بۈيۈك ئەدىپ مۇپاسسان
مۇپاسسان (Guy de Maupassant ) (1850-1893) مۇپاسسان- فرانسىيەنىڭ مەشھۇر ھىكايە يازغۇچىسى بولۇپ 1850-يىلى 8-ئاينىڭ5-كۈنى فرانسىيەنىڭ نورماندىيە ئۆلكىسى دىېپ شەھرىدىكى ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ئاتىسى پايچەك ھەۋەسكارى، ئاپىسى سەنئەتخۇمار ئىدى. 1870-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. 1871-يىلىدىكى فرانسىيە-پرۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبى بىلەن ئالى مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالماي، دەسلەپ دېڭىز ئارمىيە تارماقلىرىدا كېيىن مائارىپ مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. شۇ دەۋردىكى داڭلىق يازغۇچى فلوبېرنى ئۇستاز تۇتۇپ يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 1880-يىلىدىن باشلاپ ئىجادى پائالىيىتى بىلەن تەڭ قوزغالغان ئېرسى خاراكتىرلىك نېرۋا كېسەللىكى تۈپەيلىدىن 1893-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. xn@oNKD0 مۇپاسساننىڭ ئەدبى ئىجادىيىتى 1880-ىيلى باشلانغان بولسىمۇ ئەمما 1890-يىلى كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكىچە بولغان 10 يىل ئارىلىقتا «ھايات»، «چىرايلىق دوست»، «ئارشاڭ»، «پىئېر ۋە نوۋان»، «ئۆلۈمگە ئوخشاش قەيسەر»، «بىزنىڭ يۈرىكىمىز» دىن ئىبارەت 6 پارچە رومان، 300پارچىدىن كۆپرەك پوۋېست، 16 پارچە ھىكايە توپلىمى، ئۈچ پارچە ساياھەت خاتىرىسى، بىر شېئىرلار توپلىمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يازغان مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى. مۇپاسساننىڭ ھىكايلىرى سان جەھەتتىلا ئەمەس سۈپەت جەھەتتىمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. [@B!N+P5;
|