查看完整版本: [-- قارا خان: تەۋپىقداشلارغا تەكلىپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تورداشلار تەكلىپ-پىكىرلىرى -> قارا خان: تەۋپىقداشلارغا تەكلىپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-01-25 10:57

قارا خان: تەۋپىقداشلارغا تەكلىپ

                                              تەۋپىقداشلارغا بىر نەچچە تەكلىپ
   مەن تەۋپىق مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن بۇيان، بۇ مۇنبەر مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى، بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق ماتىرىيال يوللاش، چۈشۈرۈپ پايدىلىنىش، بىر قىسىم مەسللەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش...ئېلىپ بېرىلىدىغان ئانا تىل-يېزىقىمىزدىكى بۇنداق مۇنبەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم، شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، تەۋپىق مۇنبىرى مەن شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك بېسىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى، مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى، بۇ مۇنبەر قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر ماتىرىيال كانى، بىلىم باغچىسى. بۇ مۇنبەرنىڭ مەيلى خاسلىق جەھەتتە بولسۇن، ۋە مەيلى ماتىرىيال سۈپىتى جەھەتتە بولسۇن، ھەر قانداق بىر مۇنبەرنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ دەپ ئېيتالايمەن، گەپنىڭ نېگىزىنى دېگەندە، بۇ مۇنبەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان بارلىق ئەزالارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە!
     مېنىڭچە بۇ مۇنبەر ئەزالىرى بىر توپ ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلاردىن تەشكىل تاپقان، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مۇنبەر ۋە مۇنبەرداشلاردا ئانچە مۇنچە يېتەرسىزلىكلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ ئەھۋال مېنىڭ كۆڭلۈمنى غەس قىلدى.  كونىلار:«دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دەپتىمەن، مەن مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئىخلاسمەن بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن ئۆز كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئېيتماقچى بولدۇم، گەرچە مۇنبەر باشقۇرغۇچسى بولمىساممۇ، كەڭ تەۋپىقداشلارغا ۋەكالىتەن سۆزلەيمەن، پىكىر-تەكلىپلىرىم ياقسا، كەڭ تورداشلار ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ، ياقمىسا مەن دېمىگەن بولاي، سىلەر كۆرمىگەن بولۇڭلار.
    1. مۇنبەرداشلار تىما ئىنكاس يوللىغان ۋاقتىدا ئىملا خاتالىقىغا يول قويىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىل-ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن تۈزۈلگەن بۇ مۇنبەردە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى، گەرچە نۇرغۇن تورداشلار ئىملاغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم تورداشلار ئىملانى بىلمەسلىكىدىن ئەمەس بەلكى، بىپەرۋالىقىدىن ئىملا خاتالىقىغا يول قويىۋاتىدۇ، ئانا تىلنى سۆيۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئانا تىلنى قوغداش شۇئارىنى توۋلاۋاتقان بۇ يولباشچىلىرىمىزنىڭ بۇنداق سەۋەنلىكىنى ھەرگىز كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، ئانا تىلنى ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ چوكىلدىتىپ سۆيۈش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئانا تىلىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سۆيەيلى، ئىملا خاتالىقىغا يول قويمايلى، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئىملا خاتالىقى بار تىما ۋە پۈچەك ئىنكاسلارنى كۆرگەندە، تەھرىرلەپ قويايلى ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلايلى، مۇنبىرىمىزنىڭ سۈپىتى سىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشسۇن.
   2.بەزى تورداشلار تىما يوللىغاندا ماۋزۇغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن، مەسلەن، مەلۇم بىر تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك تىما يوللىغاندا شۇ تېكىستنىڭ ماۋزۇسىنىلا يوللاپ قويىدىكەن، مەن بىر نەچچە قېتىم ماتىرىيال ئىزدىمەكچى بولۇپ، ئىزدەش قورالىدىن ئىزدەپ باقتىم، لېكىن بىر ماتىرىياللارنى تېپىش ئۈچۈن نەچچە تېمىنى ئېچىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇنداق قىيىنچىلقلارغا باشقا مۇنبەرداشلارمۇ دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن تىما يوللىماقچى بولغان ئەزالارنىڭ مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ئۈمىد قىلىمەن، تىما يوللىغاندا تىما ماۋزۇسىدا تېكىست ئىسىمىنى يېزىش بىلەن بىرگە دىتالمۇ ، دەرس لاھىيەسىمۇ، تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىمۇ، دەرس ئايانىمۇ ۋە ياكى تېكىستىنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويساق.
   3.بۇ مۇنبەردە ئەزالار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بارساق، شۇ ئارقىلىق دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنى مۇكاپاتلىساق، بۇنداق بولغاندا ماھىرلارنىڭ قىزىقىشى قوزغىغىلى، مۇنبىرىمىزنى تەشۋىق قىلغىلى، يېڭى ئەزالارنى جەلىپ قىلغىلى، مۇنبىرىمىزدىكى ئوقۇتۇش ماتىراللىرىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى بولىدۇ، مەن مۇنبەرنىڭ ھېچقانداق ئىقدىسادى مەنبەسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى قولىمىزنى بۇرنىمىزغا تىقىپ تۇرساق ياخشى بولمايدۇ، ھەرىكەتلىنىش كېرەك، ئەتراپىمىزدا بۇنداق پائالىيەتلەرنى قوللايدىغان كىشىلىرىمىز ناھايتى كۆپ، ئالدىنقى قېتىم روھلان تورىدا دەرس دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان ئىدى( بىر قېتىم ئەمەس، نەچچە قېتىم ئېلىپ باردى)، نۇرغۇن ئەشالار مۇكاپاتلاندى، مۇكاپات بويۇمىنى روھلان تورى ئەمەس، بەلكى ئىرپان شىركىتى، ئادۋۇكات تورى، ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت تورى، گۇما دىيارى تور بىكىتى، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى، فىلىمچىلىك ماتىرىياللىرى تاللا بازىرى قاتارلىق ئورۇنلار تەمىنلىگەن، تەپسىلاتىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.http://bbs.rohlan.com/thread-18536-1-1.html  ئەلۋەتتە بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن باسقان بۇ قەدىمىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىز قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزدە باھالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان غوللۇق تۆھپىكارلىرىمىز ئاز ئەمەس.
   4.بىر قىسىم ئەزالاردا تىمىغا ئىنكاس يازغاندا «رەھمەت، ياخشى تېمىكەن»، «ئەجرىڭىزگە رەھمەت» دېگەندەك بىرەر جۈملىنى ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويىدىغان ياكى چىراي ئىپادىلىرىنىلا يوللاپ قويىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، شۇڭا بارلىق ئەزالارنىڭ ئىنكاس يوللىغاندا، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ۋەزنى بار ئىنكاسلارنى يوللىشىنى، پۈچەك ئىنكاسلارنى يوللاشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئېسىڭلاردا بولسۇنكى سان مۇھىم ئەمەس سۈپەت مۇھىم.
   داۋامى بار.
باشقا تورداشلارنىڭمۇ پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا قالدۇرسا بولىدۇ.

kaqur 2014-01-25 11:13
ئورۇنلۇق تەكلىپ - پىكىرلەركەن...
بولۇپمۇ بىرىنچى پىكىر ماڭا ياغدەك ياقتى... ئىنشا ئاللاھ، ھەممە ئىشلار تەۋپىقنىڭ تەرەقىياتى بىلەن بىرگە بارا - بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلايمەن...

گۈلنىھال 2014-01-25 11:15
‏‏ياشاپ كېتىڭ قارا خان ، بەك ياخشى تەكلىپ بولدى بۇ. دىمىسىمۇ  بەزى بىر يېتەرسىزلىكلەر مەندىمۇ بار ، باشقىلاردىمۇ ھەم . بولۇپمۇ ئىنكاس يازغاندا رەھمەت ، ياخشى بوپتۇ ، ھارمىغايسىز ..... دىگەندەك  ( ئىلھاممۇغۇ بەزىدە بولىدۇ ، لىكىن ، تەكرارلىنىۋەرسە ، ھالۋىنى كۆپ يىسە  ، زاڭ تېتىيدۇ ، دىگەندەك )  ، تايىنى يوق گەپ سۆزلار بىلەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە  باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلىپ ، ئىنكاس يېزىشتا بىر خىل پىچەكلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدىكەنمىز ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئەلۋەتتە . مەنمۇ مۇنداق تايىنى يوق ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىمەن ، ھەم ، باشقا تورداشلارنىڭمۇ ۋەزىنى بار  ، تەسىرلەنگىدەك ، قايىل قىلارلىق ئىنكاسلارنى يېزىپ ،   مۇنبىرىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشۇشىغا تىلەكداشمەن .

ياسىنجان510 2014-01-25 12:49
بۇ تەكلىپ پىكىرنى قىزغىن قوللايمەن،شەخسەن مەنمۇ بۇئەھۋالدىن خالىي ئەمەس.بۇندىن  كېيىن مۇنبەرنىڭ ئوبرازىنى      قوغداشقا،يازمىلارنىڭ سۈپىتىگە كالەتلىك قىلىشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-01-25 17:45
ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەر ئىكەن ، ھەممىمىز سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىشىشقا تېگىشلىك ! كۆپ رەھمەت !!!

yurtum2006 2014-01-25 20:37
ياخشى دوستۇم .سىزنى ،ئۆزىمىزنىڭ يىزىقىنى ئەلۋەتتە توغرا قوللانساق ياخشى ئەمەسمۇ.

parixta 2014-01-25 21:08
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. مېنىڭچە بارلىق تەۋپىقداشلارغا ياغدەك ياقىدۇغۇ دەيمەن؟

ئايبىكە 2014-01-25 21:24
مۇنبىرىمىزگە قاراتمىلىق تەكلىپ بەرگىنىڭزگە تەشەككۈر.
دەل جايىدا بېرىلگەن تەكلىپ  بەلكىم بىز ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشى مۇمكىن.

شەبنەم 2014-01-27 15:20
نەق يۈرەكتىكى گەپ بوپتۇ .   دادىللىق بىلەن ئۆز -ئۆزىمىزنى ئوپىراتسىيە قىلالىغاندىلا يېڭى پەللىگە  ، روھىيەت ئالىمىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىلىرىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايمىز . ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ‹‹ بىز يوقنىڭ گېپىنى قىلدۇق ،ئەمما  ئېپىنى قىلمىدۇق ›› دەپ ناھايتىمۇ توغرا ئېيتقان . سىزدەك يوقنىڭ ئېپىنى قىلىشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇردىغان مائارىپچىلار مۇنبىرىمىزگە كۆپرەك كۈچ قوشقان بولسا ئىدى ، بەلكىم سەبئىي قارا كۆز ئەۋلادلارغا تېگىدىغان نەپمۇ كۆپ بولار ئىدى............

مىېھرىما 2014-01-27 15:26
بۇ تەكلىپ بەكلا ئورۇنلۇق بوپتۇ. بۇ تەكلىپتىن مەن بەكرەك دىققەت قىلاي دەپ ئويلاپ قالدىم  .چۈنكى ئىملاغا دىقەت قىلماي، خەتنى تىزراق ئۇرۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىش ئەھۋالى مەندە ساقلىنىپ قاپتۇ. مەن قەتتىق دىققەت قىلاي.

سەئىدىيە 2014-01-27 23:19
ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەر ئىكەن . بۇ مۇنبەرنىڭ   ھەر- بىر  ئەزاسى چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك
مەسلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ . داۋامىنى ئاڭلاشقا تەقەززا مەن .

ھاتەھاتەم 2014-05-23 11:32
بۇ تەكلىپ بەكلا ئورۇنلۇق بوپتۇ.


查看完整版本: [-- قارا خان: تەۋپىقداشلارغا تەكلىپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled