parixta |
2014-01-31 23:03 |
ھازىر جاۋابلىق شائىر ئابدۇراخمان چۇڭاخۇن ئوغلىنىڭ ئىككى پارچە غەزىلى
شائىرنىڭ 1935-يىلى مەجىددىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قەشقەر شەھرى ئىزچىلىرى ئاستىن ئاتۇشنى زىيارەت قىلىپ مىيى يېزىسىغا كەلگەندە ئۇلارنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن نەخ مەيداندا يېزىپ دىكلىماتسىيە قىلىپ بەرگەن شېئرى:
مەرھابا ‹‹ مەرھابا، مېھمانى ئىزچى ئارقاداشلار مەرھابا، خوش كېلىپسىز يۇرتىمىزغا، قەدىردانلار مەرھابا.
نەچچە ئون چاقىرىم پىيادە يول يۈرۈپ، تاغلار ئېشىپ، كەلدىڭىزلەر خۇش مۇبارەك، شات قەدەملەر مەرھابا.
بەختىيارمىز شوخ ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ گۈللىرى، سىزگە ھىممەت يارى بولسۇن قەلىبداشلار مەرھابا.
ئەۋۋەلا ئاخىرغىچە بىرتەن بۇلۇپ كەلگەن ئىدۈك، كەلدى ئەمدى يېڭى پۇرسەت مېرىبانلار مەرھابا.
ئابدۇراخمان يازدى نەزمە ئىزچى دوستلار شەنىگە، بىلدۈرۈپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت، ئېھتىراملار مەرھابا.››
شائىرنىڭ 1937-يىلىنىڭ بېشىدا ئاتۇش مەشھەتتە قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتقۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۆزلىگەن نۇتىقىدىن تەسىرلىنىپ، شۇ مەيداندىلا يېزىپ دىكلىماتسىيە قىلىغان غەزىلى: ۋەدە
« كۆيۈمچان ئوت يۈرەك باغۋەن چىۋەر ئۇستازىمىز بىزنىڭ، دىلىمدا مەڭگۈ پارلايدۇ، ئەقىدە مېھرىڭىز سىزنىڭ.
كى قورقۇشنى راۋا كۆرمەس ۋەتەن پەرزەنتى بولغان ئەر، ۋەتەن، مىللەت باھارىغا سۇقار پاك قەلبىمىز بىزنىڭ.
ئۆگەتكەن سىز ۋەتەن-ئەلنى سۆيۈش ھەركىمگە بۇرۇچتۇر، شۇڭا سىزنى قىلىپ ئۆلگە داۋاملاش ئەھدىمىز بىزنىڭ.
قۇۋۋەت بولدى بۈگۈن بىزگە سۆزىڭىز ئۆزگىچە ئىلھام، ئىلىم-ئىرپان يولىن بويلاپ مېڭىش چىن قەرزىمىز بىزنىڭ.
مەگەر خائىن، مۇناپىقلار قىلىپ قەس زەھىرىن سالسا، پىدا ئەيلەپ بۇجانلارنى، يۇقاتماق شەرتىمىز بىزنىڭ.
قەسەم بەر ئابدۇراخمان سەن چىۋەر ئۇستاز ھۇزۇرىدا، ۋەتەن، مىللەت ئۈمىدىنى ئۇرۇنلاش ۋەدىمىز بىزنىڭ.»
مەنبە: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر» ناملىق كىتاب.
|
|