查看完整版本: [-- ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!( پىسخىكا تورى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!( پىسخىكا تورى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 11:23

ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!( پىسخىكا تورى)

ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!


    1. باشقىلارغا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ بېرىڭ ھەم بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭ.
    2. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن شىئېرنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ.
    3. باشقىلارغا مەن سىزنى سۆيىمەن، دېگەن چېغىڭىزدا چوقۇم سەمىمىي بولۇڭ.
    4. «ئەپۇ قىلىڭ» دېمەكچى بولسىڭىز، بۇ سۆزنى قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دەڭ.
    5. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئىشىنىڭ.
    6. باشقىلارنىڭ خىيالىي ئارزۇسىنى ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
    7. پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيسىڭىز كۆڭلىڭىز ئازار يېيىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ مۇكەممەل ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى.
    8. پىكىر سولغا بۇرۇلۇپ كەتسە، كۆز ئالايتمايدىغان ھەم ئېتىنى ئاتاپ جىدەللەشمەيدىغان بولۇڭ.
    9. گەپنى ئالدىرىماي سۆزلەڭ، ئەمما تەپەككۇر قىلىشىڭىز تېز بولسۇن.
    10. بەزىلەر سىزدىن جاۋاب بېرىشنى خالىمايدىغان سوئالنى سورىغاندا، سىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن «سىز نېمىشقا بۇنى بىلمەكچى بولۇپ قالدىڭىز» دەپ سوراڭ.
    11. ھەقىقىي سۆيگۈ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتە قاراملىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.
    12. ئاتا - ئانىڭىزغا تېلېفون قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
    13. باشقىلار چۈشكۈرسە «ئاللا سىزنى پاناھىدا ساقلىغاي» دەپ قويۇڭ.
    14. يېڭىلگەن بولسىڭىز بۇ ساۋاقنى ئۇنۇتماڭ.
    15. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇل بولىدىغان بولۇڭ.
    16. ئۇششاق - چۈششەك تالاش - تارتىشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزمەڭ.
    17. خاتالاشقىنىڭىزنى بىلگەن ئىكەنسىز چوقۇم تۈزىتىڭ.
    18. تېلېفون ئالغاندا كۈلۈمسىرەپ ئېلىڭ، بۇنى قارشى تەرەپ ئاۋازىڭىزدىن بىلەلىسۇن.
    19. سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭ.
    20. خىلۋەت جايدا تۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.
    21. ئۆزگىرىشنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىدىغان، ئەمما ئۆز پىرىنسىپىڭىزغا خىلاپلىق قىلمايدىغان بولۇڭ.
    22. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەزىدە سۈكۈتنىڭ ئۆزى ئالتۇن.
    23. كىتابنى كۆپرەك ئوقۇڭ، تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈڭ.
    24. تىرىشىپ ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرۈڭ. غېرىب كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدە ئۇنىڭدىن يەنە ھۇزۇرلىنالايسىز.
    25. «ياراتقۇچى ئاللاھ، ئەمما يارالغۇچى ئۆزىڭىز» ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.
    26. ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆيۈنۈش ھەممىدىن مۇھىم، سىزنىڭ بارلىق قىلغان - ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىناق ھەم بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈندۇر.
    27. جورىڭىز بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، شۇ ئىش ئۈستىدىكىلا گەپنى قىلىڭ، كونا خاماننى سورىماڭ.
    28. كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇڭ.
    29. ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان يەر شارىغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىڭ.
    30. ئىبادەت قىلىشنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ.
    31. باشقىلار سىزنى ماختىسا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەيدىغان بولۇڭ.
    32. سالغان مەبلىغىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.
    33. سۆيگەن ۋاقتىڭىزدا كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان ئادەمگە ئىشەنمەڭ.
    34. يىلدا بىر قېتىم ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ.
    35. پۇل تاپقىنڭىزدا، توققۇزىڭىز تەل ۋاقىتتا باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم قىلىۋېلىڭ.
    36. بەزىدە ئېرىشەلمەسلىكنىڭمۇ بىرخىل ئامەت ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.
    37. قائىدىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن لوقما سېلىڭ.
    38. ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈپ تارتىشىشتىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
    39. ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
    40. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ئۇنىڭغا ئېرىشىش جەريانىدا قانچىلىك نەرسىدىن مەھرۇم بولغانلىقىڭىزغا باغلىق

مىېھرىما 2014-01-27 14:40
بىلۋېلىشقا تېگىشلىك  ياخشى ماتريال بىلەن تەمىنلەپسىز.كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۋالدىم رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 21:00
مېنىڭچە بۇ تېمىنى مۇنبەرداشلار كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك !ھەممىسىلا بىز تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئىكەن . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

گۈلنىھال 2014-01-29 21:05
    7. پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيسىڭىز كۆڭلىڭىز ئازار يېيىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ مۇكەممەل ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى.
   بەك يارىدى


‏پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەنمۇ زوركەن ، رەھمەت ، كۆچۈرۋالدىم . تەدبىقلاپ باقاي دەيمەن .

گۈلنىھال 2014-01-29 21:06
38. ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈپ تارتىشىشتىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.

ھەممە بىلسە ‏ئىدى ، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن خالىي بولاتتۇق .

ياسىنجان510 2014-01-31 15:11
ھەقىقەتەن بىلىپ  قويۇشقا تېگىشلىك نەسىھەتلەر ئىكەن ، يوللىغىنىڭىز ئۇلۇغ ئىش   بوپتۇ.

نۇرسىمانگۇل 2014-02-01 19:02
رەخمەت سىلەرگە.


查看完整版本: [-- ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!( پىسخىكا تورى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled