查看完整版本: [-- توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-01-28 15:10

توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى

توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى

پىسخىكا تورى
  پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە : ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى خاپىلىقتا ئۆتكەن بولسا ، مەسلىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ ئادەمدە بولۇپ ، تۆۋەندىكى توققۇز خىل پوزىتسىيە تۇرمۇشتىكى خاپىلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەن :

1. تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا كۆپىنچە ئاغرىنىش پوزىتسىيەدە بولۇش .
2. كۆكسى -قارنى بەك تار بولۇپ ، دائىم باشقىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيەسىدىن گۇمانلىنىش .
3. ھەممە ئىشتا ئۆزىنى ئويلاش ، ھەممە ئىشنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولۇشنى ئۈمىد قىلىش .
4. باشقىلارغا دائىم بىرلا مەزمۇندا ، يەنى ئۆزىنىڭ كونا دەسمايىسىنى سۆزلەش . '
5. دائىم باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىش .
6 .تەخسىكەشلىك قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش .
7. بىلەرمەنلىك قىلىپ ھەممە ئىشتا كەسىپ ئەھلى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش .
8. دائىم زارلىنىش .
9. باشقىلارنىڭ ئالدىدا پو ئېتىشنى ۋە ماختىنىشنى ياخشى كۆرۈش .


گۈلنىھال 2014-01-28 16:41
ياخشى ماتىرىيالكەن . بۇلار كۆپىنچە ، ئادملەردىكى شەخسىيەتچىلىك ، ئىچى تارلىق ،.... لاردىن كېلىپ چىقىپ ، ئادەمنى تۈگەشتۈرەمدىكىن  دەيمەن

nadiraay 2014-01-28 19:33
ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەمىزىنى پات- پات تەكشۈرۈپ  باقساق  بولغۇدەك،

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 00:37
نادىرەئاي توغرا ئېيتىدۇ ، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك !!!

گۈلنىھال 2014-01-29 00:41
‏ئەلۋەتتە ، ئۆزنى تونۇش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم .

ئارزۇيۇم 2014-06-09 18:37
بۇ ماتىريال ياخشى يوللىنىپتۇ.

ھاتەھاتەم 2014-06-19 11:04
راس ئۆزىمىزنى تەكشۇرۇپ تۇرساق خاتالاشمايمىز.


查看完整版本: [-- توققۇز خىل پوزىتسىيە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled