查看完整版本: [-- ئەڭ ياخشىسى يولدا قالايمىقان ماشىنا  توسماڭ!(تۆتتاش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئەڭ ياخشىسى يولدا قالايمىقان ماشىنا  توسماڭ!(تۆتتاش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-01-27 22:21

ئەڭ ياخشىسى يولدا قالايمىقان ماشىنا  توسماڭ!(تۆتتاش)

ئەڭ ياخشىسى يولدا قالايمىقان ماشىنا  توسماڭ!

تۆتتاش

ئەگەر سىزنىڭ جىددى  ئىشىڭىز  چىقىپ  قېلىپ يولدا  تۇرۇپ  قالسىڭىز تاكسىدىن  باشقا  ماشىنىلارنى (دوستىڭىز،خىزمەتدىشىڭىزنىڭ ماشىنىسىنى) توسسىڭىز ماشىنا ھەيداۋاتقان كىشى سىزنى  تۇنۇپ  توختاپ  سىزنى  ئېلىۋېلىشنى  ئويلىسىمۇ يەنىلا بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن توختىماي  كىتىشى  مۇمكىن.
1.    ماشىنىسىدا  بوش  ئۇرۇن  بولماسلىقى  مۇمكىن.
2.    ماشىنىسىدىكى ئادەملەرنى سىزنىڭ كۈرۈپ  قېلىشىڭىزدىن  ئەندىشە قىلىشى  مۇمكىن.
3.    ئاتا-ئانىسى  باشقا ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن كىشىللىرىنى دوختۇرخانىغا ناماز، نەزىرگە ياكى باشقا يەرگە جىددى  ماڭغان  بۇلۇشى  مۇمكىن.
4.    شوپۇر  بەلكىم سىزنى  ماشىنىسىغا سېلىۋېلىشنى  خالىمىغان  بۇلۇشى   مۇمكىن.
5.    ماشىنىسىدىكى كىشىلەرنى سىزنى خالىماسلىقى  مۇمكىن.
6.    خىزمەت ئورنىدىكى  باشلىقى جىددى  بىر  ئىشنى تاپىلىغان  بۇلۇشى  مۇمكىن.
7.    شوپۇر  بەلكىم بىر ئائىلە كىشىللىرى بىرگە ماڭغان  بۇلۇشى  مۇمكىن.
8.    شوپۇرنىڭ  بەلكىم سىز ھەم بىز ئويلاپمۇ باقمىغان بەك جىددى  ئىشى  بۇلۇشۇ  مۇمكىن.
سىز ئەنە  شۇنداق  ئىشلارنىڭ  يۈز  بىرىشىدىن ساقلىنىشى  ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ماشىنىنى(تاكسىدىن باشقا)  يولدا  توسماڭ. ئەگەر شوپۇر سىزنى  تۇنۇپ ئېلىۋېلىشنى  ئويلىسا  سىز  قۇلىڭىزنى كۆتىرىپ  توسمىسىڭىزمۇ  ئۆزلىكىدىن يېنىڭىزدا ماشىنىسىنى  توختىتىدۇ.

        2014-يىل 26-يانۋار

گۈلنىھال 2014-01-27 22:39
‏دىققەت قىلسا بولغۇدەك  جۇمۇ !

مىېھرىما 2014-01-27 23:35
بىز دائىم يولقۇپ تۇردىغان مەسلىلەركەن .دىقەت قىلشىم كرەك بولغان مەزمۇنلارنى بىلۋالدىم.رەھمەت.

kaqur 2014-01-28 01:29
تونۇش - بىلىشلىرىم كېلىپ «يولىمىز بىركەن، ئاپىرىپ قوياي» دېسىمۇ بەك تەستە چىقىدىكەنمەن...

مىېھرىما 2014-01-28 10:03
بۇنىڭدىن قارغاندا، تونۇشلار ئاپىرىپ قوياي دىسمۇ رەھمەت ،دىسەك بولغىدەك.چۈنكى ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن دىگەن ياكى ئادىمەتچىلىك يۈزسىدىن دىگەنلىكى بىزگە نامەلۇم .

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 16:11
دىققەت قىلساق بولغۇدەك ، ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

سەئىدىيە 2014-01-30 22:08
راسىت ، دىققەت قىلساق بولغۇدەك . ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-01-30 23:03
ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ !


查看完整版本: [-- ئەڭ ياخشىسى يولدا قالايمىقان ماشىنا  توسماڭ!(تۆتتاش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled