ئايزىبا |
2014-01-31 18:51 |
«قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» دىن تامچىلار (1)
چېكىنىش بىلەن ئىلگىرىلەش Ln5g"g8gb% %13V@'e9 ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر كۇمپيۇتېر دوكتۇرى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپتۇ. نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنى ئىشلەتمەپتۇ. ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئۇنۋان – گۇۋاھنامىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، «ئەڭ تۆۋەن سالاھىيەت» بىلەن يېڭىۋاشتىن خىزمەت تېپىش نىيىتىگە كېلىپتۇ. \
J,pV ئۇزاققا قالمايلا بىر شىركەت ئۇنى پىروگرامما كىرگۈزگۈچىلىككە قوبۇل قىلىپتۇ. بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن زەمبىرەكتە پاشا ئاتقاندەكلا ئىش ئىكەن. ئەممە، ئۇ يەنىلا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي خوجايىن ئۇنىڭ پىروگراممىدىكى خاتالىقلارنى بىلىۋالالايدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى پىروگرامما كىرگۈزگۈچىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ باكلاۋرلىق گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپتۇ. خوجايىن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىغا مۇناسىپ كەسىپكە ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. As-xO~ + مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خوجايىن ئۇنىڭ ھەمىشە ئۆزگىچە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ يەنە ماگىستىرلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپتۇ. خوجايىن ئۇنى يەنە ئۆستۈرۈپتۇ. i-*ZW: يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خوجايىن ئۇنىڭ يەنىلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سېزىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ. ئۇ شۇ چاغدىلا ئاندىن دوكتۇرلۇق گۇۋاھنامىسىنى چىىقرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئۇنىڭ سەۋىيىسىگە قارىتا ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپتۇ. ,c9K]>8m` ئىشنىڭ يولى شۇنداق بولىدۇ. ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن چاغلىشىدىن قورقماسلىقى، بەلكى يۇقىرى چاغلىۋېتىشىدىن قورقۇشى كېرەك. سىزنى تۆۋەن چاغلىسا، سىز پۇرسەت تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى يېنىش- يېنىشلاپ كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوبرازىڭىز بارا- بارا يۈكسىلدۇ. #:LI,t شۇڭا، چېكىنىش بىلەن ئىلگىرىلەش، تۆۋەندىن يۇقىرىغا چىقىشمۇ ئۆز- ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى بىر سەنئەت. )7s(]~z %{HeXe بەخت، خۇشاللىق نەدىن كېلىدۇ '| rhm hWD%_"yhd بۇرۇن بىر توپ ئوقۇغۇچىلار بەخت، خۇشاللىق ئىزدەپ يۈرۈپ، تۈرلۈك غەم- قايغۇ ۋە ئازابلارغا دۇچار بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئۇستازى سوقراتىن: :Lu 9w0>f _ بەخت، خۇشاللىق نەدىن كېلىدۇ؟_ دەپ سوراپتۇ. سوقرات: 2@,rIve _ سىلەر ئاۋۋال ماڭا بىر قولۋاق ياسىشىپ بېرىڭلار، ئاندىن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي،_ دەپتۇ. Fv<3VKueK[ ئوقۇغۇچىلار بەخت، خۇشاللىق ئىزدەيدىغان ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئېگىز ۋە يوغان دەرەختىن بىرنى ھەرىدەپ يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى ئويۇپ قىرىق توققۇز كۈن بولغاندا قولۋاقنى ياساپ پۈتتۈرۈپتۇ. RQ;w$I\ قولۋاق سۇغا چۈشۈرۈلۈپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇستازىنى قولۋاققا چىقىرىپ، پالاق ئۇرغاچ ناخشا ئېيتىشقا باشلاتۇ. L~Y^
O`c سوقرات: ,\T7{=ZG\! _ بالىلىرىم، سىلەر خۇشالمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ. %bS1$
v\n ئوقۇغۇچىلار بىردەك: m48Ab` _ ئىنتايىن خۇشال!_ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. *7w!~mn[m _ بەخت، خۇشاللىق دېگەن مانا مۇشۇنداق ئېنىق بىر مەقسەت ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەپ باشقا ئىشلارغا چولاڭلار تەگمىگەندە توساتتىنلا يېتىپ كېلىدۇ، _ دەپتۇ سوقرات. 45k.U $<| GI@;76Qf ھەممىدىن ئەۋزىلى نېمە 'j-U=2,n @1xIph بۇرۇنقى زاماندا نۇرغۇن مۇزىكىلارنى چالالايدىغان بىر سازەندە ئۆتكەنىكەن. كىشىلەر ھەمىشە ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مۇزىكا چالدۇرىدىكەن. slhMvHOk- بىر قېتىم كاتتا بىر مۇزىكانت ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مۇزىكا چالدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەل مۇزىكىلىرى باينىڭ كۆڭلىنى يايرىتىۋېتىپتۇ. باي بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ ، سازەندىگە: R>]7l!3^1 _ ناۋادا سەن بۈگۈنكى پەدەڭ بويىچە كېچە- كۈندۈز توختىماي چېلىۋەرسەڭ، ساڭا مۇنبەت يېرىمدىن يۈز مونى بېرىۋېتىمەن، _ دەپتۇ. P]TT8Jgw سازەندە بۇ سۆزگە قىلچە ئېرەن قىلماي، ياندۇرۇپلا بايدىن سوراپتۇ: (> _Lb _ ئەگەر مەن مۇزىكامنى مۇشۇ تەرىقىدە چېلىۋەرسەم، سىز راستىنلا ئاخىرغىچە ئاڭلىيالامسىز؟ i7Cuc+j8 باي سازەندىنى بۇ قاتتىق تەلىپىمنى قوبۇل قىلىشقا پېتىنالمىدى دەپ قاراپ، ئوپۇل – توپۇللا: #p7gg6
1 _ ئەلۋەتتە، سەن چالساڭلا، مەن ئاڭلاۋېرىمەن، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. em5~4;&' سازەندە باينىڭ شەرتىنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. چالغۇسىنى تەڭشەپ مۇزىكىسىنى چېلىشقا باشلاپتۇ. مۇزىكا رېتىمى ئۆي ئىچىگە خۇددى مەيىن دولقۇندەك تارقىلىپتۇ. سازەندىنىڭ ماھارىتى ھەقىقەتەن قالتىسكەن، ئۇ ئۈچ كېچە- كۈندۈز توختىماي ھېلىقى گۈزەل پەدىگە يېنىش- يېنىشلاپ چېلىۋېرىپتۇ. TUz4-Pd تۆتىنچى كۈنى باي بۇ مۇزىىكدىن بۇرۇنقىدەك گۈزەل ۋە تەسىرلىك مەنىنى زادىلا سېزەلمەپتۇ، بەلكى بۇ مۇزىكا ئۇنى تىت- تىت قىلىپ ئارامىدا قويمايدىغان ۋاراڭ- چۇرۇڭغا ئايلىنىپتۇ. TET=>6
بەشىنچى كۈنى باي ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بېرىپ كۆڭلى ناھايىتى غەش بولغان ھالدا سازەندىگە مۇنبەت يېرىدىن يۈز مو يەرنى بۆلۈپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى ئەپلەپ- سەپلەپ كەتكۈزىۋېتىپتۇ. بۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ گۈزەل بولۇشى بىزنىڭ ئۇنىڭغا بىرلا قېتىم ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزدىن بولغان. كىشىلەر ھەمىشە، رەسىمنى يىراققا قويۇپ قارىساڭ تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؛ تاغ يىراقتا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بىلىنىدۇ؛ گۈلنى يىراقتىن تۇرۇپ پۇرىساڭ تېخىمۇ خۇشبۇي پۇرايدۇ، دېيىشىدۇ. ئادەممۇ شۇنداق، ھەرقانداق ئىشتا ئازراق ئارىلىق قالدۇرۇش لازىم. مۇنداق تۇرمۇش ھەر كۈنى ئۈمىد- ئارزۇغا تولغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان تۇرمۇش بولىدۇ. K*{RGE CLk,]kA'r ئانا نەزىرىدە &VA^LS@b U.
_fb= 1953- يىلنىڭ بىر كۈنى ستالىن ھەشەمەتلىك كرېمىل سارىيىدا يېزىدىكى قېرىپ دۈمچىيىپ قالغان ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى. 2G$px بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىلدا بۇ موماي گرۇزىيىدىكى يېزىسىدىن زادىلا ئايرىلىپ باقمىغان، كىچىككىنە بىر تاختاي ئۆيدە كۈن ئۆتكۈزگەنىدى. شۇڭا ئوغلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيتتى. ygj%VG كۆرۈشۈشتە مۇنۇ پاراڭلار بولۇندى: HcJ!( _ كىچىك ۋاقتىمدا مېنى نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ئۇراتتىڭ؟ _ دەپ سورىدى ستالىن. J`)/\9'&& _ شۇنداق بولغاچقا ھازىرقىدەك ياراملىق ئادەم بولدۇڭ،_ دەپ جاۋاب بەردى ئانىسى ۋە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئاندىن، _ ئىئوسېف، سەن سەن ھازىر زادى قانداق ئەمەلدار بولدۇڭ؟ _ دەپ سورىدى. mRRZ/m?A( _ چار پادىشاھ ئېسىڭدىمۇ؟_ دېدى ستالىن،_ مەن ھازىر پادىشاھ بولۇپ قالدىم دېسەممۇ بولىدۇ. )^ZC'[93 ئانىسى ئالىقىنىنى جۈپلەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە: BYMdX J _ راستىنى ئېيتقاندا مەن سېنى پوپ قىلاي دېگەنىدىم،_ دېدى. Qs
za,09
ساددا ئانىنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمران بىلەن پوپنىڭ پەرقى يوق ئىدى. f3G:J ﹡ ﹡ ﹡ ﹡ poW%F zj خاررى ترومېن تۇنجى قېتىم سايلام رىقابىتىگە قاتناشتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنپ، ئامېرىكا زوڭتوڭى بولدى. بىر مۇخبىر ترومېننىڭ ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ: wU!-sf;]y _ سىز جەزمەن ئوغلىڭىزدىن پەخىرلەندىڭىز، شۇنداقمۇ؟_ دەپ سورىدى. بۇنىڭغا ئۇ: ;z9
,c _ توغرا، مەن ئوغلۇم خاررىدىن پەخىرلىنىمەن. ئەمما، يەنە بىر ئوغلۇمدىنمۇ پەخىرلىنىمەن، شۇ تاپتا ئۇ ئېتىزدا ياڭيۇ كولاۋاتىدۇ،_ دەپ جاۋاب بەردى. Q&{C%j~N بۇ ھەقىقەتەن سەمىمىي، ئۇلۇغ، شەخسىيەتسىز ئانا. بىر ئادەمنىڭ خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش _ قازىنالماسلىقى مەنپەئەت، شۆھرەتكە ئېرىشىش _ ئېرىشەلمەسلىكى پەقەت ئانىنىڭ نەزىرىدىلا ئانچە مۇھىم بولمىسا كېرەك. مەيلى سىز كۈرمىڭلىغان كىشىلەرنى باشقۇرىدىغان زوڭتوڭ بولۇڭ ياكى دېھقان بولۇڭ، بەرىبىر ئانىڭىزنىڭ ئوغلىسىز، پەقەت ئۆز نېسىۋىڭىزنى تېپىپ يەپ، ئۆز كۈچىڭىز بىلەن ياشىسىڭىزلا، ھەرقانداق ئانا ھامان ئۆز ئوغلىدىن پەخىرلىنىدۇ. "Hz%0zP& [شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ] 2;"vF9WMm
|
|