查看完整版本: [-- پەرھىزلىك تاماقلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> پەرھىزلىك تاماقلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-11-06 10:50

پەرھىزلىك تاماقلار

پەرھىزلىك تاماقلار

ئۇيغۇرلار تارىخىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن،كېسەللەرنى شىپالىق ئوزۇقلۇق تاماق بىلەن داۋالاشتىن تاشقىرى،پەرھىزلىك تاماق بىلەنمۇ داۋالايدۇ.
پەرھىزلىك تاماقلار دېگىنىمىز،كېسەللىك خارەكتېرىگە ئاساسەن «زىيان قىلىدۇ»دېيىلىپ،يېيىش چەكلەنگەن تاماقلارنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن،قان بىسىم،جىگەر،بۆرەك،ئۆت،يۈرەك كېسەللىكلىرى مايلىق گۆشنى پەرھىز قىلىدۇ.ئۇششاق يارا،تەمرەتكە،دانىخورەك،بوۋاسىر قاتارلىق يەرلىك كېسەللەر ئاچچىقسۇ،لازا،جاڭيۇلاردىن پەرھىز قىلىدۇ.
يۇقىرى ھارارەتتىكى (ئىسسىق دەپ قارالغان)كېسەللەر ياغدا قورۇلغان گۆش،تۇخۇم،ئۆردەك،غاز،كەپتەر گۆشلىرىنى پەرھىز قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار كونا گۆش،ئورۇق قېرى كالا،قېرى ئۆچكە،قېرى ساغلىق،ئورۇق توخۇ گۆشلىرىنى زىيانلىق دەپ،ئۇنى يېيىشتىن پەرھىز قىلىدۇ.
ئاشقازان كېسەللىرى ھۆل مېۋە-چېۋە يېيىشتىن پەرھىز تۇتىدۇ.
قەنت سىيىش كېسلى ۋە بۆرەك كېسلىگە تاتلىق تاماق،بۇغداي ئۇنى بەرمەيدۇ.
زاغۇن يېغى،قىچا يېغى ۋە شىرنىلىك تاماقنى،كېزىك،زاتىل،سەرسام، زوكام،زىققى،كېكىردەك،كاناي،قىزىتما كېسەللىرىگە بەرمەيدۇ.
كېسەل داۋالاشتا،قوي يېغى،قىچا يېغى،زىغىر يېغىدىن باشقا ياغلارغىمۇ شەرتلىك قارايدۇ.
ئۇيغۇرلار تاماق بىلەن كېسەل داۋالىغاندا،پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىرگە،يېتەرلىك ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش،تاماقنىڭ سىڭىشى،مىجەزنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلىدۇ ۋە كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۈچۈن،تاماقنىڭ رەڭگى،كۆرۈنۈشى،تۈرى،پۇرىقى،تەمى،تازىلىقى،تاماق تەييارلىغۇچىنىڭ خۇلق مىجەزى،دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا،ئۆز-ئۆزىنى تاماق بىلەن داۋالاشقا ئادەتلەنگەن.مەسىلەن،سوغۇقى ئېشىپ قالسا،ئۈستۇن ھارارەتلىك،ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يەپ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ.ئىسسىقى ئېشىپ قالسا،سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يېيىش ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشەيدۇ.
ئومۇمەن،تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش خەلق ئارىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىرخىل ئەنئەنە بولۇپ،ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى كېسەل داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىىردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە:ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار تۈزگەن،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتابتىن

tawpek 2010-11-07 22:11
ئەسلى بۇ تىمىنىمۇ پالانى تاماق  پۇستانى كىسەلگە پايدا قىلىدۇ ياكى زىيان قىلىدۇ دەپ داۋاملاشتۇرىدىغان قىلىش كىرەككەنتۇق.

لىكىن بىزنىڭ ئىڭىمىزدىكى ئىسسىق، سوغوق، قوقاق ، سەپرا  دىگەنلەرنى غەرىپچە دوختۇرلىرىمىز چۈشەنگىلى ئۇنىمايدۇ ئەمەسمۇ؟

koksangun 2010-11-07 23:06
بۇ ماقالىنى تەييار قىلغۇچى تەتقىقاتچىلار بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي پەرھىز يېمەكلىكلەر ۋە ئۇنىڭ رولىنى تەكشۈرۈپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن.تەتىلدە ئۆزلۈكسىز مائارىپ بۇيىچە تەربىيىلەنگەن ۋاقتىمىزدا «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئۆمەرجان مۇشۇ ھەقتە لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدى،تولىمۇ تەسىرلىك بولغان ئىدى،ئۇ خوتەننىڭ ئەڭ چەت رايۇنلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغانىكەن،شۇ يەردىكى يەرلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،خوتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سىرلار ھەققىدە يەكۈنمۇ چىقىرىپتىكەن. ئەگەر بۇ تېمىنى ھەر قايسى جايلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە داۋالاش،پەرھىز تۇتۇش ئەنئەنىلىرىنى توپلاپ داۋاملاشتۇرساق تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۈچۈن يىپ ئۈچى خاراكتېرلىك ماتېرىيال بولاتتى-دە، ئەۋلادلار بەھىرلىنەتتى ە...

arzu 2010-11-07 23:37
ئۇنداقتا داۋاملاشتۇرايلى، مەنمۇ قېتىلاي...

yingiyoloqi 2010-11-08 18:57
ئەمەلىي ھەركەت ئۇلۇغۋار غايىگە يىتىشكى ماڭمىسا بولمايدىغان يول .

tawpek 2010-11-08 20:12
ئەمەلىيەتتىمۇ يىگەن نەرسىللىرىمىزنىڭ تەبىئىيتىنى بىلىپ نورمىلىق ماسلاشتۇرۇپ يەپ مەلۇم بىر خىلىتنىڭ زىيادە ئىشىپ كىتىشى ۋە كىمىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق بەدەندىكى ئوزوقلۇق مۇۋازىنىتى بۇزلۇپ كەتمىسە ساغلاملىقىمىز تىخىمۇ يۇقىرى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ دىگەن گەپ.

مىنىڭ بىر تىۋىپ ئاغىنەم بەرگەن تەكلىۋىمگە ئاساسەن تومور تۇتقۇزغىلى دورا ئالغىلى كەلگەنلەردىن ئاڭلىغان رىتسىپلارنى توپلاپ بىر خاتىرىنى توشقۇزۇپتىكەن. مۇمكىن بولسا ھىلىقى تەتقىقاتچى ئاشۇنداق تەييار توپلامدىنمۇ پايدىلىنىپ قويسا بوپتىكەن.

يەنە بىر 100 نەچچە ياشلىق يىقىنىم ئۆيىدە تىبابەتچىلىككە ئائىت نەچچە ساندۇق كىتاپ باركەنتۇق. ....................
ھەرقىتىم كۆرۆشكىنىمىزدە كۆزۆمنىڭ ئوچوق چىغىدا بىر ئىككى كىتاپ ھەدىيە قىلاي كىلىڭ دەيدۇ، كۆرشۆپ بولالماي ئۆتۆپ كىتىپ بارىمەن. تىكەندەكلا ئادەم ئىدى، ئۆلۆپ كەتسە كىمگە قالار دىگەن خىيال داۋاملىق چىرمىۋالىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئاغزاكى ھىكايەتلىرىمۇ كۆپ ئىدى.

ماڭا ئاشۇنداق ئەستائىدىل ئىزدىنىدىغان ئادەم ئۇچرىسا  شۇ كىشىنى بىر تونوشتۇرۇپ قويغۇم بار.

koksangun 2010-11-08 21:26
ئۆمەرجان بىلەن ئالاقىلاشتۇرۇپ قويايمۇ؟    qqنومۇرى:    304939684  

tawpek 2011-07-14 15:03
بۇ تەتىلدە ئۇ ئادەمدىن سوراپ باقاي، تەتقىقاتقا ماسلىشامدۇ يوق، ماڭا ئىيىتقانلىرى يالغان بوپ قالسا سەت تۇرمىسۇن،  

كوت كوت نومورىنى ساقلىۋالدىم.

nasirdin 2011-07-14 15:13
كۆكسانغۇن ئەپەندىنىڭ ساغلاملىققا دائىر يۇقرىقى يازمىسى تەۋپىق تورىدىكى يېڭى باشلىنىش بولدى! مەنمۇ بۇ ھەقتە يەرلىك كىشىلەردن ئاڭلىغانلىرىمنى توپلاپ  تەۋپىق تورىغا يوللاشنى ئويلىدىم!

tawpek 2011-07-14 15:16
ھازىر مۇشۇنداق بىلىملەرنى بىلمەي ئادەتتىكى بىر بىنورمالسىزلىق بولسىمۇ دوختۇرغا يۈگىرەيدىغان بوپ كەتتۇق.

ئەكبەرنىياز 2012-11-20 06:13
ئاجايىپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم . تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- پەرھىزلىك تاماقلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled