查看完整版本: [-- ماقال - تەمسىللەر ( بالا توغرىسىدا ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇراقلىق ئىبارىلەر -> ماقال - تەمسىللەر ( بالا توغرىسىدا ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-01-28 21:30

ماقال - تەمسىللەر ( بالا توغرىسىدا )

   بالا توغرىسىدا ‏ماقال - تەمسىللەر       {C?$osrr  
‏ B k\K G  
‏ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا ، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا . `tT7&*Os  
‏ bM_fuy55Op  
‏ئاتىلىق يېتىم كۈل يېتىم ، ئانىلىق يېتىم گۈل يېتىم . dR>$vbjh1Z  
‏ E*tT^x)  
‏بالىسى بارنىڭ گېلى چويلا ، بالىسى يوقنىڭ گېلى كويلا . ? YIe<  
‏ Zn*W2s^^{  
‏بالىسى يوقنىڭ ئۇلى يوق . mo4F\$2N  
‏ ,G? Kb#  
‏بالام مەندىن قېرى ، مەن غەمدىن نېرى . *>EV4Hl  
‏ {fEb>  
‏بال تېپىشنى تۇخۇمى بىلەر ، تەربىيلەشنى بىلمەس . @3b@]l5  
‏ 6&LmR75C  
‏باي بولاي دىسەڭ ، ئۆشكەڭنى سەركە باق . ?hp,h3s;n$  
‏خاپىلىقتا ئۆتەي دىسەڭ ، بالاڭنى ئەركە باق . 2}.~ 6EU/  
‏ *[jq&  
‏بالاڭ ئۇرغان زىيانغا يىغلىما ، UT 7'-  
‏بالاڭغا يېتىدىغان زىيانغا يىغلا . UpQda`rb  
‏ gCL}Ba  
‏بالا يۈگۈرسە ، قاراپ تۇرغان بوۋايبىڭ پۇتى ئاغرىپتۇ . DbR!s1ux  
‏ L&|^y8  
‏بالاڭنى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ بېشىڭغا چىقىدۇ ، w:1UwgcPC  
‏چىۋىننى قورىمىساڭ ،  بېشىڭغا چىقىدۇ . ]}&HvrOld  
‏ x],XiSyp  
‏قىز چوڭ بولسا گەپ تولا ، KNF{NFk  
‏ ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تولا . 7~N4~KAUS  
‏ N /;Vg ^Wx  
‏كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە ، بالاڭغا كۆڭۈل بۆل . (\ |Go-2G  
‏ PyQ\O*  
‏بارى يوق بىر بالام ، باش -  كۆزى تاز بالام . 4 4WyfpTJ*  
‏ 8|!"CQJ|H  
‏يېتىمگە ئاتا بولساڭ ، بۆكۈڭ لاتا بولۇر . r'*#i>PkQD  
‏ zSOZr2- ^a  
‏ مىۋە چېچىكىدىن بىلىنەر ، ئادەم  كىچىكىدىن بىلىنەر . R_:lp\S&  
‏ ?cK67|%W  
‏بالاڭنىڭ قولىنى تاشقا ئۆگەتمە ، ئاغزىنى تىللاشقا . G}dq ft5"  
‏ T& 
‏بالاڭنىڭ يىغىسىدىن قورقما ، يېغىسىدىن قورق . A=D G+z''  
‏ Nk$|nn9#'  
‏ياغاچنى نوتا ۋاقتىدا ئەگ  . UnZc9 6  
‏ , s,AkH  
‏ئوينىيالمىغان بالىغا ئوچاق ئالدى تار كەپتۇ . cA90FqUH  
‏ ' 1dhdm8  
‏ئاتا باشلىمىغاننىڭ بېشى چوڭ ، 9S5C{~P4  
‏ئانا باشلىمىغاننىڭ كۆكسى چوڭ . |uJjO>8]|  
‏ #)%X0%9.*<  
‏ بالىسىنى باقىمەن  دىگىچە ، ئىشىنى قىلىپ بەر . Ud#xgs'  
‏ }fhGofN$e  
‏بۇلۇت يىغلسا چىمەن كۆكلەيدۇ ، بالا يىغلىسا ئانا داتلايدۇ . 0/~{,  
‏ :{-/b  
‏قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل ، ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل . q9Lq+4\  
‏ C&.Q|S2_  
‏ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماپتۇ . @8cn<+"b  
‏ Jg6@) 
‏ئانىنىڭ ئەركە بالىسى ، دادىنىڭ ئەسكى بالىسى . ztC,[   
‏ (w%9?y4Q  
‏يۈگۈرۈشنى بىلگەن بالا ، يېقىلىشنى بىلمەپتۇ . '*K%\]  
‏ {t('`z  
‏ئۆز بالاڭدىن ئەيىب ئۆتسە ، شىكايەتنى كىمگە قىلىسەن ؟ bZgFea_>i  
‏ *3y_FTh8ra  
‏ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى ، قىزىم يەپ دۆڭگە . 0)9n${P7d  
‏ yONX?cS  
‏قىز ساقلىغۇچە تۇز ساقلا . f3mQd} 
‏ io7Zv*&T0  
‏قۇشقاچقا تۆشۈك ياخشى ،بوۋاققا بۆشۈك ياخشى . v;Rm42k  
‏ q)RTy|NJ^  
‏بېخلنىڭ بالىسى چىڭگىس چىقار ، جاللاتنىڭ بالىسى بىگىز . #D%l;Ae  
‏ cXt]55"  
‏ئائىلىنىڭ يىلتىزى    بالا . -g4 {:!*D  
‏ ,BlNj^ 5f  
‏ئاخلاقسىز بالا -- مۈڭگۈزى يوق كالا . k}e~xbh-y  
‏ !4T7@V`G  
‏تەربىيە باشتا قاتتىق بولسا ، ئاخىرى تاتلىق بولار . TL: 6Pe  
‏ w!52DBOe+  
‏ئانا مېرى --  بالا بەختى . ' -rRD\"q  
‏ ZP"Xn/L  
‏بالىنىڭ ئوبدانلىقى -- ئاتا تەربىيىسىدىن . m 8P`n  
‏ XM: \N$tg  
‏بالا لاي ، ئانا كۆل . 7~nuFJaTI  
‏ 0!q@b  
‏ بالا -- قىلغان ئىشى چالا . M)sAMfuUw  
‏ 9QEK|x`8  
‏تۇغۇۋالمىغۇچە بالا بولماس ، سېتىۋالمىغۇچە قۇل بولماس . N$ 
‏ :} DTK  
‏بالڭنى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ ، ئوچىقىڭنى چاقار . sQMfU{S /  
‏ !qug^F  
‏كىچىكىدە - لاتا خالىقى ، چوڭ بولغاندا - ئاتا خالىقى . RdLk85 
‏ PgYIQpV  
‏ئۆز بالاڭدىن ئەيىب ئۆتسە ، ياتقا شىكايەت قىلما . O+ xzM[[  
‏ q)OCY}QA  
‏يۇۋاش بالا قۇيرۇق يەپتۇ ، كەپسىز بالا قوۋۇرغا يەپتۇ . .T#}3C/  
‏ |P7FP mn  
‏مايسىنى باھاردا كۆر ، بالاڭنى كىچىكىدە كۆر . Te7xj8<  
‏ -{NP3zy  
‏ياخشى پەرزەنىت بېشىڭنى كۆككە كۆتۈرەر . 1Hs'YzvY  
‏ %#E$wz  
‏كىچىك بالا -- يېنىپ تۇرغان چىراق . zEYQZywc  
‏ xMFEeSzl>S  
‏كىچىكىدە ھاي بالام ، چوڭ بولغاندا ۋاي بالام . $.zd,}l@L  
‏ ym'!f|9AA  
‏قاپاق ساڭگىلاپ چوڭ بولار ، بوۋاق يىغلاپ چوڭ بولار . m |Sf'5fK  
‏ :-oMkBS  
‏بالاڭنى ئىشقا بۇيرۇپ ، ئارقىسىدىن ئۆزۈڭ بار . Wu'9ouw!  
‏ | nBZ:$D  
‏بالا چوڭ بولمىغچە ، ئانا چوڭ بولماس . `@{(ijg.  
‏ 2x~Pq_?y  
‏ئويناشسا ئۇكىسى يېڭەر ، مۇشلاشسا ئاكىسى يېڭەر . WAJ KP"  
‏ iqKs:v@+x  
‏مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا . 3 6t^iV*3  
‏ 0bOT&Z^  
‏ئاتىسى بار لېۋەن بالا ، ئانىسى بار بەلەن بالا . zF(abQ0  
‏ "^wIixOH5  
‏ئاكام چوڭ ،  مەن زور . oWEzzMRz  
‏ yQf(/Uxk*x  
‏ئوغۇل بالىنىڭ بېشى بار ، مىڭ تەڭگىسى بار . 35L\  
‏ <r m)c.  
‏دادا تاپقىنىنى ئانا باقىدۇ ، « ۋاي بالام »  دەپ  كۆكرەككە ياقىدۇ . fNBI!=  
‏ rP t   
‏تەنتەككە تەستەك ھەر جايدا بار . t%Bh'HkG  
‏ x=kJl GT  
‏بالا يىغلار ئەمچەك دەپ ، ئانا كۈلەر رەھمەت دەپ . E<7$!P=z`  
‏ >< VUly  
‏ئوغلۇمنى دىسەم كېلىنىم يات ، كېلىنىمنى دىسەم ئوغلۇم يات . 2*a9mi  
‏ \fp'=&tp~a  
‏بالا باققان  كەپتەرنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق . HMDuP2Y  
‏ h6n!"z8H  
‏يېڭى كەشنى كىيمەك تەس ، يالغۇز ئوغۇلنى باقماق تەس . .`(YCn?\  
‏ mq(-L  
‏ئوغۇل شامغا ئوخشار ، قىز ئالمىغا ئوخشار . #Nad1C/]  
‏ {?"X\5 n0  
‏ئېرىقىڭ تۈز بولسا ، سۈيۈڭ كۆپ بولۇر ، oTx>oM,  
‏بالاڭ قىز بولسا ، ئوغلۇڭ كۆپ بولۇر . B I=5 7  
‏ \v$zU  
‏تاكىنى پقچسا سەركە بولۇر ، ئارزۇلىغان بالا ئەركە بولۇر . LROrhO  
‏ Z  
‏ئاتا مېھرى  - چىراق  ،  ئانا مېھرى -  بۇلاق . %9J:TH9E)  
‏ qq3/K9 #y  
‏قىزىمنىڭ بالىسى - ئۈچكەمنىڭ مېغىزى ، k8@bQ"#b  
‏ئوغلۇمنىڭ بالىسى -  ۋاي ئۇنىڭ ئانىسى . 0)7v _|z  
‏ D,|TQ Q  
‏بالىلىقنىڭ كۆزى ياش ، بالىسىزنىڭ باغرى تاش . +XW1,ly~  
‏ ecO$L<9>  
‏بالىلىق ئۆي -- بازار ، بالىسىز ئۆي -- مازار . :SWrx MT  
‏ N U+PG`Vb  
‏ھايالىق باق قىزىڭنى ، يەرگە تۆكمەس  يۈزۈڭنى .  
‏ ^)a:D KL  
‏نەۋرەڭ نىمىنى بېرىدۇ ؟  چىچىپ پوقىنى بېرىدۇ . TTbJ9O<43  
‏  TU6YS<  
‏يەر بالىسى -- پوق بالىسى ،  بۆشۈك بالىسى --  خان بالىسى . y4aT-^C'  
‏ Evqy e;  
‏ئوغۇل تۇغۇلسا ئەل خۇش بولار ، "}ur"bU1  
‏قىز تۇغۇلسا كۇلۇڭ خۇش بولار . <  
‏ &e#pL`N  
‏ئوغلۇڭنى مەيدىن قاچۇر ، تېمىڭنى زەيدىن قاچۇر . 30(e6T;   
‏ p)"EenUK  
‏بالاڭنى مەكتەپكە بەر ، مەكتەپكە بەرمىسەڭ ، مەشرەپكە بەر . ;j(*:Nt1  
‏ )=aq j@v  
‏بالا بىزنىڭكى ، ئەقلى - ھۇشى ئۆزىنىڭكى . KBI 1t$  
‏ =&qfmq  
‏ W&Xi &[Ux  
‏ Ls.g\Gl3  
‏ 5`K'2  
‏ wjOqCF "  
‏مەنبە: 2009 - يىللىق مىراس ژورنىلى 2-  سان .

ئەكبەرنىياز 2014-01-28 23:23
توپلىغۇچىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

گۈلنىھال 2014-01-28 23:29
‏كەچۈرۈڭ ، بۇ ماقال - تەمسىللەر 2007 - يىللىق مىراس ژورنىلىنىڭ 2-  سانىدىكى ھەممە بەتنىڭ ئاستىغا (  ھەر بىر بەتنىڭ )  ئاستىغا يېزىلغان ئىكەن . شۇڭلاشقا  توپلىغۇچىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم  ، ئەكبەر ئاكا  ، ژورنالدىمۇ يوقكەن . پايدىلىنىش قىممىتى بولار دەپ يوللىغانتىم .

قاراخان 2014-01-29 11:18
ياخشى ماقال-تەمسىللەر ئىكەن، كۆچىرىۋالدىم، گۈلنىھال، جاپا چېكىپسىز، رھمەت سزگە!

قاراخان 2014-01-29 12:00
گۈلنىھال خانىقىز، تىنىمسىز تىرىشىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسدە قەرزلىرىڭىزمۇ تۈگەپ، رەسمىي ئەزامۇ بولۇپ بوپسىز مانا! داۋاملىق ئالغا!

گۈلنىھال 2014-01-29 12:02
قاراخان:گۈلنىھال خانىقىز، تىنىمسىز تىرىشىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسدە قەرزلىرىڭىزمۇ تۈگەپ، رەسمىي ئەزامۇ بولۇپ بوپسىز مانا! داۋاملىق ئالغا! (2014-01-29 12:00) 
<&rvv4*H  
‏ھەر بىرىڭلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ، ئىلھاملاندۇرىشىڭلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، سىلەرگىمۇ رەھمەت .

مىېھرىما 2014-01-29 17:08
يەنە قەرىزدار تۇرسىزغۇ؟بۇ نىمە ھال ئەمدى؟

گۈلنىھال 2014-01-29 19:54
‏مەنمۇ ھېچ بىلمىدىم . ئۆزۈممى بىلمەيلا خاتا ئش قىلغان ئوخشايمەن . بوپتۇ ، بۇ كۈنلەرمۇ  ئۆتۈپ كېتەر . مۇنبەرنىڭ تۈزۈملىرىنى بىلىپ بولغۇچە مۇشۇنداق قىينىلدىغان گەپ ئوخشايدۇ .

مامۇتجان 2014-05-05 15:53
ياخشى ماقال تەمسىل ئىكەنغۇ بۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- ماقال - تەمسىللەر ( بالا توغرىسىدا ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled