查看完整版本: [-- ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-01 19:07

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى
پىسخىك تورى
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇش . ياشانغانلار تاسادىبىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە تەمكىن بولۇشى، مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى،ھەددىدىن زىيادە خوشال بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.چۈنكى زىيادە خوشاللىق ۋە قايغۇ سالامەتلىككە زىيانلىق.

يۇمۇرلۇق بولۇش . يۇمۇرلۇق كىشىلەر كۆڭۈلسىزلىك،قايغۇ-ھەسرەتلەرگە بىمالال تاقابىل تۇرالايدۇ.خوشال-خورام يۈرسە،ئادەم ياشىرىدۇ.كۈلكە يۇمۇرغا يۇغۇرۇلغان بولىدۇ،كۈلكە يۇمۇرنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى.

شۈكۈر قانائەت قىلىش . ياشانغانلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشى، كەلگۈسىگە تەلپۈنىشى لازىم.توققۇزى تەل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالماي،رېئاللىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى،تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىر ئالغىلى بولىدۇ.

كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش . ياشانغانلار ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ،ئازابلىق،قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاۋەرسە،روھىي ھالىتىگە بىر خىل بىسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتى جىددىيلىشىپ،سالامەتلىككە زىيەن يەتكۈزۋالىدۇ.شۇڭا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەسىلەن،خاپا بولغاندا ياخشى تەرەپلەرنى كۆپرەك ئويلاش،كۆڭۈللۈك ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ،كەيپىياتنى ياخشىلاش لازىم.


ئەكبەرنىياز 2014-02-02 03:50
ھەممىمىز دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ئىكەن ، نۇرسىمانگۈلنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن !!!

مىېھرىما 2014-02-02 15:42
شۈكۈر قانائەت قىلىش . ياشانغانلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشى، كەلگۈسىگە تەلپۈنىشى لازىم.توققۇزى تەل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالماي،رېئاللىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى،تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىر ئالغىلى بولىدۇ.

كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش . ياشانغانلار ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ،ئازابلىق،قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاۋەرسە،روھىي ھالىتىگە بىر خىل بىسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتى جىددىيلىشىپ،سالامەتلىككە زىيەن يەتكۈزۋالىدۇ.شۇڭا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەسىلەن،خاپا بولغاندا ياخشى تەرەپلەرنى كۆپرەك ئويلاش،كۆڭۈللۈك ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ،كەيپىياتنى ياخشىلاش لازىم.
بۇ تەرپى ماڭا ياخشى تەسىر بەردى .رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پىسخىكا ئامىلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled