نۇرسىمانگۇل |
2014-02-01 19:10 |
سەمىمىي، ئوچۇق _ يورۇق بولۇڭ
سەمىمىي، ئوچۇق _ يورۇق بولۇڭ 2013-07-04 12:49:30 مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆمۈر مۇساپىسىدا تالاي ئىشلىرى بىلەن كىشىلىك دۇنياغا رەڭدار تۈس بەخش ئىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەدىر_قىممىتى ئەنە شۇ چاغدا مۇئەييەنلىشىدۇ. بىز ھاياتلىقتا ئاجايىپ كاتتا ئىشلارنى قىلىپ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتالمىساقمۇ، ئەمما ئىنسان ۋۇجۇدىدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەر بىلەنمۇ، ئۇلۇغ كشىلەر قاتاردىن ئورۇن ئالالايمىز. مەيلى سىز قايسى ۋاقتتا بولۇڭ، مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولۇڭ مەيلى ئەمەلدار ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولۇڭ يەنىلا ئادەم بولۇش موھىم. ئادەم بولۇش دىگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنيتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور رول ئوينىغان. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ھەقىقى ھېس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانداقتۇرنام_شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن ئاتىغان ۋاقتىدا، بۇ دۇنيادىكى قالتىس ئادەمگە ۋە مۇھىم شەخسكە ئايلىنىدۇ. ناۋادا بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئادەم بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرسا، ئۆزنىڭ ئىرادىسىگە ساداقەتمەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مەڭگۈ غالىپ. ئۇ نام ئاتاق قۇغلاشمىسىمۇ، يەنىلا قەدىرلەشكە مۇيەسسەر بولالايدۇ. سەمىمىيلىك، ئوچۇق يۇرۇقلۇق بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك خىسلىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنىمە باسالمايدۇ. ساختىلىق ئۆزىنى قانچە پەردەزلىسىمۇ يەنىلا كشىلەر تەرپىدىن ئاستا_ ئاستا سىقىپ چىقىرىلىدۇ. كشىلىك تۇرمۇشتا بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ، ھەتتا نەتىجىلىرىدىنمۇ گۇمان قىلىشىدۇ، بۇ بىمەنىلىك خالاس. پۇل، مال دۇنيا دىگەنلەر ئادىمىيلىك خسلىتىڭىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ بولالماسلىقى مومكىن. مەيلى سىز قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇڭ. پەقەت ئادىميلىك خىسلىتىڭىزگە خائىنلىق قىلمىسڭىزلا، سىز ئادۇكات، دۇختۇر، باي ياكى كەمبەغەل بولسىڭىزمۇ ھەرگىز ئۆكۈنمەڭ. شۇ نەرسە ئىسڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئاۋال سەمىمىي، ئوچۇق _ يورۇق بولۇڭ ھەم مەڭگۈ شۇنداق قىلىڭ... شۇندىلا سىز ھاياتلىقتا ئەڭ ئىسىل ئۈلگىلىك كىشى سانىلىسىز. بىخەتەرلىك توغرىسىدا ساۋاتلار 2013-07-11 10:48:01 مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ▲ سىرتقا چىققاندا قاتناش قائىداىسىگە رىئايە قىلىڭ. قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئۆز ئۆزنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. شۇڭا سىرتلارغا چىققاندا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ: 1.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىن ياكى پېچەتلەنگەن يول بۆلۈكىدىن خالىغانچە كېسىپ ئۆتمەڭ. 2. نورمىدىن ئارتۇق ئادەم باسقان ماشىنىلارغا ئولتۇرماڭ. 3. يولدىن ئۆتۈش توغرا كەلسە ئەڭ ياخشىسى يەر ئاستى پىيادىلەر يولدىدىن ئۆتۈڭ ياكى قىزىل ،يېشىل چىراقلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىڭ. ▲ قىستىلىپ، دەسسىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك ئىشىكلىرىنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىىڭ . قىستىلىش يۈز بەرگندە چىقىش ئېغىزىغا قاراپ مېڭىڭ، ئوڭ-سولغا قاراپ قالماڭ، ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىش ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماڭ. قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەندە دەسسىلىپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىڭ، يىقىلىپ چۈشكەندە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كېتىڭ. ▲ يولدىن ئېزىپ قالغاندا ئەسلىدىكى ئورۇنڭىزدا تۇرۇڭ. ئۆيدىكىلەر ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ ئېزىپ قالغاندا ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەم دوستلىرىڭىزنىڭ سىزنى تېپىۋېلىشىغا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ ئايرىلغان يەردە ئۇلارنى ساقلاڭ، قالايمىقان ماڭماڭ، يۇشۇرنىۋالماڭ . ناتونۇش ئادەملەرلەرگە ئالدىنىپ كېتىپ قالماڭ. پەقەت بولمىغاندا شۇيەردىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ياكى ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملاردىن ياردەم سوراڭ. ▲ تاغقا ياماشقاندا، يىراققا پىيادە ساياھەت قىلغاندا يولغا بەلگە قىلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ساۋاقدىشىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن ساياھەتكە چققاندا ئەڭ ياخشىسى تېلېغۇن ئېلىۋېلىڭ، جىددىې ئەھۋالدا ئالاقىلىشىشقا ياردىمى بولدۇ. سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال چوڭلارغا قەيەرگە بارىدىغانلىقىڭىزنى ۋە قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ . كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى ئىزدەپ تېپىپ قۇتقۇزۇۋالالايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە يولدىكى بەلگىلەرنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ، مەسىلەن، ئېگىز بىنالار، كۆزگە چېلىقىدىقان دەرخلەر ۋە ئېلان تاختىسى قاتارلىقلار. ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلارغا بارماڭ.
ئەپۇ سوراش - ئاقىلانىلىك 2013-07-04 12:49:30 مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بەزىدە ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بىلىپ- بىلمەي سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. بەزىدە ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمىزنى دەماللىققا ھېس قىلالمىساقمۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ھېس قىلىمىز، لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر شۇ سەۋەبلىك رەنجىتىپ قويغان ئادىمىمىزدىن كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىرىمايمىز. ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاق -پەزىلىتىنى نامايان قىلىش، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش ھەم ئۆزىنى سوراشتا ئىپادىلىنىدۇ. پەزىلەتلىك ئادەم راستچىل، سەمىمىي، مېھىر - شەپقەتلىك، ئەپۇچان كېلىدۇ. پەزىلەتلىك ئادەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلالايدۇ. پەزىلەتسىز ئادەم باشقىلاردىنلا ئەمەس نۆۋىتىدە ئۆزىدىنمۇ نارازى بولىدۇ. پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولىدۇ. پەزىلەتلىك ئادەم ياخشى ئىشلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، خاتا نەرسىنى پەرقلەندۈرۈپ تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ ھەم باشقىلارنى رەنجىتكەن، كۆڭلىنى ئاغرىتقان تەرەپلەرنى ھېس قىلغان ھامان ئۇلارنىڭ كەچۈرۈشىنى، ئەپۇ قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايدۇ. ھەر قانداق ئادەم تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە سەۋەنلىكتىن خالىي بولۇشى، باشقىلارنى رەنجىتمەي ئۆتۈپ كېتەلىشى ناتايىن. ئورۇنسىز پەيدا قىلغان سەۋەنلىكىمىز سەۋەبلىك روھى ئازابقا ئۇچرىغۇچىدىن ئەپۇ سوراش، شۇ كىشىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆڭلىنى ئاغرىتقان، روھىي ئازاب بەرگەن ئادىمىمىزدىن ئەپۇ سورىيالىساقلا، چوقۇم ئۇ كىشى بىزنى كەچۈرۈشى، ئۆزىمۇ روھىي ئازابتىن يېنىكلەپ قېلىشى، بىزنىمۇ غەمدىن خالاس قىلىشى تۇرغان گەپ. شۇڭا، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ۋە باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى بىلىش ئاقىلانىلىكتۇر
. تۇرمۇشتىن ئۈمىد بىلەن بەھىرلىنىڭ 2013-07-15 12:41:10 مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇرمۇشتىن ھەقىقىي بەھىرلىنەي دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ھەر قانداق ئەھۋالغا قارىتا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ بىزدە ئاكتىپ پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈپ، مەغلۇبىيەتتىن قورقىش پىسخىكىمىزنى يېڭىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. قانچىلىك ئادەم ئەتىگەندە ئورنىدىن كۈلۈپ قوپالار؟ ئۈمىدۋارلارغا ھەر دائىم كۈلكە، تەبەسسۇم ھەمراھ. كۈلۈمسىرەش ئەڭ ياخشى ئىللىتىش قورالى. بىز كۈلكە ئارقىلىق كۆڭۈلسىزلىكنى ھەيدەپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە شادلىق بېرەلەيمىز. ئۈمىدۋارلىق بۇ ئاددىي، ئەمما قىلىش تەس گەپ. ئالدى بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن نۇر بايقاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تېپىپ چىقىڭ. ھەر كۈنى ئۆزىڭىز ياخشى قىلدىم دەپ قارىغان ئىشنى ئويلاڭ. ئىشەنچ پەيدا بولغاندىن كېيىن مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىنلا ھەممىدىن رايىڭىز قايتىپ چۈشكۈنلىشىپ يۈرمەيسىز. يۇمۇر، لەتىپىلەردىن زوقلىنىشمۇ ياخشى ئامال. كۈلكىلىك ئىشلارنى ئويلاش، باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىمىز شادلىققا ئېرىشەلەيمىز. بۇ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئەرزان دورا. كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان مۇزىكىلارنىمۇ ئاڭلاپ قويۇڭ. جۇشقۇن بولۇپ قالىسىز. ھاياتقا باشقىچە نەزەر بىلەن قاراشنى ئۆگىنىۋالايلى. ھەممە نەرسە تەلتۆكۈس مۇكەممەل بولمايدۇ. نېمشىقا كۈلۈپ ياشىمايمىز؟ غەمناك كەيپىيات ئاچچىققا خۇشتار ئادەملەرگە قېپقالسۇن. بىز ھەممىمىز ئۆز ھاياتىمىزغا مەسئۇل. بىز قايتىدىن تەسىرلىنىش، باشقىلارنى سۆيۈش، ئوڭۇشسىز ئىشلارنى ھەجىلەۋېرىشنى تاشلاشنى ئۆگىنىۋالايلى. شۇندىلا ھاياتىمىزنىڭ يېپيېڭى سۈبھىسىنىڭ نۇر ۋە ئۈمىدكە تولغانلىقىنى بايقاپ يېتەلەيمىز. بەزىلەر ھاياتتىكى ھەر قانداق ئىشنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك قاراشتۇر. بىز بۇ خىل چۈشكۈن پەرۋاسىزلىق بىلەن ئەمەس، كەڭ قورساقلىق بىلەن تەبىئەت ۋە ئۆزىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قايتىدىن قاراپ چىقساق، ھاياتنى ئاران بىرلا قېتىم كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنى تاپا- تەنە، يىغا بىلەن ياكى ئۈمىد، كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ يېتىمىز.
|
|