ئىگىسىز جۈملىلەرنى ئوقۇتۇشتا
C4eQ.ep
ئىگىسىز جۈملىلەرنى ئوقۇتۇشتا "!PN +gB Ⅰدەرس تەييارلىغان ۋاقىت : - يىل -ئاي -كۈن %I%OHs Ⅱدەرس ئۆتىدىغان ۋاقىت : -يىل -ئاي -كۈن Z$Vd8U;
Ⅲئۆتىدىغان دەرس تېمىسى : ئىگىسىز جۈملە توغرىسىدا چۈشەنچە %d#j%= Ⅳئوقۇتۇش نىشانى : (بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ) ac/ 1.بىلىم بېرىش نۇقتىسى : KqzQLu 1) ئىگىسىز جۈملىنىڭ نېمىلىكىنى مىساللار ئارقىلىق ئىگىلىتىش ~_|ZUb 2)ئىگىسىز جۈملىنىڭ شەكىللىرىنى مىساللار ئارقىلىق ئىگىلىتىش 5>S)+p 3) ئىگىسىز جۈملىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىتىش }/.GB5Ej 4)ئىگىلىك جۈملە بىلەن ئىگىسىز جۈملىلەرنىڭ تۈپ پەرقىنى ئىگىلىتىش fzW!- 2.ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش نۇقتىسى : ;hJz'&UWQ بۇ جۈملە شەكلىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئىگىسىز جۈملىلەرنى تۈزەلەيدىغان،باشقا جۈملە شەكىللىرىدىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان،قائىدىنى مىسال بىلەن باغلىيالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ,O1/|Y 3.ئىخلاق تەربىيە نىشانى :جۈملىلەرنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش،ئانا تىلنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى قىزغىن سۆيۈش. ngC^@*XAw9 4. مۇھىم نۇقتا : 1.ئىگىسىز جۈملە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مىسال ئارقىلىق ئىگىلەش. Ql{:H5 : 2.ئىگىسىز جۈملىلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى مىسال ئارقىلىق ئىگىلەش. N2$uw@s 5.قىيىن نۇقتا : 1.ئىگىسىز جۈملىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ۋە شەكىللىرىنى ئىگىلەش. F`RPXY`ux 2.ئىگىسىز جۈملىنىڭ ئىگىلىك جۈملىدىن بولغان پەرقىنى ئىگىلەش. %>!$eCX Ⅴئوقۇتۇش جەريانى : VrnZrQj< ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : 1.ئالدىن تەييارلىق سىناق :(بوش ئورۇن تولدۇرۇپ جاۋاب بېرىڭ ) )8*}-z (1)‹‹بوران گۈكىرەپ چىقىۋاتىدۇ››دېگەن ئاددىي جۈملە تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ــــــــــــــــــ،
AS/z1M_U ـــــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــ ئاددىي جۈملىدۇر. tX~*.W: (2) ئاددىي جۈملىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئاساسەن : ( ) =
buarxk A.يىغىق ئاددىي جۈملە ۋە يېيىق ئاددىي جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ 6k`O B.خەۋەر جۈملە،سوئال جۈملە، ئۈندەش جۈملە ،ۋە بۇيرۇق جۈملە دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ +h@ZnFp3 C.تولۇق جۈملە ۋە تولۇقسىز جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ HT7I
~]W D.يىغىق ئاددىي جۈملە ۋە يېيىق ئاددىي جۈملە، ئىگىلىك ئاددىي جۈملە ۋە ئىگىسىز ئاددىي جۈملە، تولۇق ئاددىي جۈملە ۋە تولۇقسىز ئاددىي جۈملە دەپ ئۈچ تۈر ۋە ئالتە كىچىك تارماققا بۆلىنىدۇ. >?[?W|k7V 2.يېڭى دەرس مەزمۇنى : دوسكىغا تۆۋەندىكى مىساللار يېزىلىدۇ .( بۇ جۈملىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىگىلىك جۈملە، بەزىلىرى ئىگىسىز جۈملە ) NZz^* Ela (1) بىز بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىمىز. (dwb{+HW (2)مەن ئۆيدىن مەكتەپكە پىيادە كەلدىم. l ;S_ J^S (3) تاپشۇرۇقلىرىمنى تولۇق ئىشلەپ بولدۇم. gfiFRwC`v بۇ جۈملىلەرنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىدە ئىگە ئېنىق ئېيتىلغان،‹‹ بىز،مەن ›› قاتارلىق ئالماشلار جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن .ئۈچىنچى قۈملىدە بولسا ئىگە ئېنىق ئېيتىلمىغان .لېكىن بۇ جۈملە ئىگىلىك جۈملە بولۇپ ،جۈملىنىڭ ئىگىسى خەۋەردىكى سەخس قوشۇمچىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ.يەنە جۈملىنىڭ ئىەىسى ‹‹مەن›،ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىنى بولىدۇ. poy_?7G ئەمدى تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى . 9M-W 1prb (1) بۇ مەسىلىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. MAQ-'s@ (2) ماڭا بۇ يەردىن كېتىشكە توغرا كەلدى. ra8AUj~RX (3) ئىنتىزامنى بۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ. i!eY"|o (4) ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ. SNf~%B?`L (5) جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش كېرەك. r@PVSH/ (6) ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنداش لازىم. ,+X:#$ بۇ ئاددىي جۈملىلەردە ئىگە جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ،ياكى جۈملىنىڭ خەۋىرىدىنمۇ بىلىنمەيدۇ. AmJ
dZs|/ ئۇنداقتا ئىگىسىز جۈملە دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ ED);2*qP} ئىگىسىز جۈملە دېگىنىمىز ـــــ گراماتىكىلىق ئىگىسى يوق،خەۋىرى ھىچكىمگە،ھېچنىمىگە باغلىق بولمىغان ئاددىي جۈملىلەر ئىگىسىز ئاددىي جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. nRT]oAi ئىگىسىز ئاددىي جۈملىلەر تۆۋەندىكىدەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. +G+1B6S (1) ئىگىسى يوق،خەۋىرى ھىچكىمگە،ھىچنىمىگە باغلىق بولمايدۇ. \jZ)r>US" (2) ئىگىسىز ئاددىي جۈملىلەردە ئىگە جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ،ئالدىنقى جۈملىدىنمۇ بىلىنمەيدۇ. )`6OSB (3) بۇ خىل جۈملىلەردە يەنە ئىش-ھەركەت ھېچكىم ياكى ھېچنەرسە تەرىپىدىن ئورۇندالماي ئۆز-ئۆزىدىن ئورۇندالغان بولىدۇ. :B\$7+$v ئىگىسىز جۈملىلەرنىڭ شەكىللىرى تۆۋىندىكىچە : Ocn@JOg خەۋىرى تۆۋەندىكىدەك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. =kCiJ8q| 1.شەخسسىز پېئىللاردىن ئىسىمداشلار بىلەن ‹‹لازىم، زۆرۈر،كېرەك›› سۆزلىرى قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلغان جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. *pAB dP+ مەسىلەن: (1) ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك. /LtbmV (2) ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنداش لازىم . t:v>W8N53 (3) جاپا-مۇشەققەتتىن قورۇقمايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. 7|"$YV'DM (4)مەسىلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەسكىن سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. }o\} qu* 2.يۈنۈلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىمداشلار بىلەن ‹‹بول›› پېئىلى قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلغان جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. -KfMKN~ مەسىلەن: (1)سىزگە ئېتىبار بېرىشكە بولىدۇ. wF59g38[z$ (2)يىغىن مەيدانىدىن خالىغانچە ئايرىلىشقا بولمايدۇ. <7zz"
R (3)بۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا بولىدۇ. M&sQnPFH (4)سىزگە ئېتىبار بېرىشكە بولىدۇ. W7{^/s5r (5)سىزگە ئارىيەت بېرىشكە بولىدۇ. yS3or(K (6)دەرستىن قېلىشقا بولمايدۇ. u
yE#EnsH 3.يۆنۈلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىمداشلار بىلەن ‹‹توغرا كەلمەك››دېگەن ياردەمچى پېئىللار قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلغان جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. H
]!P[? مەسىلەن: (1)ئايرىلىشنى خالىمىسىمۇ ،خوشلىشىشقا توغرا كەلدى. FIu^Qd (2)بۇ مەسىلىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. @hrIu" '! (3)ئۇنىڭغا بۇ يەردىن كېتىشكە توغرا كەلدى. B@ msGb C (4)ئۇلارغا ئېتىبار بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. Uv~|Xj4. (5)ئامال بولمىسا قايتىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ. K}GRU) 4.ئۈچىنچى شەخسنى كۆرسەتكۈچى ئۆزلۈلۈك دەرىجىدە كەلگەن خەۋەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. @2hOy@V مەسىلەن: (1)مەكتەپ قائىدىسىگە رىئايە قىلىنسۇن. `tXd?E/e (2)ئۇلارغا ئەمگەكتە رۇخسەت بېرىلسۇن. 6#\:J0 (3)بۇ ئىشقا نەزەر ئاغدۇرۇلسۇن. xVN!w\0 (4)ئۆگىنىشكە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلسۇن. 6Ypc]ym=J 5.باش كېلىشتىكى ئىسىمداش بىلەن ‹‹مۈمكىن››سۆزى قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلىپ كەلگەن جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. koE]\B2A6 مەسىلەن: (1)ئەتە ئىش باشلاش مۈمكىن. x"cB8bZ!$ (2)بۇ كىتاپتىن پايدىلىنىش مۈمكىن . 7KJ0>0~Et (3)ئەتە ئەمگەككە چىقىش مۈمكىن. W5~!)Ec 6.‹‹غىلى، قىلى،گىلى، كىلى››قاتارلىق مورفىملىرى بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن ‹‹بول››پېئىلى قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلغان جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. j |o&T41 مەسىلەن: (1)تىلنى تىرىشىپ مەشىق قىلسىلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، >hV2p/D (2)بۇ يولدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. Cb.M (3)ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ. 6UL9+9[C (4)سەۋەنلىكنى تونىسىلا ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدۇ. H0.A;` 7.مەقسەت پېئىللىرى بىلەن ‹‹بار،كەل››پېئىللىرى قوشۇلۇپ قوشما خەۋەر ھاسىل قىلغان جۈملىلەر ئىگىسىز جۈملە بولىدۇ. مەسىلەن Q:T9&_| (1)بۇ ئىشنى قىلغۇم بار. GdrVH,j (2)مېنىڭ ئويۇن كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ. )%f]P (3)مېنىڭ ئوقۇشقا بارغۇم بار. |`{$Ego: (4)مېنىڭ ئارام ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ. =qL^#h83y 3.يېڭى دەرسنىڭ مۇستەھكەملەش نۇقتىلىرى: \=xS?(v! 1.ئىگىسىز جۈملە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى jpoNTl' 2.ئىگىسىز جۈملىنىڭ شەكىللىرىنى ئىخچاملاپ چۈشەندۈرش. XV`8Vb Ⅵشەكىللەندۈرۈش سىنىقى:(تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسىنى تاللاپ جاۋاب بېرىڭ) hJz]N$@W 1.ئىگىلىك ئاددىي جۈملە ۋە ئىگىسىز ئاددىي جۈملە ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( ) )e6sg]# A.ئىگىسى ئېيتىلغان ياكى ئېيتىلمىسىمۇ خەۋەردىكى شەخس قوشۇمچىسىدىن جۈمىنىڭ ئىگىسىنى بىلگىنى بولىدىغان ئاددىي جۈملىلەر ئىگىلىك ئاددىي جۈملە بولىدۇ. + ef>ek B.ئىگىسىز ئاددىي جۈملىنىڭ جۈملە تەركىبىدە ئىگىسى بولمايدۇ،جۈملىنىڭ خەۋىرىدىنمۇ ئىگىسىنى بىلگىنى بولمايدۇ. wrK@1F9! C.ئىگىسىز ئاددىي جۈملە دېگەنلىك پەقەت ئەگەشمە بۆلەكلەردىنلا تۈزۈلگەنئاددىي جۈملە دېگەنلىك بولىدۇ. 2 &_>2"=<@ D.ئىگىسىز ئاددىي جۈملىدە ئىگە بولمايدۇ،لېكىن چوقۇم خەۋەر بولىدۇ. 8LXK3D}?3 2بوش ئورۇن تولدۇرۇپ جاۋاب بېرىڭ. {G<1. (1)‹‹جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.››دېگەن جۈملىنىڭ ( ) بولۇپ،بۇ جۈملە يەنە ( ) جۈملە ۋە ( ) جۈملە بولىدۇ. z3>4 xn{ (2)‹‹ئەتىياز پەسلى يېتىپ كەلدى››دېگەن جۈملە ( ) جۈملە،( )جۈملىە،( ) W{j(=<|< جۈملە بولىدۇ. 7+hc?H[&' Ⅶدوسكا لايىھىسى: ئىگىسىز جۈملە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە z92Xc ئىگىلىك جۈملە گۇرۇپپىسى C^,J6;' (1)بىز بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىمىز . ?@MWV (2)مەن ئۆيدىن مەكتەپكە پىيادە كەلدىم. Rz6
kwh=q (3)تاپشۇرۇقلىرىمنى تولۇق ئىشلەپ بولدۇم. dX[Xe 2.ئىگىسىز جۈملە گۇرۇپپىسى u
bZ`Y$ (1)بۇ ئېگىزلىككە چىققىلى بولمايدۇ. 3x
z
z*
< (2)ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنداش لازىم . `R
lWhdE (3)خالىغانچە سەرس قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. &?}h)U#: (4)بۇ يەردىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. Qkw_9 (5)مېنىڭ ئوقۇشقا بارغۇم بار. BrZ17 Ⅷ تاپشۇرۇق :تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ ئىگىلىك جۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرىڭ. fQ_tXY (1) دەرھال بېرىپ كەلسەڭ. Vgy12dE (2) قايتا مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. F>%,}Y~B: (3) ئۇنىڭغا كۆپرەك تەربىيە بېرىش لازىم. sp0_f;bC (4) بىز بارالمايمىز. |47 2X&e (5) ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك. hWb
jA[a/ (6) ئېتىزدىن قايتىپ كەلدى. F^=y+}]= (7) گۈلئەۋزەرگە بۇ يەردىن كېتىشكە توغرا كەلدى. 4% (8) ئەتە تاغقا چىقىش مۇسابىقىسى بولماقچى. |I.5]r-EK (9) ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇشقا بولىدۇ. Xxm7s S (10) مەيداننى ناھايىتى پاكىز تازلاپتۇ. \PmM856=ms ئەسكەرتىش:ئىگىسىز جۈملە توغرىسىدىكى سوئاللار دائىم ئۇچۇراپ تۇرىدۇ،ئەمما ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل جۈملىلەر ھەققىدە بىر قەدەر ئەتىراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۆچۈن توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك كىتابلاردىمۇ ئىگىسىز جۈملىلەر ھەققىدىكى قائىدە-چۈشەنچىلەر بەكمۇ قىسقا ،ئىگىسىز جۈملىلەرنىڭ ئىگىلىك جۈملىلەردىن قانداق پەرقىنىڭ بارلىقى،ئۇنى ئىگىلىك جۈملىدىن قانداق پەرقلەندۈرۈش،ئۇنىڭ قانداق كونكرت شەكىللىرى بار بۇ جەھەتلەردە بىر قەدەر تەپسىلىي چۈشەنچە يوق. 7?
="{; مۇشۇ ئىھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ (1)قازاق س س ر پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلىمى تەرىپىدىن 1966-يىلى ئالمائاتا ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى››( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1983-يىلى نەشىرى) ،(2)سۇلايمان سەپەر( فروفىسسور)نىڭ ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى›› (تۈزۈتۈلگەن نۇسخا) قاتارلىق دەرسلىكلەردىن پايدىلىنىپ تۈزدۈم.بۇ مەزمۇننى مۇشۇ ئاساستا ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارغا بىرقەدەر ئەتىراپلىق بىلىم بەرەگىنى بولىدۇ دەپ قارىدىم.ئەمما يەنىلا مۇكەممەل دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.كەڭ كەسىپداشلارنىڭ يەنىمۇ تولۇقلاپ پايدىلىنىشىنى ،مۇۋاپىق بولمىغان نۇقتىلارغا تولۇقلىما پىكىر بېرىشىنى سەمىمى قوللايمەن. s-l3_210
|