查看完整版本: [-- مىېھرىما : ئۇيغۇر تىلى 2-قىسىم 5- باب.مىقدار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> مىېھرىما : ئۇيغۇر تىلى 2-قىسىم 5- باب.مىقدار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-01-28 09:39

مىېھرىما : ئۇيغۇر تىلى 2-قىسىم 5- باب.مىقدار

ئۇيغۇر تىلى 2-قىسىم 5- باب.مىقدار /#9 P0@Y  
مىقدارنىڭ مەنىسى % J\G[dl  
>p&"X 2 @  
||  شەيئىلەرنىڭ ۋە ھەركىتىنىڭ ھېسابلاش بىرلىكىنى || q,K|1+jn  
||بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركىمى مىقدار دەپ ئاتىلىدۇ . || a3n Wt  
#-%D(=&I  
مەسىلەن: بەش نەپەر ئادەم، ئىككى دانە كارۋات ، ئالتە دانە تۇخۇم ، بىر تۈپ دەرەخ ،بىر يۇتۇم سۇ ، بىر قوتان قوي،بىر قۇتا دورا ،ئۈچ تېڭىق مال، تۆت تۇياق كالا، ئككى قېتىم (بارماق)، بىر ھەپتە(دەم ئالماق) ، ئۈچ نۆۋەت (ئىزدېمەك) ،بىر دۆرەم (ئۆتۈنماك)...قاتارلىقلار. *mV?_4!,f7  
مىقدارنىڭ تۈرلىرى k8G4CFg}wP  
ئۇيغۇر تىلىدىكى مىقدارلار كېلىش مەنبەسى ۋە قوللىنىش دائىرىسىگە ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. =pzTB-G  
خاس مىقدار xM{[~Kh_x  
||ئىزچىل ھالدا مىقدار رولىدىلا كېلىدىغان سۆزلەر خاس مىقدار|| ||دىيىلىدۇ .                                               || AK lr a$  
مەسىلەن: سەر،مىسقال،پۇڭ،توننا ،كىلوگىرام ، گىرام ، چارەك، چاقىرىم، كىلومېتىر، مېتىر ،گەز، سۇڭ، غېرىچ، لىتىر ،نەپەر،دانە،نۆۋەت، سىلسىيە، كالورىيە، دېڭىز مىلى ...قاتارلىقلار. M19O^P>[  
كۆچمە مىقدار ,&Zp^  
||ئۆزىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ مىقدار ۋەزىپىسىدە|| ||كەلگەن سۆزلەر كۆچمە مىقدار دىيىلىدۇ.                    || 'RwfW|~6  
كۆچمە مىقدارلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سۆز تۈركۈمىگە خاس بولغان خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ، مىقدارغا خاس گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. A99;bf}"  
  مەسىلەن: بىر ساندۇق كىتاپ، ئۈچ ئېغىز ئۆي، بىر پىيالە چاي،ئىككى ماشىنا كۆمۈر ، بىر قوشۇق تۇز ، بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى، ئۈچ باش پىياز ، بىر دۆۋە ئەخلەت ، بىر چىش سامساق، بىر قۇتا سىياھ، بىر باغ پالەك ، بىر ھەپتە(تۇرماق)،ئۈچ يىل (ئوقۇماق)، يېرىم ئەسىر(كۈرەش قىلماق) ...قاتارلىقلار. 3Ch42<  
  ئۇيغۇر تىلىدىكى مىقدارلار يەنە مەنىسى ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىغا قاراپ  شەيئى مىقدارلىرى  ۋە ھەركەت مىقدارلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. lB_4jc  
شەيئى مىقدارلىرى b4$g$()  
||ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ،شەيئىلەرنىڭ ھىساپلاش بىرلىكىنى || .`*(#9(M9  
||بىلدۈرىدىغان مىقدارلار شەيئىمىقدارلىرى دىيىلىدۇ.       || .: wg@Z  
  مەسىلەن:  بىر تۈپ ئالما، ئىككى دانە قوغۇن، ئۈچ تال بېلىق، بىر ئۆرۈم سامساق، بىر جۈپ پايپاق، ئىككى قۇر كىيىم، بىر يۈرۈش دەرىسلىك، بىر چېلەك سۇ، ئۈچ توننا بۇغداي... قاتارلىقلار. .$f0!` t  
ھەركەت مىقدارى a@_n>$LZL  
||پىئېللار بىلەن بىرىكىپ ھەركەتنىڭ ھىسابلاش بىرلىكىنى|| 8z-wdO\  
||بىلدۈرىدىغان مىقدارلار ھەركەت مىقدارى دىيىلىدۇ.||  |A\o  
  مەسىلەن:  بىر قېتىم بارماق، ئۈچ نۆۋەت كەلمەك،تۆت يىل قتنىماق،بىر پەدە چالماق،بەش مەيدان ئوينىماق،ئىككى ھەپتە دەم ئالماق، ئالتە يىل ئوقۇماق، بىر سائەت ساقلىماق...قاتارلىقلار. C_Z/7x*>d  
مىقدارنىڭ گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى OG9 '[o`8  
مىقدارلار ھېساپلاش بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە سان مىقدار بىرىكمىسى شەكىلدە قوللىنىلىدۇ. \=7jp|{Yl  
مەسىلەن: ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئككى دانە ئانار،  بىر قۇر كىيىم، بىر يۇتۇم سۇ... jw9v&/-  
سان مىقدار بىرىكمىللىرى جۈملىدە ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كەلسە،ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ،پىئىللارنىڭ ئالدىدا كەلسە،ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ ؛ئىسىمغا خاس بولغان قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ،جۈملىدە ئگە ،خەۋەر، تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. D[#V  
مەسىلەن:   دادام بازاردىن ئۈچ پارچە سۈرەت سېتىۋاپتۇ.(ئېنىقلىغۇچى) 4l%1D.3-O  
ئاسىيە مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە بەش قېتىم قاتناشتى.(ھالەت) 1kKfFpN  
كۆمۈرنىڭ بىر توننىسى قانچە پۇل؟(ئگە) _E`+0;O  
ماقالىلەرنىڭ ئىككى پارچىسىنى قايتا كۆچۈرۈڭ.(تولدۇرغۇچى) QMsq4yJ)%  
ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىڭ ئارلىقى 1460 كىلومىتىر. (خەۋەر) _TOWqV^  
مىقدارلار ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ئىگە . ئۇ قوشۇمچىلار باشقا سۆز تۈركۈملىرىدىن بىر قىسىم ياسالما مىقدارلارنى ياسايدۇ. UxTLr-db^  
مەسىلەن:  چىشلە+م=چىشلەم، تىل+ىم=تىلىم ،چاقىر+ىىم=چاقىرىم،ئورا+م=ئورام... U`ttT5;  
بەزى سان – مىقدار بىرىكمىللىرىگە «-چە،-دەك،-تەك» قاتارلىق  قوشۇمچىلار ۋە «يېقىن ،ئارتۇق،ئەتراپىدا» دىگەن سۆزلەرنىڭ قوشىلۇشى بىلەن مۆلچەر ئىپادىلىنىدۇ. THp_ dTD  
مەسىلەن:  يېرىم جىڭچە ياغ،15 پارچىدەك كىتاپ، 300 تۇياققا يېقىن ئات، 500 پارچە ئەتراپىدا ھەرخىل سۈرەت... *#mmk1`  
بىر قىسىم مىقدارلار«-لاپ،-لەپ» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رەۋىشكە ئايلىنىدۇ. vn^O m-\  
مەسىلەن:  كېسەل جىڭلاپ كىرىپ ،سەرلەپ چىقىدۇ. DWt|lO  
سان- مىقدار بىرىكمىللىرى ياردەمچى پىللار بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ. gT+g@\u[  
مەسىلەن :  بۇ ماشىنىدىكى بۇغداي بەش توننا ئىكەن. ]!B0 = XP  
تەييارلانغان ماقالە 20  پارچە بولدى. r)Zk-!1  
12 تۇياق قوي ئۈچ يىلدا 30 غا يەتتى xE!0p EHd  
g`C8ouy  
مەنبە: 2- قىسىم ئۇيغۇر تىلى كىتاپ

تۆتتاش 2014-01-28 12:03
ئەجرىڭىزگە  رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-01-28 16:37
ياخشى بىر تولۇقلاش بوپتۇ , رەھمەت !

مىېھرىما 2014-01-28 20:32
قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ئېزىزلىرىم.

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 00:10
ھەقىقەتەن ياخشى تولۇقلاش بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

نازلى 2014-01-29 12:08
بىز ئۈچۈن ياخشى تولۇقلاش بۇ مىھرىما ، ھارمىغايسىز.

نۇرسىمانگۇل 2014-01-29 16:08
ئەجرىڭىزگە  رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-31 21:14
ياختۇرغانلىقىڭلاغا رەھمەت دوسلۇرۇم.

بابۇر0725 2014-02-18 23:38
ناھايىتى ياخشى ئەتراپىق بولۇپتۇ.جاپا چېكىپسىز

مىېھرىما 2014-02-19 15:33
بابۇر0725:ناھايىتى ياخشى ئەتراپىق بولۇپتۇ.جاپا چېكىپسىز (2014-02-18 23:38) 
ip{ b*@K  
سىلەر ئۈچۈن جاپا چېكىش مەن ئۈچۈن شەرەپ.رەھمەت .


查看完整版本: [-- مىېھرىما : ئۇيغۇر تىلى 2-قىسىم 5- باب.مىقدار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled