查看完整版本: [-- قارا خان: «تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> قارا خان: «تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-01-23 00:03

قارا خان: «تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟

«تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟دېگەن بۇ مەسلە بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزدا ئىزچىل تالاش-تارتىش ئىچىدىكى بىر مەسلە بولۇپ كەلدى، بەزىلەر باش پىرسۇناژنى ژىيول دېسە، يەنە بەزىلەر فىلىپ ئەر-ئايال دېدى، بىزنىڭ يۇقىرىدىن تارقىتىۋاتقان ھەر تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىمۇ بۇنىڭ جاۋابى ھەر خىل بولدى، ھەر كىم ئۆزى بىلگەن مۇقامغا توۋلىدى، بۈگۈن مەن مانا مۇشۇ مەسلىنىڭ باشقا مىللەتلەردە قانداق تەھلىل قىلىنغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، خەنزۇلارنىڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىيات مۇنبىرىگە كىرىپ، كۆرۈپ باقتىم، بىر پارچە ماقالە ماڭا يارىدى، شۇڭا مۇشۇ ماقالىىنى تەرجىمە قىلىپ تەۋپىقداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. :rk]o*  
                                                    «تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ زادى كىم؟ 6 `X#<#_&  
                                                             ئاپتورى: خو فۇچىڭ LL kAA?P  
    مەن فىرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ «تاغام ژىيول» ناملىق ھېكايىسىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمدا، « ‹تاغام ژىيول›دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟» دېگەن سۇئالنى لاھىيىلىدىم ھەم دەرسخانىدا ئوتتۇرىغا تاشلىدىم، بەزى ساۋاقداشلار:«فىلىپ ئەر-ئايال» دەپ جاۋاپ بەرسە، يەنە بەزى ساۋاقداشلار «ژىيول» دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئۇلاردىن سەۋەبىنى سورىسام، ئۇلار قولىدىكى پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا شۇنداق دېيىلگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدىكى ماتىرىياللارغا قارىسام، «فىلىپ ئەر-ئايال ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ» دەيدىغان جاۋاپتىكى ماتىرىياللار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. مەسلەن:«تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات يانداشما مەشىق»(ئىقتىساد كۈندىلىك گېزىتى نەشىرىياتى)، «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مەشىقى» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى)... قاتارلىقلار، ئۇنداقتا، بۇ ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ زادى كىم؟ i~ zL,/O8  
    بىز بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «ئەدەبىيات لۇغىتى»دىكى «باش پىرسۇناژ» نىڭ ئېنىقلىمىسىغا قاراپ باقايلى. «باش پىرسۇناژ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژدۇر، يەنى ئەسەردە  ئاپتور تەرىپىدىن كۈچەپ تەسۋىرلەنگەن بىر ياكى بىر نەچچە ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللەيدىغان مەركىزىي پىرسۇناژدۇر. ئەسەردىكى زىددىيەت توقۇنۇش ۋە ھېكايە ۋەقەلىكى باش پىرسۇناژنى چۆرىدەپ تۇرۇپ قانات يايدۇرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە پىرسۇناژلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىمۇ باش پىرسۇناژ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق باش پىرسۇناژنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ». مانا بۇ ئېنىقلىمىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلۇم بىر پارچە ئەسەردىكى باش پىرسۇناژغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى چوقۇم ئۇنىڭ ئەسەردىكى زىددىيەت توقۇنۇش ۋە ھېكايە ۋەقەلىكىدە تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراش كېرەك. ئەمدى بىز مانا مۇشۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسەن ئەسەردىكى فىلىپ ئەر-ئايال ۋە ژىيول ئوبرازىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. Jw;J$ u!d  
     ژىيول ئوبرازى ph^qQDA  
    ئەسەردىكى ژىيۇل ئوبرازىنى ئاپتۇر كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە مەغلۇپ بولغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن، ژىيول ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە ياشايدۇ، كاپىتالىستىك تۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ بوياق ئىدىشىدا ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسى ۋە يامان ئادەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان، ھەتتا فىلىپ ئەر-ئايال تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ھەيدىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئائىلىدىن جەمئىيەتكە قەدەم قويغان، كاپىتالىزىمنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئويلىمىغان يەردىن بىر مەزگىل ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، چوڭ بىر دۇكان ئېچىپ، چوڭ سودىلارنىمۇ قىلغان. ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمايلا، رىقابەت سەھنىسىدە ئاخىرى مەغلۇپ بولغان، ئىگىلىكى ۋەيران بولغان، شۇ سەۋەپتىن ھەممە يەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئۆيى تۇرۇپمۇ قايتالمىغان، ئاخىرى پاراخۇتتا پاناھلانغان.  قۇلۇلە سېتىپ جېنىنى باققان، ناھايتى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. ژىيولنىڭ كەچۈرمىشى گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭدا كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىزناسى بار، ئىنتايىن ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە. يەنە بىر جەھەتتىن ئاپتور يەنە ژىيولدىن ئىبارەت بۇ پىرسۇناژ ئارقىلىق كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىممەت ئۆلچىمى ۋە كىشىىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. بۇ مانا بۇ ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى. ئەسەردىكى تەسۋېرلىنىش ئورنىدىن قارىغاندىمۇ ژىيول ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان مەركىزىي پىرسۇناژدۇر، يەنە ھېكايە ۋەقەلىكى نوقتىسىدىن قارىساق، ژىيول ئۆيدىكى پۇلنى خەجلىگەن ۋاقىتتا «بىر پۇڭغىمۇ يارىماس»، «بىكار تەلەپ»، «يارىماس»، «بالا-قازا» دەپ ئاتالدى، ئامېرىكىدا بېيىپ كەتكەنلىك ھەمدە قايتىپ كېتىپ ئاكىسى بىلەن خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كەلگەندىن كىيىن بولسا  ھەممەيلەن ئۇنى ئائىلىنىڭ «ئۈمىدى»، «بەختى» دەپ قاراپ، ۋىجدانى بار، ياخشى ئادەمگە ئايلاندى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنى سېغىنىدۇ، ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ نامراتلاشقان ھالىتىنى كۆرگەندىن كىيىن بولسا فىلىپ ئەر-ئايال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى، قورقتى، ئۇ يەنە «ئوغرى»، «يالاڭتۆش» كە ئايلاندى، زەھەرلىك يىلاندىنمۇ بەتتەر كۆردى. قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى يەۋىتىدىغاندەك ھېس قىلىشتى. قىسقىسى، ژىيولنىڭ تەقدىرىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن، فىلىپ ئەر-ئايالمۇ ئۈچ خىل پوزىتسىيەدە بولدى. دېمەك، ئەسەرنىڭ زىددىيەت توقۇنۇشى ۋە ھېكايە ۋەقەلىكى ژىيولنى چۆرىدەپ قانات يايغان. «باش پىرسۇناژ»نىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنى ژىيول دەپ قاراشقا بولىدۇ. W c-P= J*m  
     فىلىپ ئەر-ئايال u) fbR  
    ئۇنداقتا فىلىپ ئەر-ئايال بۇ ھېكايىدە قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ ئەسەردە ژىيولنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، يەنە فىلىپ ئەر-ئايال ئوبرازىنىمۇ ياراتقان، ئۇلار ئىنتايىن ئاجىز، شەخسىيەتچى، ئاچكۆز، رەھىمسىز بولۇپ، ئىنتايىن بىچارە ۋە پەسكەش پۇلپەرەس، ئۇلار گەرچە چېكىدىن ئاشقان رەزىل بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روھى كاپىتالىستىك تۈزۈم تەرىپىدىن چىرىتىلگەن، ژىيۇلنىڭ ئۆزگىرىشچان تەقدىرى ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان دېرىزىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرىنى، روھىي دۇنياسىنى بىردەمدە كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئاپتور ژىيولنىڭ تەقدىرىنى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، ئەر-ئايال فىلىپنىڭمۇ روھىي دۇنياسىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئۆزگىرىشنى تەسۋىرلىگەن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە فىلىپ ئەر-ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدەك رەھىمسىز ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن. شۇ ئارقىلىق باش تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يورۇتقان. گەرچە ئەسەردە ئاپتۇر فىلىپ ئەر-ئايال ئوبرازىنى تەسۋېرلەشكە بەكرەك كۈچىگەن بولسىمۇ، يەنىلا باش تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىپ بېرىش رولىنى ئوينىغان، شۇڭا فىلىپ ئەر-ئايالنى ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ دېيىشكە بولمايدۇ. mxP{"6  
     نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنى فىلىپ ئەر-ئايال دەپ قارايدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئاپتۇرنىڭ مۇلاھىزە شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، ھېكايىنىڭ تېمىسى« تاغام ژىيول»، ئەمما ئەسەردە «مەن» نىڭ بايان تىلى ئارقىلىق ۋەقەلكنى قانات يايدۇرغان، «مەن»نىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ژىيول تاغىسىغا بولغان ئۆزگىرىشچان پوزىتسىيەسىنى تەپسىلىي يازغاچقا باش پىرسۇناژ بولغان ژىيول ئىخچام، غۇۋا يېزىلغان، ئۇنىڭ كۈچۈرمىشىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق، ئىگىز-پەسلىك، ياش ۋاقتىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق، ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىكى كۆرەڭلىك، ياشانغان مەزگىلدىكى پەسكويلۇق ...قاتارلىقلار ئەسلىدە يازسا بولىدىغان نوقتىلار ئىدى، ئەمما ئاپتور بو نۇقتىلارنى پەردە ئارقىسىغا قويۇپ، فىلىپ ئەر-ئايالنى پەردە ئالدىغا چىقارغان، فىلىپ ئەر-ئايال گەرچە پەردە ئالدىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى ژىيولنى چۆرىدەپ قانات يايغان، ئۇلارئەسەردە باش پىرسۇناژ بولماستىن بەلكى،  پەردە ئالدىدىكى «ئەرزىمەس»لەر، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پىرسۇناژنىڭ باش پىرسۇناژ ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا پەقەت ئەسەردە ئاز ياكى كۆپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغىلا قارىساق بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەسەر ۋەقەلىكىدە تۇتقان ئورنىغا، ئەسەر سىيۇژىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زىددىيەت تۇقۇنۇشتا ئوينىغان رولىغا قارايمىز. Q$V xm+  
مەنبە: جۇڭخۇا تىل-ئەدەبىيات تورىدىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمىدە قارا خان. TtKBok  
T5W r;a  
s+Ln>c'|o  
ئەسەرنىڭ خەنزۇچىسى مانا، سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار. z\fD}`^8  
我在教读法国作家莫泊桑的小说《我的叔叔于勒》时,设计并提出了这样一个问题:“这篇小说的主人公是谁?”有的同学回答是“菲利普夫妇”;有的同学说是“于勒”。我问学生的理由依据,他们说是手中的参考书上的答案。我查看了学生的参考书,其中持“菲利普夫妇是小说的主人公”观点的资料偏多,如《初中语文同步学习手册》(经济日报出版社),《初中语文学习手册》(新疆青少年出版社)等。那么,这篇小说的主人公究竟是谁呢? #r:J,D6*  
            为了弄清这个问题,我们不妨先看看《文学辞典》中给“主人公”下的定义:“主人公是文学作品的主要人物,即作者所着力刻画的一个或几个在作品中占居主导地位的中心人物。作品中的矛盾冲突和故事情节紧紧围绕主人公展开,其他次要人物的出现及其活动,也以主人公及其活动为中心,并对主人公起一定的映衬作用。”从定义中可以看出判断一个作品中主人公的主要依据是看他在作品的矛盾冲突和故事情节中的地位和作用。我们再根据这个定义来分析这篇小说中的人物——于勒和菲利普夫妇。 LFV;Y.-(h  
&<.Z4GxS  
              小说中的人物于勒,作者是把他作为资本主义社会中的一个受害者和失败者来写的。于勒生活在小职员家庭中,在资本主义社会这个大染缸里,他从小就沾染上了资产阶级思想和恶习,被菲利普夫妇驱逐到了美洲。从此,他由家庭进入社会,在资本主义自由竞争中,居然阔绰过一阵,开了一个大店铺,做了一桩很大的买卖。但是好景不长,在竞争场中终于失败了,破了产,到处流浪,有家而不得归,最后被收容在海轮上,靠卖牡虫厉为生,过着悲惨的生活。于勒的身世沉浮,在资本主义社会里,具有一点时代的眉目,很有代表性。另一方面,作者从于勒身上还形象地揭示了资本主义社会人的价值标准和人与人之间关系的本质——金钱,这是这篇小说的主题思想。也就是说从小说所表现的中心看,于勒是占居主导地位的中心人物。再从小说的情节来看,当于勒花了家里的钱时,便“一文不值”,成了全家的“恐怖”“坏蛋”“流氓”;当他在美洲发了财,并愿意回来与哥嫂同过快乐生活时,哥嫂便把他当成“希望”“福音”,成了“正直的人”“有良心的人”,全家念叨着他,盼望着他。当他又成了穷光蛋时,哥嫂对他躲之唯恐不及,避之唯恐不远,他又成了“贼”“流氓”,被视若毒蛇猛兽,怕重新回来吃他们。也就是说于勒三次变化身世,菲利普夫妇对于勒的态度也变化了三次——小说中的矛盾冲突和故事情节是紧紧围绕于勒展开的。根据“主人公”的定义和以上分析就可断定:小说的主人公是于勒。 5\EHu8  
M}/%t1^g:  
              那么,菲利普夫妇在小说中起什么作用呢?小说以于勒这个形象为中心,还着力刻画了菲利普夫妇。菲利普夫妇虚伪、自私、贪婪、冷酷,有着一副可怜又可鄙的拜金相。他们虽不是什么大奸大恶,但他们的灵魂,已被资本主义社会腐蚀透了。于勒变化着的身世,好像一扇窥测他们灵魂的窗子,从中可以一下子洞察他们内心奥秘、灵魂深处。作者让于勒三次变化着身世,菲利普夫妇对于勒的态度也变化三次,前后迥异,强烈对比,把菲利普夫妇的内心世界充分展现出来,把资本主义社会人与人之间冷酷无情的金钱关系,表现得淋漓尽致,进一步深化了主题。也就是说,作品虽花了较多笔墨,着力刻画了菲利普夫妇,但矛盾冲突和故事情节不是围绕菲利普夫妇展开的,写菲利普夫妇是情节发展的需要,又起到了进一步揭示和深化主题的作用。所以说菲利普夫妇不是小说的主人公。 3 
$V`O%Sz  
            为什么有人认为这篇小说的主人公是菲利普夫妇呢?我想这与作者的构思方式有关,小说题为《我的叔叔于勒》,但小说以“我”为叙事的主体贯穿全篇,用明线,详写“我”的父母对于勒叔叔的态度的变化,主人公于勒却是作为暗线,虚写和略写的,他的身世浮沉、际遇坎坷,年轻时放荡,中年时得意,老年时沦落,本有许多可写之处,但作家却把这些都置于幕后,而把菲利普推到幕前。菲利普虽在幕前表演,但他们的一举一动都是围绕“于勒”展开,他们只不过是幕前的“小丑”,而不是主人公。因此,我们判定一个人物是否是主人公,不能只看明暗虚实或着笔的详略,而应看人物在表现中心方面的地位,在故事情节发展和矛盾冲突中所起的作用。 zL)S,  
作者:霍福清 文章来源:中华语文网

مىېھرىما 2014-01-23 00:16
مەن يېنلا باش پىرسۇناژنى ژىيول دەپ قارايمان .چۈنكى ژىيول ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ ،تۇقاندارچىلىق، قېرىنداشلىق مىھرى  -مۇھاببىتىدىنمۇ پۇلنى ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشتەك خاراكتىرى ئارقىلىق شۇ جەمىيەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى، پۇلنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھەتتا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتمۇ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمىيەت ئىكەنلىكى ئېچىپ نېرىلگەن .دەپ قارايمان

مىېھرىما 2014-01-23 00:18
ياخشى بىر مۇلاھىزە تىمىسى يوللاپسىز. باشقىلار قانداق قارايدۇ. قېنى ھممىمىز قارشىمىزنى ئوتتۇردا قويۇپ ئاخىرىدا بىرلىككە كېلەيلى.  قارخانغا كۆپ رەھمەت .

قاراخان 2014-01-23 00:21
مىېھرىما:ياخشى بىر مۇلاھىزە تىمىسى يوللاپسىز. باشقىلار قانداق قارايدۇ. قېنى ھممىمىز قارشىمىزنى ئوتتۇردا قويۇپ ئاخىرىدا بىرلىككە كېلەيلى.  قارخا .. (2014-01-23 00:18) 
LEhi/>T  
ئەسەرنىڭ ئۆزىدە ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولۇندىغۇ بۇ مەسلە، ھى ھى ھى ، ئوبدانراق ئوقۇڭ دەيمە خانىقىز.

ozqan 2014-01-23 00:26
يەنە بىر ياخشى تەرجىمە ئەسەر بارلىققا كەپتۇ ، بۇ خىل دەرسلىكىمىزگە ئائت تەرجىمىلەر بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم . bX9}G#+U  
تەرجىمە ئەسەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەزەريىىسگە ئائىت جايلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ . uUJ2d84tV  
راۋان ، كەسپلەشكەن بۇ خىل تەرجىمە كىشىنى قايىل قىلىدكەن . OC [a?#R1  
قاراخاننىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ....  بولۇپمۇ كەسپىي بىلىملەرگە ئاىت ، دەرس بايلىقى خاراكتىرلىك تەرجىمىلەر بىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ كېلىدۇ . بۇ خىل ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، قاراخان ، ھارمىغايسىىز ... '} OrFN  
x##Iv|$  
بۇ ئاپتورنىڭ قارىشىغا قارشى پىكرىمىز بولسىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق بولغۇدەك ... p"X\]g^jA>  
مەن يەنىلا ئەسەردىكى باش پېرسوناژ فىلىپ ئەر ئاياللار دەپ قارايمەن . Bq _ 
چۈنكى ، ئەسەردكى ژىيۇل بىر ۋاستە . ئۇنى ۋاستە قىلىپ ، فىلىپ ئەر-ئاياللارنىڭ ئاچكۆزلۈكى ، تۇغقانغا مېھىر مۇھەببەت بىلەن ئەمەس ، بەلكى پۇل ، مېلىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش ، جۈملدىن : !#X^nlc  
دوستنى دوست قىلغانمۇ ، تۇغقانمۇ توغقان قىلغانمۇ ياكى ئۇلارنى ياتلاشتۇرغانمۇ ھەمممىسى پۇل دېگەن ئىدىيەنى يورۇتۇپ بېرىش نىشان ...  10DS  
باش پېرسوناژنى ئايرىشتا ئەسەردە  ئېچىپ بەرمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيەگە قارايمىز . ئەسەردە باشتىن ئاخىر  بار بولغان پېرسوناژغا قارايمىز . adxJA}K}  
بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئېچىپ بەرمەكچى بولغان پۇلخۇمارلىق ، ئاچكۆزلۈك ، كىشىلەرگە پۇلغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش «  پۇل بەرسە ئابدۇلاخۇن ، پۇل بەرمىسە ئابدۇل گاداي ' دېگەن ئىدىيەنى ئېچىپ بېرىش ئاساس ھەرگىزمۇ ژىيۇلدىكى پۇل تاپقاندا بەدخەج ، پۇل تاپمىغاندا بىچارە بايقۇش بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرنى تەنقىدلەش ئەمەس ... !k[ zUti  
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەرنىڭ بېىشىدا ژىيۇل يوق . ئەڭ ئاخىرىدىمۇ ژىيۇل يوق ،  پەقەت ، ئوتتۇردا بار . 2f-Z\3)9 J  
ئەسەردە باشتىن ئاخىر رول ئوينىغان پېسوناجلار فىلىپلاردۇر  . YV2^eGr.  
شۇڭا،  مەنچە باش پېسوناجلار يەنىلا ئەر ئايال فىلىپلاردۇر . Y>z(F\  
سىلەرنىڭ قارىشىڭلارچۇ ،  كۆپچىلىك ؟ ^ZV xBQKg  
} K Ou  

parixta 2014-01-23 00:34
شۇنداق، بىز ھەر قىتىم بۇ ھىكايىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا فىلىپ ئەر-خۇتۇننىڭ پۇل پەرەسلىكىنى، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى، ئەينى دەۋىرجەمىيتىگە باغلاپ چۈشەندۈرىمىز. ھەم بۇ ھىكايىدىكى ئاساسلىق ئىدىيە دەيمىز. ئەگەر مۇشۇنداق قارىلىدىكەن، مېنىڭچە باش پىرسۇنا‍ژ فىلىپ ئەر-خۇتۇن بۇلىدۇ. چۈنكى مۇشۇخىل ئىدىيە ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، ژىيول بولسا مۇشۇ خارەكتىرنى يۇرۇتىشتا ۋاستىلىق رول ئوينىغان . ھەممە ئەسەرلەردە ماۋزۇ باش تېما قېلىنىۋەرمەيدۇ.

مىېھرىما 2014-01-23 13:52
ئويلىنپراق جاۋاپ بېرىڭلار. مۇلاھىزە ياخشى كېتىپ باردۇ .

گۈلنىھال 2014-01-23 16:13
NR3IeTd  
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ناش پىرسۇناژى دىگەن نىمە؟  دىگەن قائىدىگە تەدبىقلىغاندا  ھەم  ئوزقان مۇئەللىم دىگەندەك ، فىلىپ ئەر ئاياللار ئەسەر ۋەقەلىكىگە باشتى ئاخىرى تولۇق قاتناشقان ، ئەڭ مۇھىمى ، 19- ئەسىر روسىيەجەمئىيىتىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ( ئەسەرنىڭ باش تىما ئىدىيىسى)   پىلىپ ئەر - ئايال ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ، بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنى پىلىپ - ئەر ئايال دەپ قارىساق توغرا بولامدىكى دەيمەن

ئەكبەرنىياز 2014-01-23 21:06
مەن ئەسەرنى يەنە ئازراق داۋاملاشتۇرۇپ باقايمۇ ؟ (ئاپتورنىڭ ئورنىدا ) 1"e=Zqn$)  
-ژيول بايۋەتچە قايتىپ كەپتۇ ،ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ چەتئەلدە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇمىش ، ئۇنىڭ ھازىر ئاقسۆڭەكلەر رايونىدا ئېسىل داچىسى ، ۋە ئارام كۈنلىرى ساياھەت قىلىشتا ئىشلىتىدىغان شەخسىي ساياھەت پاراخوتى ۋە بىر نەچچە ئورۇندا شېركىتى بار ئىكەن . دېگەن خەۋەر پۈتۈن رايونغا پۇر كېتىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان فېلىپ ئائىلىسى خۇشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي ، ئېسىل بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۇنى يوقلىغىلى بېرىپتۇ . ئەمما دەرۋازىۋەن ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ژيولغا يەتكۈزگەندە بولسا ، ژيول بايۋەتچە «مېنىڭ ئۇنداق تۇغقىنىم يوق،ھەيدىۋېتىڭلار !دەپتۇ ...

قاراخان 2014-01-24 11:19
ئەكبەرنىياز:مەن ئەسەرنى يەنە ئازراق داۋاملاشتۇرۇپ باقايمۇ ؟ (ئاپتورنىڭ ئورنىدا ) -ژيول بايۋەتچە قايتىپ كەپتۇ ،ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ چەتئەلدە نۇرغۇن پ .. (2014-01-23 21:06) 
\t(/I=E8/  
ياخشى داۋاملاشتۇرۇش بوپتۇ، فىلىپ ئەر-ئاياللاردەكلەرنىڭ ئەدىپىنى شۇنداق بېرىش كېرەك.

گۈلچىمەن 2014-01-25 12:17
    بار ياراشتۇرار،  يوق تالاشتۇرار. ^ o{O5&i]  
    زەدە  تۇققان  قېرىنداش، "B\qp"N  
    نامرات  تۇققان زىيانداش.

yurtum2006 2014-01-25 21:22
مىنىڭچە باش پىرسۇناژ  ژىيۇل دەپ قارساق بولىدۇ.چۇنكى ژىيۇل بولمىغان بولسا فىلىپ ئەر -ئاياللارنىڭ خاراكتىرى ئېنىق گەۋدىلەنمەيدۇ.

گۈلنىھال 2014-01-25 21:44
‏رستلا قاملىشىپتۇ ، راسا ئەدىپىنى بېرىش كېرەك ئىدى بۇلارنىڭ ، پۇخادىن چىققۇدەك .....

tawpek 2014-01-28 14:09
ئەسەر ۋەقەلىكىنى چۆگىلەتكىننى باش پىرسۇناژ قىلىپ تاللىساق ژىيۇلنى. N". af)5  
t[X'OK0W%3  
ئەسەر مەركىزى ئىدىيسىنى ئىچىپ بەرگەننى تاللىساق فىلىپلارنى . \ET7  
R[9[lQ'vR  
w 5,-+&;  
دىمەك قايسىسى ئاساس؟ B>JRta ;hj  
_RAPXU~ 6-  
&6!x;RB  
ئوقوتقۇچىلار ئوقوتۇش قوللانمىسىدىمۇ سىز تەرجىمە قىلغاندەك بىر ماقالە  بولىدىغان مۇشۇ ئەسەرنىڭ يەشمىسىدە.


查看完整版本: [-- قارا خان: «تاغام ژىيول»دىكى باش پىرسۇناژ كىم؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled