查看完整版本: [-- «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (3) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (3) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-01 17:55

«قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (3)

                           سالامنىڭ كۈچى o.|36#Fa  
        1930  - يىلى سىميون سىپرا  ئىسىملىك  بىر دىن تارقاتقۇچى ھەر كۈنى يېزا- كەنتلەردىكى ئېتىز – ئېرىقلار ئارىسىدا ئۇزاققىچە سەيلە  قىلىپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ. كىمكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇ قىزغىن سالام بېرىپ ھال – ئەھۋال سورايدىكەن. =x(k)RTDu  
       مىل دەيدىغان بىر دېھقان ئۇ ھەر كۈنى سالام بېرىپ ئۆتىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن. دىن تارقاتقۇچى بىرىنچى قېتىم مىلغا: «ئەتىگەنىلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن !» دەپ سالام بەرگىنىدە، بۇ دېھقان بۇرۇلۇپ قاراپ قويۇپلا بۇتتەك ئولتۇرىۋېرىپتۇ. بۇ كىچىككىنە يېزا بازىرىدا يەھۇدىيلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر تازا چىقىشىپ ئۆتمەيدىكەن، دوستلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئەمما بۇ دىن تارقاتقۇچى سىپرانىڭ غەيرىتى ۋە ئىرادىسىگە دەخلى قىلالماپتۇ ياكى ئۇنى يوقىتىۋېتەلمەپتۇ. كۈنلەر بىر – بىرلەپ ئۆتۈۋېرىپتۇ، ئۇ يېقىملىق كۈلكىسى ۋە قىزغىن ئاۋازى بىلەن مىلغا سالم- سەھەت قىلىۋېرىپتۇ. ئاخىې بىر كۈنى دېھقان دىن تارقاتقۇچىغا قالپىقىنى كۆتىرىپ قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ، ئۇنىڭ چىرايىدىمۇ تۇنجى قېتىم ئازراق كۈلكە جىلۋە قىلىپتۇ. y/_=  
      مۇنداق ئادەت نۇرغۇن يىللار داۋاملىشىپتۇ، سىپرا ھەر كۈنى ئەتىگەن: «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، مىل ئەپەندى» دەپ توۋلايدىكەن، ھېلىقى دېھقانمۇ قالپىقىنى كۆتىرىپ قويۇپ: «ئەتىگەنلىكىڭىز ىەيرلىك بولسۇن، سىميون ئەپەندى» دەپ جاۋاب قايتۇرىدىكەن. بۇئادەت تاكى ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر داۋاملىشىپتۇ. سىپرا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكى بارلىق يەھۇدىيلار جازا لاگېرىغا ئەۋەتىلىپتۇ. R\5fl[  
     ئۇلار پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇزۇن سەپنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ جىممىدە تۇرۇپتۇ. سەپنىڭ كەينىدە تۇرغان سىپرا لاگېر كوماندىرىنىڭ قوماندانلىق تايىقىنى بىردەم سولغا، بىردەم ئوڭغا شىلتىپ تۇرغانلىقىنى يىراقتىنلا كۆرۈپتۇ. ئۇ سولغا پالانغانلارنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا يولى  يوقلۇقىنى، ئوڭغا پالانغانلارنىڭ بولسا ھايات قېلىشى مۈمكىنلىكىنى بىلىپتۇ. ~+BU@PHv  
     ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوۇشقا باشلپتۇ، كوماندىرغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە كۈچلۈك سوقۇپتۇ. Sa.nUj{M=  
     ئۇنىڭ ئىسمى چاقىرىلىپتۇ، ئاندىن ھېلىقى كوماندىر ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپتۇ، شۇ دەقىقىدە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپتۇ. nDckT+eJ  
      سىپرا كوماندىرغا خاتىرجەملىك بىلەن: w kPomTO  
      _ ئەتىگەنىلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، مىل ئەپەندى، _ دەپتۇ. مىلنىڭ كۆزلىرىدىن يەنىلا رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سالام- سەھىتىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇ توساتتىنلا ئەندىكىپ كېتىپتۇ، ئاندىن خاتىرجەملىك بىلەن: LSXsq}  
    _ ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، سىميون ئەپەندى، - دەپ  جاۋاب بېرىپتۇ. ئارقىدىن قوماندانلىق تايىقىنى كۆتۈرۈپ: «ئوڭغا!» دەپتۇ ھەمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ. lY,9bSF$  
      ئۇنىڭ «ئوڭغا!» دېگىنى ھايات قالدىڭ دېگەنلىكى ئىدى. m%"=sX7/9  
g}9heR  
                        مېنىڭ تېخى ئالمام بار z [u!C/  
=R9`to|  
      قۇملۇقتىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ كېتىۋاتقان ساياھەتچى ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كەلگەن قۇم- بوران تۈپەيلىدىن نىشانىدىن ئادىشىپ قاپتۇ. تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى، نان ۋە سۇ ئېلىنغان بوغچىسىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. ئۇ ھەممە يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ بىر تال كۆك ئالمىلا قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. |Df`Aq(eYJ  
      ئۇ ھېلىقى ئالمىنى سىقىمدىغىنىچە ئوڭغۇل – دوڭغۇل دەسسەپ يۈرۈپ قۇملۇقتىن چىقىش يولى ئىزدەپتۇ. توپتوغرا بىر كېچە – كۈندۈز ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇ يەنىلا  بىپايان قۇملۇقتۇىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ھارغىنلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. ئۇ پايانسىز قۇم دېڭىزىغا قاراپ، بىرنەچچە قېتىم «ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما قولىدىكى ئالمىغا قاراپ قويۇپ، يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قويغاندىن كېيىن، يەنە  غەيرەتكە كېلىپتۇ. UA0( cK  
      ئو پىژىلداپ كۆيدۈرىۋاتقان قۇياشقا قارىماي، قۇم دېڭىزىدىكى مۇشەققەتلىك سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ، ھەر قېتىم تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەلدەڭشىگىنىچە ئاز – ئازدىن ئالغا سىلجىپتۇ، كۆڭلىدە تىنماي: «مېنىڭ تېخى ئالمام بار، مېنىڭ تېخى ئالمام بار..» دېگەننىلا ئويلاپتۇ... 8zJye6f;l  
      ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن چىقىپتۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى بىر چىشلەممۇ چىشلىمگەن  ھېلىقى كۆك ئالما سولىشىپ ئەمەسلا بىر نەرسە بولۇپ قالغانىكەن، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا خۇددى گۆھەردەك ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپتۇ. cauKG@:2F  
   بىز ھايات مۇساپىسىدە  ھەمىشە خىلمۇخىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ، خىيالىمىزغا كىرىپ باقمىغان مۈشكۈلاتلارغا پېتىپ قالىمىز. مۇنداق چاغدا ئاسانلىقچە «مېنىڭ ھېچنېمەم قالمىدى » دېمەڭ، ئەەملىيەتتە، ھاياتلىق قۇمغا، ھېلىقى كۆك ئالما بولسا ئىشەنچكە ئوخشايدۇ. NcSi%]  
j \ #y  
                        كۆڭلىڭىزدە كۆز بولسۇن iy_3#x5>  
QNj6ETB -d  
     تاغنىڭ باغرىدا بىر بۇتخانا، بۇتخانىنىڭ ئالدىدا بىر تۈپ قېرى ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. بىر كۈنى تاڭ سەھەرسە بىر راھىب ھويلا – ئارامنى سۇ سېپىپ سۈپۈرۈۋېتىپ، ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىگە غازاڭلارنىڭ يىغىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ – دە، ئىختىيارسىز ھەسرەتلىنىپتۇ. ھەسرەت – نادامىتى چېكىگە يەتكەندە سۈپۈرگىنى تاشلىۋېتىپ، ئۇستازىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. `j.-hy>s  
    ئۇستازى ئىشىكىنى ئېچىپ شاگىرتىنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ – دە، ئوپۇل – توپۇللا: S^i<_?nwg  
    _ قاق سەھەردە نېمىدىن بۇنداق قايغۇرۇپ كەتتىڭ؟ _ دەپ سوراپتۇ.     H3ob 8+J  
    راھىب قاتتىق شۈبھىلەنگەن ھالدا مۇنداق دەپتۇ: o1 &Oug  
     _ ئۇستازىم، سىز كېچە – كۈندۈز بىزگە ئۆز –ئۆزىدىن كامالەت تېپىپ، تەرىقەت يولىنى چۈشىنىۋېلىشنى نەسىھەت قىلىسىز، ئەمما مەن ھەرقانچە ياخشى ئۆگەنسەممۇ، ئادەمنىڭ ھامان ئۆلىدىغان بىر كۈنى بولىدىكەن. شۇ چاغقا بارغاندا ئاتالمىش مەن، ئاتالمىش تەرىقەت كۈزدىكى غازاڭدەك، قىشتىكى شاخ – شۇمبىدەك تاش – توپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىدىكەنمىزغۇ؟ Et)j6xz/F  
   ياشانغان راھىب بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ياش راھىبقا قېرى ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپتۇ: : +fW#:  
     _ بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىگىن، ئەمەلىيەتتە كۈزدىكى غازاڭلار بىلەن قىشتىكى شاخ – شۇمبىلار كۈز شامىلى ئەڭ قاتتىق چىققان، قىشتىكى قار ئەڭ قاتتىق ياغقان چاغدا، دەرەخكە ئاستا – ئاستا قايتىپ كېلىپ، باھاردىكى چېچەككە، يازدىكى يوپۇرماققا ئايلىنىدۇ. 79'N/:.  
   _ ئۇنداق بولسا مەن ئەجەپ كۆرمىدىمغۇ؟   H|;BT  
  _ مۇنداق بولۇشى سېنىڭ كۆڭلۈڭدە كۆز يوق، شۇڭا چېچەكنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرمەيسەن. 7 /DDQ  
    غازاڭنىڭ تۆكۈلۈۋاتقىنىغا قاراپ چېچەكنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىغا ئىنتىلىش ئۈچۈن ئۆلمەس ئاشىقلىق، ئۈمىدۋار يۈرەك كېرەك. مېنىڭچە، كۆڭلىڭىزدە كۆز بولسىلا، ھەممىلا يەردىن گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن يول چىقىدۇ. ;@[ax{ J  
R&L^+?  
                باشقىلارنى ياخشى كۆرسىڭىز... QUc&f+~  
`ItPTSOi  
      بۇ ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە ئىكەن. /JP%gD"8  
     ئۆزى يەككە- يىگانە، يەنە كېلىپ كېسەلمەن بىر بوۋاي بار ئىكەن، ئۇ قېرى – چۈرىلەر ماكانىغا قايتىپ كەتمەكچى بوپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ چىرايلىق تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ItQ3|-^  
     سېتىۋالغۇچىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ توپ – توپ بولۇپ كېلىشكە باشلاپتۇ. بۇ تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى ئاتمىش مىڭ فوندستېرلىڭ بوپتۇ، ئەمما كىشىلەر  ناھايىتى تېزلا يۈز مىڭ فوندستېرلىڭ چىقىرىپتۇ. باھا يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋېرىپتۇ.      بوۋاي كۆزلىرىدىن پەرىشانلىق چىقىپ تۇرغان ھالەتتە سافادا يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ. ئەگەر سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشمىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭدىن تولا ئۆمرىگە ھەمراھ بولغان بۇ بىناسىنى سېتىۋەتمەيدىكەن. XZpF<7l  
     شۇ چاغدا ئاددىي- ساددا كىيىنگەن بىر يىگىت بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزايغىنىچە شىۋىرلاپتۇ: e?XQ,  
      _ ئەپەندى، مېنىڭ بۇ تۇرالغۇنى ناھايىتى سېتىۋالغۇم بار ئىدى، ئەمما مەندە ئون مىڭ فوندستېرلىڭلا بار. CDRz3Hu U  
    _ ئەمما، _ دەپتۇ بوۋاي سۇسلا ئاھاڭدا، _ ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى ئاتمىش مىڭ فوندستېرلىڭ تۇرسا ! aK'%E3!~=x  
    يىگىت مەيۈسلەنمەي سەمىمىي سۆزلەپتۇ: 0tah$;c e  
     _ ناۋادا سىز تۇرالغۇنى ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز، مەن سىزنىڭ بۇرۇنقىدەكلا مۇشۇ يەردە ياشىشىڭىزغا، مەن بىلەن بىللە چاي ئىچىپ، گېزىت ئوقۇپ، سەيلە قىلىشڭىزغا، ھەر كۈنى خۇشال – خورام ئۆتۈشۈڭىزگە كاپالەتلىك قىلغان بولاتتىم. VaFv%%w  
    بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرەپتۇ، ئۇ راستىنلا بۇ تۇرالغۇنى ئون مىڭ فوندستېرلىڭ پۇلى بار مۇشۇ يىگىتكە سېتىپ بېرىپتۇ. $pYT#_P!/  
    ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى رەھىمسىزلىك بىلەن ئالداشلا بولۇشى ناتايىن.   .c2Zr|X  
UhF+},gU  
                             سۇنى قاينىتىڭ ^ )[jBUT  
$_0~Jzt,  
      قىشلىق تەتىلدە ئۆيۈمگە قايتقاندا  ئاتام مەندىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تۇرمۇشۇمنى سوراپ قالدى، مەن مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىىنى ئېيتتىم. %DF-;M"8  
ئاتام تۆمۈرچى ئىدى. ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ بىر ھازاغىچە جىمىپ كەتتى، ئاندىن يوغان قولىغا چوڭ بىر پارچە قىسقۇچنى ئېلىپ، ئوچاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىزىرىپ كەتكەن بىر بىر پارچە تۆمۈرنى ئالدى – دە، سەندەلگە قويۇپ بىرنەچچە قېتىم بولقا بىلەن قاتتىق بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، يېنىدىكى سوغۇق سۇغا تاشلىدى، ۋاژژىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا سۇ دەررۇ قايناشقا باشلىدى. ئاتام مۇنداق دېدى: «قارا، تۆمۈر قىزىق، سۇ سوغۇق، تۆمۈرنى سۇغا تاشلىساڭلا، سۇ بىلەن ئېلىشىدۇ __ سۇ تۆمۈرنى سوۋۇتماقچى، تۆمۈر سۇنى قايناتماقچى بولىدۇ. تۇرمۇش مۇشۇ بىر جاۋۇر سوغۇق سۇغا ئوخشىشىدۇ، سەن مۇشۇ بىر پارچە قىزىق تۆمۈرگە ئوخشىشىسەن، ئەگەر سەن سۇنى سوۋۇپ قالمىسۇن دېسەڭ، ئۇنى قاينىتىشىڭ كېرەك.» ئاددىي – ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتامنىڭ پەلسەپە قائىدىلىرىگە تويۇنغان مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلالىغانلىقى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. zD}2Zh]  
     مەن ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم ھەمدە ئۈزلۈكسىز تىرىشتىم، ئۆگىنىشىم ياخشىلىنىشقا باشلىدى. تۇرمۇشۇممۇ كۈندىن كۈنگە بېيىدى. شۇنداق، ناۋادا سىز ئادەتتىكىچە تۇرمۇش ئىرادەمنى «سوۋۇتۇپ» قويمىسۇن دېسىڭىز، تەرىڭىز ۋە قىزغىنلىقىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر جاۋۇر سوغۇق سۇنى قاينىتىڭ. #M5R>&?Jqz  
'nO%1BZj+  
                           خاتىرە سۈرەت quPNwNy  
   ناھايىتى نامرات بىر ئانا بالىسىنى ئېلىپ مەلۇم جايغا تىرىكچىلىك قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۇلار مەنزىرىسى گۈزەل بىر جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ – دە، ئۇلارغا مەپتۇن بولۇپ بىر ھازاغىچە قاراپ قاپتۇ. nYc8+5CcK'  
      ئۇلار يولنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى بولغاندا، بالىسى: pW>?%ft.  
      _ ئانا، ئالدىرىماي بىزمۇ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالايلى، _ دەپتۇ. drr n&y  
   _ بولدى، بالام،  بىز تېخى نامرات، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىم –  كېچەكلىرىمىزمۇ كونا ھەم يىرتىق، _ دەپتۇ ئانىسى. i^2yq&uT(  
   _ ئەمما، ئانا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز، ماڭا مۇشۇلار يېتىپ ئاشىدۇ ! >*hY1@N1  
ئانىسى يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، سۈرەتكە تارتقۇچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، كۆز يېشى قىلغىنىچە شۇنداق دېدى: ZT \=:X*e  
   _ مەن سىلەرنى تارتىپ قوياي، پۇل  ئالمايمەن!   Z+qTMm  
   كىچىكىمدىن تارتىپلا ئانام مېنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، بەختىمگە قارشى ئۇ بۇلتۇر تۈگەپ كەتتى. Dp5hr8bT  
سۈرەت بىردەمدىلا چىقتى: ئانا- بالا ئىككىسى ناھايىتى يېقىن ئولتۇرۇپ بىر – بىرىگە تولىمۇ بەختىيار ھالەتتە كۈلۈمسىرەشتى. COF_a%  
ئەتراپنى قىپقىزىل گۈللەر قاپلىغانىدى...بۇ جەزمەن ئەڭ ياخشى بولغىنى ئىدى. |)7dh B  
/ynvQ1#uA  
   [شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ] x2^Yvgc-  
LV^V`m0#  

ئەكبەرنىياز 2014-02-02 04:18
ھەممىسىلا ھېكمەتكە تويۇنغان شۇنداق تەسىرلىك ھىكايەتلەر ئىكەن ، ئايزىبانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئايزىبا 2014-02-03 13:14
  بۇ تامچىلار مۇنبەر ئەھلىگە زوق بېرەلىگەن بولسا مەن خۇش بولىمەن، بۇ كىتابنى ئۇزۇن يىللادىن بېرى يېنىمدىن ئايرىماي كەلدىم، كۆپ مەنپەئەتلەندىم. كەسپداشلىرىمنىڭ ياقتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.  


查看完整版本: [-- «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (3) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled