شەبنەم |
2014-01-27 02:25 |
رەڭ بىلەن كېسەل داۋالاش
جۇڭگۇ تىبابىتىدە ئاق رەڭ ئۆپكىگە ،قىزىل رەڭ يۈرەككە، يېشىل رەڭ جىگەرگە ،سېرىق رەڭ تالغا پايدىلىق ،بۇ رەڭلەر مۇناسىپ ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى تەڭشىيەلەيدۇ ،دەپ قارىلىدۇ . مەسىلەن ،جىمغۇر ، چۈشكۈن ، تېرىككەك ئادەم يېشىل ،كۆك ، قارا رەڭلەر بىلەن كۆپ ئۇچىراشسا جىگىرى ياخشىلىنىپ ، روھىي ھالىتى ئوڭشىلىدۇ ؛ سېرىق ، قوڭۇر ،مېغىز رەڭلەر تالنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ، ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ناچار ، تاماق ھەزىم قىلالمايدىغانلارغا شىپا بولىدۇ . ھازىرقى زامان تىبابىتىدە رەڭ كېسەل داۋالاشتا دورىغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ ،يەنى قىزىل رەڭ كىچىك ئۈچەي ۋە يۈرەك كېسلىگە ؛ كۆك رەڭ چوڭ ئۈچەي ۋە ئۆپكە كېسلىگە ؛سېرىق رەڭ تال ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى كېسىلىگە ؛ يېشىل رەڭ جىگەر ۋە ئۆت خالتىسى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ ،دەپ قارىلىدۇ . نۇرغۇن كېلىنكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ، رەڭدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئومومىيۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ ھەم داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولىۋاتىدۇ . كانادادا چىش دوختۇرلىرى بىمارلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ،داۋالاش ئۆينىڭ تاملىرىنى كۆك سىر بىلەن سىرلىغان . ئەنگىلىيەدە تىببىي خادىملار ئاي ،كۈنى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان سېرىق كېسلىنى يېشىل نۇر بىلەن داۋالاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن . ئامېرىكدا دوختۇرلار روھىي كېسەللەرگە تېنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىش ،ئۆينى شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە سىرلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان .بۇنىڭدا بېمارلارنىڭ روھىي كەيپىياتى تۇراقلاشقان . ھازىر بەزى ئەللەردە قوياش نۇرىغا قاقلاپ داۋالاشتىن باشقا ، رەڭ نۇرىغا قاقلاپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ بارلىققا كەلدى . بۇ ئەللەرنىڭ تىببىي خادىمىلىرى كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ ، داۋالاش ئۆيىگە سوغۇق ، ئسسىق نۇر ۋە باشقا رەڭ نۇرلىرىنى بېرىپ كېسەللەرنى داۋالاشقا كىرىشكەن ياكى رەڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق رەڭلەرنىڭ ئېلىكتىرۇن ماگنىت دولقۇنىنى كېڭەيتىپ ، ئادەم بەدىنىگە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كېسەلنى داۋالاش مەقسىدىگە يەتكەن .
مەنبە-------- شىنجاڭ ياشلىرى 2013-يىلى 11- سانىدىن
|
|