دۇنياسىغا كىرەلىسىڭىز،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سايرىيالىسىڭىز،ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسىڭىز ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل مۇساپىسىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيسىز.
6.ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىككى يولدا ماڭىدۇ،بىرى چوقۇم مېڭىشقا تېگىشلىك يول،يەنە بىرى سىز مېڭىشنى خالايدىغان يول.سىز جەزمەن چوقۇم مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا چىرايلىق مېڭىڭ،شۇندىلا سىز مېڭىشنى خالايدىغان يولدا ماڭالايسىز.


مىېھرىما 2014-02-02 15:40
ياخشى تىمىكەن ھارمىغايسىز.

گۈلنىھال 2014-02-03 13:40
ھىرىش -چارچاشنى قىيىن خىزمەت كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ .....بەلكى غەم –قايغۇ،جىددىيلىك ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سەۋەپ كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.


كۆڭۇلنىڭ چوڭقۇر يىرىدىكى گەپنى ئېيتىش -«يۇرەك كىسلى »گەيۇرەكنى كۇچەيىتكۇچى ئوكۇل سالغانلىق بىلەن باراۋەر.

   ھەقىقەتتۇر !

ياسىنجان510 2014-02-04 11:53
ئەھمىيەتلىك ،تەربىيىۋى قىممىتىگە ئىگە يازما ئىكەن رەھمەت.


查看完整版本: [-- دۇردانىلەر؛ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled