查看完整版本: [-- ‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››دىكى پېرسۇناژلارغا باھا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››دىكى پېرسۇناژلارغا باھا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-01-26 22:51

‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››دىكى پېرسۇناژلارغا باھا

‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››دىكى پېرسۇناژلارغا باھا
         c=5$bo]LI  
      يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەيىنىڭ ‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››ناملىق بۇ ھېكايىسى ئىدىيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان ئېسىل ھېكايە.ئاپتور بۇھېكايىنى 1982-يىلى يازغان.ھېكايە كونا دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،گەرچە يېڭى دەرسلىككە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ئۆگىنىپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. +hfl.OBy  
ھېكايىدە ئاپتور رېئال تۇامۇشتىكى ئاددىي ۋەقەلىك ئارقىلىق،ئانا بىلەن بالا،قېيىن ئانا بىلەن كېلىن ھەم ياش ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە ساقلىنىۋاتقان ۋاپاسىزلىق، كۆيۈمسىزلىك، ئەسلىنى ئۇنتۇپ،قۇرۇق ئابروي-ئىناۋەت قوغلىشىپ،ھەقىقى چىن مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىغا ئورۇن-مەرتىۋىگە،يۈز-ئابرويغا قاراش،بىر-بىرىگە ھەقىقى كۆيۈنىش،چۈشۈنىشنىڭ ئورنىغا پايدا مەنپەئەتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ساختا ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ،جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى ،كۆزنىكى بولغان ئائىلە تۇرمۇش ئىچىگە قويۇپ سۈرەتلەپ،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى جۈملىدىن ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت،كېلىن بىلەن قېيىن ئانا ۋە ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ   ساختا،ياسالما مۇناسىۋەت بولماي،ھەقىقىي كۆيۈنۈش ،چۈشىنىش،بىر-بىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بولىشى كېرەكلىكىنى ؛ياشلار بۈگۈننىلا ئەمەس،ئۆتمۈشنىمۇ ۋە كەلگۈسىنىمۇئويلىشى لازىملىقى؛ئۇلارپايدا-مەنپەئەتتىن ، شۆھرەت، ئابرويپەرەسلىك،راھەت-پاراغەتتىن مېھرى-مۇھەببەتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندىلا؛ ئاتا-ئانىلىرىغا ماددىي جەھەتتىن ،ئەڭ مۇھىمى مەنىۋىي جەھەتتىن كۆيۈنگەندىلا ؛ئۇلارنىڭ ھالىغا ھال مۇڭىغا مۇڭ بولغاندىلا ئاندىن پەرزەنتلىك بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم بىر قىسىم پەرزەنتلەر ۋە كېلىنلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساختا ئەقىدە-ئېتىقاتنى ،يات ئىللەتلەرنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان. #KIHq2: .4  
شۇ سەۋەپتىن خورلىنىپ دىلى ئازار يىگەن كەڭ ئاقكۆڭۈل ،كەڭ قۇرساق ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن .ئاتا-ئانىلارنىڭ قەدىر –قىممىتىگە يېتىپ،ئەجىر-ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەقىقى كۆيۈنۈپ،ماددىي ۋە مەبىۋىي جەھىتتىن يار-يۆلەك بولۇپ ئاسراش ھەم ھۆرمەتلەش لازىم دېگەن ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن. bvoR?D\-"  
ئاپتور بۇ ئىدىيىۋى مەزمۇننى ھېكايىدىكى پېرسۇناژلارنى ئوراپ تۇرغان ئوخشىمىغان ئىككى خىل مۇھىت ۋە ئۇنىڭدا شەكىللەنگەن ئوخشاش بولمىغان خارەكتىر ئالاھىدىلىكنى سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ھەمدە چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مۇھىتى تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىككى ياشنىڭ ھەشەمەت ھەم قۇرۇق ئابرۇي-ئىناۋەت قوغلىشىش ئاساسىغا ،پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلە تۇرمۇشى ،تاۋارلىشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى،شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئانىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى يېزىش ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن. J-U}iU|  
        ھېكايىدىكى پېرسۇناژلار ئوبرازى YRK4l\_`  
1.سىپىرىخان ئانا ئوبرازى nPKj%g3h  
سىپىرىخان ئانا ھېكايىدىكى باش پېرسۇناژ # RtrHm  
ئۇ ئاق كۆڭۈل،ساددا،تۈز،ساپ دىل،مۇلايىم،ئىشچان ھەم تىرىشچان،ھەقىقى ئۇيغۇر ئەمگەكچى ئاياللىرىغا خاس ئېسىل ئىنسانىي خىسلىتىگە ئىگە كۆيۈمچان ،ۋاپادار ،مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئوبرازى. j,~h:MT  
سىپىرىخان ئانا ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈل،ساددا يېزا ئاياللىرىغا خاس خارەكتىرى ھېكايىدە ئوغلىنىڭ يېنىغا بېرىش ئۆچۈن قانداق پۇل جۇغلىغانلىقى،قانداق شىرىن ئارزۇ-ئۈمىدلەردە بارغانلىقى، كىراكەشكە قىلغان سۆزلىرى،ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندە بوينىغا ئېسىلىپ ئۈن سېلىپ قوشاق قوشۇپ يىغلاشلىرى،ئوغلى ئىدارىدىن بالدۇر قايتىپ كەلگەندە قىلغان سۆزلىرى،ئوغلى كىر يۇيۇپ،خېمىر يۇغۇرغاندا‹‹نۇمۇسۇمنى كەلتۈمەي قوپە بالام››دېيىشى ۋە بارلىق ئىشنى ئۆزى قىلىشى،مېھمانلارغا ساۋۇرنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى ۋە كېلىنىنىڭ مېھمانلارغا ئۆزىنى ‹‹ساۋۇرنىڭ تۇغقىنى ئىكەن ››دەپ تونۇشتۇرغاندا كۆڭلى ئېغىپ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قېلىشى،ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئۆزىگە تۇتقان ياتلارچە مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ،خىيالىدىن كەچكەن كەچۈرمىشلىرى ۋە ئاخىرىدائانىنىڭ ئۇلارنى ئەپۇچانلىق،كەڭ قۇرساقلىق مېھرى بىلەن كەچۈرىۋەتكەنلىكىدەك تەپسىلات تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بەرگەن . *_ "j"{  
ئانىنىڭ :‹‹كونىلار ‹ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىر چورۇقىڭنى قۇرۇتما› دەپتىكەن››دېگەن سۆزى،چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە ماقال بولۇپ،ئەسلىڭنى ئۇنتۇپ،ئاينىپ كەتمەي،بىر خىل بىر مەۋقەدە تۇر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. \=.iM?T  
   بۇ ساۋۇرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلغان بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ،يېڭى مۇھىتنىڭ ،ھەشەمەتلىك شەھەر تۇرمۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ،قۇرۇق سۆلەت، ئابروي –ئىناۋەت قوغلىشىپ ئاينىپ كەتكەن ،ھەتتا جاپادا قالغان يالغۇز ئانىسىنىڭ سالاھىيىتى،تەققى-تۇرقى،سۆز-ھەركىتىنى ئۆزى ئۈچۈن نۇمۇس بىلگەن روھى دۇنياسى ،مەنىۋىيىتى پۈچەك.مەۋقەسىز ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە دەل جايىدا قوللىنىلغان. V< J~:b1V  
2.ساۋۇر  ئوبرازى "]sr4Jg=  
  ھېكايىدىكى ساۋۇرـــــــ  بۈگۈنكى تۇرمۇش شەرت-شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى،ئوخشىمىغان ئىككى ئەۋلات كىشىلىرىنىڭ ھاياتقا،تۇرمۇشقا بولغان قارىشىدىكى پەرىقنىڭ چوڭىيىشى،تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان ياتلىشىش كەيپىياتى،مېھرى-مۇھەببەتنىڭ،ھېسياتنىڭ توۋارلىشىشىدىن ئىبارەت مۇھىت ئىچىدە ئۆزگۈرۈپ،ئەسلىنى ئۇنتىغان،مەلۇم دەرىجىدە پەن بىلىمگە ئىگە بولسىمۇ لېكىن كىشىلىك تۇرمۇش،پەرزەنتلىك بۇرۇچ قارىشى كەمچىل بولغان،راھەت-پاراغەت،شۆھرەتپەرەسلىكنى ياشاش مىزانى قىلغان بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ تىپىدۇر. nH;^$b'LZ  
  ساۋۇرنىڭ ئۆز ئانىسىغا پەش قېقىپ:‹‹ئاڭسىز ئادەمگە بىر نەرسە چۈشەندۈرىمەن دېگەن ئادەم ئۆزىمۇ ساراڭ›› دېگەن سۆزى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى يارقىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. P! :D2zSH_  
ساۋۇر نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان،ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىي.ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش،چوڭ شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا،يېڭى مۇھىت ،يېڭى مۇھىت قاينىمىدا ئەسلىنى ئۇنتۇپ،ئۆزگۈرۈپ كەتكەن مەۋقەسىز ،نام-ئابرويپەرەس، شەخسىيەتچى، كۆيۈمسىز ياشلارنىڭ تىپىدۇر. aaLT%  
ئۇ دەسلەپ ئاقكۆڭۈل،كۆيۈمچان بالا بولسىمۇ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن.شۇڭا ئۇ خىزمەتكە چىقىپ ئۆيلۈك –ئوچاقلىق بولغان تۇرۇقلۇقمۇ يېزىىڭ قىيىن شارائىتىدا تىغدەك يالغۇز قالغان بىچارە ئانىسىنى يادىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ.ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلمايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن مېھرىبان ئانىسىنىڭ تۇرىقىنى ئۆزى ئۈچۈن نۇمۇس بىلىپ،ئۆيىدە تۇرۇپ قېلىشىنى چىن دىلىدىن خالىمايدۇ.ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە گەپ بولسا نارازى بولۇپ ،ئانىنى كەمسىتىدۇ.  ئايالى ئالدىدا  بولسا ناھايىتى بىچارە،قۇللۇق قىلىپ ياشايدۇ.ئەلۋەتتە بىر ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش زۆرۈر،لېكىن ئەركىشىنىڭ ئائىلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمۇ بار، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشىمۇ بار،ئائىلىدە ئەر ،ئەر بولىشى ئايال ئايال بولۇش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز.ساۋۇر ئائىلىسىدە ،خوتىنىنىڭ ئالدىدا ئەرلىك ۋىجدانى،سالاھىيىتى ،غورۇرى ئۆلگەن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان.ئۇ بىر چاكاردىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇ بىر ئالىي مەلۇماتلىق ئادەم بولسىمۇ ،ئائىلىسىدىكى مۇھەببەت، نىكاھ،ئانا-بالا،ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك،سەزگۈر مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. #\fAp RL  
ساۋۇر ئانىسى سىپىرىخان ئانىنىڭ تەلىپى بويىچە شەھەرگە بازار ئايلاندۇرغىنى ئېلىپ چىقىدۇ،ئەمما ناھايىتى قىسقىلا ئايلاندۇرۇپ ياندۇرۇپ كېلىدۇ،بۇ جەرياندا ئانىنىڭ كالىچى چۈشۈپ قالىدۇ،ساۋۇر ئىككىلەنمەي يىتكەن كالاچنى ئىزدەپ ماڭىدۇ ۋە تاپالماي قايتىپ كېلىدۇ.ئانا ئۆيدە كالاچسىز يۈرىدۇ،ئاخىر ساۋۇر خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،دىلەيسەنىڭ بىر ئەسكى ،ئېگىز پاشنىلىق توپلىيىنى كىيدۈرۈپ قويىدۇ،ئانا ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشەلمەي ئۆيدە بەكمۇ قىينىلىدۇ.ئانىسىدىن يىرگىنىدۇ ،ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ. 0nBAO  
تۆۋەندىكى تەپسىلات تەسۋىرلىرىگە قاراپ باقايلى: p=T]%k*^h#  
ــــ قەشقەرنىڭ ئاپتۇبوس بېلىتى 38كوي،ـــ دېدى ساۋۇر بارماقلىرىنى پۈكۈپ تۇرۇپ،ـــ بەش قونسا بەش كوي كېتىدۇ، كۈنىگە بىر كويلۇق تاماق يېسە،يەنە بەش كوي،يەتتە كويغا بىر كالاچ ئالساق ،ھە...38كوي،ئىككى بەش كوي ...يەتتە كوي...ھە،جەمى55كوي بولىدىكەندە،ئەستاغپۇرۇللا !ئىدارىدىن 40كوي ئېلىپ كەپتىمەن ئەمەسما... U L(#B TK  
ــــ ئۆزىنىڭ يېنىدا پۇلى يوقمىكەن؟ـــ دەپ سورىدى دىلەيسە، {,,w5/k^  
ــــ ئىككى كوي پۇلى بار ئىكەن ،كالىچىنى ئوغرىغا بەرگەن كۈنى قوشنىسىنىڭ ئوغلىغا بىر ئالا مايكا سېتىۋالغانىدى.دىلەيسە زاڭلىق قىلغاندەك تۇمشىقىنى پۈرۈپ قويدى-دە،ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ دەپ ئاچتى: D.X%wJ8  
ــــ سەككىز موچەنلىك ياتاقتا ياتسا بولىدۇ،ـــ دېدى ئۇ، AS~O*(po  
ـــ ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار ئاشخانىدىن تاماق يېمەيدۇ. m%ak]rv([  
ــــ تاماقنى قانداق قىلىدۇ ئەمىسە؟ xrp%b1Sy  
ــــ ئۆيدىن نان ئېلىۋالسا بولىدۇ. .(ki(8Z N  
ــــ يەنە يەتمەيدۇ. ـــدېدى ساۋۇر،ـــ سىز ھېلىقى پۇلدىن 15كوي بېرىپ تۇرۇڭ. gCW.;|2  
ــــ ۋىيەي نېمىشقا بېرىدىكەنمەن،پىلاتى ئالىدىغان پۇل ئۇ،دىلەيسە تۇمشۇقىنى سوزۇپ تەتۈر قارىۋالدى. b1R%JY7/S  
ــــ سەت بولىدۇ، ـــ دېدى ساۋۇر،ــــ قوشنىلار نەچچە قېتىم ماڭا ‹ئاناڭغا ھېچنىمە ئېلىپ بەرمىدىڭ›دەپ دارتمىلىدى،يۇرتقا شۇنداق بارسا سەت بولىدۇ،كېيىن مەن سىزگە ئېسىل يوپكا ئېلىپ بېرىمەن. ھازىر 15كوي بېرىپ تۇرۇڭ. Y 8EL  
دىلەيسە چاماداندىن 15كوي پۇلنى ئالدى-دە،ئۈستەلگە تاققىدە قويۇپ قويدى. c\065#f!  
يوقۇرقى تەپسىلات تەسۋىرلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ساۋۇر بىلەن دىلەيسە ئوتتۇرسىدىكى ئەر-ئاياللىق مېھرى-مۇھەببەت پۈتۈنلەي پۇل-مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا مېھرى-مۇھەببەت. ساۋۇرنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە ھېچقانداق ئەرلىك ئورنى يوق بىر قونچاق دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ ئۆيدە ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش بەدىلىگىلا  دىلەيسە بىلەن بىر ئائىلىدە بولالىغان دەپ ىاراشقا بولىدۇ. Lp.,:z7  
3.ھېكايىدىكى دىلەيسە ئوبرازى )k& 
دىلەيسە كىشىلىك تۇرمۇش،ئائىلە مەجبۇرىيىتى،كېلىنلىك مەجبۇريەت قارىشى يوق،ھەرقانداق ئىشتا پايدا-مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان،شۆھرەتپەرەسلىكنى،ئۆزىنى مەركەز قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان،ياسانچۇق،سۆلەتۋاز،تەكەببۇر،مەنمەنچى،مىشچان خوتۇنلارنىڭ ئوبرازى بولۇپ،ئۇنىڭ مەنىۋىيىتى بەكمۇ پۈچەك.ئۇ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى ۋە مېھرى-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي پايدا-مەبپەئەت ۋە پۇل بىلەن ئۆلچەيدۇ.ئىنتايىن ھاكاۋۇر،شۆھرەتپەرەس،رەڭگى چىرايلىق ئەمما پۇراقسىز بىر گۈل.بەكمۇ كۆيۈمسىز،ياسىما،قارنىيەت ئەخلاقسىز ئۈرۈمچى گۈزەللىرى.دىلەيسە ساددا سىپىرىخان ئانا مېنىڭ كېلىنىم دەپ مېھرى بىلەن ئېسىلىپ قوشاق قوشۇپ يىغلىغاندا،بەكمۇ ياسالمىلىق قىلىدۇ،ئانىغا چىن كۆڭلىدىن قىزغىن ھېسياتى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ.ئۇنىڭ سىپىرىخان ئانىنى (قېيىنئانىسىنى)‹ساۋۇرنىڭ تۇغقىنى ئىكەن،ھازىرچە مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋرىۋاتىدۇ› دېگەن سۆزى ئۇنىڭ بارلىق رەزىل خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.بولۇپمۇ ئانىنى كەمسىتىش،پەس كۆرۈش،مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ،ئۇنى بىر مالاي كۆرۈپ،ئيىنىڭ بارلىق يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا سېلىپ مالاي ۋە بىر ئىشلەمچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.ساۋۇر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئانىسىنىكەمسىتىپ خورلايدىغان ۋاپاسىز،ياسىما-سۈنئىي ئىدىيىۋىي خائىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. *0^!%Y'/4  
تۆۋەندىكى تىل تەسۋىرلىرىگە قارپ باقايلى. N7v7b<6  
ـــ ياقكەتمەيدۇ،ـــ دەيتتى دىلەيسە تەرىسالىق بىلەن. ycz6-kEp  
ـــ قېرى خوتۇن كۆنەلمىسە قانداق قىلىسەن. #N.W8mq  
ــــ ھېچبولمىسا تۇققان (بوشانغان)ۋاقتىمدا بالا باققىلىمۇ كېرەك بولار؟ q$L=G  
ـــ خاتىرجەم بول ،بالا باقىدىغان ئادەمنى ئۆزۈم تاپىمەن. Up*1j:_O  
ــــ ئۇنداق بولسا،مەن دەپ قوياي سىزگە ،ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىسىز جۇمۇ،مېنىڭ ھىچنىمە بىلەن چاتىقىم يوق. ce7$r*@!  
ــــ بولدى-بولدى،ھەممىنى ئۆزۈم قىلىمەن،ـــ دېدى ساۋۇر مەيدىسىگە ئۇرۇپ،بۇرۇنمۇ قىلغانغۇ ئۆزۈم.شەھەرلىك بۇ نازىنىنلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىدەك شەھەرلىك كاتتا يىگىتلەرنى تاللىمايدۇ؟ چۈنكى سەھرادىن بارغان مۇنداق يۇمشاقباش،مۆمىن ،بوينىدىن باغلاپ قاياققا يېتىلىسە شۇياققا ماڭىدۇ،خالىسا باغلاپ قويىدۇ،خالىسا يېتىلەپ ماڭىدۇ.دېمەك ساۋۇر بىر قونچاق،چاكار.دىلەيسەنىڭ بۇ قىلمىشلىرى جەمئىيىتىمىزدىكى چىن ئىنسانىي خىسلەت،گۈزەل-ئەخلاق پەزىلەتلەرگە يات بەكمۇ ئەخلاقسىزلىقلار بولۇپ،بىز ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن ھەرۋاقىت يىرگىنىپ،ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ھەقىقىي كۆيۈنۈپ،چىن دىلىمىزدىن ھۆرمەتلىشىمىز،دىلەيسەدىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم. -}#=L@  
X67^@~l  
مەنبە:ئۆز يازمام توققۇز تارا ئالىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن. I8~ .Vu2  
(مېنىڭچە بۇ بىر كېرەكلىك تاش،كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.)        2014-يىل  1-ئاينىڭ 26-كۈنى. @D1}).  
                   iXLODuI  

parixta 2014-01-26 23:54
پېسۇنازلار خارەكتىرىنى ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپسىز.  ھارمىغايسىز!!

مىېھرىما 2014-01-26 23:59
پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى تەھلىل قىلىشقا كۆپ ئەجىر قىلىپ ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگىزىپسىز سىزگە رەھمەت.

قاراخان 2014-01-27 11:06
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى تەھلىل قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقىڭىزغا قايىل بولدۇم، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

tursungul 2014-01-29 14:32
مەن ھەر قاراردىكى ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇپ بېرىمەن بۇ ئەسەرنى. s8.SEk|pB  
ياشلىرىمىزنى  ئويلاندۇرۇشتا قىممىتى بار .ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

قاراخان 2014-01-29 14:38
ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار    GvZ[3GT  
ئابدۇراخمان ئەبەي S=j pn  
        كەچ پىشىنگە يېقىن قاتناش بېكىتىنىڭ  قورۇسىغا كىرىپ كەلگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىن ئۈستى بېشىغا چاڭ-توزان قونغان،ھارغىن چىراي ئادەملەر ئالدىراپ چۈشۈپ، يۈك-تاقىلىرىنى ئۆشنىلىرىگە ئارتىپ،ھەر تەرەپكە تارقاشقا باشلىدى.ئاپتوبۇستىن ئەڭ ئاخىرىدا ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى ئېگىز بويلۇق بىر موماي چۈشۈپ كەلدى.ئۇ بېشىغا قارا رومال ئارتقان،ئۇچىسىغا تۈز ياقىلىق قارا چاپان بىلەن ئېتەكلىرى كەڭ چىت كۆڭلەك،پۇتىغا مايسىاراپ ئاقىرىپ كەتكەن مەسەكالاچ كىيگەنىدى.ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىدە يۈك-تاق چۈشۈرىۋاتقان بالىغا ئېيتىپ بىر خۇرجۇننى سۇنۇپ ئالدى-دە،بىر چەتكە بېرىپ ئۇنىڭ توپا-چاڭلىرىنى قېقىشتۇردى،كېيىن ئۆزىنىڭمۇ ئۈستىۋاشلىرىنى بىر قۇر قېقىشتۇرۇپ تۈزىدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق ۋە سەھرائاياللىرىغا خاس بىر خىل ساددىلىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قورۇدىن چىقىپ بولدى.لېكىن ئۇ قايان مېڭىشىنى بىلمەي بىر پەس ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ،دەرۋازىدىن چىقىپ  يان  تەرەپتە ھارۋا تۇتۇپ تۇرغان بىر كىراكەشنىڭ ئالدىغا باردى. w+wtr[;wwL  
ـــ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياملا ئۇكام، ـــ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .   FA+"t^q  
ـــ ئوغۇللىرى نەدە ئولتۇرىدۇ؟ ـــ كىراكەشمۇ قىرىق ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان،ياداڭغۇ كىشى ئىدى.    C57m{RH  
ـــ مۇشۇ ئۈرۈمچىدە تىلماچلىق قىلىدۇ، ئېتى ساۋۇراخۇن.   [N12X7O3  
ـــ بۇ شەھەردە ساۋۇراخۇن دېگەن ئادەم تولا،قايسى ئىدارىدە ئىشلەيدۇ؟ ـــ دېدى كىراكەش قوپاللىق بىلەن. ITg<u?z_  
ـــ ۋاي... مەن نەدىن بىلەي،مۇشۇ يانچۇقۇمدا ئەۋەتكەن خېتىنىڭ لېپاپى بارغۇ! ـــ ئۇ يانچۇقىنى كولاشتۇرۇپ پۈرلىشىپ كەتكەن بىر كونۋېرتنى ئالدى-دە،كىراكەشكە سۇندى.     {VKFw=$8  
  كونۋېرت ئۈستىگە ‹‹... 7-كوچا،276-قورۇ،3-بىنا›› دەپ يېزىلغانىدى.     6i2%EC9  
كىراكەش خۇرجۇننى ھارۋىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئايالنى ھارۋىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. *ziR&Fr!  
ـــ ياقەي ئۇكام،ئادەمنى ئادەم سۆرىسە يامان بولىدۇ،ـــ ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭدى ھەم قولىنى سىلكىپ رەت قىلدى.    0ZM(heQ  
ـــ ھوي،چىقسىلا دەيمەن،خېلى ئۇزۇن يەر ئۇ، ھېرىپ قالىلا،ـــ كىراكەش ھارۋىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ كەلدى.   ,zltNbu\.(  
ـــ ياقەي،ئوغلۇمنىڭ ئۆيىنى تېپىپ بەرگەنلىرىگىمۇ يۈزمىڭ رەھمەت،ـــ ئايال ھارۋىنىڭ بىر شوتىسىنى قولىغا ئالدى-دە،كىراكەشتىن بۇرۇنلا ھارۋىنى سۆرىگىلى تۇردى.    D:;idUO  
چوڭ يولدا ماشىنىلار ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇراتتى.كىراكەش ئۆز يېنىدا خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاش گۈسۈلدەپ مېڭىۋاتقان بۇ ياشانغان ئايالنىڭ پۈتۈن نەرسىلەرگە ھەيرانلىق ۋە زوقلىنىش بىلەن قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاستا گەپ باشلىدى:   >WIc"y.  
ـــ ھامما،قەيەردىن كەلدىلە؟ )@X0'X<  
ـــ قەشقەردىن.    0z8?6~M;<  
ـــ ئىسىملىرى كىم؟ K5jt(7i  
ـــ سىپىرىخان.    L%T(H<G  
كىراكەش بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن  سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:   /{\ /e"5  
ـــ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە نەچچە يىل بولدى؟ %bAQ>E2;m  
ـــ يەتتە يىل بولدى،كادىر بولغىلى ئۈچ يىل بولدى.بۇلتۇر بىر ئارتىس قىزغا ئۆيلىنىۋاپتۇ.    XP:A"WK"  
ـــ يانلىرىدا يەنە باشقا بالىلىرى باردۇ؟    c]PTU2BB8  
ـــ يوقسۇ،مۇشۇ بىرلا بالا،دادىسى رەھمىتى قازا بولۇپ ياندۇرقى يىلى بۇ بالام ئوقۇشقا يېنىپ كەلگەن ،دىدار كۆرۈشمىگىنىمىزگە تۆت يىل بوپتۇ دېسىلە.   Lwr's'ao.  
كىراكەش لەپپىدە ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى:   +?$J8Paf  
ـــ ئەمدى ئوغۇللىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالىدىكەنلىدە؟    m&:&z7^p  
ـــ خۇدا رىسقىمنى يۆتكىگەن بولسا،ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنىڭ ئالدىدا نەۋرەمنى بېقىپ ،ئاخىرقى ئۆمرۈمنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەرمەن.    %_ibe  
ئايالنىڭ ھارغىن چىرايىدا بىر خىل مەمنۇنىيەتلىك جىلۋىلەندى.   Vr1}Zv3K'  
ئۇلار بىر سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن،چوڭ بىر دەرۋازىدىن كىرىپ،3-بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى.    {p +&Q|  
بىنا بەش قەۋەتلىك بولۇپ،ناھايىتى ئېگىز ھەم كۆركەم ئىدى.ھەرقايسى ئائىلىنىڭ گۈل تەشتەكلىرى قويۇلغان لەمپىسىدە كەچلىك غىزا يەۋاتقان كىشىلەر بىنا ئالدىغا كېلىپ توختىغان كىرا ھارۋىسى بىلەن ناتونۇش ئايالغا بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارشقا باشلىدى.مومايمۇ لەمپىدىكى كىشىلەرگە بىر قۇر كۆز تاشلاپ چىقتى، لېكىن ئوغلىنى تاپالمىدى. alc]    ]n!V  
ـــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ـــ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ لەمپىسىدە بالا-چاقىلىرى بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرغان ئاق باش كىشى ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدى .a.H aBBV  
ـــ ساۋۇراخننى ! ـــ دېدى كىراكەش. .   5/=$p:E>  
ـــ بۇ بىنادا ساۋۇراخۇن دەپ ئادەم يوق. #sZIDn J#   @d WA1tM  
ـــ ئادىرسىدا مۇشۇ بىنا يېزىقلىق تۇرىدىغۇ؟ ـــ كىراكەش لىپاپىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ پۇلاڭلاتتى. (   B\J[O5},  
ـــ قەيەرلىك ئادەم ، ئەمىسە؟ g,=^'D   <= 4$.2ym  
ـــ قەشقەرلىك ،تەرجىمان بالا.   b)diYsTH  
ـــ ھە،ساۋۇرجان دەڭا،ساۋۇرجان. ھوي،  ساۋۇرجان ،مېھمان كەپتۇ،ـــ ئاق باش كىشى بىنانىڭ ئۈستىگە قاراپ ۋارقىرىدى..   q"VmuQ  
بىنانىڭ ئەڭ چېتىدىكى 5-قەۋەتنىڭ لەمپىسى باشقا لەمپىلەردىن ئالاھىدە بولۇپ،ھەشقىپىچەكلەر پىلەك تارتىپ،تەشتەكلەردىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.    w <r*&  
لەمپىدىكى گۈللەر ئارىسىدىن بىر يىگىتنىڭ بېشى كۆرۈندى-دە،پەسكە قارىدى،موماي ئۇنى تونۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى: ;jzJ6~<  
ـــ ۋاي ساۋۇراخۇن بالام،مەن كەلدىم،تىنچلىقمۇ بالام،سالامەت تۇردۇڭلارمۇ.... =*O=E@]   bpY*;o$~  
يىگىت ‹‹ئانا›› دەپ توۋلىدى ۋە پەلەمپەيدىن غايىپ بولۇپ بىر ئازدىن كېيىن 1-قەۋەتنىڭ ئىشىكىدىن ئېگىز بويلۇق،قامەتلىك يىگىت بىلەن زىلۋا،ئاق پىشماق،بۆدرە چاچلىق قىرايلىق بىر قىز ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى،ئايال ئوغلى ئىشىكتىن چىقىشى بىلەنلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋالدى.پۈتۈن لەمپىدىكىلەر،ھەتتا ئۆيدىكىلەرمۇ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ ھويلىغا قاراشقا باشلىدى.ساۋۇر خىجىل بولغىنىدىن دەسلەپ يەرگە قارىۋالدى،كېيىن ئانىسىنى جىملەشكە باشلىدى.ئانا بىر ئازدىن كېيىن ساۋۇرنى قويۇپ كېلىنىگە ئېسىلدى ۋە ئۇنىڭ مەڭزىلىرىنى سۆيۈپ قوشاق قوشۇپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇ بۇ يىغىسى بىلەن پۈتۈن ھەسرەت ۋە شادلىقلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى،كېلىنىمۇ خىجىل بولغىنىدىن قىزىرىپ كەتتى ۋە يانچۇقىدىن بىر ئاق ياغلىقىنى ئېلىپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن بولدى.موماي بولسا،ئۇنىڭ كۆكسىگە بېشىنى قويۇپ بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ھەم ئۇنى باغرىغا تېخىمۇ مەھكەم باسماقتا ئىدى. ?Wa w7 MRuAJ4  
ساۋۇر ئانىسىنىڭ پېشىدىن تارتىپ يىغىسىنى توختاتتى-دە،ئۆيگە باشلىدى.موماي كېلىنىگە ئەگىشىپ بىنانىڭ تار ئىشىكىدىن سىقىلىپ كىرىپ كەتتى. O |WbFf   VzT*^PFBg  
سول تەرەپتىكى ئۆينىڭ تۆر تەرىپىگە قوش كىشىلىك كارۋات قويۇلغان،ياندا بىر ئۈستەل ۋە ئىككى ئورۇندۇق،ئىشىكنىڭ يېنىدا كىيىم ئاسقۇچ تۇراتتى،ئۆي جابدۇقلىرى ئاددى ۋە ئىخچام ئىدى.لېكىن ئوڭ تەرەپتىكى ئۆي بولسا ئالاھىدە زىننەتلەنگەنىدى:ئىشىكتىن كىرىش بىلەنلا ئۇدۇل تامغا كەلكۈن نۇسخىلىق گىلەم تارتىلغان بولۇپ،گىلەمنىڭ ئاستىغا چوڭ ساندۇق،ساندۇق ئۈستىگە بىر خۇرۇم چامادان بىلەن يەنە بىر سىرتمىلىق قىزىل چامادان ئۈستى-ئۈستىلەپ قويۇلغانىدى.ئۆينىڭ تۆر تەرىپىدىكى بۇلۇڭغا ئەينەكلىك ئىشكاپ(ئىشكاپ ئۈستىدە لوڭقىغا ئېلىنغان ئۈچ تال سۈنئىي گۈل تۇراتتى)،يان تەرەپكە بىر سىم كارۋات قويۇلغان.كارۋاتقا باش-ئايىغى بىلەن تەڭ ئورۇن-كۆرپە تىزىلىپ ،ئۈستىگە گۈللۈك يۇڭ ئەدىيال يېپىلغانىدى.ئەدىيال ئۈستىدە يەنە قۇش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىككى جۈپ ياستۇق تۇراتتى.كارۋاتنىڭ يان تېمىغا يەنە بىر چاچما نۇسخىلىق گىلەم ئېسىلغان بولۇپ،ئۇ گۈللىرىنىڭ كۆركەملىكى،رەڭگىنىڭ قېنىقلىقى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.دېرىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى كىرىسلو،ئوتتۇرسىغا كىچىك چاي ئۈستىلى قويۇلغانىدى.ئىشىك-دېرىزىلەردىكى پەردىلەر بولسا ۋالىلداپ چاقناپ تۇراتتى.ئىشىكنىڭ بۇلىڭىغا جايلاشتۇرۇلغان تومپۇچكا ئۈستىدىكى ئۈنئالغۇدىن  تانسا مۇزىكىسى ياڭراپ تۇراتتى. t.)AggXj#   LQF;T7VKS)  
سىپىرىخان ئانا ئۈچ كۈندىن بېرى بۇ نەرسىلەرنى نەچچە قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ،يەنە ئۇنى-بۇنى سىلاپ باققۇسى،ئالدى-كەينىنى ئۆرۈپ كۆرگۈسى كېلەتتى:ئۇ چامادان ئۈستىدىكى ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن ياپقۇچلارغا زوق بىلەن بىر ھازا قارىغاندىن كېيىن ،دېرىزە ئالدىدىكى كرسلوغا كېلىپ ئولتۇردى-دە ،ئىككى جەينىكىنى ئىككى ياققا تىرەپ ئۈنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان مۇزىكىغا قۇلاق سالدى. 036[96t,F   !zK"y[V  
كېلىنى ئەتىگەن ئىشقا كەتكەنىدى.ساۋۇرمۇ ئىشقا كېتىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلدى.ئۇ ھازىر كارىدوردا نېمىلەرنىدۇر تاراقشىتىپ بىر ئىش قىلىۋاتاتتى.ئانا كارىدورغا چىقتى.ساۋۇر ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىر يۇيۇۋاتاتتى.ئۇنىڭ يېنىدا بىر دۆۋە كىر-قات تۇراتتى. hVM2/j    . U{}N%S  
ـــ ئاللا بالام،نېمە ئىش بۇ،ـــ ئانا ئۆڭۈپ كەتتى،ـــ نۇمۇسۇمنى كەلتۈرمىگىنە ئوغلۇم،قوي بۇنى،ئىشىڭغا بار، مەن يۇيىۋېتەي،ـــ ئانا ساۋۇرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋەتتى-دە،يەڭلىرىنى شىمايلاپ ،يوغان داستىكى كىرنى مىجىقلاپ يۇيۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كىر يۇيىشى تېز ھەم يېنىك ئىدى.كىرنى ھەر بىر مىجىغاندا پۈتۈن بەدىنى تەڭ مىدىرلايتتى. ,Kw5Ro`I:   Ic3a\FTr\  
ـــ ئوقۇشنى  پۈتتۈرۈپ يۇرتقا بارارمىكىن دېسەم بارمىدىڭ،بالام،ـــ ئۇ كىر يۇغاچ بالىسىغا ئۆز ھالىنى ئېيتقىلى تۇردى،ـــ قېرىغاندا يالغۇزلۇق يامان ئىكەن،داداڭ رەمىتى بولسىمۇ بىر نۆرى ئىدى،ـــ ئۇ ئېغىر بىر تىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،ـــ ھېلىمۇ ئەلە-مەلە جىق يۆلەيدۇ.ئوزاقى يىلى ئەتىياز سەلىياخۇن ئاكاڭ كۈرۈك بولغان بىر مىكىيىنىنى بېرىۋىدى، 15بەش تۇخۇم باسۇرسام 12  چۆجە چىقىرىپتۇ.ئۇنىڭدىن ئالتە مىكىيان،ئىككى خوراز ئەي بولدى.بۇلتۇر ئۇ ئالتە مىكيان خۇدانىڭ بەركىتى بىلەن كۈن ئارىلىماي تۇغۇپ بەردى.تۇخۇم سېتىپ 50كويغا بىر چىشى ئوغلاق سېتىۋالدىم.ئەتىيازدا ئۇ ئوغلاق تۇغدى. يازىچە ئاق چاي ئىچتىم بۇيىل چاي-تۇزنىڭ خىراجىتىدىن ئېشىنىپ  60كوي يىغىپتىمەن.35كويغا دىلەيسەگە بىر كۆڭلەكلىك ئەتلەس ئاپتىمەن،بالام.بۇ ياققا ماڭار چاغدا يول خىراجىتى ئۈچۈن ئۆشكىنى 70كويغا ساتتىم،ئوغلىقى چىشى ئىدى.ھېلىقى ھاشىخان ھامماڭنىڭ نەۋرىسى كامىل بارغۇ بالام،ماڭا بەك ئوبدان ھەمرا بولدى.كېچىسىمۇ مېنىڭ يېنىمدا ياتىدۇ، قايلا،ئوغلاقنى شۇنىڭغا بېقىۋال دەپ بەردىم،بالام. JDA]t&D!v   Y$OE[nGi%X  
ئانا ئوغلىنىڭ يەنە بىر نەرسىنى تاراقشىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىتتىك كەينىگە ئۆرۈلدى-دە:ـــ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ـــ دەپ سورىدى. a+Ab]m8`   7^>~k}H  
خېمىر يۇغۇرىۋاتىمەن ،دىلەيسە كەلگىچە ئاشنى پىشۇرۇپ تۇرايلى،دېدى ساۋۇر. )xt4Wk/   D&fOZVuqZ  
ـــ ئوھۇش،بالام،ـــ دېدى ئانا قوللىرىن سىلكىپ ،ئۆيدە خوتۇنىڭنىڭ كىرىنى يۇيۇپ،ئېشىنى ئېتىپ  ئىدارەڭدىمۇ ئىشلىيەلمەيدىغان ئوخشايسەن،بالام. CTp!di|   Ifp8oL?S;  
ـــ ئىدارىدە ئىش يوق ئانا،ھەر كۈنى ئەتىگەندە بېرىپ ،بىرەر سائەت ئايلىنىپ قويۇپ قايتىپ كېلىمىز. +s~.A_7)   7b~uU@L`  
ـــ ئىش يوق دېگەنمۇ گەپمۇ،بالام؟ياش ئادەم ئىش يوق بولسا سوراپ تېپىپ قىلىدىغان ،ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ھارام ئاغان بىلەن بولمايدۇ،بالام. `Wn Q   0s8fF"$  
ساۋۇر كۈلۈپ قويوپ خېمىرنى يۇغۇرىۋەردى،ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ ساددىلىقىنى كەچۈرۈم قىلغاندەك مەغرۇر كۆرۈنەتتى. oH X$k{6   ]R~ hzo  
ـــ ئوھۇش،نۇمۇسۇمنى كەلتۈرمەي قويۇپ قويە بالام، مەن ماۋۇ كىرنى چايقىۋېتىپلا يۇغۇرىمەن. ,Sg33N ?   k/F#-},Q.  
ئانا كىرنى يۇيۇپ بولۇپ ،خېمىرنى يۇغۇردى.ساۋۇر سەيلەرنى ئاقلاپ ،ئوت قالىدى. V`bs&5#Sx   # ,H! 
دىلەيسە قايتىپ كەلگەندە ساۋۇر بىلەن ئانىسى تاماقنى راسلاپ قويۇپ،ئۇنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.ئۇ كىرىپ كارىدور بىلەن ياتاق ئۆيدىكى يېيىلغان كىرلەرنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ ،چىرايىدا مەمنۇنىيەتلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى. v{y{sA   5ms]Wbh)  
ـــ ۋىيەي ساۋۇرجان،بۈگۈن بۆلەكچىلا پاكىز يۇيىۋېتىپسىز جۇمۇ، ـــ دېدى ئۇ.ساۋۇر كۈلدى ۋە ئانىسىنى شەرەت قىلدى،دىلەيسەمۇ شەرەتنى چۈشەندى-دە،ئانىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ،ۋىللىدە بىر كۈلۈپ قويدى.ئانا بولسا تەمكىن  ھالدا  ئاش راسلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.دىلەيسە ئوچاق بېشىغا كۆز يۈگۈرۈتتى.كىچىك كورىدا سەي،ئۈچ تەخسىدە سوزۇپ قويۇلغا ئاش تۇراتتى.كۈندە ساۋۇر ھەممە يەرگە يېيىۋېتىدىغان چىنە،جاۋۇر،چويلىلار پاكىز يۇيۇلۇپ،ئۆز جايىغا  جايلاشتۇرلۇپ قويۇلغانىدى. %K1")s   |J@ &lBlq  
ئانا ئىككى تەخسە لەڭمەننى راسلاپ مېھمانخانا ئۆينىڭ جوزىسىغا ئېلىپ كەلدى.كېيىن ئۆزىگىمۇ بىر تەخسە ئاش ئېلىپ كېلىپ جوزىنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇردى.ئۇ بايا تەمكىن بولسا،ئەمدى خۇشخۇي ئىدى.بىر-بىرىگە زوق بىلەن بېقىشىپ ئاش يەپ ئولتۇرغان كېلىنىگە قارىغانسېرى ھەۋەسلىنەتتى.ئۇ يەتتە يىلدىن بېرى يالغۇز غىزا يەپ كەلدى،ئۇ غىزا ئەمەس،يالغۇزلۇقنىڭ ھەسرىتى ۋە مۇشۇنداق بىر بەختلىك جەملىنىشنىڭ شىرىن ئارزۇسىنى يەپ كەلگەنىدى.ھازىر شۇ ئارزۇ-تىلەكلەر ئەمەلگە ئېشىپ ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتىدۇ.مۇشۇ تاپتا كېلىنى ‹‹ئانا›› دەپ ئۇنى بىر چاقىرسا ،ئۇنىڭ يۈرىكى شادلىقتىن يېرىلىپ كېكەرمىكىن؟ئۇ ئۈچ كۈندىن بۇيان شۇ بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلاشقا قانچە ئىنتىزار  ئىدى-ھە! =~jA oOC@   ]?V:+>t=  
كۈنلەر تېز ئۆتمەكتە،ئانا بالىلارنى ئشقا يولغا سېلىپلا كىر-قات يۇياتتى.ئۆيلەرنى تازلايتتى،تاماق ئېتەتتى.ئۇ ئەپچىللىكى،ئوڭلۇقلىقى،ئىشچانلىقى ھەم مۆمۈنلىكى بىلەن كېلىنىگە ياراپ قالغانىدى.ئۇلار ئەمدى ئەتىگەندە ئۇيقۇسىغا قېنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ-دە،تەييار چاينى ئىچىپ ئىشقا كېتىدۇ،چۈشتە كېلىپ تەييار تاماقنى يەيدۇ.كەچلىك غىزادىن كېيىن كىنو ياكى تىياتىرلارغا كېتىپ،تاڭغا يېقىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كېلىدۇ.ئانا تاكى ئۇلار قايتىپ كەلمىگىچە كۆز يۇمماي ئۆرە ئولتۇرىدۇ. 9/kXc4   x ;SY80D  
ئۆيگە مېھمان كەلگەن كۈنلەردە تۈن تەڭگىچە قىزغىن سۆھبەت بولاتتى.ئانا مۇنداق چاغلاردا ناھايىتى قىزغىن ھالدا ھەممە كىشى بىلەن مۇڭدىشىپ چىقاتتى.ئۇ مېھمانلارغا يېزىدا قالغان قورو-جايىنى ،ساۋۇر ئونىۋېرستېتقا ماڭىدىغان يىلى تىككەن ئەنجۈر،ئامۇت كۆچەتلىرىنىڭ مېۋىگە كىرگەنلىكىنى ھەمدەھەمدە ساۋۇرنىڭ كىچىكىدىكى شوخلۇقىنى ،تا ھېلىغىچە يېزىدىكىلەرئارىسىدا ھېكايە بولۇپ يۈرگەن قەيسەرلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشتا تارتقان يوقسىزلىق  ئازاپلىرىنى خۇددى ھېكايە سۆزلىگەندەك سۆزلەپ بېرەتتى. 1'O0`Me>#   X   
ئانا دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتى-دە،سىرتقا ـــ بىپايان شەھەرگە نەزەر تاشلىدى. E\$C/}T   d %FLk=]  
بىنانىڭ ئالدىدا چوڭ يول،يولدىن ھەر خىل چىرايلىق كىچىك ماشىنىلار،كوچا ئاپتوبۇسلىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.نېرىسىدا بىر-بىرىگە ياندىشىپ تۇرغان قەۋەت-قەۋەت بىنالار،ئېگىز-ئېگىز تۇرخۇنلارنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى،شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدا چوخچىيىپ تۇرغان بىر قىزىل تاغ ئۇنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. Z0* %Rq   VL5VYv=:  
تاغ باغرىدا كۆكۈرۈپ تۇرغان دەرەخلەر، چوققىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇاغان ئېگىز مۇنار تاغنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرگەنىدى،‹‹نېمە دېگەن ئۇز،نېمە دېگەن كاتتا شەھەر،ئوغلۇم راستتىنلا جەننەت ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ›› دەپ پىچىرلايتتى ئانا ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز-ئۆزىگە. X+l'bp]Ry   ?x 0gI   
بىرىنڭ ئىشىكنى  تاراقلىتىپ ئېچىپ كىرگەنلىكىنى تۇيغان ئانا ئىتتىك كەينىگە ئۆرۈلدى.ئۇ ساۋۇر ئىدى.ساۋۇر بۈگۈنمۇ يەنە ئىككى سائەت بۇرۇن قايتىپ كەلگەنىدى.ئۇ گەپ-سۆزسىز ئۇدۇل دېرىزە ئالدىغا كېلىپ كرېسلوغا ئولتۇردى. ئانا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى-دە،گەپ باشلىدى: .Dw,"VHP   3_9CREZCl  
ـــ ساۋۇراخۇن،بالام،مېنى ئاشۇ ئېگىز مۇنار تۇرغان يەرلەرگە ئاپارساڭ،بازارلارنى كۆرسەم بولمامتى. u #~ ;&D*q   GJ`._ju  
ـــ يەكشەنبە كۈنى ئاپىرىپ كۆرسىتەي ئەمىسە،ـــ ساۋۇر سوغاقلا جاۋاپ بەردى-دە،تومپۇچكا ئالدىغا بېرىپ ئۈنئالغۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇپ،يەنە جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۈنئالغۇدىن تانسىنىڭ يېقىملىق مۇزىكىلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى،كېيىن ئاۋازنى بىرئاز پەسەيتىپ قوتدى-دە،قولىنى ئېڭىكىگە تىرەپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ^E,1V5   Z0v?3v}9^  
ئانىسىغا ئوغلىنىڭ مېڭىش –تۇرىشىمۇ ،ئولتۇرىشىمۇ ،خىيال سۈرۈشلىرىمۇ ھەردائىم  ئاجايىپ بىر  يېقىملىق تۇيۇلاتتى.لېكىن چىرايىدىكى  ھرزىرقى  غەمكىنلىك ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئەندىشە سېلىپ قويدى. -^SA8y   :+w6 i_\d5  
ـــ ساۋۇراخۇن،ـــ دېدى ئۇ ئوغلىنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ،ـــ ئەجەپ سولىشىپ كەتتىڭا بالام،بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ،يە؟ d8OL!Rk   v:Gy>&  
ـــ ياق،ـــ ساۋۇر ئېڭىكىدىن قولىنى چۈشۈرۈۋېتىپ جاۋاپ  بەردى. DWm SC}{.   8sBT&A6&j  
ـــ بالام،ئادەمىڭ كۆڭلىنى ئېزىپ ،نېمە ئانداق ئولتۇرىسەن ئەمىسە؟ q SD9Pue   G,B4=[Y  
ـــ ئۆزۈمچە ئولتۇردۇم. |B^G:7c   Nq6'7'x  
ساۋۇر سول تەرەپكە ئۆرۈلدى-دە،ئىچىگە ئۇھ تارتىپ تىنىپ قويدى.ئارىدايەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئۈنئالغۇنىڭمۇ بىر قاپچۇق لېنتىسى تۈگەپ ،‹‹تىرىق›› قىلىپ توختاپ قالدى.ساۋۇرمۇ ئۇنىڭغا لېنتا ئالماشتۇرمىدى.ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە بېشىنى سېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ،بىردىنلا ئانىسىغا قېيدىغان قىياپەتتە قارىدى-دە: HOZRYIQB   1Qf}nWy  
ـــ سەنمۇ ئانا،ئاغزىڭغا كەلگەن گەپنى ئادەم بار-يوق دېمەي دەۋېرىدىكەنسەن،ـــ دېدى. Qh`: #lLUBJ#:
 
ـــ قايسى گەپنى دەيسىنا بالام،ـــ ئانا ئوغلىنىڭ تۇيقسىز قوپاللىقىدىن ھودۇقۇپ كەتتى.ئۇ ئوغلىنىڭمۇ،كېلىنىنىڭمۇ كۆڭلىنى رەنجىتكۈدەك بىر گەپ قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ax|1b`XUr"   x 6`!  
ـــ ئۆيدە مېھمان بار ۋاقتىدا،ـــ دېدى ساۋۇر چىرايى تاتارغان ھالدا،ـــ ساۋۇراخۇن ئۇنداق جاپا تارتقان ،بۇنداق جاپا تارتقان، بىر ئىشتاننى قىشتا پاختىلىق قىلىپ كىيسە،يازدا پاختىسىنى ئېلىۋېتىپ كېيەتتى،دەيدىكەنسەن. خەق زاڭلىق قىلمامدۇ،ئۆزۈڭنىڭ بالىسىنىڭ ئابرويىنى ئۆزۈڭ تۆكۈدىكەنسەن. qf8[!5GM   [s { !  
ـــ داداڭ رەمىتى ئىككىمىز سېنى چوڭ قىلغۇچە نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدۇق،پارتىيە بولمىغان بولسا،ساڭا بۇنداق چوڭ مەكتەپتە ئوقۇش،بۇنداق چوڭ يەرلەردە ئىشلەش ھەرگىزمۇ نېسىپ بولمايتتى. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما،دېگەن گەپ بار بالام،ـــدېدى ئانا تىتىرىگەن ئاۋاز بىلەن ،كېيىن يەنە قېيدىغان ئاھاڭدا قوشۇپ قويدى،ـــ بۇنداق نۇمۇس قىلىدىغىنىڭنى بىلسەم دېمەس ئىكەنمەن. 2Z/K(J"&J   pFd8p@m_2  
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرىدا گەپ بولمىدى.ئەمما  مېھمان كەلگەندە ئانا دالان ئۆيگە چىقىپ كېتىدىغان،گەپ-سۆزلەرگە ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالدى. Em^ (   } p'ZMj&  
شۇ ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ساۋۇر ئانىسىنى بازارغا ئېلىپ چىقتى.بازاردا ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى.ئۇ ئانىسىنى ئۈچ قەۋەتلىك چوڭ بىر ماگزىنغا ۋە باغچىغا ئەكىرىپ ئايلاندۇردى-دە،ئانچە ھايال بولمايلا،كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغۇزۇپ قايتۇرۇپ ئەكەلدى.ئاپتۇبۇستا ئادەم كۆپ ئىدى.ئانا ئىشىكنىڭ بېقىنىدا سىقىلىپ تۇرىۋالدى.ئاپتۇبۇس ھەر بىر بېكەتتە توختىغاندا چۈشۈپ-چىققۇچىلار ئۇنى قىستاپ پۇتلىرىنى دەسسىۋېتەتتى.ئۇلار ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى بېكەتتە ئاپتۇبۇستىن چۈشتى.ئانا بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر پۇتىنىڭ يېنىكلىكىنى سېزىپ،بىر پاي كالىچىنىڭ يوقلىقىنى كۆردى،ئاپتۇبۇس خېلى بۇرۇنلا قوزغۇلۇپ كەتكەنىدى.ساۋۇر يەنە بىر ئاپتۇبۇسقا ئولتۇردى-دە،كەينىدىن كەتتى،ئەمما كالاچ ئاپتۇبۇستىنمۇ،كوچىدىنمۇ تېپىلمىدى.ئانا ئىككى-ئۈچ كۈن كالاچ ساپماي،مەسە بىلەنلا يۈردى.لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تالا-تۈزگە چىققىلى بولمايتتى.تۆتىنچى كۈنى ساۋۇر بىلەن كېلىن بازارغا كالاچ ئىزدەپ چىقتى.تەلىيىگە قارشى   بازاردا  مەسە كالىچى يوق ئىدى.كەچتە ئەر-ئايال يەنە مەسلىھەتلەشتى.ئاخىر ئۇلار ئانىغا دىلەيسەنىڭ كونىراپ قالغان ،لېكىن تېخى ياماق چۈشمىگەن بىر سېرىق توپلىيىنى كىيدۈرۈپ قويدى.ئانا ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشالمىدى.ئۇ خۇددى كېسەلدىن يېڭى قوپقان كىشىدەك ئاۋايلاپلا ماڭاتتى. KQ`=t   8vY-bm,e  
قۇربان ھېيت يېقىنلىشىپ قالدى،ھەممە ئۆيلەر بەس-بەس بىلەن ساڭزا،پىرەنىكلەرنى سېلىپ،بىر-بىرىدىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ئانا كېلىنىگە تازا ئەسقاتتى.ئۇ پۈتۈن ئۆينى تازلاپ،كىر-قاتلارنى يۇيۇپ چىقتى.ئىشىك-دېرىزىلەرنى سۈرتۈپ،ئۆي ئىچىنى چىنىدەك پاكىزلىۋەتتى. Qe$k3!   R2~Tr$:  
ھېيت كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى.ئوۈۇل بىلەن كېلىن ئەتىگەندىلا چىقىپ كېتىپ ئۆيدە ئانا يالغۇز قالغانىدى.ئىككى كۈنگىچە ھېيتلاپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.ھەتتا بېشىغا ئاق كىرگەن،سۆلەتلىك ئادەملەردىنمۇ ئۈچ-تۆت تۈركۈم كەلدى.ئۇ ھېچكىمنى تونۇمايتتى،ئەمما ھەر بىر كىشىگە ئېگىلىپ :‹‹ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن !››دەپ سالام بېرەتتى-دە،يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چاي قۇيۇشقا باشلايتتى،ئەمما ئۇنىڭ پۇتىدىكى توپلىيى مېڭىشقا تولىمۇ بىئەپ ئىدى.ھەتتا بىر قېتىم دالان ئۆيدىن چاي ئېلىپ كىرگۈچە پۇتلىشىپ كېتىپ قولىدىكى چايمۇ تۆكۈلۈلۈپ كەتتى. ;[$n=VX`   >1~ /:DJ  
ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆيگە مېھمان چاقىرىلدى.ئۈنئالغۇدىن شياڭگاڭنىڭ مۇزىكىلىرى ياڭرىماقتا ئىدى.ئاپئاق پەرتۇق تارتىۋالغان دىلەيسە پۈتۈن بەدىنىنى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا كېپىنەكتەك پىرقىراپ ئۈستەلگە نەرسە-كېرەكلەرنى تىزماقتا ئىدى.ئۈستەلنىڭ ئىككى بېشىغا ئىككى چوڭ ۋازىدا ساڭزا،ئوتتۇرسىغا پەتنۇستا نان،ئەتىراپىغا پىرەنىك،باقالى،كەمپۈت،يېمىشلەر تىزىلغانىدى.ساۋۇر ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈپ،كەلگەن مېھمانلارنى يوقۇرى باشلايتتى.ئانا بولسا دالان ئۆيدەئوتياش ئادالاش،سەۋزىلەرنى قەلەم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇنىڭ چىرايىدا باشقىلارنىڭكىدەك ھېيت خوشاللىقى ئەمەس،بىر خىل سۇلغۇنلۇق ھۆكۈم سۈرەتتى.ئۇ مۇشۇ ئايەم كۈنلەردە ئۆز يېزىسىنى،يېزىدا ئۆتكۈزگەن ھېيتلىرىنى سېغىنىپ خىيالغا چۆكتى:‹‹يېزىدا كىشىلەر نامازدىن كېيىنلا  ئالدى  بىلەن تۇل خوتۇن،يېتىم ئوغۇل،ئاغرىق-سىلاق ۋە ياشانغانلارنى يوقلاپ،كۆڭۈل سورايتتى.ئانا ھەر ھېيتتا سەھەر تۇرۇپ،ياغ پۇرىتىپ قۇيماق سالاتتى،مەھەللىدىكىلەرمۇ ئالدى بىلەن ئانىنى يوقلايتتى.ئانا ئۇلارنى ئاجايىپ قىزغىن كۈتۈۋالاتتى.ئۇمۇ ھەر بىر ئۆيگە بىر قېتىمدىن ھېيتلاپ،پەتە ئوقۇيتتى.ئاغرىق-سىلاقلارنى يوقلايتتى.سەھرادا ھايات قايناق ئىدى.ئادەملەر سۈبھى بىلەن تەڭ تۇرۇپ،ئېتىز-ئېرىقلاردا مىدىرلايتتى.ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ قوي-كالا پادىلىرىنى يايلىتىپ، قۇياشنى  دالىدا كۈتىۋالاتتى.بۇ يەردە بولسا،ئادەملەر كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگىچە ئۇخلاپ،بىردىنلا ئۆندەرەپ تۇرۇشۇپ،چايلىرىنى چالا-بۇلا ئىچىپلا يۈگۈرەيدىكەن،يە خىزمەتلىرىگە ئۈلگۈرەلمەيدىكەن.يېزىدا ئىشىك  ئالدى باغۇ-بوستانلىق،سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ،قۇشلار سايراپ تۇرغان،مېۋىلەرنى شېخىدىن ئۈزۈپ يەيسەن.بۇ يەردە ئىشىك ئالدىدا بىر تۈپ دەرەخمۇ يوق.بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستىگە ــــ مۇئەللەققە چىقىۋېلىپ،ھەپتە-ھەپتىلەپ يەرگە چۈشمەيدىغان گەپكەن.توخۇنىڭ كاتىكىدەك كىچىك-كىچىك ئۆيلەر،ئاشخانىسى بىلەن خالاسىنىڭ بىر يەردىلىكى تېخى،ئىشىك ئالدىڭدا كالا مۆرەپ ،توخۇ قاقاقلىمىغان تۇرمۇش تۇرمۇش بولامدۇ؟‹‹چېلەكنى ئېرىققا پاتۇرۇپ –پاتۇرۇپ ئېلىپ ئىچمىگەن سۇنىڭ تەمى بولامدۇ؟››ئانا خىيال سۈرگەچ سەۋزىنى قەلەم قىلىپ بولۇپ ،بىر جاۋۇرغا دۆۋىلەپ ئالدى-دە،دېرىزە تەرەپتىكى ئۈستەل ئۈستىگەئېلىپ قويدى.ئەمدى ئۇ ئۆگرە ئاشنىڭ قىيمىسىغا تۇتۇش قىلغانىدى.ساۋۇر بولسا ئاشقا بېسىلىدىغان گۆشلەرنى پارچىلاۋاتاتتى. 9|W V~   zH8E,)  
ئىچكىرى ئۆيدە تانسا باشلاندى.مېھمانلارغا گۆش سەي بىلەن چاي تارتىلغانىدى.ئۇلار ئالدىراپ ئاز- ئازدىن  ئىچتى-دە،ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇپ تاسىغا چۈشۈپ كەتتى.يېقىملىق مۇزىكىغا ماسلىشىپ پىرقىراۋاتقان تانسىچىلارمۇ ئانىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىدى،ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ يېزا ھاياتىنى سېغىناتتى.سەھرالىقلار مۇڭداشقاق بولىدۇ.ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ كىگىز ئۈستىدە يانپاشلاپ ياتىدۇ-دە،بۇ يەردىكىلەردەك بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى ئەمەس، قايسىبىر ئېتىزغا تېرىغان بۇغدايلىرىنىڭ  بولۇق ئۆسكەنلىكلىرىنى ،كالىنىڭ پالانى ئايدا تۇغۇدىغانلىقىنى ،ئۆتكەن قېتىمدا ئوتۇنغا بارغاندا ئېشىكىنىڭ ھارۋۇنى تىك داۋاندىن توختىماي ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ...ھىكايە قىلىشىدۇ. :c]`D>   <>cS@V5j  
ئىچكىرى ئۆيدىن بوتا كۆزلۈك،چاچلىرىنى دىلەيسەدەك دولقۇن –دولقۇن بۈدۈر قىلغان،يۈزلىرى ئاپئاق(ئۇ ئۇپىنى كۆپ سۈركىگەنلىكتىن يۈزى قەۋەتلا ئاقىرىپ كەتكەنىدى) دىقماق بىر چوكان يېنىپ چىقتى-دە،ئانا بىلەن ئېغىز ئۇچىدىلا سالاملىشىپ قويۇپ، سوغۇق  سەي ياساۋاتقان دىلەيسەنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى.بۇ چوكاننىڭمۇ ئېغىزلىرىنى ئۈمچەيتىپ گەپ قىلىشلىرى،قوللىرىنى قاس چىقىرىپ ئولتۇرىشى،پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئىچكىرى ئۆيدىكى مۇزىكىغا ماسلىشىپ ئويناپ  تۇرۇشلىرىدىن ئارتىسلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.ئۇلار كىمنىڭدۇر تانسىنى ياخشى ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ،يەبە  بىر خانىمغا دۈدۈر چاچنىڭ ياراشمىغانلىقى،قايسىبىر ئەر ئېيتقان ناخشىنىڭ يېقىملىقلىقى ھەققىدە پارڭغا چۈشتى. @pza>^wk   UNdD2Fd9  
ئانا قىيمىنى چاناپ بولۇپ،يەنە بىر جاۋۇرغا گۈرۈچ ئالدى-دە،ئوچاق بېشىدىكى جۈمەكتە يۇيۇشقا باشلىدى.ئۇ گۈرۈچنى ئىككىنچى قېتىم يۇغان سۇنى چايقاپ تۆكۈۋېتىپ ھېلىقى بوتا كۆزلۈك چوكاننىڭ ئۆزىگە كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ كېلىنىگە بىر نەرسە دەۋاتقانلىقىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى. z@VP:au   3^ Yc%  
ـــ ئەجەپ ئوبدانلا بىر خىزمەتچى تېپىۋاپسەن ئاداش،ـــ دېدى بوتا كۆز چوكان. دىلەيسە سوغۇق سەيلەرنى تەخسىلەرگە سېلىۋېتىپ،دوستىنىڭ سوئالىغا بېشىنى كۆتۈرمەيلا جاۋاب بەردى. 5VE2@Fn}   mP(3[a_Q  
ـــ ساۋۇرنىڭ تۇغقىنى ئىكەن،ھازىرچە مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ. SO?8%s(   "n-'?W!  
ئانىنىڭ يۈرىكى ‹‹جىغغىدە›› قىلىپ،كۆڭلى ئېغىپ كەتتى.ئۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيتتى.ئەمما كېلىن يەنە نېمىلەرنىدۇر دەۋاتىدۇ.راست،راست شۇنداق. شۇ چاغ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ساۋۇر ئونىۋېرستېتقا ماڭغان چاغدىكى بىر ۋەقە گەۋدىلەندى.ساۋۇر يۈك –تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئۇ ئانىغا خۇددى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسىنىمۇ،يالغۇز ئانىسىنىمۇ ئەبەدىي تاشلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلغانىدى.ئانا ئىختىيارسىز ئوغلىغا تاشلاندى-دە،ئۇنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.ساۋۇر ئېغىر-بېسىق ھەم كۆيۈمچان ئىدى.ئۇ ئانىسىنىڭ بېشىنى سىتلاپ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندە يەنە مۇشۇ يېزىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ،ئۇنى ئۆز قولىغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئانىغا تەسەللى بەرگەنىدى...ئەمما ئۇ ساۋۇرنىڭ ئانىسى ئەمەس،تۇغقىنى بولۇپ قاپتۇ.ئانىنىڭ پۈتۈن بەدىنى بوشۇشۇپ كەتتى.قوللىرى تىتىرەيتتى،پۇتلىرى دىرىلدەيتتى.بارا-بارا كۆزلىرى قارڭغۇلىشىپ،جاۋۇرنى قويدى-دە،ئورۇندۇققا ئارانلا ئولتۇرىۋالدى. XFqJ 'R   ]Z JoC!u  
كېيىن ئۇ ئاش ئەتتى،ئۈگرىنىمۇ ئۆزى ئەتتى.ئەمما  ئۆيدە بولۇۋاتقان ئىشلار خىيالىغا زادى كىرمىدى،ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىنى ‹‹مەن ئانا ئەمەسمۇ›› دېگەن بىرلا سوئال ئىگىلىۋالغانىدى. P0GeZ02]   X|M!Nt0'  
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى، ئانا كەم سۆز بولۇپ قالدى.بەزىدە بىر يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىچە بىر سائەت شۈك ئولتۇرۇپ قالاتتى،كۆزچاناقلىرىمۇخېلى ئولتۇرۇشۇپ قالغانىدى.ئەمما ئۇيەنىلا بالىسىنىڭ ‹‹ئانا،نېمە بولدۇڭ؟››دەپ ھالسورىشىنى،كېلىنىنىڭ بىرەر قېتىم كۆڭلىنى ئېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.لېكىن بەڭۋاش بالىلار ئانىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەىمىدى ھەم ئۇنىڭ ھالىنىمۇسورىمىدى.ئۇلار كەچ بولسىلا كىنوغا ياكى مېھماندارچىلىققا كېتىدۇ-دە،تاڭغا يېقىن قايتىپ كېلىدۇ.ئەتىگەندە بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلاپ ئورۇنلىرىدىن ئالدىراپ تۇرۇشىدۇ-دە،چاينىمۇ چالا ئىچىپ ئىدارىگە يۈگۈرەيدۇ... G^Tk 20*   XX;4A  
بىر كۈنى ساۋۇر يەنە ئىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن قايتىپ كەلدى.ئۇ كېلىپلا كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ سۇنايلىنىپ ياتتى.ئانا خېلىدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم بىر سۆزلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرەتتى.ئۇ كارۋاتنىڭ قىرىغا كېلىپ ئوغلىغا يېقىن ئولتۇردى.ئۇ خۇددى ھېلىلا بۇقۇلداپ يىغلىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.ئەمما ئۇ يىغلاشقىمۇ،كۆڭلىدىكى دەردىنى تۆكۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ،قىزىرىپ كەتكەن كۆزچاناقلىرىغا يىغىلىپ قالغان ياشلارنى تۈكۈرىكىنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەندەك يوق قىلىۋەتتى. 9NpD!A&64<   0bNvmZ$  
ـــ ساۋۇراخۇن،ـــ دېدى ئۇ ئاخىر تىتىرىگەن ئاۋاز بىلەن،ـــ مەن قايتىپ كېتەي،بالام. olYsT**'   Ae)xFnuq3  
ساۋۇر ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى ۋە ئانىسىغا بىر پەس تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن سورىدى. $u9]yiY.{   JuRoeq.  
ـــ نەگە كېتىسەن؟ /Cr/RG:OX   ? @V R%z  
ـــ ئۆز يۇرتۇمغا. JXU2CyMY   a(Y'C`x  
ـــ نېمە بار ئۇ سەھرادا؟ 6][1 <}8   myx/|-V"F  
  ـــ ھەممە نەرسە بار ئۇ سەھرادا،بالام !ـــ بۇ قېتىم ئانىنىڭ ئاۋازىدا خېلى قەتئىيلىك بار ئىدى،ـــ سىلەر مېنى ئانا دېمىگەن بىلەن سەھادا مېنى ئانا دەيدىغانلار جىق.شۇلارنىڭ يېنىغا كېتىمەن. Iy7pt~DJ,   \lL[08G  
ـــ كىم سېنى ئانا دېمەپتۇ؟ ـــ ساۋۇر سوراق نەزەر بىلەن تىكىلىپ قارىدى. &tI#T)SSs   )W@u g,y  
ـــ سەنچۇ،ئايالىڭچۇ؟ ـــ ئانىنىڭ كۆزىدىن ياش خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ كەتتى،ـــ مېھمانلىرىڭ بىلەن بىردەم-يېرىمدەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرسام ،نۇمۇس قىلىپ نېمە دېمىدىڭ؟ ئايالىڭ قايسى كۈنى بىر خوتۇنغا ‹‹ساۋۇرنىڭ تۇغقىنىكەن›› دەيدۇ.مەن ئاناڭلار بولمىغاندىن كېيىن نېمىش قىلاتتىم كەتمەي،كېتىمەن. ]!{y a8   D6SUzI1+H  
   ساۋۇر لەۋلىرىنى چىشلەپ بىردەم جىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ،بارماقلىرىنى ئاستا قاسىلدىتىپ،ئانىسىغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. C!x/ ^gw   7T[~~V^x  
  ـــ ئانا،ـــ دېدى ئۇ،ئوبدان ئويلاپ باقە ،مەن  دېگەن گەپنىڭ يامىنى بارمۇ ؟بۇ چۇڭ شەھەرنىڭ چوڭلۇقى بار،يېزىغا ئوخشىمايدۇ،ئادەملىرى مەدەنىيەتلىك،سەن ئانداق بالام بىر ئىشتاننى قىشتا پاختىلىق قىلىپ كىيسە،يازدا پاختىسىنى ئېلىۋېتىپ يېلىڭ قىلىپ كىيەتتى،دېسەڭ خەق زاڭلىق قىلمامدۇ.دىلەيسە شەھەردە چوڭ بلغان،يەنە كېلىپ چوڭ باشلىقنىڭ قىزى،دوستلىرىمۇ ھەم شۇنداق ـــ ...ساۋۇر بىردىنلا دۇدۇقلاپ بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن رەنجىگەندەك ئاھاڭدا سورىدى،ـــ بۇنىڭغا نىمە ئانچە خاپا بولۇپ كېتىسەن؟ 8;\sU?   OM'iJB6=  
ـــ ھە،ئۇنداقتا مېنى راستتىنلا ئانا دېمەيدىكەنسىلەر-دە؟ 3I=kr   7KtU\u  
ـــ سەن يەنە خاتا چۈشىنىۋاتىسەن  ئانا. jUMf6^^   vE] ge  
ئانا جاۋاب ياندۇرمىدى،ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتاتتى. sd0r'jb   KdNo'*;U]_  
ـــ ئاڭسىز ئادەمگە بىر نەرسە چۈشەندۈرىمەن ،دېگەن ئادەم ئۆزىمۇ ساراڭ،ـــ ساۋۇر پىشىنى قېقىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. EeQ5vqU   4+olyBht  
ـــ بولدى،بولدى، سىلەرنىمۇ بۇنچە خىجىل قىلماي ،بالام،ئاخىرقى ئۆمرۈمدە داداڭنىڭ قەبرىسى يېنىدا چۆرگىلەپ،ئۆلۈم نۆۋىتى كەلسە،شۇنىڭ يېنىدا ياتاي،مېنى يولغا سېلىپ قوي بالام،كېتىمەن. +8P,s[0 s/1r{;q  
ئانا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ،خۇددى ھازىرلا كېتىدىغاندەك چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئېتىپ،ئۇ چەتتىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. Tupiq   L03I:IJ  
شۇ كۈنى كېچە ساۋۇر بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدا خېلى ئۇزۇنغىچە مەسلىھەت پىشمىدى. ":W%,`@$   lp*5;Ls'q  
ـــ ياق،كەتمەيدۇ،ـــ دەيتتى دىلەيسە تەرسالىق بىلەن. 2y GOzc   eDd& vf  
ـــ قېرى خوتۇن كۆنەلمىسە قانداق قىلىسەن،كېتىمەن دېگەندىن كېيىن كەتسۇن، ~Gv#iRi>   oKGH|iVEe  
ـــ دېدى ساۋۇر ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ. 2%UBw SiqR   o*T?f)_[p  
ـــ ھىچ بولمىسا تۇغقان ۋاقتىمدا بالا باققىلىمۇ كېرەك بولار؟ HK=[U9 o?    ;LS.  
ـــ ختىرجەم بو،بالا باقىدىغان ئادەمنى ئۆزۈم تاپىمەن. U8QX46Br   R;"$PH D  
ئۇنداق بولسا،مەن دەپ قوياي سىزگە.ئۆيىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىسىز،مېنىڭ ھېچنىمە بىلەن چاتىقىم يوق جۇمۇ؟ m6n!rRQ^U   -O} )Y>=}  
ـــ بولدى،بولدى،ھەممىنى ئۆزۈم قىلىمەن ،دېدى ساۋۇر مەيدىسىگە ئۇرۇپ،بۇرۇنمۇ قىلغانغۇ ئۆزۈم. دىلەيسە شۇنىڭ بىلەن جىم بولۇپ قالدى. &*,:1=p   (U\o0L I  
ئۇلار ئەمدى قانداق يولغا سېلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشتى. h#}YKWL   q~>!_q]FE  
ـــ قەشقەرنىڭ ئاپتۇبۇس بېلىتى 38 كوي،ـــ دېدى ساۋۇر بارماقلىرىنى پۈكۈپ تۇرۇپ،ـــ بەش قونسا ياتاققا بەش كوي كېتىدۇ،كۈنىگە بىر كويلۇق تاماق يېسە،يەنە بەش كوي،يەتتە كويغا بىر كالاچ ئالساق،ھە...38 كوي،ئىككى بەش كوي ...يەتتە كوي...ھە،جەمئىي 55 كوي بولىدىكەن-دە ئەستاغپۇرۇللا ،ئىدارىدىن 40 كوي ئېلىپ كەپتىمەن ئەمەسما. $&P?l=UG   W{Qb*{9  
ـــ ئۆزىنىڭ يېنىدا پۇلى يوقمىكەن؟ـــ دەپ سورىدى دىلەيسە. $ 0Yh!L?\   :F d1k Jm  
ـــ ئىككى كوي پۇلى بار ئىكەن ،كالىچىنى ئوغرىغا بەرگەن كۈنى قوشنىسىنىڭ ئوغلىغا بىر ئالا مايكا سېتىۋالغانىدى. ]`=X'fED   !19T=p/:$  
دىلەيسە زاڭلىق قىلغاندەك تۇمۇشۇقىنى  پۈرۈپ قويدى-دە،ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ گەپ ئاچتى: _%@=Uc6V   *Y1s4FXu2  
ـــ سەككىز موچەنلىك ياتاقتا ياتسا بولدى،ـــ دېدى ئۇ،ـــ ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار ئاشخانىدىن تاماق يېمەيدۇ. :Ao!ls' =   J^t0M\  
ـــ تاماقنى قانداق قىلىدۇ ئەمىسە؟ O9h+Q\0\W   X6sZwb  
ـــ ئۆيدىن نان ئېلىۋالسا بولدى. >`T5]_a   uWGp>;meO  
ـــ يەنە يەتمەيدۇ،دېدى ساۋۇر،سىز ھېلىقى پۇلدىن 15كوي بېرىپ تۇرۇڭ. e(B9liXM   .KYs5Qu  
ـــ ۋىيەي نېمىشقا بېرىدىكەنمەن،پىلاتى ئالىدىغان پۇل ئۇ،ـــ دىلەيسە تۇمۇشۇقىنى سوزۇپ تەتۈر قارىۋالدى. D^F{u Dlb   FoIK, MdJ  
ـــ سەت بولىدۇ،ـــ دېدى ساۋۇر ،قوشنىلار نەچچە قېتىم ماڭا ‹‹ئاناڭغا ھېچنىمە ئېلىپ بەرمىدىڭ››دەپ داىتمىلىدى،يۇرتقا شۇنداق بارسىمۇ سەت بولىدۇ،كېيىن مەن سىزگە ئېسىل يوپكا ئېلىپ بېرىمەن.ھازىر 15 كوي بېرىپ تۇرۇڭ. /\d$/~BFi   \>T1&JT  
دىلەيسە چاماداندىن 15كوي پۇلنى  ئالدى-دە،ئۈستەلگە تاققىدە قويۇپ قويدى. alFjc.~}   dyqk[$(  
ساۋۇر يەكشەنبە كۈنى ماڭىدىغان ئاپتۇبۇس بېلىتى ھەم ئەركىن بازاردىن بىر جۈپ كالاچ سېتىۋالدى.سىپىرىخان ئانىمۇ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ،سەپەر تەييارلىقىنى قىلدى.ئۇنىڭ يۈك-تاقىلىرى پەقەت بىر قۇر زاپاس كىيىملىرى بىلەن خۇرجۇنلا ئىدى.شەنبە كۈنى كەچ ئۇ تۈن تەڭگىچە كىرپىك قاقمىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن مەرھۇم يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتقان ۋاقىتلىرى،ساۋۇرنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى چېچەن-ئوماقلىقى كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىر لەپ ئۆتتى. r4 dOK] 0   n n[idw  
ئۇ ساۋۇرنىڭ كىچىكىدە پېشىگە ئېسىلىۋېلىپ ھېچقاچان ئۆزىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ،مەرھۇم داداسىنىڭمۇ،ئۆزىنىڭمۇ توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلارغا بارغاندا داستىخانغا كەلگەن نەرسىلەرنى ئۆزلىرى يىمەي ساۋۇرغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئەسلىگەندە ‹‹ساۋۇر ئۆزگۈرۈپتۇ،ساۋۇر ئۆزگۈرۈپتۇ›› دەپ خۇددى ئايەت ئوقۇغاندەك ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى،ئۇ يەنە ئۈرۈمچىگە ماڭار ۋاقتىدا،يۇرتىدىكىلەرنىڭ توپلىشىپ ئۇزاتقان ۋاقتىدا پات-پات خەت يېزىپ تۇرۇشنى ،ساۋۇر بىلەن كېلىنىنى ئېلىپ كېلىپ ئويناپ كېتىشلىرىنى تاپىلىغانلىرىنى ئەسلىدى.ئۇ ئەمدى ئۆزى كېتىدۇ،شۇ ئاق كۆڭۈل سەھرالىقلارنىڭ ئارىسىغا كېتىدۇ.ساۋۇر بارمايدۇ،ئۇ يېزىنى ئۇنۇتقان،ئۇ بېرىشنىمۇ خالىمايدۇ. كېلىنىمۇ... B/uniR^x   mGz'%?zj  
ئانا ئورنىدىن سەھەرلا تۇرۇپ كەتتى،ساۋۇر نىلەن دىلەيسە مېھمانخانا ئۆيدە شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى.ئۇ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ غەرق ئۇيقۇغا چۆككەن شەھەرگە سوغۇق نەزەر بىلەن كۆز تاشلىدى.سانسىزلىغان چىراغلار يۇلتۇزلار بىلەن بەسلەشكەندەك كۆز چاقنىتىپ تۇارتتى.غۇرقىراپ چىقىۋاتقان كۈز شامىلى دەرەخلەرنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كوچىلارغا يايماقتا،ناگان-ناگاندا ئۇيان-بۇيان ئۆتكەن ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى يېڭىدىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان قايناق ھاياتتىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى.ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانىغا يات تۇيۇلدى.ئۇنىڭ نەزىرىدە ساۋۇرنىڭ يېزىدىن مېھرىنى ئۈزىۋەتكەن ،ئانىدىنمۇ تاندۇرغان  نەرسە مۇشۇ ھەشەمەتلىك شەھەر ئىدى.ئۇ بۇ  شەھەردىن يىرگەندى. كېتىش كېرەك،شەھەر ئۇيغانغىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش كېرەك.ئانا يىراققاـــ تۇمان ئىچىدە گۇڭگا كۆرۈنىۋاتقان غەرپ تەرەپكە قارىدى.شەھەرنىڭ غەرپ تەرىپىدە پاكار-پاكار تاغلار،تاغ باغرىدىكى تۆمۈر يولدىن پويىزبىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئانا يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا ئوغلىدىن قەشقەرنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ، ئوغلى ئاشۇ پويىز گۈدۈكى ئاڭلانغان تەرەپنى كۆرسىتىپ قويغانىدى.ئۇ شۇ يەرەپكە قاراپ چۇڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئۇھ تارتتى. kAzd8nJ'   YC{7;=P f  
تاڭ يورۇشقا باشلىغانىدى.ئانا ئىشىكنى ئېچىپ ساۋۇر بىلەن كېلىنىنى ئۇيغاتتى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى.ئۇ ماشىنا بېكەتكە ئلدىرايتتى.ساۋۇر خۇرجۇننى ئالدى،ئانا كونا بىر ياغلىققا چىگىلگەن يوللۇق ناننى قولتۇقلا پ ئۆي بىلەن خوشلاشتى.كېلىن بىلەن   ئانا ئوتتۇرسىدا ناھايىتى ئاددىيلا ‹‹خوش›› دەپ باش لىڭشىتىش بىلەن خوشلىشىش رەسمىيىتى تاماملاندى.لېكىن دىلەيسە نارازى ئىدى،ئۇ ئانىدىن ئەمەس ،ساۋۇردىن نارازى ئىدى.ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۆي قارانچۇقتىن،ئوڭلۇق،ئىشچان،مۆمۈن،ئايىغى يېنىك خالىسانە بىر خىزمەتكاردىن ئايرىلغانىدى. `cB_.&   M/[9ZgDc  
ئانا ساۋۇرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پەلەمپەيدىن تۆۋەنلەپ،ئۆيدىن يىراقلاشقانسىرى ئوغلى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدا زادىلا ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر داۋاننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزدى.لېكىن ئۇ كۆڭلىدە ئۆز پەرزەنتىگە نارازىلىق ساقلاس گۇناھ بولىدۇ،دەپ قورقاتتى.‹‹ئوغلۇم تېخى بالىكەن،ـــ دەپ خىيال قىلدى،ـــ ئۇلارمۇ ئادەم بولىدۇ.ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولغاندا ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يېتەر.›› ئانا بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ بولغىچە ئوغلى  بىلەن كېلىنىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى. J]/}ojW3   TR?jT U  
شۇ كۈنى ئۇ شەھەرنى،ئۆز ئوغلىنى تاشلاپ يېزىغا، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن سەھراغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 22:01
ناھايىتى كۆپ ئەجر قىپسىز ھەم ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-01-29 22:16
ئەكبەر نىياز ئەپەندىگە ۋە بارلىق مۇنبەرداشلارغا رەھمەت.راستىمنى ئېيتسام بۇتېمام نادىرلانمىدى دەپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولغان ،ئەكبەر نىياز ئەپەندى سىزىپ قالغان ئوخشايدۇ.

ھسداەىقكل 2014-02-18 20:33
ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپسىز

ھسداەىقكل 2014-02-18 20:33
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

gulgina 2014-02-19 11:34
ياخشى


查看完整版本: [-- ‹‹ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار››دىكى پېرسۇناژلارغا باھا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled