查看完整版本: [-- ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-01-23 15:05

ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟

تىلۋۇزۇردىن بىرنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلۇشۇپ چىقىۋاتقان ئىلانلاردىن بىزار بولۇپ ئاكامنىڭ ئوغلى بىلەن بىردەم بالىلارچە ئويۇن ئوينىشىم كەلدى- دە، دادامنىڭ بۇ ئەتىۋارلىق نەۋرىسىگە ئاتاپ تۈرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە بالىلار كىتاپلىرى بىلەن تولدۇرۋەتكەن كىچىك ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئىشىكنى ئەمدى ئاچاي دىيىشىمگە ئۆي ئىچىدىن ئاكامنىڭ ئوغلىنىڭ شۇنداق غەزەپلىنىپ ۋاقىراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. b Oh[(O!  
- مەن دېگەن ئۇيغۇي،شىژ ئەشكىكەنشىژ، بىژ ئۇيغۇي ...   5&U?\YNLa  
- مەنمۇ سېنى ئۇيغۇي ئەمەسكەن دىمىدىم،ئۇيغۇر ئەمەسكەن دېدىمغۇ ،ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى بىلمەيدىكەنسەنغۇ؟ 1NlpOVq:)  
- شىژ ئەشكى، شىژ بىلەن ئوينىمايمەن،كىچىك ئاپا،كىچىك ئاپا ... 3 _DJ  
- نىمە بولدۇڭ قوزام؟-ئۇنىڭ تەپچەكلەپ ۋاقىرىغىنىنى ئاڭلاپ  تاقەت قىلىپ تۇرالماي دەرھال ئۆيگە كىردىم. Z oKXao  
-بۇ قىژنى كەتكۈژۈڭ، ئۇ ئەشكى ئەشكى قىژ،بىژنى ئۇيغۇي ئەمەش دەيدۇ،- ئۇ ئۆمچەيگەن ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ دەرھال ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ چەك قويۇلمىغان بالىلارچە تاتلىق گەپ قىلغىنىدىن كۆڭلىم  ئېرىپ دەرھال ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم. 6CWm;%B#G  
- ئىككىڭلار ئالدىرىماي سۆزلەڭلار،ھە زۇلپىقار ساقام،سەن ئالدىدا دەمسەن ياكى بۇ قىزچاق دىسۇنمۇ؟؟ }cy<$=c#E_  
hKK"D:?PRs  
  بىر سائەتنىڭ ئالدىدا بىرىنجى قەۋەتتىكى قوشنىمىز ئەر- ئايال ئىككىسى بىر جىددى ئش بىلەن سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ،كەلگەندە ئېلىپ چىقىپ كېتىمىزدەپ قىزىنى ئەكىرىپ قويغاندا،  شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئاكامنىڭ ئوغلى شۇنداق خۇش بولۇپ سەكرەپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ھېلى ئويۇنچۇق بېرىپھېلى يەيدىغان نەرسە بېرىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغان ئىدى. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ رەنجىشىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟؟......بۇ ئىككىسى تەڭ دىمەي بىر يىلنىڭ بالىللىرى ئىدى.زۇلپىقار ئوغۇل بولغاچقىمۇ قىزچاقتىن ئازراق ئىگىز ئىدى. بىراق ئىككىسى سۆز قىلسا قىزچاقنىڭ شۇنداق تولۇق پىششىق گەپلىرى بىزنىڭ بۇ ئەركە نەۋرىنىڭ ھەممىنىڭ ئەركىلىتىشى بىلەن ئەركىلەپ سۆزلەپقىلغان گەپلىرى ئالدىدا ئۇنى ھدىسىدەك كۆرسىتەتتى. UbwD2>  
- نىمە بولدى؟ قېنى سەن دىەىنە زۇلپىقار ؟ n<7R6)j6  
-مەن بوۋام موماملارنىڭ ئۆيىدىكى دەنشىدىكى دوڭخۇاپىيەن ياخشى ئەمەس دىيەنناۋدىن يۇشىجى ئوينايلى دىسەم بۇقىز ئۇنىمىدى. 1QuR7p  
-ئۇنداق ئەمەس، مەن سەن ئوينىساڭ ئوينا، مەن موماڭلانىڭ ئۇخلايدىغان ئۈيىدىكى تىلىۋۇزۇردا كارتۇن فىلىم كۆرەي دىسەم ئۇ تىزگىنەكنى بەرمىدى. UazUr=| e  
- يالغان مەن ئۇ نەرسىنى ئالمىدىم، مېنىڭ ئالغىنىم ياۋكۇڭ تۇرسا،ئۇ قىز تىزگىنەكنى بەر، بەر دەيدۇ ... _/[(&}M  
-سەن شۇ تىزگىنەكنى بەرمىدىڭغۇ؟ Q pbzx/2h  
- ئۇ قىز تېخى مېنى ئۇيغۇي ئەمەس دىدى. #v4q:&yKf  
- ھوي بۇ قانداق گەپ،نىمىشقا ئۇنداق دىدىڭىز؟ f9&po2Pzf  
- ئۇ ئۇيغۇر ئەمەسكەن، توشى دەپتۇرۋالدى. مەن كەش دىگەىن دىسەم، مېنى ئورۇس دېدى،- قىزچاق بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، چۇڭۇلداشقا باشلىدى،- ئۇ يېنە تىزگىنەكنى قولىدا تۇتۇۋېلىپ ماڭا بەر دىسەم، بۇ دىگەن ياۋكۇڭ، تىزگىنەك دىىگەن نىمە دەپ تۇرۋالدى. ئاپام دادام ماڭا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى،ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى دىيەلمىسەك بىز ئۇيغۇر بولمايمىز دىگەن،ئۇ ئۇيغۇرچە گەپلەنى بىلمىسە قانداق ئۇيغۇر بولدۇ ھەدە؟... };;6706a  
كىچىككىنە تېخى بەش ياشقىمۇ توشمىغان قىزچاقنىڭ سوئالى بىلەن بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. نىمە دىيىشىمنىبىلەلمەي، مىھمان خانىدا دادام -ئاپاملار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاكام يەڭگەملەرنى چاقىردىم: -r"h [UV)  
-ئاكا-يەڭگە بۇياققا كىرىڭلار... gkDlh {  
مەن بۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئۇ ئىككىسىگە ئىتتىرىپ قويۇپ ئىشىك يۇچۇغىدىن قاراپ تۇردۇم. كىچىككىنە دىزچاق نىملەرنىدۇ دەپ ئۇلارغا سوئال قوياتتى،ئاكام يەڭگەمنىڭ گاھ تاتىرىپ، گاھ قىزىرىپ، مىللەتنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا تۇرغاندەك تەرلەپ -پىشىپ تۇرغان ھالىتى ماڭا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىيەلمەيۋاتقان،ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلالمايۋاتقان، بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل،ئاندىن باشقا تىلنى ئۈگۈتىشنىڭ مۇھىملىقىنى«ئۆزىنى بىلگەندە ئۆزگىنى بىلگىلى بولدۇ» دىگەن قىممەتلىك تەپەككۇر مىۋىللىرىنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلىپ يەتمىگەن ئويلىنالمايۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ قىياپىتىنى كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى...(بۇ قاتاردا قىزچاقنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغان مەنمۇ بار ئەلۋەتتە) . ];o[Yn'>o  
VM[Vh k[  
tO ^KCnL  
  ئۇندىداردىن ئېلىپ بېسىپ يوللىدىم، ئىجادى پايدىلىنارسىلەر. مىېھرىما

ئەكبەرنىياز 2014-01-23 20:35
ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ! «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ، ئانا تىلنى ئونتۇش جىنايەت »دەپتىكەن قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف !

مىېھرىما 2014-01-23 21:02
دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق ئۇستاز.رەھمەت.

قاراخان 2014-01-23 21:05
كىچىك بالىلار ئەقلىنى تېپىپتۇ، مانا! بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى.

مىېھرىما 2014-01-23 22:08
رەھمەت سىزگە .توغرا ېيتىڭىز.

ياسىنجان510 2014-01-24 11:26
ياخشى يازما ئىكەن تەربىيىۋى قىممىتى يوقۇرى يازما دېيىشكە ئەرزىيدۇ.

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 14:34
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى.

مىېھرىما 2014-01-27 15:20
رەھمەت سىلەرگە .ياقتۇرۇپ ئوقغانلىقىڭلاردىن خۇرسەن بولدۇم.

شەبنەم 2014-01-27 15:49
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن : ‹‹ ئانا تىل ئۆزۈڭنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ .باشقا تىللار مىكىراسكوپ ، تېلىسكوپ قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشايدۇ ، بۇ ئۈسكۈنىلەر ھەر قانچە ئىلغار بولغان تەقدىردىمۇ ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ كۆزى ساق بولىشى كېرەك ›› دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان .  ‹‹ساق كۆز››گە ئىگە قىلىش ، كۆزى ئەڭ ساق بولۇشتا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئەڭ ئېغىر مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئالغانلاردۇر !!!

مىېھرىما 2014-01-27 16:46
شەبنەم:ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن : ‹‹ ئانا تىل ئۆزۈڭنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ .باشقا تىللار مىكىراسكوپ ، تېلىسكوپ قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاي .. (2014-01-27 15:49) 
qEC -'sl<  
توغرا دەيسىز .رەھمەت سىزگە.

سەئىدىيە 2014-01-27 23:09
ئانا تىلنى قەدىرلەش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتىمىز . ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ! e_Na_l]  
bce>DLF  
ياخشى تىما ئىكەن .

tawpek 2014-01-28 15:33
ھەممە تەربىيەگە باغلىق دىسە. 99%oY  
5[.Dlpa'7  
ئۈندىدار ھازىر توكتىن چىققان چۈچىدەك بولوپ كەتتى، مەنبەسىنى تاپقىلى بولمايدىغان،  بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس،  7e\g  
3n;UXYJ%  
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۆش كىرەكتى. hu (h'  
0 1U/{D6D  
مۇنبەرگە مۇنبەرلەردىن كۆچكەن ئۈندىداردىكى ئىگە چاقىسىز تېمىلارنى قايتا خەت بىسىپ تەكرار جاپا تارىتقۇچە كەسپىڭىز بولغان پەننىڭ كىتاپلىرىدىكى مۇنبەرگە يوللانمىغان يەرلىرىنى بىسىپ كىرگۈزسىڭىزچۇ؟ tbHU(#~  
N|[P%WM3  
QXZjsa_|  
ياكى ياختۇرغان كىيتاپتىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئۇنىڭدىكى ياققان تەرەپلەرنى دىگەندەك.

گۈلنىھال 2014-01-29 01:45
‏ئانا تىلنى بىلمەسلىك ھەم سۆزلىيەلمەسلىك باللاردىكى ئەمەس ، بىز ئاتا - ئانىلاردىكى مەسئۇلىيەت . نىمىشقا بىز باللىرىمىزنى ئۆز مائارپىمىزدا تەربىيەلىمەي ، باشقا مائارىپتا تەربىيەلەشكە ئالدىرايمىز ؟  ئۆزىمىزدىكى گەپ بۇ .  ھازىر قېرىنداش مىللەتلەر مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان باللىرىمىزنىڭ سانى يولداشلارنىڭكىدىن نەچچە  ھەسسە  كۆپ . (  بىزنىڭ ناھىيەدە شۇنداقمىدۇ يا ؟ ) O,(p> 
‏بۇلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن  باللىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ، يېزىقىنى بىمالال ئىشلىتەلمەي ، چۈشىنەلمەي ، خۇددى «  ئۇرۇقنىڭ موزىيى » دەكلا بىر نىم بوپ قېلۋاتمامدۇ مانا ! ھە ....  كىمدىن كۆرەتتۇق بۇنى ؟!!!

مىېھرىما 2014-01-29 16:46
شۇنى دىمەمسىز گۈلنىھال.مەنمۇ كۆرۇپ مۇنبەردە بىللە كۆرۈپ ئورتاقلىشايلى دىگەن مەخسەتتە يوللىغان ئىدىم ..سىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled